ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-14

    سالاھىيەت ۋە جۇڭگۇ مەدەنىيىتى - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40985835.html


    جۇڭگولۇقلار باشقىلارنى «جاڭ ئىدارە باشلىقى، ۋاڭ مۇدىر...» دېگەندەك مەنسىپى بىلەن ئاتاشقا ئامراق.   بەزىلەر بۇنداق ئادەتنى تاشلاشنى تەشەببۇس قىلىپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ئاقمىدى. چۈنكى، بۇنداق ئاتاشقا سالاھىيەتتىكى پەرقلەر سىڭەن ھەمدە ئۇ جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن.
    مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، جۇڭگو جەمئىيىتى پەرقلىق دەرىجە قۇرۇلمىسى ئاساسىغا قۇرۇلغان چوڭ ئۇرۇقداشلىق سىستېمىسىدۇر. ھەر بىر ئادەم ۋە ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئاشۇ ئۇرۇقداشلىق تەبىقىسى تەرتىپىدە بەلگىلىك ئورنى بولىدۇ.
    كۈلكىلىك يېرى شۇكى، بۇ ئورۇن پەرقى ھەر بىر ئادەم ۋە ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. مەسىلەن، قەدىمكى ئورنى ئىزچىل تۆۋەن بولۇپ كەلگەنىدى. (بۇز ھازىرقى يەككە تىجارەتچىلەرگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ). جۇڭگودا سودا كاپىتالىنىڭ كاپىتالىزمغا بىۋاسىتە ۋە مۇستەقىل تەرەققىي قىلالمىغانلىقىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى دەل مۇشۇ. بۇ نۇقتىنى چۈشەنگەندە، كۆزىمىزگە دائىم چېلىقىپ تۇرىدىغان بەزى ھادىسىلەرنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولىدۇ. تارىختىن قارىغاندا، جۇڭگودىكى سىياسىي مۇناسىۋەتلەر بىر خىل پىرامىدانى شەكىللەندۈرگەن. ەمسىلەن، پادىشاھ — دۆلەتنىڭ ئاتىسى، ۋەزىر-ۋۇزۇلار ئاۋام پۇقرالارنىڭ تاغىسى، كىچىك ئاتىسى. ئۇنى تەتۈرىسىگە ياندۇرساق، ئاۋام-پۇقرالار ئۇلارنىڭ بالىلىرى، خالاس! دېمەك بىزدە سىياسىي مۇناسىۋەت بىر خىل ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن. ھەتتا ئالقانچىلىك بىرەر ناھىيىدىمۇ ئەھۋال شۇنداق. چۈنكى، ناھىيە ئاشۇ خىل ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ كۆلەڭگۈسى. قائىدە بويىچە ئامبال بىلەن بىز بىر خىل سىياسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشىمىز كېرەكتە! بىراق، بۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ئۇنى «بېگىم»، «دوتەي بېگىم» دەپ ئاتايمىز. دوتەي بېگىم دېگەن نېمە؟ چۈنكى، «بېگىم، بىز ئۆزلىرىنىڭ بالىسى» دېگەنلىك. دورغىنى ھەممە بىلىدۇ. مەنسەپدار بولغانلارنىڭ ھەممىسى دورغىلارنى بېگىم دەپ چاقىراتتى. بۇ دەل ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىق مۇناسىتىنى بىلدۈرىدىغان ئاتاقنى سىياسىي ئاتاققا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. بىز ئۇنى دورغا دەپ، ياكى ئۇنىڭ مەنسىپىنى قوشۇپ ئاتاش بولماسمۇ؟ ياق! ئۇنى چوقۇم بېگىم ياكى تۆرەم دەپ ئاتاش لازىم. بۇ ھال چىڭ خانىدانلىقىدىن تارتىپ مىنگو دەۋرىگىچە خېلى ئەۋج ئالغانىدى.
