ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-21

    ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەشنىڭ داۋامى.... - [ئەدەبى ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39671653.html

    2-                3-   لېنتا
    پروفېسسورنىڭ ئېلاۋىسى: بۇ لېنتىدا سۆزلەۋاتقىنى ھۆرىيەت مۇھەممەد، شىنجاڭ ناخشا- ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇلچىسى، بۇ ئىلگىرىلىمەي، بىر ئىزىدا دەسسەپ تۇرۇشنى خالىمايدۇ، غەيرەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىدۇ.
    -
    شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى، لېكىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدىن بۇيان بىزنىڭ ناخشا ئۇسسۇلىمىز روناق تاپالمىدى، يېڭى سەنئەت نومۇرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرەلمەي، كونا سەنئەت نومۇرلىرىمىز ئاممىنى جەلپ قىلالماي كېلىۋاتىدۇ. پارتىيىمىزنىڭ 13- قۇرۇلتىيى جەريانىدا، تىبەتنىڭ ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى بېيجىڭدا ئويۇن قويۇپ ياخشى باھا ئاپتۇ، مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىسمائىل ئەمەت 7- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقاندا، شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى بېيجىڭدا ئويۇن قويۇپ بەرسۇنمىكىن دېگەن نىيەتكە كەلگەنىكەن، لېكىن سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈپ، غەيرىيرەك بىر نەرسە بولمىغاچقا، ئۇ پىكرىدىن كېچىپتۇ. بۇ ئەھۋاللار بىزدەك كەسىپداشلارنى تولىمۇ بىئارام قىلماقتا. يېقىندا ئەنۋەر توختى شىنجاڭ گېزىتى دە ماقالە ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇسسۇل سەنئىتىنى كونا ئىزىدا توختىتىپ قويمايلى، راۋاجلاندۇرايلى، يېڭىلىق يارىتايلى، دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى. دېمەك، بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكى گەپنى قىلدى. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان باشقا ئەللەرنىڭ سىنئالغۇغا ئېلىنغان بىر مۇنچە ئۇسسۇللىرىنى كۆردۈم. ئۇلار تەرەققىي قىلدۇرۇپتۇ، زامانىۋى ئۇسسۇللارنى ئۆزلەشتۈرۈپتۇ، ھىندىلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۇسسۇللىرىنى دىسكو بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈنلەي ھىندىلاشتۇرۇلغان دىسكونى ئىجاد قىلىپتۇ. كىشىنى ئاجايىپ مەھلىيا قىلىدىكەن! بىز زامانىۋى ئۇسسۇلدىن ئۆزىمىزگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى قوبۇل قىلساق نېمىشقا بولمايدىكەن.
    قىزىم دىلنار ئابدۇللا مەركىزىي مىللەتلەر شۆيۈەنىنىڭ سەنئەت فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئۇنىڭ ئوقۇغىنىمۇ ئۇسسۇل. ئۇ، 1985- يىلى يىپەك يولى ئۇسسۇل كېچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنىپ، ياپونىيىگە بارغان. شۇ ئۇسسۇل كېچىلىكىگە ساھىبخاندىن باشقا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ، تۈركىيىنىڭ ئۇسسۇلچىلىرىمۇ قاتناشقانىكەن. قىزىم ئۇسسۇلدا ئالقىشقا سازاۋەر بوپتۇ، ياپونىيىنىڭ ئۇسسۇل مۇتەخەسسىسلىرى قىزىمغا: سىلەر ئۇيغۇرلار تولىمۇ گۈزەل كېلىدىكەنسىلەر، ئۇسسۇلىڭلارمۇ ناھايىتى چىرايلىق ئىكەن، لېكىن يېڭى مەزمۇن كەم ئىكەن، دەپتۇ. چەت ئەللەرنىڭ ئۇسسۇل سەھنىلىرى دىلنارنىڭ كۆزىنى ئېچىپتۇ، ياپون دوستلارنىڭ باھاسى ئۇنىڭغا ياراپتۇ، ئۇ ھەر ھالدا تېخى ياش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇسسۇلى ھەققىدە بىلىدىغانلىرى ئاز، ئەنئەنىنى ئوبدان بىلمىسە، يېڭىلىق يارىتىشمۇ مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ئۇ، دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەردىن ئۆگىنىش لازىملىقىنى چۈشىنىدۇ، ئۇ ياپونىيىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن ئۆبېكچە ئۇسسۇل ئۆگىنىپتۇ، ياپونلارنىڭ، تۈركلەرنىڭ ئۇسسۇللىرىنىمۇ ئۆگىنىپتۇ، كېيىن كاناداغا بارغاندا تاق- تاق ئۇسسۇلىنى، جار ئۇسسۇلىنى، زامانىۋى دىسكونى ئۆگىنىۋاپتۇ. نۇرغۇن يېڭى نەرسىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈۋاپتۇ. شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دوكلات بېرىش يۈزىسىدىن بىر قېتىم كونسېرت قويۇپ بېرەي، چەت ئەلدىن ئۆگىنىپ كەلگەن نەرسىلىرىمنى ئويناپ بېرەي، شىنجاڭدىكى كەسىپداشلىرىمنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا ئاز بولسىمۇ ئىلھام بولۇپ قالسۇن، دەپ قايتا- قايتا تەلەپ قىلسا، مەسئۇل ئورۇنلار رۇخسەت قىلمىدى، دىلنار ئىلاج قىلالماي، قەمبەرخانىمنىڭ ئالدىغا باردى، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى. ئۇ، دىلنارنىڭ ئۇسسۇللىرىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلىنىپتۇ، قىزىمنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ: ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ ھاياتى سىلەر بىر ئەۋلادقا قاراشلىق! دەپتۇ.
