ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-07

    تەكلىماكاندىكى «جەننەت»نىڭ داۋامى - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40621636.html


    ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ ئارىلىدا تۇرۇپ پۈتۈن دۇنيانى ۋە ئىنسانلارنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش دەپ تەسەۋۇر قىلغانىدى.
    دۇنيانىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ياتلىشىپ كەتكەنلىكىنى خىياللىرىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى.
    ئۇلار دۇنيا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە تولغان يېقىنقى زامان تارىخىدا، تەكلىماكاندىكى «ئەسھابۇل كەھق»تە رىۋايەتلىك 400 يىلنى ئەنە شۇنداق ئۆتكۈزگەنىدى.

    ئۇلار بۇ يەردە زادى قانچىلىك ياشىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيتتى.
    پەقەت ئېسىدە ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئاڭلىغان كېرىيە بوستانلىقى ھەققىدىكى غوۋا خاتىرىلىرىلا ساقلىنىپ قالغانىدى.
    تۇيۇقسىز بىر كۈنى بۇ يەرنىڭ رىۋايەتلىك تارىخى بۇزۇپ تاشلاندى.
    مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ ئاشۇ ئادەملىرى بۇ ئارالنى ئاخىر بايقاپ قالدى.
    بۇدەل 20-ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چارىكى ئىدى!

    شۇنداق قىلىپ، تەكلىماكاندىكى تەبىئىي ھاياتلىق ئارىلى-دەريا بويى ئاخىر «بايقالدى».
    مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتنىڭ ئادەملىرى شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ، چىشلىرىنى بىلەپ، كۆزلىرىنى قىزارتىپ بۇ يەرگە يوپۇرلۇپ كېلىشتى، دۇنيادا تېخى ئۆزلىرى بىلمەيدىغان بۇنداق ياخشى جاينىڭ بارلىقىدىن ھەيران بولۇشتى.

    دەريا بويىدىكى بۇ ساددا خەلقلەرمۇ 400 يىلدىن كېيىن كۆرگەن بۇ تۇنجى ئادەملەردىن چەكسىز ھاياجانلاندى. ئىچ-ئىچىدىن خوشال بولۇشتى، دۇنيانىڭ، ئىنسانيەتنىڭ ئۆزلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىدىن قاتتىق تەسىرلەندى. ئۇلار بۇيېڭى مېھمانلارنى ئەڭ ياخىشى نەرسىلىرى بىلەن كۈتۈۋالدى. ئۇلارغا ئېگىلىپ تۇرۇپ ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ئادەملەرگە قانچىلىك تەشنا بولغانلىقىنى، ئادەملەرسىز بۇ دۇنيانىڭ جىمى گۈزەللىكىنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشتى...

    ئەپسۇسكى، بۇ يىڭى مېھمانلارنىڭ ئويلايدىغىنى پۈتۈنلەي باشقا نەرسىلەر ئىدى.
    ئۇلار ئۆزلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالغان بۇ ساھىبخانىلارنىڭ ئاجايىپ ساددىلىقىدىن، ئاق كۆڭۈللۈكىدىن ئىچىدە كۈلۈشمەكتە ئىدى. ئۇلارنىڭ تەملىك كاۋاپلىرىنى، قېرىنغا قاچىلاپ قوقاستا پىشۇرغان ئالاھىدە گۆش تائاملىرىنى، ئۆزگىچە كۆمەچلىرىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن يەپ تۇرۇپ ئۇلاردىن قانداق پايدىلارنى ئۈندۈرۋېلىشنىڭ چوتىنى سوقۇشماقتا ئىدى...