    پۇقرالار بىرەر چېرىكنى كۆرۈپ قالسا، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا لاۋ (老— كونا، پىشقەدەم، ھۆرمەت ساھىبى، مەرتىۋىلىك) خېتىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ ئاشۇ چېرىكنىڭ تەسەبىنى بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرگەنلىك. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بۇ دەل جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى. جۇڭگو مەدەنىيىتى ئەنە شۇنداق بىر خىل ئۇرۇقداشلىق ۋە نەسەب مۇناسىۋىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئورنىڭىز ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋىتىدىكى نەسەب سالاھىيىتىڭىزگە قاراپ بېكىتىلىدۇ. بىز ھازىر كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە خاس يېڭى بىر مۇناسىۋەتنى تۇرغۇزۇپ بولدۇق. ئەپسۇس، بۇ خىل يېڭى مۇناسىۋەتنى تۇرغۇزۇپ بولدۇق. ئەپسۇس، بۇ خىل يېڭى مۇناسىۋەت تۇرمۇشىمىزدا پەقەت ئىككىنچى بىر قۇتۇپ بولۇپقالدى. بايا مەن ئېيتقان سىاسىي مۇناسىۋەت بولسا ئۇنىڭ بىر قۇتۇپى. ئويلاپ بېقىڭا، ئىشقىلىپ بىر يەرگە كىرسىڭىز، ئۆزىڭىزدىن چوڭلارنى نېمە دەپ ئاتايسىزئ تاغا، ھامما، كىچىك دادا دەپ ئاتايدىغانسىز؟ بۇنداق ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتىگە ياتىدىغان ئاتاقنى غەربتە تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇلار خىزمەت ئۈستىدە ھەتتا دادىسى بولسىمۇ ئۇنى «جون» ياكى باشقا بىر نېمە دەپ ئاتايدۇ. تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتىگە ياتىدىغان ئاتاقنى ھەرگىز سۆرەپ ئەكىرمەيدۇ. بىزدە بۇنىڭ ئەكسىچە بۇ خىل تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتىگە ياتىدىغان ئاتاقنى ھەرگىز سۆرەپ ئەكىرمەيدۇ. بىزدە بۇنىڭ ئەكسىچە، بۇ خىل تۇققاندارچىلىققا ياتىدىغان ئاتاق ھەممە ئىشىمىزغا سىڭىپ كەتكەن. قىزىق ئىش، گېزىتلەردىكى نۇرغۇن ماقالىدە شۇنداق دەپ يازدى: «ھازىر كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى يولداش دەپ ئاتىغانلىقىنى ئاڭلىماس بولۇپكەتتۇق. بىر-بىرىنى ئۇسام، دەپلا ئاتايدۇ. مەسىلەن، بېيجىڭ ۋوگزالىدا سىرتتىن كەلگەن بىرەرسىنى ئۇچرىتىپ قالسىڭىز، ئۇ سىزنى ‹– ئاكا، بۇرادەر، يەڭگە› دەپ چاقىرىدۇ. بۇ بىزنىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيىتىمىزدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە نېمانچە يات – ھەت!». ئەمما، بۇنداق ماقالىلەرنى يازغانلار جۇڭگو مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگولۇقلارنى قىلچە چۈشەنمەيدىكەن. چۈنكى، ئۇلار ئۆزىچە بىر خىل غايىۋىلاشقان، ئۇقۇملاشقان رامكىلارنى جۇڭگوغا تاڭماقچى بوپتۇ.
