ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-23

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئېرقى ئالاھىدىلىگى توغرىسىدا - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39784268.html

       ئېلىمىز ئالىملىرىدىن رېن يىفېي بىلەن دوكتور ياسىن ھوشۇر: <دۆلەت ئىچى -  سىرتىدىكى ئىنسانشۇناس  ئالىملارنىڭ تەتقىقاتى شۇنى كۆرسەتتىكى، ئۇيغۇر مىللىتى ئىرقىي ئالاھىدىلىك جەھەتتە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ  تىپقا ئىگە:

      بىرىنچى، يەركەن دەرياسى بويلىرىدىكى مارالۋېشى، خوتەن ھەم تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ  جەنۇبىي  گىرۋەكلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردا ياۋروپا ئىرقىنىڭ پامىر - پەرغانە تىپى )ئوتتۇرا ئاسىيا ئىككى دەريا تىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ> گەۋدىلىك.

       ئىككىنچى، دولانلىقلار، كەلپىن، ئاقسۇ ۋە پەيزىۋات قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا جەنۇبىي  سىبىرىيە ئىرقى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

       ئۈچىنچى، يەنە بىر قىسىم ئادەملەر ياۋروپا  ئىرقىنىڭ ئۇزۇن - ئوتتۇرا باشلىقلار تىپىنى تەشكىل قىلىدىغان ئوتتۇرا دېڭىز ئىرقى گۇرۇھىنىڭ ھىندى - ئافغان ئىرقى تىپىغا كىرىدۇ> ياسىن ھوشۇر، رېن يېفېي: <ئۇيغۇر مىللىتى>، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1997 - يىلى خەنزۇچە نەشرى، 10 - بەت.دەپ يازىدۇ. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارمۇ ياۋروپادىن كەلگەنمۇ؟

       ئەمەلىيەتتە مەيلى ياۋروپا ئىرقى دەپ ئاتالغان بولسۇن ياكى ئارىيان ئىرقى  دېيىلگەن بولسۇن، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ياۋروپادىن كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەيدۇ، ئىرق — ئۇ بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىك بولۇپ، ھەرگىزمۇ بىرەر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، بىر مىللەت بىرلا ئىرققا تەۋە بولۇشىمۇ، شۇ مىللەت ئاھالىلىرى بىر قانچە ئىرقنىڭ ئالاھىدىلىكىنى  سىڭدۈرگەن بولۇشىمۇ،  جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە كىلىماتنىڭ تەسىرىدە مەلۇم ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشىمۇ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا نىكاھلىنىپ تەبىئىي  تەرەققىي  قىلىشى نەتىجىسىدە ئىرقىي  جەھەتتىن مەلۇم ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىرقىي  تىپى ياۋروپا ئىرقىغا تەۋە بولسىمۇ، ئۇلار ئەزەلدىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاپ كەلگەن بولۇپ، يەرلىك قەدىمىي ئاھالە، شۇنداقلا تارىم ۋادىسىنىڭ تۈپ ئاھالىسى. مىلادىيىنىڭ  بېشىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپاغا كۆچكەنلىكى ھەققىدە يازما پاكىتلار بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكى ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ  ئەزەلدىن ياۋروپالىق بولۇپ كېيىن شىنجاڭغا، جۈملىدىن تارىم ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت يوق. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي  مەسىلىسىدە ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئورنى ئىممۇنىتېت  ئىرسىيەت تەجرىبىخانىسىدىكى جاۋا توماۋ ئەپەندى ئىلمىي ماقالىسىدە غەربىي  شىمالدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىرسىي گېنىنى ئانالىز قىلىش ۋە ھېسابلاش ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ئىرقىي تۈر جەھەتتە موڭغۇل ئىرقى بىلەن كاۋكاز ئىرقىنىڭ ياۋروپا ئىرقى - ئەرك قوشۇلمىسىدىن كەلگەن دېگەن يەكۈنگە ئېرىشكەن.

    ماتىرىيالدىن


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.