ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-14

    ياتلاشقان ئىنسان ۋە ياتلاشقان ئەقىل-پاراسەت - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40986131.html

    ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن

     

    ئىنسان-كائىناتنىڭ مەنىۋى كامالەتكە ئېرىشكەن مېۋىسى.

    ئىنسان-پۈتكۈل گۈزەل تەسەۋۋۇر, ئىزگۈ ئىستەك ۋە ئەۇقەددەس مۇئەككەل ئوبرازلىرىنىڭ ئىجادچىسى.

    ئىنسان-ئۆزىدە تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنى, ماددا ۋە روھىيەتنى, ھالاكەت ۋە ئىجادىيەتنى, مۇقەررەرلىك ۋە ھۆرلۈكنى, غايە ۋە تارىخىي ئەسلىمىنى, چىنلىق, ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن مۆجىزىدار شەيئى!

    ئىنسان-زېمىن سەتھىدە مەدەنىيەت ئېكىنزارلىقىنى بەرپا قىلغۇچى, جۈملىدىن يەنە شۇ زېمىن ساييارىسىدە ئۆز ئىختىرالىرىنى پېتىقلىغۇچى ۋە ئاخىرىدا تېخى زېمىن ھالاك بولماي تۇرۇپ كىشىلىك قىيامىتنى ھاسىل قىلغۇچى قەيسەر!

    ئىنسان-بەخت توغرىسىدا چۈشەكەيدىغان, ئەمما ئانا زېمىنىنى چەيلەپ, ئەسەبىيلەرچە ئۈستۈنلۈككە, تەرسالارچە قاقاقلاپ ئۆلۈپ ئۆتۈشنى بەخت, دەپ چۈشۈنىدىغان, بەخت ئارزۇسىدا زېمىندىكى بەخت بۇلاقلىرىنىڭ كۆزىنى تىندۇرۇپ يۈرۈيدىغان, تۈمەن يىللاردىن بېرى تېخى بەخت ئوبرازى ۋە بەخت قىياپىتىنىڭ مودېلىغىمۇ ئېرشەلمىگەن, ئابستراكت بەخت ھەققىدە كونكرېت رىيازەت چىكىدىغان تەلۋە!

    ئىنسان-ئىبلىس قاباھىتىگە قارشى جەڭ ئاچقان يەھۋى, ئىلاھىي مۇقەددەسلىكنى ئۆز نەپسىگە يەم قىلغان شەيتان! ئۇ ساختىلارغا قارشى ئىلىم-پەن ھەقىقەتلىرىنىڭ چىرىغىنى پەرلىگۈچى زەكى, شۇنىڭدەك, ئۆزىنى ئۆزى توقۇپ چىققان ئويدۇرمىلار بىلەن بەزلەپ يۈرگۈچى خۇدبىن! ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ئۇنىڭ نادانلىقىدىن ئىبارەت كرېست ياغىچىغا مىخلانغان.