    پروفېسسورنىڭ ئېلاۋىسى: قەمبەر خانىمنىڭ ئاتا- ئانىسى خېلى بۇرۇنلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياسىغا بېرىپ شۇ يەردە تۇرۇپ قالغان، قەمبەرخانىم 13 يېشىدا تاشكەنتتە ئۇسسۇل مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇغان، كېيىن قىزىل بايراق ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىگە كىرىپ ئۇسسۇل ئۆگەنگەن، يەنە بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، موسكۋاغا بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن، ئۇ بالتنىمۇ ئۆگەنگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى بالت ئۇسسۇلىدا دۇنياغا مەشھۇر. قەمبەرخانىم ئۇلانوۋانىڭ بالت ئۇسسۇلىنى بىر قانچە قېتىم كۆرگەن، موسكۋا سەھنىلىرىدە ياۋروپانىڭ ئېسىل ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرىنىمۇ كۆرگەن، ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ. 1942- يىلى شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆز مەشغۇلاتىنى ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلنى ئۆگىنىشتىن باشلاپ، بارا- بارا ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلنى راۋاجلاندۇرغان. ئۇ، ئۇسسۇلنى خۇددى ھاۋادا بۇلۇت ئۈزگەندەك، دەريادا سۇ ئاققاندەك، تەبىئىي، ئەركىن ئوينايدۇ، ئوينىغان ئۇسسۇللىرىدىن خۇددى شائىرنىڭ شېئىرىدەك چوڭقۇر مەنە چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇ باشقىلارنىڭكىنى كەڭ قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن يۈكسەك دەرىجىگە يەتكۈزەلىگەن. ئۇ، ياشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇسسۇل سەنئىتى ئىزىنى بېسىپ ماڭغانلىقىنى كۆرسە ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ.
    -
    قەمبەر خانىم مېنىڭ قىزىمنىڭ دوكلات يۈزىسىدىن ئويۇن قويۇپ بېرىشىنى ناھايىتى قىزغىن قوللاپ، ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپىنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئەۋەتىپ سۆزلىشىپتۇ. بىر قېتىمدا ھەل بولماپتۇ، يەنە بىر قېتىم سۆزلەشسىمۇ ھەل بولماپتۇ. قەمبەر خانىم چىقىمنى ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى چىقارسۇن دېسىمۇ بولماپتۇ. ئاخىرىدا ھېلىقى ئورۇننىڭ ئادىمى: دىلنار بىزنىڭ قول ئاستىمىزدىكى ئادەم تۇرسا، سىلەر بىزدىن بىسوراق شۇنچە چات كېرىۋالامسىلەر؟ دەپتۇ. ئۇلارنىڭ ئويۇن قويدۇرماسلىقىدىكى سەۋەب مەركەزنىڭ يەككە ئادەملەر ئۆز ئالدىغا ئويۇن قويسا بولمايدۇ، دېگەن ھۆججىتى بولغانلىقتىنمىش، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر نەچچە يىل بىكار كەتتى. بىر تۆمەن يىل بەك ئۇزاق، چىڭ تۇتۇپ ھازىرقى پەيتنى تۇتقۇلۇق دېگەن گەپ بار. بۇ تولىمۇ چىرايلىق گەپ، لېكىن ۋاقىتنى ھەقىقىي قەدەىرلەيدىغان كىم بار؟ بۇ يىل ھۆددىگەرلىك يولغا قويۇلدى. مەن بۇنداق تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىككى قوللاپ ھىمايە قىلدىم. ناخشا ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ بىر مۇئاۋىن باشلىقى ماڭا مەدەت بەردى، بىر ئەترەتنى ھۆددىگە ئالدىم. بىزنىڭ پۇت- قولىمىزنى چۈشەپ قويۇدىغان نەرسىلەر قالمىدى. قىزىمنى بىر نەچچە يىل ئارماندا قالدۇرغان بىر كىشىلىك ناخشا- ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشكە بەل باغلىدىم. مېنىڭ 20 نەچچە يىللىق ھاياتىم سەھنىدە ئۆتتى، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە ئالاھىدە تۆھپە يارىتالمىدىم، ياشلارنىڭ بۆسۈپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. قىزىمنىڭ كامالەتكە يېتىشى ئۈچۈن شوتا بولۇپ بەرمەكچىمەن، ئۇ مېنىڭ يەلكەمنى ۋاخىنا قىلىپ دەسسەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىپ ئىلگىرىلىسۇن.
