ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-07

    تەكلىماكاندىكى «جەننەت» - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40621674.html

    تەكلىماكاندىكى «جەننەت»-قەدىمكى مەدەنىيەت ئارىلى
    ئەسەت سۇلايمان
    قەدىمكى مەدەنىيەت ئارىلىنىڭ بايقىلىشى ۋە بەربات بۇلۇشى توغرىسىدا
    بۇنىڭدىن تەخمىنەن 400 يىل ئىلگىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرىۋىكىدىكى كېرىيە بوستانلىقىدا ئاھالىلەرنىڭ نىسبىتى بىلەن بوستانلىقلار سىغىمچانلىقى ئوتتۇرسىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەنىدى، بۇنىڭ بىلەن بىرقىسىم ئاھالىلەر يېڭى ھاياتلىق ماكانى ئىزدەپ كېرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قاراپ سۈرۈلۈشكە باشلايدۇ.
    قۇرۇم تاغلىرىنىڭ قارلىق چوققىلىرىدىن باشلىنىپ كېرىيە بوستانلىقى ئارقىلىق تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسگە قاراپ تىنماي ئاقىدىغان كېرىيە دەرياسى بۇ قۇرغاق ماكاننىڭ كېلىماتىنى ھەرۋاقىت تەڭشەپ تۇراتتى.
    كېرىيە بوستانلىقى تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى بوستانلىقلار بىلەن قۇملۇق ئوتتۇرسىدىكى دېئالېكتىك بىرلىكنىڭ تىپىك كۆرۈنۈشى ئىدى.
    كېرىيىلىكلەر ئەلمىساقتىن بۇيان يىراقتىكى قارلىق تاغلاردىن ئېقىپ كېلىدىغان دەريا سۈيىنى قەدىرلەپ كەلگەنىدى.
    ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ماكاننىڭ بىرخىل ئىچكى تەڭپۇڭلۇق ھالىتىدە ئىكەنلىلىكىنى، بوستانلىقلار بىلەن قۇملۇقلارنىڭ بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا دەريا سۈيىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەنىدى.

    ئىمكانىيەت بولسىلا بوستانلىق بەرپا قىلىش ۋە يېڭى ھاياتلىق مۇھىتى يارىتىش قۇملۇق خەلقىنىڭ دائىملىق ئارزۇسى ئىدى. بوستانلىقلارنىڭ كۆلىمى ئاھالىلەرنىڭ نىسبىتىنى سىغدۇرالمىغان ھامان ئۇلار سىرتقا قاراپ ئاقاتتى ۋە دەريا-تاراملارنىڭ يۆنىلىشىنى بويلاپ يېڭى بوستانلىقلارنى ئىزدەيتتى.
    تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى يۇلتۇزلاردەك تارالغان چوڭ-كىچىك بوستانلىقلار مانا مۇشۇنداق پەيدا بولغانىدى.