    دەر ھەقىقەت, ئىنسان ياتلاشقان, ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ماھىيىتىدىن يۈز ئۆرىگەن, ئۇ زۇلۇم قىلغۇچى ۋە زۇلۇم چەككۈچى, ھاكىم ۋە مەھكۈم, ئۈستۈنلۈك غۇرۇرى ۋە زەبۇنلۇق زالالىتى تۈپەيلى ئۆز ماھىيەتلىرىدىن ياتلاشقان بولۇپ قالماي, يەنە قۇدرەت ۋە بەخت, بايلىق ۋە ھوقۇق, بىلىم ۋە ئىجادىيەت مۇمكىنلىكلىرى تۈپەيلىمۇ ئۆز ماھىيەتلىرىدىن ياتلاشقان. قارا ئۇنىڭغا, ئۇ ئۆز-ئۆزىنى چەيلەپ, ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئۆز نەپسىنىڭ ۋاستىسى, ياللانما, مالىيى, قۇربان تولغۇچىسى قىلىپ پۈچەك تۇرمۇشقا يۈزلەنمەكتە. ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانا باغى ئېرەمدىن ئىبلىسنىڭ دامىغا چۈشۈپ ئۆز ماھىيىتىدىن ياتلاشقانىدى. سىڭىللىرىنى تالىشىپ قابىل ھابىلنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. چېكىدىن ئاشقان ياتلىشىشنى نۇھ زامانىدىكى تۇپان, سالىھ زامانىدىكى چاقماق, لۇت زامانىدىكى يەر تەۋرەش توختىتالىغىنى يوق. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرخىل قىرغۇچى قوراللار, مەسخىرىگە مۇناسىب تاج-پاگونلار, غەلتە غادىيىش ۋە خۇشامەتگۇيلۇقلار, رەڭمۇرەڭ نۇرلاندۇردىغان ساختاپەزلىكلەر كىشىلىك تۇرمۇشقا سىڭىپ كىردى. ئالەمنى ياراتقان خالىقمۇ ئادەم ئاتا ئەۋلاتلىرىنى تۇپراق تەكتى بىلەن ئۆزگىلەر قۇلىدىن ئالتۇن يىغىۋېلىشنىڭ ساراسىم كىسىلىگە گىرىپتار قىلىپ قويدى. مەلۈم مەنىدە, ئىنسانىيەت ئالتۇن ئالمىنى تالىشىپ ئالەمشۇمۇل تىرۇيا ئۇرۇشىغا غەرق بولۇپ كەتكەن. ئىنسانىيەت ئۆز-ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا "ئىلىنا" ئۈچۈن ئۆلۈم گىردابىغا خۇددى ئۇتقا ئىنتىلگەن پەرۋانىدەك يېپىلماقتا. ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئاتالمىش زەپەر-ۋاستە ئۈچۈن مەقسەتنىڭ قۇربان قىلىنىشىدۇر. ئۇنىڭ ئەسەبىيلىكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئوغلى ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلىش ساخاۋىتىگە ئاتىغىنىدەك ھالاكىتىگە يەتتى. ئاللھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا قوچقار ئەۋەتىپ, مەقسەت بىلەن ۋاستىنىڭ چېكىنى ئايان قىلدى. ئەمما, ئىنسان ئۆز نەپسى ئۈچۈن كاتتا زەپەر تەنتەنىلەر ئىچىدە ئەڭ ياتلاشقان تاج-پاگونلارنى تاقاپ, ھازىرقى زامان توتېم مەبۇتلىرى بولۇشۇۋالدى. "ئۇلۇغ" دەپ ئاتالغان تەنتەنىلىكتىن ئىبارەت ئىپتىدائىي ئىنساننىڭ ۋەھمە ئالدىدا قورقۇپ تىتىرشىدىن ھاسىل بولغانىدى. دەھشەتلىك كەلكۈن سۇلىرى بىلەن كىشىلەر يولىنى توسۇپ ياتقان ئېگىز تاغ, ئوتلۇق چۆللەر, گۆلدۈرماما, چاقماق ۋە بوران ئۇلۇغ ھېسابلىناتتى. ئاددىي ئىنساننى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە پايمال, ھەتتا ھالاك قىلىۋېتىدىغان قۇدرەت "ئۇلۇغ" ئىبارىسى بىلەن ئىزاھلىناتتى. ياۋۇز ۋە قان پۇراپ تۇردىغان بۇ ئىبارىگە مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن ئاددىي ئىنسانلىقتىن ئالاھىدە ياخشى ياتلىشىشى كېرەك ئىدى. تارىخ "ئۇلۇغ" لۇق مۇقامى بىلەن ياتلىشىشنى توغرا تاناسىب قىلىپ قويغان! چىڭگىزخاننىڭ ئۇلۇغلۇقى لىنا دەرياسىدىن دىنپىرگىچە, دەشتى قىچاقتىن ئىلەم ئېگىزلىكىگىچە كەڭ كەتكەن زېمىننى قان بىلەن شەلپەر ماتادەك بويغاندىن كېيىن بەرقارار بولدى, بۇ ئۇلۇغلۇق خارازىم سۇلتانلىقى, روس كېنەزلىكى ۋە ئەرەب خەلىپلىكى زېمىندىكى ھەممە جانلىق, جۈملىدىن ئىنسانلار روھىيىتىنى مىڭ يول يىراقتىكى سۈرلۈك دەبدەبىسى بىلەن ۋەھمىگە سېلىپ تىتىرەتكەن. ۋاھالەنكى, ياتلاشقان ئىنسانىيەت بۇنداق چوڭ-كىچىك "ئۇلۇغ" لارنى ھەمىشە ياساپ چىقىرىپ ئۇلارغا خۇددى ئۆز قولىدا ياسىغان لاي بۇتقا چوقۇنغاندەك سەجدە قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە بۇنداق ياتلىشىش ئەدەپ, ئۇنىڭغا "ئۆزلۈك" شولىسىنى چۈشۈرۈش ئالجىغانلىق ھېساپلىنىدۇ.