    ئويۇننى "ئىتتىپاق" تىياتىرىدا قويماقچى بولدۇق، ھەر كۈنى كەچ سائەت 4 تىن 10 غىچە قىزىمنىڭ رېپېتىتسىيىسىگە يېتەكچىلىك قىلىش، سازچىلارنى تەكلىپ قىلىش، سەھنە كىيىمى ۋە باشقا لازىملىقلارنى تەييارلاش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولدۇم. قىسقىسى، ئۇششاق- چۈششەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆزۈم چاپتىم، بىر نەچچە كۈنگىچە ئۆيدە قارام كۆرۈنمىدى، ئۆيگە ھېرىپ- ئېچىپ يېرىم كېچىلەردە قايتتىم.
    پروفېسسورنىڭ ئېلاۋىسى: ھۈرىيەت مۇھەممەتنىڭ يولدىشى مۇزىكانت ئىدى، ئالدىنقى يىلى ۋاپات بولدى، ھۈرىيەتنىڭ ئۆيىدە پارالىچ بولۇپ قالغان بىر ئىنىسى، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر ئوغلىمۇ بار. ئۇ مىللىتىمىزنىڭ ئۇسسۇل سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا چاپماقتا، ئۈندىمەكتە، پىداكارلىق كۆرسەتمەكتە. بۇ ئاسان گەپمۇ؟!
    -
    ئويۇن رەسمىي قويۇلىدىغان بولدى، بىز ئانا- بالا ئىككىمىز ناھايىتى جىددىيلەشتۇق، شۇنچە كۆپ داڭلىق سەنئەتچىلىرى بار ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى ئاممىنى جەلپ قىلالمايۋاتسا، يالغۇز بىر كىشىلىك ئۇسسۇل بىلەن جەلپ قىلغىلى بولارمۇ؟ بىز مەزمۇن جەھەتتىمۇ، شەكىل جەھەتتىمۇ يېڭىلاشقا تىرىشتۇق. ئەلۋەتتە، يېڭىدىن ئىجاد قىلدۇق دەپ ئېيتالمايمىز. مەن سەنئەت كېچىلىكىنىڭ سەنئەت يېتەكچىلىكىنى ئۈستۈمگە ئالدىم ، قىزىمغا ياردەمچى رولغىمۇ چىقىپ بەردىم، قىزىم سەككىز نومۇر ئۇسسۇل ئوينىدى، مودا ناخشىلارنىمۇ چېتىپ ئوقۇدى. ئاخىرى قانداق بولدى دېمەمسىز؟ كۈتۈلمىگەندە نەتىجە كېلىپ چىقتى؛ كۇلۇب تاماشىچىلار بىلەن لىق تولدى، بىر يۈەنلىك بېلەت بىرىنچى كۈنىلا قاراڭغۇ بازاردا 7.50 يۈەن، ئىككىنچى كۈنىمۇ 3.50 يۈەن بوپتۇ. ئىككىنچى كۈنى ئويۇن قويۇلۇۋاتقاندا ئۇشتۇمتۇتلا توك توختاپ قالدى، سەھنىنىمۇ، پۈتۈن كۇلۇبنىمۇ قاراڭغۇچىلىق قاپلىدى. لېكىن تاماشىچىلار تىپتىنچ ئولتۇردى، ئىلگىرىكىدەك ئىسقىرىتىدىغان، ۋارقىرايدىغان ئەھۋاللار بولمىدى. بىز سەھنىدە تۇرۇپ تەسىرلەنگەنلىكىمىزدىن يىغلىۋەتتۇق.