    بۇنىڭدىن 400 يىل بۇرۇن بىر توپ كېرىيىلىكلەر مال-چارۋىلىرىنى ھەيدەپ دەريا يۆنىلىشى بويىچە تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسگە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلارنىڭ قەلبىدە يېڭى بوستانلىق تېپىشتەك بۈيۈك ئىستەك لاۋۇلداپ تۇراتتى. ئۇلار تەكلىماكان گىرۋىكىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بوستانلىق-جاي كەنتىدىن ئايرىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا دەريا يۆنىلىشىنى يىتتۈرۈپ قۇيۇشتى.
    بىرخىلدا لۆمشۈپ ئاقىدىغان كېرىيە دەرياسى بۇ يەرگە كەلگەندە ئەتراپقا تارىلىپ، چەكسىز قۇم باغرىغا سىڭىپ كېتەتتى.
    ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئەمدى نە دەريا؟ نە توغراق-يۇلغۇن؟ نە ئۇچار قۇشلار كۆرۈنمەيتتى. بىپايان قۇملۇق، بىر-بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن بارخانلار ۋە يالتىراپ تۇرغان قۇياش نۇرىدىن باشقا ھېچنېمە كۆرۈنمەيتتى.
    سۇ مەنبەسىدىن ئايرىلىشتەك بىر خىل ۋەھىمە تۇيغۇسى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا ئىچكى خاتىرجەمسىزلىك سالغان بولسمۇ، لېكىن ئۇلار يولدىن توختاپ قالمىدى. چۈنكى ئۇلار بۇ قورقۇنچىلىق سەپەرگە ئاللىقاچان تەۋەككۇل قىلغانىدى. ھامان بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا غايىۋى بوستانلىق كۆز ئالدىغا پەيدا بولدىغاندەك، يىپيېڭى بىر ھاياتلىق ماكانىغا قايتا ئېرىشىدىغاندەك بىر گۈزەل تۇيغۇ ئۇلارنى ئالغا ئۈندەيتتى.
    ئۇلار توختىماي ئالغا قاراپ مېڭىشتى، غايەت زور قۇم دېڭىزىنى كېچىپ، بارخانلارنى ئاتلىدى، قەدىمكى خوتەنلىكلەرگە خاس جاھىللىق ۋە ئۆزىنى پىدا قىلىشتەك روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. تەجرىبىلىك ئاقساقاللىرى بىلەن ماھىر پادىچىلىرىنىڭ «قۇمغا سىڭىپ كەتكەن دەريا سۈيى ھامان بىر جايدىن سىرغىپ چىقىدۇ» دېگەن قىياسلىرىغا شەكسز ئىشەندى.
    شۇنچىلىك ماڭسىمۇ قۇملۇق تۈگىمىدى، ئەكسىچە ئادەملەرنىڭ سەۋر-تاقىتى تۈگەشكە باشلىدى. ئۇلارھاردى، چارچىدى، ئۇسسىدى، ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك يول ماڭغانلىقىنى، نەگە كېلىپ قالغانلىقىنى، ئەمدى قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقالمىدى.
    تۇنۇر ئوتىدەك ئاپتاپ، قۇرغاق ھاۋا، سۈررەك قۇملۇق، پايانىسز چۆل ئۇلارنى جىسمانىي جەھەتتىنلا خورىتىپ قالماستىن، بەلكى يەنە روھىي جەھەتتىمۇ سۇلدۇردى. ئۇلار ئەزەلدىن بۇنچىلىك ئۈمىدسىزلىنىپ باقمغانىدى.

    ئەجەبا، ئۇلارنىڭ قىياسى خاتا بولۇپ قالغانمىدۇ؟
    قۇمغا سىڭىپ كەتكەن كېرىيە دەرياسىنىڭ سۈيى زادى نەگە كەتتى؟
    ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ «تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىدە سۇلۇق كۆلچەكلەر، پايانسىز توغراقلىقلار، كۆز يەتكۈسىز قۇمۇشلۇقلار بارمىش» دېگەن رىۋايەتلىرى قۇرۇق گەپمىدۇ!؟...

    ئۇلار-كېرىيىلىك ماھىر چارۋىچىلار تۇنجى قېتىم ئۆزلىرىنىڭ ھايات-ماماتلىق تاللىشىدىن گۇمانلاندى، بىر ئۆمۈر قۇملۇق تۇرمۇشىدىن جۇغلىغان تەجرىبىلىرىدن شۈبھىلەندى.

    بۇ پايانسىز قۇملۇق ئالەمنىڭ ئۇ چېتىگىچە تۇتۇشۇپ كەتكەنمىدۇ؟
    ھەزرىتى مۇسامۇ ئىسرائىل قوۋمىنى باشلاپ كەنئان چۆللۈكىدىن چىقىپ پەلەستىنگە يېتىپ بارالىغانغۇ!؟
    تەڭرى ئۇلارغىمۇ بىرچىقىش يولى بەرمەسمۇ؟

    سۇئاللار چەكسز، جاۋابلار ئازابلىق ئىدى.
    ئۇلار رەھىمسىز تەبىئەتنىڭ ئەڭ قاتتىق سىناقلىرىنى قوبول قىلماقتا ئىدى.

    شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە-يېلىنجاپ تۇرغان قوياش بارخانلار ئۈستىگە باش قويغان، زېمىن شەپەق نۇرىغا چۆمۈلگەن بىر دەقىقىدە-ئۈمىد تۇغۇلدى!
    بىر قۇش غاقىلدىغىنىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ كەتتى.
    ئۇلار خوشاللىقىدىن ۋارقىرىۋەتتى:
    -
    سۇ! بوستانلىق! ھاياتلىق!

    نىمجان بولۇپ قۇم دۆۋىلىرىگە يېقىلىپ قالغان كىشلەرنىڭ پوت-قوللىرىغا جان كىردى. ئۇلار ئۆلەر-تىرىلىشگە قارىماي ھىلىقى قۇش ئۇچۇپ كەتكەن تەرەپكە قاراپ مېڭىشتى. كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش كەلدى. تومورلىرىدا قانلىرى قايتا ئۇرغىدى، قەلبىدىكى ئۆلۈم ۋەھىمىسى تاراپ كەتتى.
    شۇنداق، ئۇچار قۇش سۇدىن، بوستانلىقتىن، ھاياتلىقتىن نىشان بەرمەكتە!
    قۇش ئۇچۇپ كەتكەن يۆنىلىشكە قاراپ ماڭسىلا ئۇلار چۇقۇم ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ...

    ئۇلار قانچىلىك ماڭغانلىقىنى بىلمىدى، گاھ يۈگۈردى، گاھ ئۆمىلىدى، گاھ دومىلىدى...
    ئاخىر دېگەندەك يىراقتىن ياپيېشىل بوستانلىق كۆرۈندى!

    بۇ جاي تەكلىماكاندىكى بىر سىرلىق مۆجىزە ئىدى.
    كېرىيە دەرياسى قۇملۇققا سىڭىپ، يەر تېگىدە نەچچە يۈز چاقىرىم سىرغىپ ئاققاندىن كېيىن، تەكلىماكاننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسىمىدا يەر يۈزىگە چىققانىدى. بۇ يەردىكى كۆللەردە، ساسلىقلاردا ۋە تەبىئىي بۇلاقلاردا تىنماي سىرغىپ تۇرغان سۇلار بۈك-باراقسان يېشىل كارىدور ھاسىل قىلغانىدى. توغراقلىقلار نەچچە ئون كېلومېتىر دائىرىگە سوزۇلاتتى. كۆز يەتكۈسىز يۇلغۇنلار بىر خىلدا قىزىرىپ تۇراتتى. كىچىك كۆلچەكلەردە بىېلىقلار تىنىمسز پىلتىڭلايتتى. توغراقلىقلاردا تۈرلۈك ئۇچار قۇشلار سايرىشاتتى، ئوتلاقلاردا كېيىك، جەرەن، ياۋا ئۆچكە ۋە توشقانلار توپ-توپى بىلەن خاتىرجەم ئوتلاپ يۈرەتتى...

    ئۇلار ھايات-ماماتلىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ، ئاخىر تەكلىماكان قوينىدىكى بۇ يېشىل ئارالنى بايقاشتى، مۇشەققەتلىك ئۇزۇن سەپەر ئاخىرلاشتى. بۇ يەردىكى تىنچ، پىنھان ۋە خاتىرجەم ھايات ئۇلارغا قۇچاق ئاچتى.
    ئۇلار بۇ يەرگە «دەريا بويى» دەپ نام بەردى. ئاسماننى يېپىنچا، يەرنى سېلىنجا قىلىپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ۋەتىنىنى قۇرۇشقا باشلىدى.