    بىراق، سىز نېمىشقا ئەكسىدىن چىقىپ تەھلىل قىلىپ باقمايسىز؟ جۇڭگولۇقلار ھازىر نېمىشقا «يولداش» دېگەننى چۆرۈۋەتتى؟ بۇ دەلل ئۇرۇق - تۇققان ئىزدەپ، ئۆزئارا ئىشپەش تارتىش ئۈچۈندۇر. نام ياكى ئاتاق ئۇ بىر بەلگە ۋە ئىما. كىشىلەر بۇ خىل بەلگە ۋە ئىما ئارقىلىق مۇنداق ئىككى خىل مەنىنى ئىپادىلەيدۇ: بۇنىڭ بىرى ، مەن سىزنى ئۇستام دەپ ئاتىسام، بۇ نەسەب جەھەتتىن سىزدىن تۆۋەن تۇرىمەن دېگەنلىك. سىزچۇ؟ ئۆزۈمنىڭ سىزدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلغانلىقىمنى بىلدىڭىز، ئەمدى كۆپرەك ئاتىدارچىلىق قىلىپ يول كۆرسىتەرسىز؟ مەن سىرتتىن بېيجىڭغا ئەمدىلا كەلگەن ئادەمغۇ «تاغا!» بىرىنچىدىن، بۇ ئىككىمىزنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئەمەس، بەلكى ئۇرۇق-تۇققان ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. بىز باشقىلارغا قارىغاندا، بىر-بىرىمىزگە يېقىن-دە، شۇنداقمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ مەنىنى ئۇلار يوشۇرۇن ئېڭىدا تېخى تولۇق تونۇپ يېتەلمىدى. ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ باقسىچۇئ ئۇنداقتا بۇ نۇقتىنى ئەلۋەتتە چۈشىنىدۇ. بولمىسا، نېمىشقا سىزنىڭ «يولداش» دەپ ئاتاشقا تىلىڭىز بارمايدۇ؟ دەل مۇشۇنىڭ ئۈچۈن. چۈنكى، ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى باشقىلارغا ئوخشىمايدۇ، بىز دېگەن ئۇرۇق-تۇققان-دە! يەنە بىرى، مەن سىزنى تاغا دەپ ئاتىدىم. چۈنكى، سىز نەسەب جەھەتتىن مەندىن ئۈستۈنرەك تۇرىسىز؛ مەن سىزدىن بىر دەرىجە پەس تۇرۇمەن؛ سىز مەندىن قابىلىيەتلىك؛ ئىشقىلىپ، ھەر قانداق ئىشتا سىزگە خوش، دەپ قول قوشتۇرمەن، ئەمدى بەزى جەھەتلەردە ئاتىدارچىلىق قىلىش سىزنىڭ مەجبۇرىيىتىڭىز بولار؟ دېمەك، بىزدىكى ئاشۇنداق نام ۋە ئاتاقنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قۇرۇلمىسى دەل مۇشۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ يەردە مۇنداق ئىككى خىل سېمانتىكا ۋە ئىككى خىل شېفىر (بەلگە ) بار. شۇنداق قىلغاندا، ئىش بېجىرمەك ئاسانراق بولامدۇ- قانداق؟ جۇڭگو جەمئىيىتىدە ئىشنى مۇشۇ يول بىلەن بېجىرىش ئاسانراق. بۇ دېگەن جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، خالاس. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي سوبىستانسىيىسىدە ئۇرۇق-تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاياغ جۇڭگولۇقلارنىڭ قىممەت ئېڭى، جەمئىيەت ئېڭىنىڭ بىرىنچى سۇبيېكتى، دەپ قارىلىدۇ. ئاندىن باشقىلارغا بولغان پوزىتسىيە يېقىن ياكى يىراقلىق مۇناسىۋىتىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە «ئارقا ئىشىك»تىن مېڭىش، ئۇرۇق-تۇققان ئىزدەش ۋە مۇناسىۋەت قوغلىشىش خاھىشلىرى زادى نېمە ئۈچۈن ئەۋج ئېلىپ كەتتى؟ دەل يۇقىرىقى سەۋەبتىندۇر. مۇشۇ نۇقتىنى تەھلىل قىلىپ كۆرسىڭىزلا، پەقەت جۇڭگودىلا يۈز بېرىدىغان نۇرغۇن خاھىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىۋالالايسىز. مۇبادا ئۇنى تەھلىل قىلمىسىڭىز، تەكرار ئويلىمىسىڭىز، نۇرغۇن غەيرىي ئىشنى «نورمال» دەپ چۈشىنىپ كېتىۋېرىسىز. پەقەت دوپپىڭىزنى ئالدىڭىزغا ئېلىپ قويۇپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۇنى غەربلىكلەرنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسىڭىزلا، ئۇنىڭ دەل جۇڭگولۇقلارچە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز. يەنە بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى: «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»نى ھەممەيلەن كۆرگەن. بۇ «قىسسە»دىكى مۇناسىۋەت ئەسلىدە ليۇبېي، گۈەن يۈ ۋە جاڭ فېي قاتارلىق ئۈچەيلەن ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەت، يەنى پادىشاھ ۋە ۋەزىرلىك مۇناسىۋىتىلا ئىدى. ئەمەلىيەتتە قانداق بولدى؟ ئۇلار قول بېرىشىپ ئاك-ئۇكا بولۇشتى. ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق مۇناسىۋەت ئورناتتى؟ ئۇلار پەقەت ئۇرۇقداشلىقنىڭ ئۈستىگە قېرىنداشلىقنى قوشقاندىلا ئۇلارنىڭ بۇ خىل مۇناسىۋىتى ھېلىقىدەك سىياسىي مۇناسىۋەتكە قارىغاندا تېخىمۇ ئىشەنچلىك بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا ساداقەت، ئەھدى دېگەنلەرگە ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ شۇنداق قىلدى. ساۋساۋ كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇ مۇنداق مۇناسىۋەت ئورناتمىدى. ئۈچ پادىشاھلىقتىكى ئۈچ تەرەپ ئىچىدە ليۇبېينىڭ سىياسىي كۈچى ئەڭ ئاجىز بولغاچقا، ئۇ دەل ئاشۇنداق ئاغا-ئىنىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ رىشتىسى ئارقىلىق گۈەن يۈ بىلەن جاڭ فېيدىن ھىمات تاپماقچى بولدى. بۇ خىل ئەھۋال جۇڭگو جەمئىيىتىدە ئازمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. جۇڭگودا ئۆتكەن ھەر قايسى سۇلالىلەردىكى دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىدىن تارتىپ تاكى جۇڭگودىكى بيۇروكراتلار بىلەن ئۇلارنىڭ بېقىندىلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن قول بېرىپ ئاغا-ئىنى بولۇشقان ياكى ئاتا-بالا بولۇشقانلارنى ساماندەك ئۇچرىتىمىز. مېڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ جاڭ شيەنجۇڭ ئىسىملىك بىر سەركەردىسى بولۇپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تۇتۇق بالىلىرى ئىدى. لى زىچىڭ بىلەن خۇاڭ يۈنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردە-سەرۋازلىرىمۇ ئۇلارنىڭ تۇتۇق بالىلىرى ئىدى. بۇ نېمە ئچۈن؟ چۈنكى، ئۇلار دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆتۈرمەكچى. شۇڭا، بۇنداق قوشۇننى ئۇيۇلتاشتەك بىخەتەر دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار پەقەت تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتىدە بولسىلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ئىشەنچىلىك، پۇختا بولغان بولىدۇ. خوش، ئۇنداق بولسا بۇ خىل ئەھۋال ھازىر يوقمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، شۇ پېتى بار. مەن ئوقۇرمەنلەرگە «خەلق گېزىتى» تىلغا ئالغان مۇنداق ئىككى مىسالنى دەپ بېرەي. بىرىنچى، «خەلق گېزىتى»نىڭ بىر پارچە تەنقىد ماقالىسىدە، بەزى جايلاردا يېقىندىن بۇيان «قىيامەتلىك تۇققان» بولۇشۇش ھادىسىسىنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقى بايان قىلىندى. «ىيامەتلىك تۇغقان» بولۇش دېگەەن نېمە؟ بۇنىڭدا، ئىككى ئائىالىنىڭ ئوغۇل، قىزى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، مەلۇم بىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇ ئىككى مەرھۇمنى غايىۋى تېپىشتۇرىدۇ ۋە ئۇلارغا ئاتاپ نۇرغۇن قەغەز كۆيدۈرۈپ، ئۇلارنى خۇددى ھايات ئادەملەردەك بىر مەھەل مۇھەببەتلەشتۈرىدۇ. ئاندىن مەلۇم كۈننى بېكىتىپ، قىزنىڭ ئۆيىگە تويلۇق ئاپىرىپ بۇ ئىككى ئەرۋاھنىڭ تويىنى قىلىدۇ. گېزىتتە دېيىلىشىچە، «توي» بولغان كۈنى كىشىلەر ئاشۇ تويغا ئاتاپ داقا-دۇمباق، ناغرا-سۇناي چېلىپ، قەغەز تېلېۋىزور ياكى راست تېلېۋىزورنى كۆيدۈرۈپ، توينى راسا قىزىتىشقان. بۇ ئىش مۇبادا ئامېرىكىدا بولغان بولسا، كىشىلەر: «بۇ، زادى نېمە ئىشتۇ؟ ئەرۋاھلارنىڭ تويىنى قىلىدىغانغا بۇلار راستتىنلا ئېلىشىپ قالغان خەلقمۇ قانداق؟» دەپ ھەيران قالغان بولاتتى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان يەنە مۇنداق بىر ئىشمۇ بوپتۇ. قورساقتىكى بالا تېخى تۇغۇلماي تۇرۇپلا، ئىككى ئائىلە ئاشۇ ھامىلىلەرنىڭ بېشىنى ئۆزئارا چېتىپ چاي ئىچكۈزۈپ قويىدىكەن. بۇ، تۇغۇلمىغان بالىنىڭ تويىنى قىلىش، دەپ ئاتىلىدىكەن. يەنى، ئىككى ئائىلە مېنىڭ ئايالىم ئوغۇل تۇغىدۇ، سېنىڭ ئايالىڭ قىز تۇغىدۇ، ئىككى ئائىلە قۇدا بولىمىز، دېيىشىپ 20 يىلدىن كېيىن بولىدىغان ئىشنى ئالدىن بېكىتىپ قويىدىكەن. بۇنى زادى نېمە دەپ چۈشەنسەك بولار؟ بەزىلەر بۇنى فېئودال خۇراپاتلىقنىڭ قايتا تىرىلىشى، دەپ ئىزاھلاپ باقتى. لېكىن، ئۇ پەقەت يۈزەكى ئېنىقلىما، خالاس. سەن بۈگۈن ئاز-تولا كايىغىنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەتە يەنە ئۆزىنىڭ كونا مۇقامىنى توۋلاۋېرىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قۇرۇلمىسى بىلەن، شۇنداقلا رېئال تۇرمۇشتىكى مەنپەئەت تومۇرىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك ئەتمىش، خالاس. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ئىككى ئائىلە ئۆزئارا باشقىلاردىن ئەۋزەل تۇرىدىغان، تېخىمۇ يېقىن، تېخىمۇ ئىشەنچلىك بىر خىل مۇناسىۋەتنى، يەنى بۇ خىل ئىتتىپاقنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بايقاپ شۇنداق قىلىشتى. بۇ ھەم سىياسىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەت بولۇشمۇ، ھەم بىر خىل مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ مۇددىئالارنىڭ ھەممىسى دەل بىر خىل تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. مۇشۇنداق مۇددىئا ۋەجىدىن ئۇلار تۇغۇلمىغان بالىلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، ئۆلۈپ كەتكەن بالىلىرىنىڭ ئەرۋاھلىرىنى ئۆزئارا باغلاپ، ئۇرۇغ-تۇققان بولۇشتى. دېمەك، بۇ جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قۇرۇلمىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم مەسىلىدۇر.