    ئەقىل- پاراسەت- مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆز-ئۆزىنى سېزىش ۋە بىلىش مەلىكىسىدىن ئىبارەت. ئۇ ئىنساننىڭ ئىنسانلىق ئىقتىدارى ۋە خاسىيەتلىرىنىڭ ئۇلى ۋە ئاساسىي خەزىنىسى. ئۇنىڭسىز ئىنسان توغرىدىن-توغرا ھايۋاندور. ئەمما, ياتلاشقان ئىنساننىڭ ئەقىل-پاراسىتىمۇ ياتلاشقان! ئۇ, ئىنسانىي ماھىيەتلەرنى كۆرەلمەيدىغان, ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىگە مەقسەتدارلىق قىممىتىنى ئاڭقىرالمايدىغان, نوقۇل ئىنساننىڭ كۆز ئالدىدىكى نەپسانىي مەنپەئەتلىرى بىلەن كىبىرلىك دەبدەبىلىرى ئۈچۈن تىنىمسىز ھەركەتلىنىدىغان ھېسابات چوتىغا ئوخشاش بىر خىل ئىقتىداردىن ئىبارەت. ئەقىل-پاراسەت-ئىنساننىڭ داۋاملىق ياتلىشىپ بېرىشىغا يول باشلىغۇچى ئېزىتقۇغا ئايلانغان. ئۇ, ھىيلىگەرلىك, ھەسەتخورلۇق, مۇغەمبەرلىك شەكلىدىمۇ, شۇنىڭدەك ئىختىرا ۋە ئىجادىيەت, سودا ۋە تىجارەت قانۇنىيەتلىرىنى ئىزدىنىش كۆرۈنىشىدىمۇ, تەقۋادار سالاپەتلىك دىنىي ئىززەت ياكى دىپلوماتىك ماھارەت تەرىزىدىمۇ ياتلاشقان ئىنسانغا خاس ياتلاشقان! ئۇ, خۇددى ئەرەب تىلدىكى "ئەقىل" ئىبارىسىنىڭ ئىتمولوگىيىسىگە ئوخشاپ قالغان. ئەرەب تىلىدا "ئەقىل"- تۆگىنىڭ چۈلۈكىنى ئۇنىڭ چۆككەن ۋاقتىدىكى پۇتىغا باستۇرۇپ باغلاپ, ئۇنى قوزغىلالماس قىلىپ قويۇشقا قارتىلغانىدى. ئەبۇ رەيھان برونىنىڭ: "بۈگۈنكى تەدبىرى تۈپەيلى ئەتە يەنە تەدبىر قىلىشقا ھاجىتى قالمىغان كىشى ئەقىلىلىقتۇر" دېگەن بىر جۈملە سۆزىمۇ ئەقىلنىبڭ ئۆزىگە مەنپەئەتلىك ئىشتىكى چىۋەرلىكىگە, ئۇستاتلىقىغا قارتىلغان بولۇپ, يەنىلا ياتلاشقان ئىنساننىڭ ياتلاشقان ئەقىل-پاراسىتىنى كۆرسەتتى.

