ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-07

    ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھېكمەتلىرى - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40621620.html


    1
    ھەسەت - بۇ تارىختىن بېرى نەتىجە قازانغۇچىلارغا قەبىھ قەلىب ئىگىللىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن << تۆھمەت خاراكتىرلىك ئىقرار >> دىن ئىبارەت .  

    2  

    ھەسەتخۇرنىڭ قولىدىن دوزاخ ، تىلىدىن قىيامەت ئاپېرىدە بولىدۇ .  

    3  

    ھەسەت ئانچە كۆڭىل قۇيۇپ كەتكۈدەك نەرسە ئەمەس . جامائەت بۇ خۇنىك ئىللەتنى چۈشەنگەندە ، ئۇ لەنەتكە مەھكۇم بولىدۇ .  

    4  

    سۈيقەسىت ، پىتنە - ئىغىۋاگەرچىلىك ، تىل بىرىكتۈرىۋېلىش ، پارىخۇرلۇق ، خۇشامەتچىلىك قاتارلىقلار كىشىلەر ئارسىدىكى مۇناسىۋەت گۈزەللىكىنى بۇلغايدۇ . ئۇ ئەخلاقىي چۈشكىنلىكنىڭ ھەرخىل مۇناسىۋەتتىكى ئىپادىللىرىدىن ئىبارەت .  

    5  

    سەنئەت كارلارنىڭ ، يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى يۇقۇلاڭ باھالاش ، ئارقىلىق پىتنە قوزغاش ، ئۇنى باشقىلارغا يامان كۇرسىتىشكە ئۇرۇنۇش ، سەۋيەسى تۈۋەن ئىچى قۇتۇر يارىماس قەلەم ساھىبىللىرىنىڭ ئىشى ...  

    6  

    كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خاراپلىشىشى ئاپپاق خۇجا ۋە ئۇنىڭ ئىت - غالچىللىرىنىڭ ھەسەتخۇرلىقى ، پىتنە - ئىغۋالىرى ۋە تۆھمەتلىرىدىن بۇلغان . بۇ چېكىدىن ئاشقان بۇزغۇنچىلىقنىڭ تۈپ يىلتىزى - ھەسەت .  

    7  

    ھەسەت ۋە ھەسەت گۇرۇھۋازلىق مىللەتنى نابۇت قىلىدۇ .  

    8  

    ھەسەتخۇرلۇق - نامەرىت ، كۆڭلى قارا ، خيانەتكار روھ ، ھەسەت بىلەن ۋىجدان بىللە بىر قەلىپتە ياشىيالمايدۇ .  

    9  

    قارىسىغا سۆزلەش ، باشقىلارنىڭ ئىغۋالىرى ، قەسەملىرىگە ئىشىنىپ جىنايەت يۇلىغا مېڭىش ، تەلۋە - ئەسەبىيلىككە يۈزلىنىش ، قاپقانغا چۈشىپ قېلىشلار تەنتەكلىكنىڭ ئالاماتى .  



    10  

    شۆھرەتپەرەسلىك بىرخىل ھاماقەتلىك ...!  

    11  

    قارا نىيەتلىك ۋە قۇلى يەتمەسلىك ھەسەتخۇرلۇقنىڭ باشلىنىشىدىن ئىبارەت .  

    12  

    بىلىمنى قەلبى كۇرسى ۋە كامالەت كۇرسىغا يەتكۈزمىگەن << ئۆلىما - زىيالىي >> ئۆز مىللىتىدىن ھەقىقىي تەپەككۇر ۋە بىلىم ئىگىللىرىنىڭ چىقىشىنى كۆرەلمەدۇ .  

    13  

    ھەم قۇلى قىسقا ناقابىل ھەم قارا نىيەت ھەم غەيۋەتخۇر بولۇش بىرخىل زىدىيەتچىل روھىي كىسەللىك بولۇپ ، ئىبلىس تەسۋىرىگە ئۇخشايدۇ .  

    14  

    پىتنە تۇغدۇرۇپ ، تۆھمەت قىلىش يولى بىلەن سېسىتقۇچىلارنىڭ مۇقەرەرر سېسىپ كېتىشى بۇ بىر ھەقىقەت . مانا بۇ تارىخنىڭ نۇرانە يۆلىنىشى . ئەگەر ئۇنداق بۇلمىغاندا تەڭرىمۇ بۇلمىغان ، ئىستىقبالمۇ بۇلمىغان ، ئىشەنىچ ۋە ئالىي ھىممەتمۇ بۇلمىغان بولار ئىدى .  

    15  

    ھەسەتخۇرلۇق شۇنداق كىسەلكى ، بىرىنچىدىن ، ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ ؛ ئىككىنچىدىن ، يۇقتۇرىۋالغان كىشىلەرنى ھااك قىلىدۇ ؛ ئۈچۈنچىدىن ، مىلەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ، روھىي ئۇيۇشتۇرغۇچى ئاقىل كىشىلەرنىڭ ئابروي نۇۇپۇزىنى داۋاملىق قىرقىپ ، مىلەتنىڭ ھالاك بۇلۇش جەريانىنى تېزلەشتۈرىدۇ ...  

    16  

    ھەسەتخۇرنىڭ تەپەككۇرى ، ھىسىياتى ، تىلى ، قەلبى خۇنىكلىك بىلەن تۇلغاچقا ، تىنىقى ۋە يۈرەك سۇقۇشى ھەمىشە ھەسەت زەھىرى ، بوھتان ئوتى ۋە قۇرقۇش تەشۋىشىدە تۇرۇدۇ ، ئۇنىڭ روھىي كىسەللىكى جىسمانىي ئاجىزلىقىنى كەلتۈرىپ چىقىرىدۇ . ھەسەتخۇرلۇقنى يۇقتۇرىۋالغان كىشى ئۆزىگە << جەڭگاھ >> ئېچىۋالغان يەنە بىر ھەسەتخۇرلۇق .  

    17  

    ھەسەتخۇرلۇق تەرىپىدىن چىرمىۋېلىنغان مىللەت گەرچە تىل بىرلىكى بىللەن بىرلىشىپ تۇرسىمۇ ، قەلبى پارچىلانغان مىلەتتىن ئىبارەت  

    18  

    قەلەم ئەھلىنىڭ شان - شەرىپى ، مەرىتلىكى ۋە ئەركەكلىكى ھەسەتخۇرلىقتىن مۇتلەق خالىي بۇلۇشتا .  

    19  

    مىللەتنىڭ روناق تېپىشى ، ھەتتا رىقابەتچان دۇنيادا ساقلىنىپ تۇرىشى ئۈچۈن ئىلىم - پەن بىلەن نادانلىقنى تازلاش ، ئىتىپاقلىق ، ئىناقلىق ، ھەمجەھەتلىك بىلەن ھەسەتخۇرلۇقنى تازلاشتىن باشقا يول يۇق ! بۇ جەھەتتىن ھەسەتخۇرلۇق مىلەتنىڭ تەقتىرىگە ئالاقىدار چوڭ مەسىلە .  

    20  

    ھەسەتخۇر باشقىلارنىڭ سۈرىتىنى تامغا ئېسىپ قۇيۇپ ، ئۇنىڭ بەدىنىگە چاڭگال سېلىپ ، گۆشىنى تىتىپ يىگەندەك خىيالى كۆرىنىشتىن ئۆز - ئۆزىنى بەزلەپ ، ئەمەلدە ھەر دەقىقە ئۆز - ئۆزىگە چاڭگال سېلىپ ، ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگۈچىدۇر .


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.