    ئەمدى بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ تەبىئەت قارىشىغا نەزەر سېلىپ باقايلى. جۇڭگولۇقلار مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۇرۇق-تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتىنى سىياسىيلاشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى يەنە تەبىئەتكە ئاپىرىپ باغلايدۇ. بۇ ھال غەربتە مۇتلەق مەۋجۇت ئەمەس. غەربلىكلەرنى پەرۋەردىگارغا ئىشىنىدۇ، دەپ قارىساقمۇ، لېكىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇرىتلىرىدىن بىرەرسىمۇ ئۆزىنى پەرۋەردىگارنىڭ پۇشتى، پەرۋەردىگار ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن قانداشلىقىم بار، دەپ قارىمايدۇ. ئەكسىچە، خرىستىئان دىنىدا ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر خىل ئەنئەنىۋى مۇناسىۋەتتە بولغىن-بولمىغىن، ئۇنىڭغا ئىشەنسەڭلا بۇ دىنغا كىرگەن ۋە بۇ دىننىڭ مۇخلىسلىرىدىن بولغان بولىسەن، دەپ تەكىتلىنىدۇ. بىراق، جۇڭگودا ئۇنداق ئەمەس. جۇڭگونىڭ بارلىق دىنلىرىدىكى ئاللىقانداق ئىلاھلارنىڭ ھەممىسى بىز بىلەن بىر خىل ئۇرۇق-تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە. ئۇلار مېنىڭ بوۋام، مومام، تاغام، ئەڭ بولمىغاندا كىچىك دادام. شۇڭا، جۇڭگونىڭ دىنلىرىدا جەمەت يەكلىمىچىلىكى ئەكس ئېتىدۇ.
    جۇڭگونىڭ سىياسىي ۋە ئەدلىيە تۈزۈلمىسىمۇ غەربنىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ. جۈملىدىن، بىزنىڭ ئەنئەنىۋى قانۇن ئېڭىمىزدا يۈز-خاتىرە قىلماسلىق پرىنسىپى بولمايدۇ. جۇڭگو سوتچىلىرىنىڭ ئالدى بىلەن نەزەرگە ئالىدىغىنى يول ۋە ئەقىل. يول ۋە ئەقىل دېگىنى نېمىسى ئەمدى؟ ئۇ، بىرەر ئىشنى ئېلىپ ئېيتقساق، ئۇنىڭ شەكلەن قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز بولغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىش بىلەن بىرگە يەنە ئادەمگەرچىلىكنىمۇ نەزەرگە ئالىمىز، دېگىنى. غەرب جەمئىيىتىدە توختامغا قاتتىق ئەمەل قىلىنىدۇ. ئادەتتە دېلو بېجىرىشتىمۇ ئاشۇنداق. مەسىلەن، ئەقىل ۋە ئىدراك نۇقتىسىدىن بىرەر ئادەمنىڭ قاتىللىق قىلغانلىقى ئېنىق تۇرسىمۇ، لېكىن قانۇنىي ئاساس، شاھىد ۋە ماددىي ئىسپات دېگەنلەر يېتەرلىك بولمىسا، سوتچى پەقەت قانۇننىڭ شەكلەن ماددىلىرى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئۇنى گۇناھسىز، دەپ قويۇۋەتسە بولۇۋېرىدۇ. بۇ قانۇن تورىنى بەك چىڭ دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا گۇناھسىز ئادەمگە گۇناھ ئارتىپ، ئۇۋال قىلىشتىن تامامەن ساقلانغىلى بولىدۇ. يەنى، بۇ «مىڭ خاتا قويوپ بېرىلسە بېرىلسۇنكى، بىرىمۇ خاتا ئۆلتۈرۈلۈپ قالمىسۇن» دېگەنلىك بولىدۇ. بىراق، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى قانۇنلىرىدا بلسا، ئەكسىچە قاتتىق بولسا بولسۇنكى، قىچىمۇ كەچىلىك قىلماسلىق، «ئۈچ مىڭى خاتا ئۆلتۈرۈلسۇنكى، بىرىنىمۇ توردىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق» دېگەن ئىدىيە تەكىتلەنگەن. جۇڭگو سوتچىلىرى قانۇن ماددىلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئانچە ئۇچراپ كەتمىگەن جۈملىدىن، بەزىدە دەلىل-ئىسپات تولۇق بولمىسىمۇ ھۆكۈم چىقىرىۋەرگەن. شەكلەن پۈتۈمدە چىڭ تۇرۇشنى رەت قىلىدىغان بۇ خىل ئىستىل. بىزنىڭ پەلسەپىدە سۆز بىلەن ئۇقۇمنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدىغان «دىئالېكتىكا»غا ئامراقلىقىمىزنى، ئەكسىچە، تىلنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىدىغان سېمانتىكىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيدۇ.
    يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، جۇڭگو جەمئىيىتى سالاھىيەت جەمئىيىتى بولۇپ، سالاھىيىتى ئوخشاش بولمىغانلارغا تەتبىقلىنىدىغان قانۇن ماددىلىرىمۇ پەرقلەنگەنلىكتىن، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم بابباراۋەر بولمىغان. چېن سۇلالىسىنىڭ قانۇنىدا ئاقسۆڭەكلەرنى جازالاش بەلگىلىمىسى بار ئىدى. بۇ ھازىرقى قانۇنىي جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. مەسىلەن، ئوغلىنىڭ دادىسىنى ئۆلتۈرۈشى بىلەن دادىسىنىڭ ئوغلىنى ئوخشاشلا قاتىللىق بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ قەدىمىي قانۇنىدا ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازا ئوخشىمايدۇ. يەنى، دادىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلغا بېرىلگەن جازا، ئوغلىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلغا بېرىلگەن جازادىن ئېغىر بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئوغۇلغا ئادەتتىكى قاتىللىق جىنايىتىدىن باشقا يەنە قارا يۈزلۈك، ۋاپاسىزلىق جىنايىتى قوشۇلغان بولىدۇ. مانا بۇ، جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكىدۇر.
    غەرب قانۇنىدا «سالاھىيەت» مەسىلىسى ئۇنچىۋالا نەزەرگە ئېلىنىپ كەتمەيدۇ. مەيلى سەن رەئىس جۇمھۇر (زۇڭتۇڭ)، باش مىنىستىر (زۇڭلى)، ۋەزىر (مىنىستىر) بوپكەتسەڭمۇ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ، بولدى، ئەدلىيىنىڭ كۆزى شۇ ھامان ساڭا تىكىلىدۇ-دە، سېنى ماۋۇ رەئىس جومھۇركەنغۇ، دەپ قىلچە يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ. شۇڭا، (ئامېرىكا رەئىس جۇمھۇرى) نىكسوننى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلغان «يورۇق بىنا» ۋەقەسىگە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. (ئامېرىكا رەئىس جۇمھۇرى) رېگاننى قەستلىگەن قاتىلنى مىسالغا ئالايلى، ناۋادا ئۇ ئادەم جۇڭگودا بوپقالغان بولسا، ئۇنىڭغا قاتىللىق قىلىشقا ئورۇنۇش جىنايىتىدىن باشقا يەنە جامائەتنىڭ بېشى، دۆلەتنىڭ ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش جىنايىتى ئارتىلىپ، نېمىلا قىلمايلى ئۇنىڭغا قەتئىي كەڭچىلىك قىلغىلى بولمايتتى. بىراق، ئامېرىكىلىقلار ئۇنى ئېلىشىپ قالغان، دەپ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتمىدى. بۇنى بىز جۇڭگولۇقلار ئەلۋەتتە ئەقلىمىزگە سىغدۇرالمايمىز. چۈنكى، داھىي دېگەن سىياسىي رەھبەرلا ئەمەس، بەلكى ئەلنىڭ ئاتىسى، شۇڭا ئۇنىڭغا شىلتىڭ ئېتىش كەچۈرگۈسىز گۇناھ-تە!
    بىرەرسى مەنسەپكە ئولتۇرسا، يېشىنىڭ قانچىلىك كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئىجتىمائىي ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋىتىدە يۇقىرى سالاھىيەت ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ. شۇڭا سالاھىيىتى ئۆزىدىن تۆۋەن، ئەمما ئۆزىدىن چوڭ كىشىلەرگە تەنبىھ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.
