ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-21

    ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەشنىڭ داۋامى.... - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39671645.html

    1984 - يىلى APT ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، بىر قېتىمدىلا ئۆلچەمگە يەتتىم. شۇنى چۈشەندىمكى، ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يوشۇرۇن كۈچ چەكسىز بولىدىكەن، يوشۇرۇن كۈچنى قانچىكى قازسىڭىز، ئۇ شۇنچە ئۇلغىيىپ تۇرۇدىكەن. بەزى ئادەملەر مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدىكەن، غەلىبە قىلىدىكەن. ئۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار شۇ يوشۇرۇن كۈچلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە بىلىمگە، قابىلىيەتكە ۋە ئۇتۇققا ئايلاندۇرۇدىكەن. بەزىلەر ئۆمۈر بويى پالاقلاپ- سوكۇلداپ ئۆتىدىكەن، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئۆزىدىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنى زادىلا قازالمىغانلىقى، ئىشقا سالالمىغانلىقى سەۋەبچى بولىدىكەن. جاپا چېكىشنىڭ ئۆزى يوشۇرۇن كۈچلەرنى قازىدىغان بۇقۇسا ئىكەن. باشقىلار كىنو كۆرگىلى بارسا، مەن بارمىدىم، باشقىلار تانسىغا چۈشسە، مەن چۈشمىدىم، قىزلار تەبەسسۇم قىلسا، مەن مىت قىلمىدىم، لەرزان شامال سوقۇپ تۇرغان ئايدىڭ كېچىلەردىمۇ، قاسقاننىڭ ھورىدەك ئىسسىق تومۇز كېچىلىرىدىمۇ، جۇت بولۇپ شىۋىرغان غۇيۇلداپ تۇرغان زىمىستان كېچىلەردىمۇ شىرەدىن باش كۆتۈرمەي ئوقۇدۇم. مەن شىنجاڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا رەئىس، ئاپتونوم رايۇنلۇق ياشلار بىرلەشمىسىگە رەئىس، ئاپتونوم رايۇنلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىگە رەئىس، مەملىكەتلىك 10- نۆۋەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىگە مۇئاۋىن رەئىس بولغانىدىم، شۇ مەنسەپلەرنىڭ سايىسىدە تېخىمۇ كۆپ ئېتىبارلارغا ئېرىشىشىم مۇمكىن ئىدى، لېكىن ئۇلار تۈۋىسىز دەرەخ، يىلتىزسىز گىياھقا ئوخشايتتى. قىسقا ۋاقىت يېشىل يوپۇرماق چىقىرىپ، چېچەكلەپ- غۇنچىلاپ، كىشىلەرنى زوقلاندۇرۇشى مۇمكىن، لېكىن تېخىمۇ بەكرەك يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىسىنى پەيدا قىلىش، ئۆزۈمدىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىشتىن ۋاز كەچتۈرۈشى مۇمكىن. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوپۇرماقلار سارغىيىپ، گۈللەر يىگىلەپ- سولىشىپ، ئەرزىمەس ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشىم مۇمكىن. چەتتىن كەلگەن شان- شەرەپلەرنى ئۆتكۈنچى بۇلۇت، تۈتۈن دەپ قارىدىم. شۇ مەنسەپلەردىن ئۆزۈمگە كەلگەن پايدىسىز ئامىللارغا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولدۇم. چۈنكى ئىجتىمائىي پائالىيەت كۆپ بولۇپ، تولا ۋاقتىم ئۇ يەر- بۇ يەرگە بېرىپ مەجلىس- يىغىنغا قاتنىشىش بىلەن بەنت بولۇپ كەتسە، ئوقۇشۇم توختاپ قالىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمگە ئۆزۈم غەيرەت بېرىپ، دەم ئېلىش ۋاقتىمنى ۋە ئۇخلاش ۋاقتىمنى قۇربان قىلىدىغان، قانچىلىك ۋاقىت زايە كەتكەن بولسا، شۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇدىغان بولدۇم. شۇنداق قىلىپ، ئاخىر، ئەلاچى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىگە يېتىشىۋالدىم. ئالغا ئىنتىلىش پسىخىكىسى كېرەكمۇ ياكى يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىسى كېرەكمۇ؟ ئىككى خىل تۇرمۇش پوزىتسىيىسىدىن ئىككى خىل نەتىجە كېلىپ چىقىدىكەن.