    سەنئەت كېچىلىكىدە بىزنى چوڭقۇر ئويلاندۇرۇدىغان بىر ھادىسە پەيدا بولدى؛ مودا ناخشىلارنىڭ ئاخىرىدا "شىنتيەنيۈ" دېگەن ناخشا ئوقۇلدى، ئۇ خەنزۇلارنىڭ كونا خەلق قوشىقى ئىدى، خەنزۇ ياشلىرى تولا ئاڭلاپ زېرىككەنىدى. كېيىن ئىسلاھات قىلىنغاندىن كېيىن يەنە شۇ" شىنتيەنيۈ" بولسىمۇ، لېكىن يېڭى پەدە بىلەن يېڭى ھېسسىيات ئىپادىلەنگەچكە خەنزۇلارغا ياقىدىغان بوپتىكەن، ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ ئۇنى ناھايىتى ياقتۇردى. قىزىم شۇ ناخشىنى ئوقۇغاندا پۈتۈن كۇلۇب دەۋرەپ كەتتى. ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن چاۋاك ئۈزۈنغىچە توختىمىدى. مۇشۇ ئەھۋالدىن قارىغاندا، مەيلى ناخشا بولدۇن، مەيلى ئۇسسۇلدا بولسۇن، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ھېس- تۇيغۇلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش زۆرۈر ئىكەن، ناخشا- ئۇسسۇلنىڭ ئىستىقبالى ئاممىنىڭ يېڭى ھېس- تۇيغۇلىرىنى يېڭىلىق يارىتىش روھىمىز بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىش- بېرەلمەسلىكىمىزگە باغلىق ئىكەن.
    شۇ سەنئەت كېچىلىكىگە قەمبەرخانىممۇ كالدى. ئۇ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا بالنىتسىدا يېتىپ، ئەمدىلا چىققانىكەن، ئويۇن تاماملانغاندا سەھنىگە چىقىپ، قىزىمنى قۇچاقلاپ، ھاياجان ئىچىدە كۆزلىرىگە ياش ئالدى، بىز ئانا- بالا ئىككىمىزمۇ ھاياجان بىلەن يىغلىۋەتتۇق. قەمبەرخانىم: "ئوبدان يېڭىلىق يارىتىڭلار، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈڭلار!" دېدى.
    ئېلاۋە: ھالقىسىمان يولنى تاشلاپ ئالغا ئۈندەش دېگەن ئەنە شۇ.

    3-                4-لېنتا
    پروفېسسورنىڭ ئېلاۋىسى: بۇ مەھەممەت باغراش، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان باش كۆتۈرۈۋاتقان ياش يازغۇچى، ئۇنىڭ تۇرمۇش، سەنئەت جەھەتتىكى نەزەر دائىرىسى خېلى كەڭ. بۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى مۇنداق: 1952- يىلى تۇغۇلغان، قارا شەھەرلىك، مۇسۇلمان... سەككىز يىللىق ئارتىسلىق، ئالتە يىل شوپۇرلۇق قىلغان، تىبەتكە ماشىنا ھەيدەپ بارغان... مەمىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق گېزىت- ژۇرناللاردا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 40 پارچىگە يېقىن ھېكايە، پوۋېست، نەسىر ۋە ئەدەبىي خەۋەرلىرى ئېلان قىلىنغان... ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.
    ‏‏‏- مەن يېزىشقا يېڭى كىرىشكەندە، ئۆز مىللىتىمىز ئىچىدىكى ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلارنىلا تەسۋىرلەپ يازاتتىم، يازغانلىرىم ئاسانلا مەتبۇئاتقا چىقاتتى. ئۆزۈممۇ ناھايىتى كېرىلىپ يۈرەتتىم، كېيىن ئىچكى ئۆلكىلەرگە بارغان چاغلىرىمدا بەزى خەنزۇ يازغۇچىلار بىلەن تونۇشتۇم، ئۇلارنىڭ ئېستېتىكا جەھەتتىكى ئارزۇلىرىنى ئۆزۈمنىڭكىگە سېلىشتۇرۇپ باقتىم. بىزنىڭ ئىنسانىي ھاياتقا ۋە جەمئىيەتكە بولغان نەزەرىمىز تېخىچە يۈزەكى قاتلامدىلا توختاپ قېلىقلىق بولۇپ، ئادەملەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا چوڭقۇرلاپ كىرىپ، ئادەملەرنىڭ روھىنى ئانالىز قىلالمايۋاتىمىز. يازغۇچى بەدىئىي ئوبرازنى ئۇپا- ئەڭلىك سۈرتۈپ پەردازلاش يولى بىلەن ئەمەس، تۇرمۇشتىن چەككىلەپ ئالغان جەۋھەر بىلەن يارىتىدۇ. تۆت كىشىلىك گۇرۇھ تەرغىپ قىلغان ئالدامچىلىق ئەدەبىياتى ئادەمنى سەگەكلەشتۈرۈدىغان دورا ئەمەس، بەلكى مەست- بىھۇش قىلىدىغان دورا. مەن ئۆز مىلىتىمگە قەلىمىم بىلەن بىھۇشلۇق دورىسىنى بەرمەيمەن.