    فېئوداللىق ھۆكۈم سۈرگەن چاغلاردا جۇڭگودا ساداقەت ۋە ۋاپادارلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل قىممەت ئۆلچىمىنىڭ بولغانلىقىنى بىلىمىز. ساداقەت سىياسىي ئۇقۇم بلۇپ، ئۇ جۇڭگودىكى سىياسىي ئۇرۇقداشلىق تەبىقىسىدە ھەر بىر پۇقرانىڭ ئەڭ ئالىي ھۆرمەت ساھىبى — پادىشاھقا چىن دىلىدىن ئىتائەت قىلىشى ۋە ئەگىشىشى لازىملىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزى ساداقەت. ئۇنداقتا، ۋاپادارلىق دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ تەقلىد قىلىش، دوراشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۆزى ۋاپادارلىق دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن بۇ ئىككى خىل ئۇقۇمنىڭ ئەمەلىيەتتە تومۇرداش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى، ئىككىلىسى جۇڭگونىڭ قەدىمكى ئۇرۇقداشلىق مەدەنىيىتىدىن كەلگەن. دېمەك، بىز ئىجتىمائىي ئۇرۇقداشلىق ۋە ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق چەمبىرىكىدىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئەجدادلىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى ئاشۇ كىشىنىڭ قىممىتىگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۆلچىمى، دەپ بىلىمىز. ساداقەت ۋە ۋاپادارلىق ئۇقۇمى بۈگۈن شەكلىنى ئاز-تولا ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا مەۋجۇد. مەسىلەن، بىز دائىم قول ئاستىمىزدىكى بىرەر كىشى ياكى بىرەر بالىغا ئۇنىڭ گەپ ئاڭلايدىغان ياكى ئاڭلىمايدىغانلىقىغا قاراپ باھا بېرىمىز. خوش، گەپ ئاڭلاش دېگەن نېمە؟ سىياسىي قىممەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئۇ دەل «ساداقەت»تۇر. ئۇنى بالىلارغا باھا بېرىش ئۈچۈن قوللانغاندا، ئۇ «ۋاپادارلىق»تىن دېرەك بېرىدۇ. (ئامېرىكىدىكى مەشھۇر زات) چېن شياڭمېي خانىم جۇڭگو يەسلىلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئۆز قارىشىنى مۇنداق بايان قىلغان: «ئامېرىكىلىقلار بالا تەربىيىلەشتە بالىلارنى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆز قارىشىنى ئىپادىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئەمما، جۇڭگودا بولسا، بالىلارنى چوڭلارنىڭ كۆز قارىشىغا ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيدىكەن». (قاراڭ: خې شىن «سەرخىللارنىڭ شاللىنىپ قېلىشى»، ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمىسى، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 1997- يىل 5- سان. — ئۇيغۇرچە نەشر مەسئۇل مۇھەررىرىدىن تولۇقلىما) گەپ ئاڭلايدىغان بالىلارنى بىز ياۋاش-رايىش دەپ ئاتايمىز. ئىدارىلەردە بەزى رەھبەرلەر كادىر ئۆستۈرۈشتە، ھەدېسىلا قول ئاستىكىلەرنىڭ ئىقتىدارى ۋە نەتىجىسىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گەپ ئاڭلايدىغان ياكى ئاڭلىمايدىغانلىقىنى نەزەرگە ئالىدۇ. بۇنىڭغا نۇرغۇن كىشى نارازى بولماقتا. ئەمما، ئۇنداق نارازىلىقنىڭ نېمە رولى بار، دەيسەن؟ ئەگەر جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قۇرۇلمىسى ئۆزگەرتىلمىسە، بۇنداق ھالەتنى ئۆزگەرتىمەن، دېيىش بەسىي مۈشكۈل. چۈنكى، ئۇ بىزنىڭ قان-قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن بىر خىل قىممەت قارىشىدىن كەلگەن.

    ماتىرىيالدىن


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.