ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-07

    بىلىم ئىشقىدا - [ئەدەبى ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40627197.html

        بىلىم ئىشقىدا

               نىمشىھىت

     



    جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق،
    بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار بولۇر ئۇ گاھىدا بار - يوق.

    قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن يولداش،
    ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ،  سېنى تاشلايدۇ. ھېچ ئار يوق.

    كىرىڭ  كەينىگە نەپسىڭنىڭ  بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ،
    بېشىڭغا چۈشسە بىر كۈنلەر، ئۇ چاغدا سەن كەبى خار يوق.

    قۇلاق سالساڭ مۇھەببەت ئەھلىنىڭ پەريادى - ئاھىغا،
    يۇتۇپ زەرداپ،  پىراقتىن داد دىمەكتىن باشقىچە زار يوق.

    تەپەككۇر ئەيلىسەڭ ئىشقىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ھەردەم،
    قاراڭغۇ دەر يورۇق دۇنيانى ھەم ئالەم كەبى تار يوق.

    يۈرۈپ مەنمۇ گۈزەل ئىزلەپ جاھالەتكە ئەسىر بولغان،
    خالايىق ئالدىدا يۈرسەم، مېنىڭدەك بەلكى ئەغيار يوق.

    پاراغەت ئىزلىسەڭ ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما.
    سېنىڭ قەدرىڭنى ساقلاشتا بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق.

    ھاياتلىقتا بىلىم قانداق كىشىنىڭ يولدىشى بولسا،
    قەيەرگە بارسا باش قاتماس، بىلىمدەك ئاڭا غەمخار يوق.

    بىلىمسىز ساق تېنىڭ مەجرۇھ، ھەمىشە نالە - پەرياتتا،
    جاھان ئىچرە بىلىمسىزنىڭ دىلىدەك ئەسكى بىمار يوق.

    بىلىمگە ئاشىنا بولساڭ ئوقۇش ئىشقىدا  بۇلبۇل بول،
    ئۆگەنمەككە مائارىپ باغچىسىدەك ياخشى گۈلزار يوق.

    جاھاننىڭ  قايسى يوچۇق،  پۇچمىقىغا باش تىقىپ ياتساڭ،
    بىلىم تارتىپ چىقار مەيدانغا، ھېچ بىر كىمگە ئەخبار يوق.

    بىلىم روھىي ئوزۇق ئىنسان ھاياتىغا ئەگەر بىلسەڭ،
    بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلگۈچى ئۆلمەس، بۇڭا ئىنكار يوق.

    چاپان ھۆرمەتلىرى ھېچ چاغ چاپاندىن ئايرىلىپ قالماس،
    كېتەر پۇلدىن يىغىلغان ھۆرمىتىڭ پۇل بىرلە،  ئەسرار يوق.

    چاپان بىرلەن ئۆزۈڭنى پارقىراتساڭ بىر بوياقچىسەن،
    بىلىم ئەسىرى بۈگۈن. سىرلىق چاپانلارغا خېرىدار يوق.

    بۇلاردىن قولغا كەلگەن ئابرۇي جىننىڭ چۈشى ئوخشاش،
    خىيالىي بۇ تىلەكتە سەن كەبىي باخشىغا جىندار يوق.

    ئۈمىد قىلما پەلەك ھەرگىز سېنىڭ بەختىڭگە چۆرگۈلمەس،
    بۈگۈن باي، ئەتە سەندەك ھېچ گاداي يوق، بەلكى قەرزدار يوق.

    بىلىمدىن چەتتە كۆرگەن دۆلىتىڭ جاننىڭ جاپاسىدۇر،
     جېنىغا جەۋرى قىلماققا بىلىمسىزدەك سىتەمكار يوق.

    بىلىمدىن ھەممە ئىش روياپقا چىققان  بىر ئەسىردۇر بۇ،
    بىلىش لازىمكى بۇ كۈندە  بىلىمسىزلەرگە  خۇشتار يوق.

    بىلىمدىن باتىنىڭ نۇرلانمىسا، كۆڭلۈڭ قاراڭغۇ تۈن،
    قۇياش نۇرىغا مۇنكىر شەپەرەڭلەرگە مەدەتكار يوق،

    زېمىننى توپ قىلىپ ئويناشنى سەن چاقچاق، گۇمان قىلما.
    ھەقىقەتتۇر بۈگۈن ھەر ئىش، كەمەكتەك جادۇ - ھەييار يوق.

    ئەجەبلەنمە  بىلىم نۇرىدا نۇرلانسا كىشى كۆڭلى،
    ئۇنىڭغا كۆكتە، سۇدا، تاغ، دېڭىزدا يۈرسە دىشۋار يوق.

    بىلىملىك تاغنى باغ ئەيلەشتە ھېچ قانچە جاپا كۆرمەس،
    بىلىمسىز قان يۇتار، نادان كىشىلەردەك جاپاكار يوق.

    ئۆزۈڭنى نېمشېھىت ئۇشبۇ پىكىرگە ئەيلىگىن قۇربان،
    بىلىمدىن رىشتە ئۈزگەنلەر كەبىي قاتتىق گۇناھكار يوق.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.