ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-07

    ئابدۈشۈكۈرمۇھەممەدئىمىن كىم؟ - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40621205.html


         
      مەشھۇر ئالىم تالانتلىق ئەدىب،تۆھپىكار مائارىپچى ئابدۈشۈكۈرمۇھەممەد ئىمىن1933-يىلى --9ئاينىڭ 28-كۈنى ئاتۇشتا تۇغۇلغان.باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۈرۈمچى،قەشقەرلەردە ئۇقۇغان.1950-يىل ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىۇتىنىڭ بىئو-خىمىيە فاكولتىېتىغا ئۇقۇشقا قۇبۇل قىلىنغان.1952-يىلى ئۇقۇشنى پۈتتۈرۈپ،مەكتەپنىڭ ئۆزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان.1953-يىلى شىئەندىكى غەربى شىمال ئونۋىرسىتىسىنىڭ ماركىزىزىم ئاسپىرانتورىيىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ،بىريىل چاممىسىدا بىلىم ئاشۇرغان.ئاسپىرانتوريىسىنى پۈتتۈرۈپ ئانا مەكتىپىگە كەلگەندىن كىيىن ماركىسزىم كافېدارسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.1955-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى جۇڭگو مىقياسىدا كۆتۈرۈلگەن ئەسەبى سىياسى قۇيۇن بۇياش ئالىمنىڭ بىشىغا تۈگىمەس كۈلپەتلەرنى ۋە ئۇنتۇلماس خورلۇقلارنى سالغان.تارىخ ھاسىراپ-ھۆمىدەپ ئېغىر تىنىۋاتقان،ئىجتىمائىي ئەنسىزلىك،سىياسي سولچىلىق ۋابادەك يامراپ كىتىۋاتقان ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغان سىياسى ھەركەتلەر شەخىسنىڭ قىممىتىنى ئەرزىمەس نەرسىگە،كىشىلەر تەغدىرىنى ئۇيۇنچۇققا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇۋاتقان ئاشۇ يىللاردا ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ھەقىقي قەلەمكەشكە خاس ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۈگەنگەن ۋە ئىجاد قىلغان.1978-يىل باشلانغان ئىدىيە ئازادلىق دولقۇنىغىچە بولغان 20 يىل ئىچىدە ئىزدىنىش ۋە ئىجاد قىلىش روھى كۈشلۈك نەچچە ئون خاتىرە دەپتەرگە تارىخ،مەدەنىيەت تەتقىقاتى،شىئىريەت دراما ۋە نەسىر ئىجادىيتىگە ئائىت كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان.
      