    تەكلىماكاندىكى بۇ سىرلىق ۋەتەندە قەدىمكى خوتەن مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ گۈزەل ئۈلگىلىرى ناھايىتى تىزلا يىلتىز تارتتى. تەۋەككۈلچىلىك روھىغا ماھىر ئاشۇ پادىچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىشچان ئەۋلادلىرى بۇ يەردە ئادەملەر بىلەن ھايۋانلارنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدىن ھاسىل بولغان ھاياتلىق چەمبىرىكى قۇرۇپ چىقتى. زوركۈچ بىلەن مال-چارۋىلارنى كۆپەيتتى، توغراقلارنى كېسىپ يېڭى ئۆيلەرنى سالدى. قۇم بارخانلىرى ئوتتۇرسىدىكى بۇ بوستانلىقنى قانداق ئاسراشنى، تەبئىىي مۇھىتقا قانداق ماسلىشىشنى تىزلا ئۆگىنىۋالدى.

    پۈتۈن دۇنيا ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ يېڭى جەننىتىنى ئۇنتۇپ كېتىشتى. ئەمما ئۇلار تەكلىماكاندىكى بۇ تەنھا ۋەتەندە تۇرۇپ دۇنيانى ۋە ئالەمدىكى كىشىلەرنى ئېسىدىن چىقارمىدى.
    ئۇلار ناھايىتى تېزلا ئۆز جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي بىرلىكىنى قۇرۇپ چىقتى.
    بۇ ئىجتىمائىي بىرلىكتە ئىنساپ، ئىمان، ئەخلاق ۋە قېرىنداشلىق ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى كىشلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسى قىلىنغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي بىرلىكىدىكى ئاقساقالىغا بويسۇناتتى، جەمەت ئاقساقالىمۇ ئۆز جەمەتىدىكى ئەزالارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايتتى. ئۇلار ئۈچۈن ئەمگەك قىلىش، ماددىي بايلىق يارىتىش ۋە ئەۋلاد قالدۇرشتىنمۇ بۈيۈك بۇرچ يوق ئىدى.

    ئۇلار بۇنىڭدىن 400 يىل بۇرۇنقى كېرىيە خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق مىزانلىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەنىدى. شۇنداقلا بۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ساددا ۋە ساپ قاراشلىرى ئارقىلىق راۋاجلاندۇرغانىدى.
    ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئىجتىمائىي بىرلىكىدە بىر خىل ساپ ھالەتتىكى ئەخلاقىي مىزان ۋە شەرىئەت پرىنسىپلىرى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇراتتى.
    ئۇلار ئەزەلدىنلا ئوغرىلىق، نەپسانىيەتچىلىك، زالىملىق، يالغانچىلىق، ھەسەتخورلۇق قاتارلىق ناچار قىلمىشلارنى بىلمەيتتى.
    ئادەملەر ئارا ۋاپادارلىق، راستچىللىق، نومۇس، غۇرۇر ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى ئەڭ گۈزەل كىشلىك پەزىلەت دەپ قارايتتى.
    زامانىۋى جەمئىيەتتىكى باش-ئاخىرى يوق زىددىيەتلەر، باش قېتىمچىلىقلار، ئادەملەر ئارا ساختا مۇناسىۋەتلەر بۇيەردە زادىلا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.
    شۇڭا، ئۇلار ئاددىي كەپىلەردە يېتىپ، ئاي دالىلاردا تۈنەپ، جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگىنى بىلەن ئۆزلىرىنى دائىم ئەركىن، خۇشال ۋە خاتىرجەم سېزەتتى.
    تەبىئىي ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى، دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى، خىمىيىۋى تەركىبى بولمىغان ئىشقارسىز مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلغاچقا، ئۇلار ناھايىتى ساغلام ۋە بەستىلىك ئىدى. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەتتى. 100 ياشتىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەر كۆپ سالماقنى ئىگەلەيتتى.
    ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى گويا تۇغما تېۋىپلاردەك ئادەم بەدىنى ۋە روھى دۇنياسىنىڭ تەبىئەت ئېكولوگىيىسى بىلەن بولغان ئىچكى بىرلىكىنى ئاجايىپ ئوبدان چۈشىنەتتى. كېلىماتنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلۇقى، تەبىئەتنىڭ ھالىتى ۋە تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شىپالىق رولى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىزاج -خىلىتلىرىنى قانداق تەڭشەشنى، ئىچكى كېسەللىكلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى، شۇنداقلا ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ گارمونىك بىرلىكىنى قانداق ساقلاشنى تېخىمۇ ئوبدان بىلەتتى.