    شۇنداق! ئىنسانىيەت تاكى ئۆز-ئۆزىنى پۈتكۈل تارىخىي پائالىيەتنىڭ مەركىزى ۋە مەقسىتى قىلمىغۇچە, تاكى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىنى ۋە ئۇنىڭ يەرشارىدا ياشاش شارائىتىنىڭ ئاساسى بولغان تەبىئىي مۇنىتنى ئۆزىنىڭ ساغلام, ئاقىلانە تۇرمۇشىغا لايىقلاشتۇردىغان تەپەككۇر, قۇرۇلما ۋە پائالىيەت تورىغا ئايلايدۇرمىغۇچە ياتلاشقان ھالەتتىن خالاس بولالمايدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا ئاقىلانە, نورمال, ساغلام, مەرىپەتلىك غايىۋى كىشىلىك تۇرمۇشىغا ئىگە بۇلالمايدۇ. بۇ يەردە ئىنسان روھىيتىنىڭ ئىنسانلىشىشى, باشقىچە ئېيتقاندا, ئىنسان روھىيتىنىڭ ساغلاملىشىشى, ۋە "ئىنسان روھىنىڭ پاكلىنىشى" (ئارىستوتىل سۆزى) ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئىنسان ئەقىل-پاراسىتىنىڭ پىكىر شەكىللىرى, مۇھاكىمە ئۇسۇللىرى, خەلقئارا تەدبىر يىغىنلىرى, پەن-تېخنىكا كەشپىياتلىرى,كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى, دىنىي ۋە مىللىي كۆز قاراشلارنى, شۇنداقلا پۇل-بايلىق, قورال-ياراغ, ھاكىممۇتلەقلىق ۋە بىر تەرەپلىمىلىك نىزالارنى چۆرىدىمەي, پەقەت ئىنسان قىممىتى ۋە ئۇنىڭ بىر پۈتۈن بەخت-سائادىتى بىلەن ئىجتىمائىي كامالىتىنى مەركىزىي ئوق ۋە ئەڭ ئالى ئۆلچەم قىلىش لازىملىقىنى تەقەززا قىلىدۇ.

    ئېيتىش كېرەككى, ئىنسان ئۆز ماھىيىتىگە قايتىش ئارقىلىق ھەقىقىي ئىنسان پەرۋەرلىك مەزمۇنغا تويۇنغان ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق "ئۆزىنى كونترول قىلىپ, ئەدەپكە قايتىپ" (كوڭزى) ئىجتىمائىي كامالەتكە-پارلاق كەلگۈسىگە ئېرشىشى مۇمكىن. ئۇ ئاددىي رېئاللىقتا ئۆسۈملۈكنى ئاسراش, ھايۋان تۈرلىرىنى ساقلاپ قېلىش, يەر, سۇ, ھاۋا مۇھىتىنى نورماللاشتۇرۇش, ھاكىممۇتلەقلىقنى بىكار قىلىش, ئىنسان نەسلى, ساغلاملىقى ۋە روھنى ئەۋزەللەشتۈرۈش, مائارىپ ۋە پەن-مەدەنىيەتنى نوقۇل ئىنسانىيەتنىڭ كامال تېپىشىغا خىزمەت قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلنىشى لازىم. ئىنسان داۋاملىق ياتلىشىش ئارقىلىق ئۆز نەپسى مەنتىقىسنى بويۇنتۇرۇقىدا پىكىر ۋە پائالىيەت قىلىش ھېسابىغا شۇنداق ياتلاشقان "تەرەققىيات" لارغا ئېرىشىشى مۇمكىنكى, بۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ جانسىز باشقى مۇھىتى-يەر, سۇ, ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئىنسان ھاياتىنىڭ جانلىق تاشقى مۇھىتى-ئۆسۈملۈك, ھايۋانات دۇنياسىنىڭ ياشاشقا ئىلاجىسىز ھالەتكە چۈشۈشى بىلەن يۈز بېرىدىغان ھەقىقىي قىياپەتتىن ئىبارەت.