    ئۇلار بۇ يەردە يەتكۈچە مېھمان بولۇشتى، يېدى، ئىچتى، خۇددى ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا تۇنجى نۆۋەت يېتىپ بارغان «ماي گۈلى» ناملىق يەلكەنلىك كېمىدىكى ئاق تەنلىكلەر ئاق كۆڭۈل ئىندىئانلارنىڭ نېمەتلىرىنى قانداق ئىشتىھا بىلەن يېگەن بولسا، ئۇلارمۇ دەريا بويىلىقلارنىڭ نەرسىلىرىنى شۇنداق ئىشتىھا بىلەن يېيىشتى، ئەتراپقا تويماي بېقىشتى.
    بۇيەرنىڭ ئوتلاقلىرىنى، كۆللىرىنى، توغراق، يۇلغۇنلىرىنى، قوي پادىلىرىنى، ياۋايى ھايۋانلىرىنى، چىرايلىق قىزلىرىنى قانداق قىلىپ قولغا كەلتۈرۈشنىڭ كويىدا گاراڭ بولۇشتى.

    شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ يەرنىڭ دەرۋازىسى ئېچىۋېتىلدى، ھېلىقى تۇنجى مېھمانلار تېخىمۇ كۆپ مېھمانلارنى باشلاپ كېلىشتى. تۈركۈم-تۈركۈم يات ئادەملەر قاياقلاردىندۇر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئۇلار بۇ يەردىكى ئادەملەردىن بىرمۇنچە مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئۇلار زادىلا ئاڭلاپ باقمىغان گەپلەرنى قىلىشتى.

    ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ يەرگە گۈركىرەپ ماشنىلار يېتىپ كېلىشتى. تۆمۈر قالپاق كىيگەن بىرمۇنچىلىغان كىشلەر نامەلۇم بىر سۇيۇقلۇقنى ئىزدەشكە كىرىشتى. بىر ئوچۇم كىشىلەر يېزىلىق ھۆكۈمەت، ئاشلىق پونكىتى، مەكتەپ، دوختۇرخانا، مال دوختورلۇق پونكىتى، رادىئو ئۇزىلى، سودا دۇكىنى دېگەندەك غەلىتە ناملار بىلەن ئاتالغان قۇرۇلۇشلارنى سېلىشقا باشلىدى.
    ئۇلار ئەزەلدىن پالتا تېگىپ باقمىغان توغراقلارنى كېسىشتى، ئوتلاقلارنى بۇزۇشتى، ئادەملەردىن زادىلا ئۈركۈپ باقمىغان جەرەن ۋە توشقانلارنى قالايمىقان ئوۋلاشتى. «توشقان زەدىكى »دەپ ئاتالغان قىممەتلىك دورا ئۆسۈملۈكلەرنى بىر-بىرلەپ يۇلۇپ كېتىشتى...

    بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك تۇيۇقسىز يۈز بەرگەنىدى.
    دەريا بويىدىكى بۇ قەدىمقى خەلق كۆز ئالدىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ھاڭ-تاڭ بولغان ھالدا سۈكۈت ئىچىدە قاراپ تۇرۇشتى.
    ئۇلار قانچە قىلىپمۇ بۇ رەھىمسىز رېئاللىقىنى ئۆز تەسەۋۋۇرىغا سىغدۇرالمىدى.ئ
    ۆزلىرى بىلەن سىرتقى دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنىڭ شۇنچىلىك چوڭىيىپ كەتكەنلىكىگە ھەيران بولدى.
    ئۇلار ئەزەلدىن دەريا بويىدىكى ئاھالىلەرنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ساناپ باقمىغانىدى ھەم ساناپ بېقىشنىمۇ ئويلىمىغانىدى.
    ئەمما بۇ يەرگە كەلگەن كىشىلەر ئۇلارنىڭ 800 دىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشتى ھەمدە ھەربىر كىشىنىڭ رويخېتىنى تۇرغۇزدى.
    ئەمدى بۇ يەردە ئۇلار ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان يىغىنلار، يىغىلىشلار، شۇئار-چاقىرىقلار، بۇيرۇق-پەتىۋالار، ئالۋاڭ-ھاشارلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
    ئۇلارنىڭ خاتىرجەم، تىنچ ۋە دەخلىسىز تۇرمۇشى بۇزۇلدى.
    ئۇلارنىڭ قەدىمدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئىجتىمائىي بىرلىكى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى ئاستا-ئاستا خىرىسقا ئۇچىرىدى.
    ئىلگىرى ئۇلارنى پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىپ تۇرغان 230 كىلومېتىرلىق چوڭ قۇملۇق ئەمدىلىكتە ھېچقانچە توسالغۇ بولۇپ قالالمىغانىدى.