    ئۇلارنىڭ جاپالىق پەرۋىش قىلىشى ئارقىسىدا بۇ بوستانلىقتا سان-ساناقسىز مال-چارۋىلار توپى ھاسىل بولغانىدى. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆزىنىڭ زادى قانچىلىك مال-چارۋىسى بارلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇلار ئەزەلدىن مال-چارۋىلىرىنى ساناپ كۆرۈشكە ئادەتلەنمىگەنىدى. بۇ يەردە باج-سېلىق، ئالۋاڭ-ھاشار، بۇيرۇق، جەرىمانە دېگەنلەر مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئۇلارنى ھېچكىم ھېچنېمىگە مەجبۇرلىمايتتى، بەلكى ئۇلارھەممە ئىشتا ئاڭلىق، مەسئولىيەتچان ئىدى. چوڭلار ھۆرمەتكە، كىچكلەر ئىززەتكە سازاۋەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە كۈچلۈك جامائەتچىلىك ئېڭى مەۋجۇت ئىدى. ئۆملۈك، ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قوياتتى.

    ئۇلار زېمىننى سۆيەتتى، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلاتتى، سۇ مەنبەلىرىنى قەدىرلەيتتى.
    ھەربىر تامچە سۇنىڭ ئۇلار ئۈچۈن قانچىلىك قىممەتكە ئىگە ئىلەنلىكىنى ئوبدان چۈشىنەتتى،
    ھەر بىر تۈپ توغراقنىڭ قانچىلىك قۇمنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغانلىقىنىمۇ ياخشى بىلەتتى.
    ئۇلار بۇ زېمىننىڭ يارىلىشىدىنلا بىرخىل ئىچكى تەڭپۇڭلۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئالەمدىكى جىمى شەيئىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە تۇردىغانلىقىنى، تاغ، دەريا، قۇملۇق، بوستانلىق ۋە گۈل-گىياھلارنىڭ ئۆزئارا ئورگانىك بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلغانىدى.
    شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزلىرىنى تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى، زېمىننىڭ قوغدىغۇچىسى، بوستانلىقلارنىڭ خوجايىنى دەپ قارايتتى.

    شۇنداق قىلىپ، كۈنلەر ئايلارنى، ئايلار يىللارنى قوغلاپ ئۆتىۋەردى.
    تەكلىماكان چۆلىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمغا يوشۇرۇنغان بۇ تەنھا بوستانلىق جاھان ئۆزگىرىشلىرىدىن بىخەۋەر ھالدا ئۆز مۇقامى بويىچە كېتىۋەردى. بۇ يەردىكى ئادەملەرمۇ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ كەلدى.
    دۇنيا ئۇلار ئۈچۈن 400 يىل بۇرۇن قانداق ھالەتتە بولسا، ھازىر شۇنداق ئىدى.
    چەكلىك دائىرىدىكى بوستانلىق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىپايان قۇملۇق، ئۇنىڭ ئۈستىنى يېپىپ تۇرغان ئاسمان گۈمبىزى...
    مانا بۇلار ئۇلارنىڭ دۇنياسى ئىدى.

    400
    يىلدىن بۇيان، دۇنيادا تالاي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.
    ئىنسانىيەت يېڭى دېڭىز مەدەنىيىتى يارىتىپ، سانائەت دەۋرىگە كىرىپ كەلدى،
    ئامېرىكا قىتئەسى بايقالدى.
    مۇستەملىكچىلىك دەۋرى ئاخىرلىشىپ، شەرقتىكى كۆپلىگەن ئەللەردە مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرى غەلىبە قىلدى.
    ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىدى،
    ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بەردى،
    ئىنسانىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاي شارىغا چىقتى...