    ياپونىيىگە بارىدىغان چېغىمدا بەزىلەر ماڭا: مەن جۇڭگولۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى دېگەن سەۋەبنى كۆرسىتىپ، ئېتىبار بەرگۈزۈپ، ئۆزۈڭگە ھەل بېرىپ قايتىپ كەلسەڭ بولمىدىمۇ دېيىشتى، لېكىن ئۇنداق قىلىش سەت ئىش ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ شەنىگىمۇ، جۇڭگونىڭ شەنىگىمۇ داغ چۈشۈرگەنلىك بولاتتى. ياپونىيىگە بارغاندىن كېيىن كۆزۈم تېخىمۇ ئېچىلدى. بۈگۈنكى دۇنيا سۇبيېكتىپچانلىقنى جارى قىلدۇرۇدىغان، ئاكتىپچانلىق بىلەن پىداكارلىق كۆرسەتمىگەندە، ئىجاد قىلمىغاندا، زامانغا يارىشا ئادەم بولغىلى بولمايدىغان دۇنيا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ قالدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگولۇقلارنىڭ ياپونلاردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئەلا نەتىجە بىلەن ئىسپاتلايمەن، دېگەن ئىككىنچى نىيەتنى باغلىدىم. بۇ نىيەتنى جاپا چېكىپ تىرىشقاندىلا گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا تەييار يول يوق. ياپونىيە ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇش ھاۋاسى بىزنىڭكىدىن ياخشى ئىكەن، ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بىزگە قارىغاندا تىرىشچان ئىكەن. مەن ئۇلاردىنمۇ كۆپرەك تەر تۆكتۈم، ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزغان كېچىلىرىم ئۇلارنىڭكىدىن كۆپ بولدى. مىنگۇۋۇ شەھىرى ياپونىيىنىڭ مەشھۇر ساياھەتگاھى ئىكەن، دابەن شەھىرىگىمۇ يېقىن ئىكەن. پۈتۈن ۋاقتىم تەتقىقات بۆلۈمىدە ياكى كۇتۇپخانىدا ئۆتكەچكە، ئۇ يەرگە بىر قېتىممۇ بېرىپ باقمىدىم. ئىككى يېرىم يىل ئىچىدە ئۇستازلىرىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە سەككىز تەتقىقات تېمىسىنى تاماملىدىم، ياپونچە، ئىنگلىزچە تىلدا 12 پارچە ئىلمىي ماقالە يازدىم. بۇلارنىڭ بەزىسىنى ياپونىيىدىكى ئىلمىي يىغىندا ئوقۇپ بەردىم، بەزىسىنى خەلقئارا ئىلمىي يىغىندا ئوقۇپ بەردىم، ئۈچ پارچىسى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك ئېلىكترىك كەسپىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.
    ۋۇجۇدۇمدا ناھايىتى زور ئىجادىيەت ئىقتىدارى بارلىقىغا بارغانسېرى بەكرەك ئىشىنىدىغان بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن ھەر قانداق قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، ئاۋۋال ئۆزۈمگە ئۆزۈم غەيرەت بېرىپ، ئۆزۈمنى ئىجادىيەت چاقماقلىرىنى چاقنىتىشقا مەجبۇر قىلىدىغان ئىدىيىۋى ئادەت پەيدا بولۇشقا باشلىدى. دابەن داشۆسى ياپونىيە بويىچە بىرىنچى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ بولۇپ، ئۇلار بىر تېمىنى ئۇزۇندىن بۇيان تەتقىق قىلىپ، بىرەر نەتىجە چىقىرالمىغانىكەن. شۇ تېمىغا مەسئۇل بولغان ئوقۇتقۇچى مېنىڭ ئۇستازىم بىلەن پاراڭلىشىپ، مېنىڭمۇ شۇ تېمىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىمنى، بەلكى بىر ئاز نەتىجە قازانغانلىقىمنى ئاڭلاپ، دەرھال مېنى ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار مېنىڭ بىر يىل ئىچىدە بىر نەچچە تېمىنى يەشكەنلىكىمنى ئاڭلاپ ھەيران بولۇشتى، مەخسۇس تەكلىپ قىلىپ مېنى ئۆزلىرىنىڭ دوكتۇرلۇقتا، ماگىستېرلىقتا ئوقۇۋاتقان ئاسپرانتلىرىغا بىر قېتىم ئىلمىي دوكلات بەرگۈزدى.