    تەكلىماكان قوينىدىكى بۇ سىرلىق بوستانلىق ئەنە شۇنداق بايقالدى،
    ھازىرقى زاماننىڭ مەدەنىيەتلىك ئادەملىرى بۇ تەنھا ئارالنىڭ رىۋايەتلىك ئۆتمۈشىنى ئەنە شۇنداق ئاخىرلاشتۇردى.
    400
    يىل ئۆز ئالدىغا ياشاپ كەلگەن، دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋىېتىلگەن بۇ ئادەملەر ئەنە شۇ پىنھان كەچۈرمىشلەر بىلەن ھازىرقى زامانغا قايتىپ كەلدى.

    ئارىدىن ھەش-پەش دېگۈچە ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى.
    ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ توختاۋسىز قەدىمى دەريا بويىنىڭ قەدىمىي ئەنئەنىلەرگە باي سېھرىي كۈچىنى خورىتىپ باردى.
    بۇ يەرگە كېلىدىغان ئادەملەر كۆپەيگەنسىرى بىكىك ھالەتتىكى قەدىمكى مەدەنىيەت چەمبىرىكىمۇ بارغانىسىېرى تارىيىپ باردى.
    ئادەملەر ئۆزلىرى بىلەن بىللە مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ خىلمۇخىل زامانىۋى باكتىرىيىلىرىنى بۇيەرگە ئېلىپ كېلىشتى...

    شۇنداق، قۇيۇق رىۋايەتلەرگە پۈركەنگەن ئۆتمۈش غايىپ بولدى.
    خۇددى ئالەم كېمىسنىڭ ئاي شارىغا قونۇشى ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئاي ھەققىدىكى گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەتلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يوقىتىۋەتكەندەك، ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ دەريا بويىغا يوپۇرلۇپ بېرىشى ۋە بۇ يەرنى قايتا قۇرۇشىمۇ بۇ جاينىڭ مەدەنىيەت ساياھىتىدىكى ئالاھىدە تارتىش كۈچىنى بەربات قىلدى.
    قەدىمكى پارلاق تارىم مەدەنىيىتىنىڭ تەكلىماكاندىكى بۇ جانلىق كۆزنىكى ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك زەربىسى ئاستىدا ئەنە شۇنداق غايىپ بولدى...

    ئەمدىلىكتە دەريا بويىدىكى بۇ ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىدا جىددىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە باشلىدى.
    ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەكلىماكاندىكى جەننىتىنىڭ ئەبەدىي غايىپ بولغانلىقىنى، ئۆز جەمئىيىتىنىڭ بەربات بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىلگىرى كۆنۈككەن تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئادەم، دۇنيا، ھايات، ئەقىدە، ئەخلاق دېگەن ئۇقۇملارنىڭ ئەسلىدىكى مەنىسىدىن گۇمانلاندى. شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئاشۇ رەھىمسىز توقۇنۇشتا قانداق تراگېدىيلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى باشقىدىن چۈشەندى.

    دەريا بويى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئىي ھالىتىدىن مەھرۇم بولدى. تەكلىماكاندىكى تەبىئىي ئېتنوگرافىيە مۇزېي بۇزۇلۇشقا باشلىدى.
    400
    يىلدىن بۇيان قۇلۇپ سېلىنمىغان ئۆيلەرگە قۇلۇپ سېلىندىغان بولدى. ئادەملەر بىر-بىرىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان، ئىش-ھەرىكەتتە ئېھتىياتچانلىق قىلىدىغان، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە شەخسىي مەنپەئىتىنى ئويلايدىغان بولۇشتى.
    400
    يىلدىن بېرى ئادەم دىدارىنى سېغىنىپ كەلگەن بۇ كىشىلەر ئەمدىلىكتە ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ئادەملەردىن بىزار بولۇشقا باشلىدى.
    سىرتتىن كەلگەن ئادەملەر ئۆزلىرى بىلەن بىللە تاماكا، نەشە، ھاراق ۋە باشقا غىدىقلىغۇچى ئىچىملىكلەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بولدى. بايلىق ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئاياغ ئىزلىرى تەگمىگەن جايلار ئاز قالدى، ئۆسۈملۈكلەر، ئورمانلار، ياۋايى ھايۋانلار، ئۇچارقۇشلار، قوي-پادىلار خوراشقا باشلىدى.
    مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ تۇرمۇش رىقابىتى ۋە ئىچكى ۋەھىمىسى ئاستا-ئاستا بۇيەرگىمۇ يېتىپ كەلدى...