    ۋاھالەنكى، تەكلىماكاندىكى بۇ تەنھا ئارالدا ياشاپ كەلگەن ئاشۇ كىشىلەر يۇقىرىقى ۋەقەلەرنىڭ ھېچقايىسىنى ئۇقمايتتى.
    ئۇلار ھەتتا ئۆز ئەتراپىدىكى تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدە نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان  قانچىلىغان قىسمەتلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، بىرقانچىلىغان ھۆكۈمرانلارنىڭ تەختكە چىقىپ، يەنە بىر قانچىلىرىنىڭ غۇلىغانلىقىنى، ماخۇسەن ئەسكەرلىرىنىڭ خوتەندىكى زورلۇق-زومبۇللۇقلىرىنى، يەر ئىسلاھاتى، كوپراتىسىيىلەشتۈرۈش، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى...دېگەن ناملاردىكى دەبدەبىلىك سىياسىي شوئارلارنى ئۇقمايتتى...

    ئۇلار -تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن ئاشۇ ئاقكۆڭۈل كىشىلەر تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىدىكى خىلۋەت بوستانلىقتا يېقىنقى زاماننىڭ 400 يىلنى ئەنە شۇنداق ئۆتكۈزگەنىدى.
    ئۇلار ئىچكى ئاسىيانىڭ تارىم ئويمانلىقىغا دۈملەنگەن تىندۇرما مەدەنىيىتىنى ئۆز رېتىمى بىلەن ساقلاپ كەلگەنىدى.
    بوستانلىق خەلقلىرىنىڭ، تېخىمۇ توغرىسى خوتەن خەلقىنىڭ 400 يىلدىن بۇرۇنقى ئۆرپ-ئادەتلىرى ،ئەقىدە-ئۇدۇملىرى ۋە گۈزەل ئەخلاقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنىدى.
    ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا، روھى دۇنياسىدا زامانىۋى جەمئىيەتتىن ئەبەدىي تاپقىلى بولمايدىغان گۈزەل نەرسىلەر بار ئىدى.
    ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا يىراق ئۆتمۈشكە تۇتۇشۇپ كەتكەن بىر چۇڭقۇرلۇق، تىنىق ساماغا تاراپ كەتكەن بىر پاكلىق ھەمدە ھايات گۈزەللىكى بىلەن جىپىسلىشىپ كەتكەن ساپلىق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
    ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئىجتىمائىي بىرلىكى، دىنىي قارىشى، تىل ئالاھىدىلىكى پىسخىك دۇنياسى قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنىڭ تېخى تامامەن ئۆزگىرىپ كەتمىگەن ئوتتۇرا ئەسىر ھالىتىگە ۋەكىللىك قىلاتتى.
    بۇ يەردىن ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل روھ ئەۋرىشكىلىرىنى تاپقىلى بولاتتى.

    قىسقىسى، بۇ جاي تەكلىماكاندىكى تەبىئىي فولكور مۇزېي ئىدى.
    بۇ يەرگە ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يالتىراقلىرىمۇ، بازار ئىگىلىكىنىڭ پايدا ۋە مەنپەئەتنى قوغلىشىدىغان چۇقان-سۈرەنلىرىمۇ، بۈگۈنكى ئادەملەرنىڭ زىددىيەتكە، رىقابەتكە تولغان سوغۇق مۇناسىۋەتلىرىمۇ يېتىپ بارمىغانىدى.
    ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىلۋەت جەننىتىدە تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ 400 يىل پىنھان ياشىغانىدى.
    ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ ئارىلىدا تۇرۇپ پۈتۈن دۇنيانى ۋە ئىنسانلارنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش دەپ تەسەۋۇر قىلغانىدى.
    دۇنيانىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ياتلىشىپ كەتكەنلىكىنى خىياللىرىغىمۇ كەلتۈرمىگە


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.