    ياپونىيىدە ئۇچۇر چاپسان. ئۇلار چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ ئۆزلىرىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ تاشقى ئىشلار ۋازارىتى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى دۇنيا بىر پۈتۈنلۈككە قاراپ كېتىۋاتقان XXI ئەسىردە سىز نېمە قىلماقچى؟ دېگەن تېمىدا ياپون تىلىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە ئۇيۇشتۇردى. ئۇنىڭغا 72 نەپەر چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى ماقالە ئەۋەتىپ تىزىملاتقانىدى. ئۇلاردىن ئون ئوقۇغۇچى تاللاندى، شۇلارنىڭ بىرى مەن. مۇسابىقە نەتىجىسىدە، جۇڭگولۇق بىر قىز ئوقۇغۇچى ئىككىنچىلىكنى، مەن تۆتىنچىلىكنى ئالدىم. مۇكاپاتنى قولۇمغا ئېلىۋېتىپ، يۈرىكىم ئويناپ كەتتى. بۇ مۇكاپات مېنىڭ چىشىمنى چىشلەپ تىرىشىپ ئالغا ئىنتىلگەنلىكىمنىڭ مۇكاپاتى بولدى، دەپ ئويلىدىم. بۇنىڭدىن شۇنداق چوڭقۇر تەسىراتقا كەلدىمكى، ھەر قانداق ئادەم يۆلىنىۋېلىش روھىي ھالىتىنى تاشلىسا، ئاجايىپ مۆجىزە يارىتالايدىكەن. ھازىرقى كۈندە، مىللىتىمىزنى مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا جەھەتتە تېز راۋاجلاندۇرىمىز دېسەك، ئەنە شۇنداق روھىي ھالەتلەرنى تاشلىشىمىز لازىم، ئېتىبار بېرىشكە تەلمۈرسەك، يۆلىنىۋېلىش روھىي ھالىتىمىز كۈچىيىپ كېتىدۇ، خالاس.
    ئېلاۋە: ئۇ تۈرلۈك ھادىسىلەرگە سىنچىلاپ قاراپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنى يۆلىنىۋېلىش ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
    مەن پروفېسسور بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈملىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تۇرمۇش ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتىم. مەن پاراڭلاشقان كىشىلەرنىڭ قېيىداش پسىخىكىسى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىزنى ئاسان قوبۇل قىلغانلىقىنى، يۆلىنىۋېلىش روھىي ھالىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىزنى تىلغا ئالغاندا، چىرايلىرىنىڭ ئۆڭگەنىلىكىنىمۇ سۆزلەپ بەردىم.
    ‏‏- تاپقان تىپىك ماتېرىياللىرىڭىزنى، - دېدى ئۇ ماڭا،- ماڭا سۆزلەپ بېرىڭا.
    ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز، قانداقلا بولمىسۇن، ئىككى مىللەت. ئۇنىڭ رايىنى ياندۇرماسلىقىم لازىم. شۇڭا:
    -
    مىسال كېرەك بولسا، قايسى مىللەتتىن بولسۇن مىسال تېپىلىدىكەن. خەنزۇلاردىنمۇ تېپىلىدۇ، بىز موڭغۇللاردىن تېخىمۇ كۆپ تېپىلىدۇ،- دېدىم.