    ئوقۇش مۇنبىرىدىن ،ئىلمى تەتقىقات ساھەسىدىن توپتوغرا 20يىل ئايرىۋىتىلگەن بۇ ئالىم 45 ياشقا تولغاندا ئوقۇتۇش مۇنبىرىگە قايتا چىقىپ دەرىس ئۈتۈش،ئىلمى تەتقىقات،بەدەئى ئىجادىيەت ئىشلىرىنى ئاشكارە ئىلىپ بىرىش بەختىگە مۇيەسسەر بولغان.
       1980-
    يىلى ئۇ ئەدەبىيات فاكۇلتىېتىغا يۆتكىلىپ (ئېستېتىكا )دەرىسىنى تەسىس قىلىپ ئۆتۈشكە كىرىشكەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ كىتاب ،ماقالە روبائىي ۋە شېئىر -غەزەللىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ زىيالىيلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارسىدا ..ئابدۈش كۈر مۇھەممەدئىمىن قىزغىنلىقى..نى قوزغىغان.1983-يىل ئۇ ئايالى رەنا مەخسۇت بىلەن بىرگە ئاتا-ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سابىق سوۋىت ئىتپاقىنىڭ ئۇتتۇرا ئاسىيا رايونىغا چىقىپ 8ئاي ساياھەتتە بولغان.1986-يىل ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇپ  ئوتتۇرائەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ  يىتۈك قامۇسى-<< قۇتادغۇ بىلىك>>  دىگەن تېمىدا لىكسىيە سۆزلىگەن.
    1988-1991
    يىللار ئارلىقىدا ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەدئىمننىڭ دۇنيا قارىشىغا ،قىممەت قارىشىغا ،خىزمىتىگە ،تۇرمۇشىغا، كىشىلىك مۇناسىۋىتىگە داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن بىرقاتار چوڭ كىچىك ئىشلار يۈز بەردى.ئۇ بۇ جەرياندا گاڭگىرىدى،تىڭېرقىدى،ئويلاندى،ئىزدەندى.ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىنىڭ بىر قۇرغاقچىلىقىنى ھېس قىلدى،كىرزىس تۇيغۇسى ئۇنى چىرمىۋالدى.1993-يىل 60ياشقا تولغان مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ مەنىۋى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ مەنىۋى مۇساپىلىرى ۋە ئىلمى تەتقىقات ھاياتىنى سەمىمى رەۋىشتە خۇلاسىلاپ يازغان  (ئۆمۈر تەلقىنلىرى)ناملىق ئېسىل ماقالىسىدە كۆرسەتكىنىدەك (بىر چاغلاردا تۇتىيا بىلىپ قاتتىق چاڭگاللىۋالغان نەرسىللىرىنى پىرقىرتىپ تاشلاشقا ،پىداكارلىق قىلغان ئەقىدىللىرىدىن قاقاقلاپ كۈلۈشكە )باشلىدى.
    ئابدۈشۈكۈرمۇھەممەدئىمىن قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ يىراق ئۆتمۈشتىن بۇيانقى بارلىق مەدەنىيەت  مۇۋۋەپپىقىيەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيتى ،جۈملىدىن تۈركى مىللەتلەر مەدەنىيتى تارىخىدا تۇتقان نەمۇنىلىك ،يادىرولۇق ئورنىنى ھەم يىتەكچىلىك رولىنى ،شۇنىڭدەك ئۇنىڭ شەرىق ۋە غەرب مەدەنىيتىنىڭ تەرەقىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئەمەلي پاكىت ۋە نەزەرىيۋى ئاساسلار بىلەن يورۇتۇپ بىرىشنى ئۆزتەتقىقاتىنىڭ ئاساسى نىشانى ۋە تۈپ ۋەزىپىسى قىلدى.
    ئۇنىڭ بۇجەھەتتىكى تەتقىقاتىنىڭ چىتىلىش دائىرىسى تۇلىمۇ كەڭ،مەزمۇنى ناھايىتى مول بۇلۇپ دىن،پەلسەپە،تارىخ،ئەدەبىيات،مۇقام،سەنئەت،ئېستېتىكا،فولىكلور،مائارىپ،تېبابەت،تىل،ئارخېئولوگىيە قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك ساھەلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان.بۇنداق قۇرلۇش خارەكتېرلىق زور ئەمگەك ئۇنىڭ پۈتكۈل ئۆمۈر مۇساپىسىنىڭ تىنىم تاپماي،ئۆگىنىش ،ئىزدىنىش،پىكىر قىلىش،سېلىتۇرۇش،تەتقىق قىلىش،يىزىش ھالىتىدە تۇرۇشنى تەلەپ قىلاتتى.
      
    ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ شۇنداق ياشىدى ھەم شۇنداق ئۆزگىچە خىسلىتىنى شەكىللەندۈردى.ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىدىكى  كۈچلۈك خارەكتىرى ،ھاردىم-تالدىم دىمەي ئىزدىنىش روھى  مۇستەققىل مۇلاھىزىگە يېڭىچە يەكۈنگە ئىگە تەتقىقاتلىرى ھىكمەتكە ،ھىسسىياتقا باي بەدىئىي ئىجادىيەتلىرى ئۇنى ئۆز مىللي تۈركۈمى ئىچىدىكى زامانداشلىرىنىڭكىدىن سان ۋە سۈپەت جەھەتتە  كۆپ ئارتۇق بولغان زور بىر تۈركۈم ئەسەرنى يارىتىش ئىمكانىيتىگە ۋە (ئىزچى)يول ئاچقۇچى ئالىم بۇلۇش سالاھىتىگە ئىگە قىلدى.
      