    مېنىڭ چۈشەنچەم گېزىت مۇخبىرى سەۋىيىسىدىن يازغۇچى سەۋىيىسىگە كۆتۈرۈلگندە، ئۆزۈمگە، باشقىلارغا، مىللىتىمگە نىسبەتەن يېڭى قاراش پەيدا بولدى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئېسىل، چىرايلىق نەسىلىرىمىز بار ئىكەن، قالاق نەرسىلىرىمىزمۇ بار ئىكەن، ئەگەر ئۇلارغا توغرا قارىمىساق، قالاق نەرسىلىرىمىز يۈك بولۇپ، ئالغا چامداش قەدىمىمىزگە پۇتلىكاشاڭ بولىدىكەن. خەنزۇ يازغۇچىلارنىڭ ئىچىدىمۇ بىھۇش دورىسى بېرىدىغانلار بار ئىكەندۇق، لېكىن ئۇلار بارغانسېرى ئازىيىۋېتىپتۇ. تولىسى خەنزۇ مىللىتىنىڭ مەنىۋى ئىللەتلىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن پاش قىلالايدىغان بولۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇسىڭىز خۇددى يازغۇچىنىڭ قولىدا ئوپېراتسىيە قايچىلىرى شىرىلداپ كېسىۋاتقان بىر ئاۋازنى ئاڭلىغاندەك بولىسىز، بەدىنىڭىزگە تىترەك ئولىشىدۇ، تېنىڭىز جۇغۇلدايدۇ، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەتتا سوغۇق تەرگە چۆمۈلىسىز، بىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىمىزدە ئۇنداق ئەسەرلەر ناھايىتى ئاز. ھەر قانداق مىللەت مۇنداق ئىككى خىل شارائىتتا ئۆز پۇتىنى ئۆزى چۈشەپ قويىدۇ: بىرى، ياخشى- ياماننى، چىرايلىق- سەتنى ئايرىماي، ئۆزىنىڭ مىللىي نەرسىسىلا بولسا چىرايلىق، دەپ بېزەش بىلەنلا بولسا، باشقىلارنىڭ ئازغىنە پىكرىگىمۇ قۇلاق سالمىسا، ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتەرمىزمىكىن، دەپ ئەندىشە قىلىپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئوبدان نەرسىلىرىنى قوبۇل قىلمىسا؛ يەنە بىرى، ئۆز مىللىتىنىڭ بىر نېمىلىرىنى زادىلا ئېتىراپ قىلماي، ھەممىدە باشقىلارنى دورىسا. بىز ئۇيغۇرلاردا بۇ ھادىسىلەرنىڭ ھەر ئىككىسى بار، بولۇپمۇ ئالدىنقىسى تولىمۇ گەۋدىلىك. مەن بۇ پاكىتلارغا كۆز يۇمۇدىغان بولسام، يۇقىرى ئابرويلۇق پېشقەدەم يازغۇچىلار، پېشقەدەم شائىرلار ئاممىنىڭ چىشىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلالمىغان يەردە، مەندەك ئاق سويمىلارغا كىم قويۇپتۇ، ھەر مۇقامدا يورغىلاپ يۈرسەم، ئۆزۈمنى ئۆزۈم جاپاغا قالدۇرماسمەنمۇ، دەپ ئويلىنىپ ئولتۇرسام، يازغۇچىغا خاس ۋىجدانىمنى يوقاتقان بولىمەن، بىر خەنزۇ يازغۇچى ماڭا: مەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ مىللەتنىڭ توپچىلار قاتارىدىن چىقىرىپ تاشلىنىشىنى خالىمايمەن، دەپ ياخشى ئېيتقان. مەن ئۆز مىللىتىمگە نىسبەتەن شۇنداق پوزىتسىيىدە بولىمەن. شۇنداق! ئۆز يولۇمدا ماڭىمەن، قولۇمغا قەلەمنى ئېلىپ قالاق نەرسىلەر بىلەن تۇتۇشىمەن. مىللىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات زېمىنىغا يېڭى قان يەتكۈزۈپ بېرىمەن.
    ئىجتىمائىي ئادەت كۈچى كۈچلۈك بولىدىكەن. مەن ئەنە شۇنداق نىشانغا قاراپ يول ئالغىنىمدا، ئالدى بىلەن بەزى ياشانغانراق ئادەملەر تاپا- تەنە قىلدى، مېنى تەنقىدلىدى، ئەيىبلىدى، مېنىڭ "مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت" سەرلەۋھىلىك پوۋېستىم جۇڭگو غەربىي دىيار ئەدەبىياتى ناملىق خەنزۇچە ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ سەت يەرلىرىنى خەنزۇلارغا كۆرگەزمە قىلىپ بېرىپتۇ، دېگەنلەرمۇ بولدى. قاراڭ، بۇ گەپنىڭ چوڭلۇقىنى! ئادەم ئىجتىمائىيلىققا ئىگە مەخلۇق، ئادەملەر دېڭىزىدا تۇرۇقلۇقمۇ يىتىم قېلىش تولىمۇ ئازابلىق ئىكەن.