    شۇنداق قىلىپ، تەكلىماكاندىكى بۇ مەدەنىيەت كۆزنىكى قانداق تۇيۇقسىز بايقالغان بولسا، شۇنداق تۇيۇقسىزلا بەربات بولۇشقا باشلىدى.
    قەدىمكى كېرىيەلىكلەرنىڭ دەريا بويىدىكى 400 يىللىق رىۋايەتلىك ھاياتى مەڭگۈ بىر چۈش بولۇپ قالدى.

    تەكلىماكاندىكى قانچىلىغان بوستانلىقلار ۋە قەدىمكى شەھەر-قەلئەلەر قانداقلارچە قۇم دېڭىزى ئاستىدا قالدى؟
    بوستانلىقلار سۇلىرى نېمە ئۈچۈن ئازىيىپ، كۆللەر قۇرۇپ كەتتى؟
    كېلىمات نېمىشقا قۇرغاقلىشىپ نەچچە يۈز كىلومېتىرلىق تەبىئىي توغراقلىقلار ۋەيران قىلىندى!؟...

    چىنگىز ئايتماتوف توغرا ئېيتىدۇ:
    بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قىيامەت ۋە ئېكولوگىيە تراگېدىيىلىرى دىنىي كىتابلاردا ئېيتىلغاندەك خۇدانىڭ غەزىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئادەملەرنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلىدۇ!
    زېمىن ئەسلىدىنلا بىرخىل ئىچكى تەڭپۇڭلۇقتا يارىتىلغان.
    تەبىئەت ئەزەلدىنلا جىمى مەۋجۇداتلار بىلەن گارمۇنىك بىرلىك ھاسىل قىلغان.
    مانا مۇشۇ تەڭپۇڭلۇقنى مەدەنىيەت ئۇقۇمىنىڭ ئىگىسى بولغان ئىنسانلار ئۆزقۇلى بىلەن بۇزدى.

    قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنىڭ بىر كۆزنىكى بولغان دەريا بويىنىڭ بايقىلىشى ۋە ناھايىتى تېز ۋاقىت ئىچىدە مەدەنىيەت ئېكولوگىيىسنىڭ بۇزۇلۇشى بىزگە يېڭىدىن يېڭى ۋەھىمىلەرنى ھېىس قىلدۇرماقتا.
    شۇنداق، تارىم-بىزنىڭ ئانىمىز. بىز بۇ مېھرىبان ئانىدىن توغۇلغان، ئۇنىڭ كۆكسىدىن ئاق سۈت ئېمىپ چوڭ بولغان، ئۇنىڭ ئەللەي ناخشىسىنى ئاڭلاپ ھايات گۈزەللىكىنى ھېس قىلغان، ئۇنىڭ باغرىغا تىنىپ كەتكەن مەدەنىيەت تىندۇرمىسىدىن ئوزۇق ئالغان.
    بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ مېھرىبان ئانا زامان رىيازەتلىرىدىن چارچىدى، جىسمى خورىدى، چاچلىرىغا ئاق كىردى، ئىچكى ئېنېرگىيىسى خورىدى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ كۆپ مۇشەققەتلەر چەكتى.
    ئۇ يېڭى ھاياتىي كۈچكە موھتاج!
    بىز ئۇنى پەرزەنتىلىك مۇھەببىتىمىز بىلەن ئاسرايلى ۋە مەڭگۈ سۆيەيلى!...

    (
    مەنبە: ئەسەت سۇلايماننىڭ «تارىم قۇۋۇقى چېكىلگەندە» دىگەن كىتابى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.