    ئالدىمىزدا بۇنداق ئىككى پىكىر قاتلىمى تۇرۇپتۇ: بىرىنچى, ئىنسان ئىككى قاتلام بۇلۇپ, بىرى ياتلاشقان, تىرىكچىلىك دالاسىدا تەمتىرەپ يۈرگەن ئىنسان, يەنە بىرى, شۇھالەتتىكى ئىنسانغا يۇشۇرۇيغان ئىنسانىي ماھىيەت. نۇرغۇن قەلىپ كۆزى ئېچىلمىغان كىشىلەر بۇ ئىنسان ئىچىدىكى ئىنساننى كۆرەلمەيدۇ. ھەتتا بۇ ھەقتىكى پىكىرلەرنى پەلسەپىلىك سۆز ئويۇنى, دەيدۇ. "ئەنەلھەق" تەلىماتىدىكى "جۇۋام ئىچىدە ئىلاھ مەۋجۇت" دېگەن چۈشەنچە دەل رىئال, ئەمما ياتلاشقان ئىنسان ئىچىدە ئىلاھىي مۇقەددەسلىككە ئىگە ئىنسانىي ماھىيەت يوشۇرۇيغان دېگەنلىكتۇر.

    ئىككىنچى, ئىنساندا ئاڭ مېنىڭچە ( فېروئىدچە ئەمەس) ئۈچ قاتلاملىق بولۇپ, بىرى, ئۆز مەنپەئىتى, نەپسى, خاھىشى ئۈستىدىكى دائىمىي, ئالدىنقى ئاڭ, بۇ (ئات بوغۇزى) ھەققىدىكى پىداكار ئاڭ, يەنە بىرى, ماتېماتكىلىق مۇلاھىزىلەر, پەن-تېخنىكا ئىختىرالىرى, ئىجتىمائىي, ئىقتىسادىي ئالاقىلەرگە خاس لوگىكىلىق (مەنتىقى) تەپەككۈر ئېڭى, ئۈچۈنچى, ئىنساننىڭ ئۆزى-ئۆزى ھەققىدىكى مەنپەئەت ياكى ئۈنۈمدارلىق تەرىپىدىن تىزگىنلەنمەيدىغان ئىنسانىي قەلىب ئېڭى, باشقىچە ئېيتقاندا "ئارىفلىق" (ئويغانغانلىق) ئېڭى. ئالدىنقى ئىككى قاتلام ئاڭ ھەممىگە خاس. كېيىنكى ئارىفلىق ئېڭى ئىنساننىڭ ھەممىسىدە پەقەت مۇمكىنلىك ھالىتىدە ساقلانغان بولۇپ, پەقەت گۇمانىزمچى مۇتەپەككۈرلاردىلا زاھىر ھالەتكە يەتكەن. دەۋرنىڭ ۋە بىلىش جۇغلانمىسىنىڭ ھەر خىل بولۇشىغا ئەگىشىپ, بۇ خىل ئاڭ مانىزم, بۇددىزم, سوپىزم, گۇمانىزم ۋە ھازىرقى زامان كىشلىك پەلسەپىسى شەكلىدە ئىپادىلىنىپ, بىر-بىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ كەلدى. ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكى مايتىرى بۇرھان, ئىمام مەھدى ئاخىر زامان ياكى ئېيسانىڭ زېمىنغا قايتىپ 3 مىڭ يىل پادىشاھ بولۇشىغا ئەمەس, بەلكى ئۇنىڭ ئومۇميۈزلۈك "ئۆزىنى تۇتۇپ" ئارىف بولۇپ, ئىجتىمائىي كامالەتكە يۈزلىنىشىگە موھتاج, ئۇنىڭسىز "قىيامەت" توسقىلى بولمايدىغان ئاقىۋەت, خالاس.

    ياتلاشقان ئىنسان ۋە ھەقىقىي ماھىيىتىگە قايتقان ئىنسان, ياتلاشقان ئەقىل-پاراسەت ۋە ھەقىقىي ئويغانغان (ئارىف) ئەقىل-پاراسەت, مانا بۇ, مۇشۇ ئەسىرنىڭ يېڭى ئەسىرگە ئېلىپ بارىدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك مۇئەمماسى.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.