    ئېلاۋە: دۈشمەننىڭ قىلىچ، مىلتىقىدىن بولغان جاراھەت شەرەپلىك بولىدۇ، قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ تۇرسىمۇ، كۆكرەكنى كېرىپ، چىداشلىق بىلەن تۇرغىلى بولىدۇ.
    ئۆز ئادەملىرىنىڭ سوغۇق، پەس نەزەر بىلەن، مەسخىرە بىلەن قىلغان ئاستا خاراكتېرلىك ئازارلىرى يۈرىكىڭنى چاناپ، تىلىۋاتقاندەك ئازابلايدىكەن!
    - ئىچىم پۇشتى، تېڭىرقىدىم، گاڭگىرىدىم، ۋەزىيەت ئۆزۈم كېتىۋاتقان يول توغرىسىدا يېڭىباشتىن ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. خەنزۇ يازغۇچىلار خەنزۇلارنىڭ مەنىۋى ئەخلەتلىرىنى سۈپۈرۈپ چىقارغانىكەن، بۇ ئۇلارنىڭ كىمگە كۆرگەزمە قىلىپ بەرگىنى؟ كۆرگەزمە قىلىپ كىشىلەرنى ئويغاتسا، بۇنىڭ نېمە يامىنى بار؟ تېزىنى باسسا مېزى چىقىدۇ. مەن قەلىمىمنى تارلىق پسىخىكىسىغا سانجىغان ئىكەنمەن، مىللىي تارلىق پسىخىكىسى قول ياندۇرمىسا، ئۆتكىدەك سانچىمىغانلىقىم بولىدۇ. ئۆتكۈدەك سانجىلسا قول ياندۇرۇشى مۇقەررەر. لۇشۈننىمۇ خەنزۇلارنىڭ كونىلىق تەرەپدارلىرى خائىن دەپ تىللىمىغانمۇ؟! مىللىتىم ئالدىدا جاۋابكار بولۇش ئۈچۈن ئۆز يولۇمدا قەتئىي مېڭىشىم كېرەك، دەپ ئۆز- ئۆزۈمنى رىغبەتلەندۈردۈم. يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇكېرىم خوجىدىن مىننەتدارمەن. ئۇ ئۆزىنىڭ پېشقەدەملىكى بىلەن مېنى تولۇق چۈشەنگەن تەلەپپۇزدا ماڭا غەيرەت بەرگەن، مېنى قوللىغانىدى. ئابدۇكېرىم خوجىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، نېمىشقا ياخشى ئادەملەر بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدىغاندۇ، دەپ ئىنتايىن بىئارام بولدۇم. شىنجاڭ داشۆدىكى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندىنمۇ مىننەتدارمەن، ئۇ ماڭا نەزەرىيە جەھەتتىن يول كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىرادەم تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.
    ئېلاۋە: ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىمۇ بېكىك ئەدەبىيات ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىدە جۇڭگو شاھزادىلىرى، يۇنانلارنىڭ سۇلتانى، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن، ئەرمەنلەرنىڭ شېرىنى، ئەرەبلەرنىڭ ھارۇن رەشىدى، ئىران باتۇرى رۇستەم تەسۋىرلەنگەن. كلاسسىك ئەدەبىيات ئېچىۋېتىش يولىدا ماڭغان ئىكەنۇ، ئەجەبا ئەمدىلىكتە بىز ئۆزىمىزنى بېكىك ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەكمىكەن؟
    -
    تارىخ ھامان ئالغا باسىدۇ، مىللەتمۇ ھامان ئالغا چامدايدۇ. يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان ۋازىيەتتە ناھايىتى زور ئۆزگۈرۈش تۇغۇلماقتا، يۈزەكى ھادىسىلەرگە مەدھىيە ئوقۇيدىغان ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا كىتابخان چىقمايدىغان بولۇپ قالدى، كىتابخانلار ئۆز مىللىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كۆپ تەرەپتىن چۈشىنىشنى ئارزۇ قىلماقتا، ئۇلار قالاق نەرسىلەردىن قورقمايدۇ، ئۆزلىرىنىڭ قالاق نەرسىلەرنى پاك- پاكىز يوقىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، بىر مۇنچە ياشلار شىنجاڭ ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مېنى: باغراش، ئۆز يولۇڭ بويىچە مېڭىۋەر، دەپ رىغبەتلەندۈرمەكتە.
    ئېلاۋە: تارىخ مۇنداق بىر قانۇنىيەتنى، يەن قېرىلار ياشلارنى ئەمەس، ياشلار قېرىلارنى تەربىيىلەيدىان بىر قانۇنىيەتنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. قېرىلارنىڭ ئاغزىدىن ئۆتمۈش تارىخنىلا ئاڭلاش مۇمكىن، ياشلارنىڭ ئاغزىغا قارىساڭ، ئەتىكى تارىخقا نەزەر سالالايسەن.
    - يېقىندىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت سەنئەتچىلىرى ساھەسىدە ياخشى ۋەزىيەت پەيدا بولماقتا. سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بېكىك ھالەتتىن ئېچىۋېتىش تەرىپىگە قاراپ يول ئالماقتا، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گورۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى ئەنە شۇنداق ئەدەبىياتتىكى ئېچىۋېتىش تەرەپدارلىرىنىڭ بىرى، ئۇ بىزدەك ياش، ئوتتۇرا ياش يازغۇچىلارنى قوللىماقتا، ھەقنى، ياخشىلىقنى، گۈزەللىكنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىپادىلەش؛ ساختىلىق، يامانلىق ۋە قەبىھلىكنى رەھىمسىز دۇمبالاش- بۇ مېنىڭ تىرىشىش نىشانەم.
    ئېلاۋە: ئۇ بېكىك چەمبەردىن چىقىپ، ئالغا بېسىشقا ئۈندىمەكتە.
    پروفېسسور ئۈنئالغۇنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ:
    -
    يەنە ئون نەچچە كىشىنىڭ سۆزى بار ئىدى، بولدى قىلاي،- دېدى.
    - ئۇلارنىڭ كەسپى، جەمئىيەتتىكى ئورنى ئوخشاش ئەمەس، مەلۇماتىمۇ ئوخشاش ئەمەس،- دېدى پروفېسسور سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- لېكىن ئوخشىشىدىغان ئورتاق ساداسى بار: دائىم چەمبەرسىمان ئىزدا ئايلىنىپ، قېيىپ يۈرۈش يارىمايدۇ، كونا كۆز قاراش، كونا چۈشەنچىلەرنى بۆسۈپ چىقىپ، راۋاج تېپىش، يېڭىلىق يارىتىش كېرەك!
    پروفېسسور دېرىزىدىن يىراققا قارىغىنىچە خىيالغا چۆمدى. باھار كەلكۈنى ئۇنىڭ قەلبىدە دولقۇنلاپ ھېسلىرىنى قوزغىماقتا، ھاياجانلاندۇرماقتا ئىدى. ئۇ بىردىنلا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، خۇددى يۈز مىڭ ئادەم ئالدىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندەك ياڭراق تەلەپپۇز بىلەن سۆزلىدى:
    -ئېچىۋېتىش، تاۋار ئىگىلىكى، بۇ ئىككى نەرسە شىنجاڭنىڭ بېكىك مۇھىتىنى بۆسۈپ تاشلىدى، شىنجاڭلىقلارنىڭ بېكىك روھىي ھالىتىنى تىترىتىپ، ئۇلارنى ئويلاندۇرۇشقا باشلىدى، ئەرەبىستانغا ھەج قىلغىلى، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە سودىگەرچىلىككە بارغانلار قايتقاندا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىنى ئېلىپ كەلمەكتە؛ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى يوقلاپ بارغانلارمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئېلىپ كەلمەكتە؛ ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ چوڭ- چوڭ شەھەرلىرىدىن كەلگەنلەرمۇ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يېڭى- يېڭى ئۇچۇرلار ئېلىپ كەلمەكتە. جۇڭگو ئۆزگەرمەكتە، دۇنيا ئۆزگەرمەكتە، ۋەزىيەت بىزنى مەجبۇرلىماقتا. ئۆزگىرىش ياسىماي مۇمكىن ئەمەس. ئۆزگىرىش ياساش ئۈچۈن ئويلىنىش كېرەك، ئويلىنىشنىڭ ئۆزى ئالغا قەدەم تاشلاش دېمەكتۇر.
    ...
    سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ قەدىمى تېزلەشمەكتە. قۇرۇلۇشنىڭ ئۆزى ماھىيەتتە ئادەمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئادەمنى يېڭى بالداققا ئۆرلىتىش ھېسابلىنىدۇ. تارىخ، بۇ مالائىكە ئۇلۇغ ئىجادكاردۇر، ھەيكەلتىراشتۇر، ئۇ مەدەنىيەتنىڭ يېڭى پەللىسىدە مىللىتىمىزنىڭ يېڭى ئەۋلادىنى ياراتماقتا. ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنىڭ ئەيىب- مېيىپ تەرەپلىرىگە توغرا قاراپ، كېسىلىنى يوشۇرماي داۋالىسا، ئاندىن جانلىق، جۇشقۇن بولالايدۇ، ئالغا ئىنتىلىدىغان غەيرەتكە كېلەلەيدۇ. بۇ مىللەتنىڭ تەرققىيپەرۋەر ئوغلانلىرى ئۈچۈن تۇرمۇشنىڭ ئېلىپبەسىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان، كۆپ يولدىن، كۆپ تەرەپتىن، كۆپ قاتلامدىن كەلگەن چۆكتۈرمىلەرنىڭ جۈغلىنىشىدىن ھاسىل بولغان مەدەنىيەت. ئۇنىڭدا گۈزەل، رەڭدار تەركىبلەر بار، بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى. ئۇ بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ ھاياتىي كۈچى بولۇشقا تېگىشلىك ئىدى، لېكىن ئۇنىڭغا ئارىلىشىپ قالغان شەرقنىڭ "ئا "Q چىلىق پەلسەپىلىرىنى، دىنىي خۇراپاتلىقلارنى، غەربنىڭ قۇرۇق شۆھرەتپەرەسلىكىنى كۆرمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلالمىدۇق، كونىلىققا چاپلىشىۋالدۇق، ئارقىدا قالدۇق. ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش، بىز ئۇيغۇر خەلقىغە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شەرق بىلەن غەربنى ئالاقىلاشتۇرغان، ئەمما ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان بېكىلىپ قالغان يېپەك يولىنىڭ قايتا جانلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەمدى ئەگرى- توقاي، ئېگىز- پەس يوللاردا ئات ۋە تۆگە بىلەن ماڭمايمىز، بەلكى ئېلېكترون قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن پەرۋاز قىلىپ ئۇچىمىز. بىزنىڭ تەرەققىيپەرۋەر باشلامچىلىرىمىز دىققەت- نەزەرىنى ئۆزىمىزدىكى مەنىۋى كېسەللەرگە تىكىپ، كىشىلەرنى شۇ كېسەللەرنى ئايىماستىن يىلتىزى بىلەن چىقىرىپ تاشلاپ، ساغلام روھىي ھالەت بىلەن چاققان ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە. بۇرۇن يوقىتىپ قويغان ئېچىۋېتىش ئەنئەنىمىز يەنە جارى بولىدۇ. ئۇ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدىكى ئېچىۋېتىش بولغۇسى!
    ...
    ئادەم قىيىنچىلىق ئىچىدە دۇنياغا كېلىدۇ، قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆسۈدۇ. خۇدا ئادەمنى ياراتقان، لېكىن ئۇنىڭ بەخىنى ياراتقان ئەمەس، ئادەم بەختىنى قىيىنچىلىق ئىچىدە جاپا چېكىپ تاپىدۇ. سىز ماڭا: "بۇنىڭ سىرى نېمە؟ ئۇنىڭ سىرى قەيەردە؟" دەپ بىر تالاي سوئال قويدىڭىز، ئۆتمۈشتىكى سىر بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەندىن كېيىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئىجادىيەتلىرىدۇر. ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش، رىقابەتلىشىش- بۇ ئۈچ نەرسىنىڭ ئەھمىيىتى بىز ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن "قۇتادغۇ بىلىك" تىكى ئادالەت، بەخت ۋە بىلىمدىنمۇ مۇھىم. ئۇلار بىزگە يېڭى سىر(ھېكمەت) يارىتىشنىڭ ناھايىتى ياخشى مۇھىتىنى ھازىرلاپ بەرمەكتە. قىيىنچىلىق يوق ئەمەس، جاپاغا چىدايدىغان، تىرىشىپ ئالغا ئىنتىلىدىغان روھىمىز بولسىلا، جۇڭگودا- مىللەتلەرنىڭ بۇ چوڭ ئائىلىسىدە چوقۇم زامانىۋى ئاڭ- سەۋىيىگە ئىگە ئۇيغۇر مىللىتى مەيدانغا كېلىدۇ.
    پروفېسسورنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تېخىچە ئېيتمىدىم. بۇ، مېنىڭ سەۋەنلىككە يول قويغانلىقىم ئەمەس، بەلكى ئاتايىتەن قىلغان ئورۇنلاشتۇرۇشۇم. ئۇ ئوتتۇرىغا ئازراق چىقسۇن، ماقالامنىڭ ئاخىرىغىراق مۆكۈنۈپ تۇرسۇن، دېدىم. چۈنكى كىشىلەر ئۇنى تولا چاغلاردا خاتا چۈشىنىپ قالىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن دەردى ئېغىر ئىكەن. ئۇنىڭغا دەرد ئۇستىگە دەرد كەلتۈرۈپ قويۇشقا يۈرىكىم چىدىمىدى.
    مانا ئەمدى قىسقىچە تونۇشتۇراي:
    ئىسىم- فامىلىسى: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن.
    مىللىتى: ئۇيغۇر.
    خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ داشۆ تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتى.
    ئۈنۋانى: پروفېسسور.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.