    بۈگۈنگىچە ئالىمنىڭ (ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى)،(ئۇيغۇر مۇقام غەزىنىسى)،(غەربى يۇرىت تاشكىمىر سەنئىتى)،(فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستىمىسى)،(قۇتادغۇبىلىك غەزىنىسى)،(قاتلاملىق ئېستېتىكا)،(ئۇمۇمى ئېستېتىكا)،(ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ھەققىدە)،(شىنجاڭنڭ تاڭ دەۋىرىدىكى ناخشا ئۇسۇل سەنئىتى)،(يىپەك يۇلىدىكى 9ھىكمەت)،(ئۇيغۇرلاردا ئىسلام دىنى مەدەنىيتى)،(ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ھېكمەتلىرى)،(رۇبائىيات1-2)،(چوغلۇق)،(سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى)،(قارلىق تاغ شەھەرىسى)،(قەدىمقى مەركىزىي ئاسىيا)،قاتارلىق 18پارچە كىتابى نەشىر قىلىندى.
    ئالىم تۇران تارىخى ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ بىرىنجى بۆلۈمى بىلەن ئىككىنچى بۆلۈمنى ئىلگىرى مەدەنىيەت زورئىنقىلابىدا تۈرمە ھاياتىدا يىزىپ چىققان.ھەم قەدىمقى مەركىزى ئاسىيا دەپ نام قويغان.1994-يىلى كۈزدىن باشلاپ ئالتە توملۇق كىتاپ قىلىپ يىزىشنى پىلانلىغان ھەمدە بىرىنچى بۆلۈم بىلەن ئىككىنچى بۆلۈمنى قايتا تۈزۈتۈپ  تۇلۇقلاپ تاماملىغان.بۇ ئىككى بۆلۈمنى بىرىنجى توم قىلىپ تۈكەللىگەن.ئىككىنچى تومنى يىزىشقا كىرىشىپ ئۈچۈنچى بۆلۈمنىڭ ئىككىنچى بابىنىڭ بىرىنچى ماۋزۇسىنى ئورگىنالدا 70 بەت يىزىپ بولغاندا يىزىقچىلىق ئۈستىلى ئۈستىدە1995-يىلى 2ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كىين سائەت 5لەردە زىققا كىسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ ھەتتا جۈملىسىنىمۇ ئاخىرلاشتۇرالماي بىز بىلەن ۋىدالاشتى.100يىلدىمۇ بىر تۇغۇلمايدىغان بۇ ئالىم ئەگەر بىر گىرمان ،ياپۇن،ياكى ئامرىكا ،ۋەياكى ياۋرۇپالىق بولسا ئىدى ،ئېگىز -ئېگىز تاش مۇنارلىرى تىكلىنىپ پۈتۈن خەلق قايغۇ بىلەن ئۇزۇتار ئىدى.ئەپسۇس ئالىمىمىز يەككە يىگانە بىز بىلەن ۋىدالاشتى.
    ئەگەر غەيرى زوراۋان كۈچلەر تەرپىدىن تۈپتىن بورمىلانغان تارىخنى ئۆزتارىخىم دەپ قاراشقا مۇپتىلا بولغۇچىلار توغرسىدا سۆزقىلىشقا توغرا كەلگەندە،ئىيتىش مۇمكىنكى ئۇكەلگۈسىدە تارىخ يارىتىش ئىستىقبالىدىن مەھرۇم بولغان ۋە بىھۇشلۇق ئۇيقۇسىدا ياتقان مىللەتنىڭ پاجىئەسىدۇ.
    <<
    پەخىرلىنىش تۇيغۇسى يوق مىللەتنىڭ نۇمۇس تۇيغۇسى بولمايدۇ>>.   ئابدۈشۈكۈرمۇھەممەدئىمىن ئەقىليە سۆزلىرى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.