ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-07

    نەۋائىي دۇردانىلىرى - [ئەدەبى ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40622606.html


    (1) ۋەتەنپەرۋەرلىك-خەلقچىلىق توغرىسىدا

    كىمكى بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە قاچسا، نامەردلىك توپىسىنى مەردلىك ۋە يىگىتلىكنىڭ بېشىغا چاچقان بولىدۇ. بۇ خىل كىشىلەرنى ئەركەكلەرنىڭ سانىدىن ۋە يىگىتلىكنىڭ دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىش كېرەك.
    تەنھا ئادەم ئۆز دەردىگە داۋا تاپالماس.
    ئەلگە قوشۇلغان دوست تاپار.
    ئالتۇن قەپەس قىزىل گۈللەر بىلەن بېزەپ قويۇلغان تەقدىردىمۇ، بۇلبۇلغا تىكەنچىلىك ماكان بولالمايدۇ.
    رەنجى غۇربەتنى ھەۋەس قىلمىساڭ، ۋەتەننى بىر نەپەسمۇ تەرك ئەيلىمە.
    ئەلنىڭ سۆزىنى يامانلىق تەرەپكە بۇرىما، غالىب دۈشمەن يېڭىلگەن بولسا، يامانلىقنى ئاشكارىلاپ، ياخشى تەرىپىنى ياپما، كۈچلۈك دۈشمەن مەغلۇبىڭ بولسا، ئەركەكچىلىك قىل.
    قايسى قوۋمنىڭ كۆرۈنۈشى بىلەن كۆرۈنسەڭ، شۇ قوۋمدىنسەن، ئۇلار يامان بولسا سەنمۇ يامان، ئۇلار ياخشى بولسا سەنمۇ ياخشى. ئۆزىنى ياخشىلار ئارىسىدا تۇتۇپ ۋە ئۇلارنىڭ پېشىگە ئېسىلغان ياخشىراقتۇر  ھەم خەۋپتىن يىراقتۇر.
    مالدىن خەلق پايدىلانسا، دۈشمەن زەھەر يېگەندەك بولسا، ئۇ مالدۇر.
    ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى كىشى دۈشمەنلىك كىشىدۇر.
    كىشىنىڭ ئىشىنى باشقا كىشىنىڭ ئىشى دەپ تونۇغان ئادەم ئۆزىنى كىشى دەپ ھېسابلىماسلىقى كېرەك.
    بېشىڭغا پەلەكتىن تاش ياغسىمۇ، ئەل خىزمىتىدىن باش تارتما، ئۇ تاشلار بىلەن بېشىڭ يېرىلىپ تارتۇق بولۇپ قالسا، ئۇ بەختنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ.
    ئاچلىق- ھېكىمەتنىڭ دەسمايىسىدۇر، توقلۇق- غەپلەتنىڭ زىبۇزىننىتىدۇر، توقلۇققا ھېرىس بولۇشنى كۆڭلۇڭدىن يوق قىل، ئۆزۈڭ ئاچ بولۇپ يەنە بىرىنى توق قىل، ئۆزۈڭنى چىرايلىق كېيىم كېيىشنى خىيال قىلىشتىن ساقلا، كېيىمنىڭ چىرايلىقىنى ئىزدىسەڭ، بىر يالىڭاچنى كەيدۈر، كېيىم ھەرقانچە زىبادۇر، كەيگىنىڭدىن كەيدۈرگىنىڭ ئەلادۇر.
    كىمكى ئەل خىزمىتىگە ئۆمرىنى سەرپ ئېتەر، ئەگەرچە ئۆمرى كېتەر، مەڭگۈلۈك ئۆمۈرگە يېتەر، ئۆزۈڭنى بۇ توپتىن يىراق تۇتما، بېشىڭ كەتسىمۇ بۇ مۇددىئانى ئۇنۇتما.
    ئۆز ئېلىڭنىڭ جىسمى ئۈچۈن جان، دەردىگە دەرمان بولۇشۇڭ كېرەك. قىسقىسى، ئەل كىرگەن كېچىككە سەنمۇ كىرىپ، جاراھەتلىرىگە مەلھەم بولۇشۇڭ لازىم.
    نەۋائىينىڭ ئىراق، مەككىلەرگە بارماسلىقىغا ھىرات ئېلىنىڭ پاكلىقى سەۋەبچى.
    مەملىكەت زۇلۇم شامىلىنىڭ ئاجىزلار چىرىغىغا تەشۋىش سېلىشى ۋە جەبىر-جاپا ئوتىنىڭ ئاسايىشلىق خامىنىغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن ھەرگىز خالىي بولالمايدۇ. ھەرقانداق زالىم جاپاكارلىق تېغىدىكى زۇلۇم قاپلىنىغا ئوخشاش، ئاجىزلارنىڭ پاراغەت كېيىكىنى قەيەردە كۆرەرمەن دەپ كۆز تىكىدۇ. ئۇ كېيىكنى قانداق ئوۋلاش ھەلەكچىلىكىدە ئالەم جاڭگىلىدا قانچىلىغان زۇلۇم چاڭگاكلىرىنى تەييارلايدۇ. كېيىك جېنىنى ئېلىپ قاچماقچى بولسا، زالىم ھەربىر چىشلىرىدىن زەھەرلىك تىكەنلىرىنى چىقىرىدۇ. نەتىجىدە ئۇ، بەختسىز كېيىكنىڭ تېنى ۋە ئىچكى ئەزالىرى بىلەن ئۆزىنى يامان يولغا باشلىغۇچى نەپسىنىڭ مۇرادىنى ھاسىل قىلىپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارچە ئىشتىھاسىغا ئارام بەرمەكچى بولىدۇ.
    ھېرىسمەنلىك ۋە ھەۋەس خامانلىرى كۆككە سورۇلمىسا، نەپسانيەت ۋە ھاۋايى-ھەۋەس قەسىرى يىقىتىلمىسا، زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىكنىڭ جانلىرىغا جەبىر-زۇلۇم يەتمىسە، ئەل شادلانمايدۇ، مەملىكەت ئاۋات بولمايدۇ.


    نەۋائىي دۇردانىلىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى)


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.