    -
    قېنى، سۆزلەڭا، مېنىڭ ئۆزۈمدە مىللىي كەمچىلىكلەرگە توغرا قارىيالايدىغان غەيرەت بار- يوقلۇقىنى سىناپ كۆرەي. سۆزلەۋېرىڭ، ھېچ گەپ يوق.
    مەن تاپقان شۇنداق ماتېرىياللار ئاز ئەمەس ئىدى. شۇلاردىن پەقەت بىرىنىلا سۆزلەپ بەردىم:
    -
    ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا كادىرلىرى ئىدارىسى بۇ يىل بىرقانچە ئادەمنى تۆۋەنگە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەنىكەن. ئۇلار X X جايغا بارغاندا، شۇ يەردىكى دوختۇرخانىنىڭ بىر مىللىي رەھبىرى مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرىپتۇ: مېدىتسىنا شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى مەكتەپتىكى چېغىدىلا ئوقۇشتا بىپەرۋا ئىكەن، تەييارلىق سىنىپىدا بىر يىل ئوقۇپ، سىنىپ ئاشالماپتۇ، جەمئىي يەتتە يىل ئوقۇپتۇ. دوختۇرخانىغا دوختۇر قىلىپ تەقسىم قىلىنغاندىن كېيىنمۇ، ئۆز كەسپىگە ئەستايىدىل كىرىشمەپتۇ. شۇڭا دوختۇرخانا ئۇنى ئوكۇل سېلىش خىزمىتىگە قويۇپتۇ. ئوكۇل سېلىشقىمۇ بىلىم كېرەك. بىراق ئۇ ئۆگەنمەيدىكەن. چىندامىتسىن ئوكۇلى بىلەن پېنتسىللىن ئوكۇلىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئوكۇل ئۇرغىلى كىرگەندە، كېسەللەر قېچىپ كېتىدىغان بوپتۇ. بۇ ناھايىتى ئايرىم بىر مىسال، ئومۇمىي ئەھۋالغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە.
    - شۇنچە كۆپ تەكەللۇپنىڭ نېمە كېرىكى بار؟ بىزنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئوقۇپ كامالەتكە يەتكەن، مۇنەۋۋەر ئادەملەر چىقمىغان دېمىدىڭىزغۇ. شۇنداق يۈرەككە تېگىدىغان مىساللار بىز ئۈچۈن پايدىلىق-تە!

    باھار كەلكۈنى مەۋج ئۇرۇشقا باشلىدى
    پروفېسسور ئۆيۈمگە كەلدى، ئۇنىڭ چىرايى گۈلدەك ئېچىلىپ كەتكەن. ئورۇندۇققا ئولتۇرۇش بىلەنلا كۈلكىسىنى باسالمىدى، ئۇ گويا بىرەر ئەسىرى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندەك خۇشال ئىدى.
    - يېقىندىن بۇيان،- دېدى ئۇ سۆز باشلاپ،- بىز ئۇيغۇر ئىچىدىن بىر خىل سادا چىقىۋاتىدۇ، ئۇ سادا بارغانسېرى كۈچلۈك چىقماقتا، قۇلاققا تولىمۇ يېقىملىق ئاڭلانماقتا! ئۇ سادا بالىلىق دەۋردىكى تۇرمۇشۇمنى ئەسلەتتى. مېنىڭ يۇرتۇم قەشقەرنىڭ بىر يېزىسىدا. ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدا بىر ئۆستەڭ بار بولۇپ، ياز كۈنلىرى ئۇ سۇغا تولۇپ كۆپۈپ كەتسە، كۈزدە ئازلاشقا باشلايتتى، قىشتا ئۆستەڭ پۈتۈنلەي قۇرپ قالاتتى، شۇنىڭ بىلەن كەنتىمىزنى جىمجىتلىق قاپلاپ كېتەتتى. بىر ئۆيلۈك ئادەمنىڭمۇ ئىچىمىز سىقىلىپ كېتەتتى. دادامنىڭمۇ، ئانامنىڭمۇ ئەتىدىن كەچكىچە چىرايى ئېچىلمايتتى، راۋاب تامدىكى قوزۇققا ئىلىقلىق تۇراتتى، دادامنىڭ ئۇنى چېلىشقا ھەپسىلى يوق ئىدى. باھار كۈنلىرى يېتىپ كەلگەندە، ئۆستەڭ بىردىنلا كەلكۈن سۈيى بىلەن تولاتتى، تولا چاغلاردا جىمجىت كېچىدە ئۇلغىياتتى. سۇ سۇغا، دولقۇن دولقۇنغا ئۇرۇلاتتى، لەپەڭلەپ قاشقا ئۇرۇلاتتى، شۇنىڭ بىلەن قىزىق شاۋقۇن كۆتۈرۈلەتتى. ئۇ شاۋقۇن كۆچۈپ، تارقىلىپ، يېزىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇۋېتەتتى. شاۋقۇندىن چىققان ھايات بەخش خۇشاللىق ئۆيمۇ- ئۆي كىرەتتى، ھەر بىر ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ، روھلاندۇراتتى، شادلاندۇراتتى، كۈلدۈرەتتى. يېقىندا مەندە يەنە ئۆستەڭنىڭ سۈيى ئۇيغايغاندا پەيدا بولغان ھېسسىيات ۋە خۇشاللىق پەيدا بولۇپ قالدى.
    پروفېسسور چىرايىدىكى كۈلكىسىنى يىغىپ، يەنە ئالىمغا خاس ئېغىر بېسىق تۈسكە كىردى.
    -
    مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈم سۈرگەن بىرنەچچە يۈز يىل جەريانىدا،- دېدى ئۇ،- مانجۇلارمۇ، خەنزۇلارمۇ ئۆزىنى تولىمۇ چوڭ تۇتقانىكەن، نەتىجىدە، بارغانسېرى ئارقىدا قاپتۇ. لۇشۈن ئەپەندى "ئا Q نىڭ ھەقىقىي تەرجىمىھالى" نى يازدى. بۇ دۇنيا سەھنىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ خەنزۇلارنىڭ ئۆزىدىكى مەنىۋى كېسەللىكلەرگە توغرا قارشقا مەجبۇر قىلغانلىقى. ئۆزىنى ئۆزى ئوپىراتسىيە قىلسا، ئۆز ئەيىبىنى ئۆزى ئاشكارىلىسا، ئۆزىنى ئۆزى دەپسەندە قىلغان، خورلىغان بولمايدۇ، بەلكى ئۇ ئويغانغانلىقنىڭ ئالامىتى، ئالغا ئىنتىلىشنىڭ باشلىنىشى، مىللىي غۇرۇر، مىللىي ئىززەت ۋە ئىشەنچنى ئورناتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بەي ياڭنىڭ "بەتبەشىرە جۇڭگولۇقلار" دېگەن كىتابى نەشردىن چىققاندىن كېيىن، ئىچكى ئۆلكىدە ئوقۇۋاتقان بىر بالام ماڭا بىر نۇسخا ئەۋەتىپ بەردى. ئۇ شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يازغان خېتىدە: "خەنزۇلار ئۆز ئەيىبلىرىنى شۇنداق ئاچالىغانىكەن، بىز ئۇيغۇرلاردا شۇنداق غەيرەت يوقمىدۇ؟" دەپتۇ ۋە مېنى مات قىلىپ: "دادا، سىز ھەم شائىر، ھەم يازغۇچى، شۇنداق كىتابنى يېزىشقا جۈرئەت قىلالامسىز؟" دەپتۇ. كېيىن ئۇقسام ئۇ كىتاب ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە كەڭ تارقالغانىكەن، ھەتتا ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ تالىشىپ ئوقۇۋېتىپتۇ. ئەلۋەتتە، ئۆزىگە باقماي، خەنزۇلارنىڭ شۇنداق مەنىۋى ئەيىبلىرىنى مازاق قىلىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس، لېكىن ئۇ كىتاب كۆپچىلىك ئادەم ئۈچۈن ئوبدان ئەينەك. ئېيتىپ باقسۇنچۇ، بىز ئۆزىمىز قانداق؟ يېقىندا "قىزىل قوناقلىقتا" ناملىق كىنو قويۇلغاندا، بەزى ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە كۈتۈلمىگەن تەسىرات پەيدا بولدى. "ئىتتىپاق" تىياتىرىنىڭ ئارقا رەت ئورۇندۇقلىرىدا ئولتۇرغانلارنىڭ تولىسى ياشلار ئىكەن. ئۇلار كىنودىكى بىر كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ: "قاراڭلار، خەنزۇلارنىڭ ئاۋۇ سەتچىلىكلىرىنى!" دەپ مەسخىرە بىلەن كۈلدى. مەن ئارقامغا بۇرۇلۇپ: "بىزنىڭ مىللىتىمىزدىمۇ شۇنداق ئىشلار يوقمۇ؟" دېدىم. بەزىسى بار دېدى، بەزىسى شۈك بولۇۋالدى. ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بىر ياش مەندىن: "قىزىل قوناقلىقتا" دېگەن كىنو خەنزۇلارنىڭ سەت ۋە قالاق تەرەپلىرىنى ئاشكارىلايدىكەنۇ، خەنزۇلار نېمىشقا يەنە بارىكاللا ئېيتىپ چاۋاك چالىدۇ؟ دەپ سورىدى. مەن: "بۇنىڭغا ئۆزىڭىز جاۋاب تاپىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن" دېدىم. ئۇ ياش ئەتىسى سەھەردە يېنىمغا كېلىپ: "جاۋاب تاپتىم. بۇ ئەھۋال ھازىرقى ئېچىۋېتىش، ئىسلاھات قىلىش يىللىرىدا خەنزۇلارنىڭ قالاقلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئالدىرىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن" دېدى. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ مىللىتىمىز ئىچىدىكى تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەر ئۆزىمىزنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىمىزنى ئۆتكەن يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن تارتىپ چۈشىنىشكە باشلاپ، مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكىدا زور قەدەملەر بىلەن ئالغا بېسىشىمىزنى ئارزۇ قىلماقتا، ھەتتا دىنىي ساھەدىكى زېرەك- زەكى ئەربابلارمۇ شۇنداق دەۋەت قىلماقتا.
    پروفېسسور خۇشاللىقىدا، ماڭا مۇنداق بىر نەچچە ئۇنئالغۇ لېنتىسىنى قويۇپ بەردى:
    1-  
    لېنتا:
    پروفېسسورنىڭ ئېلاۋىسى: بۇ كورلا چارباغ يېزىسىدىكى بىرلەشمە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ دىرېكتورى راخمان. ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقادى چىڭ، ھاراق ئىچمەيدىكەن، سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئۆزىنى ناھايىتى ئايايدىكەن. ئۇنىڭ چارباغ يېزىسىغا ئوبدان بىر ئىش قىلىپ بېرىش، يېزىدىكى دېھقانلارنى تېزرەك بېيىتىش ئارزۇسى بار ئىكەن. ئۇ پۈتۈن ۋاقتىنى، كۈچىنى شۇ بىرلەشمە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئاتاپتۇ. ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ، ھارماي- تالماي ئىشلەيدىكەن.
    - مەن ئۆز مىللىتىمنى قىزغىن سۆيۈمەن، بىرەر ئادەم مىللىتىمىزنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تىلغا ئالسا، كۆڭلۈمگە كېلەتتى، كۆتۈرەلمەيتتىم. كىمكى بىزنى پالان جەھەتتە خەنزۇلاردىن قالاق دەيدىغان بولسا، قۇلىقىمغا يىڭنە سانجىلغاندەك بولاتتى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، يېزا- بازار سانائىتى كەڭ يولغا قويۇلدى. مەن يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ۋەزىپە سورىدىم، يېزىلىق ھۆكۈمەت ماڭا بىرلەشمە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ دىرېكتورلۇقىنى تاپشۇردى. زاۋۇتنىڭ قارىمىقىدا بىر كۆمۈر خېڭى، بىر ھاك تېشى كانى بار ئىدى، دېمەك، ئىشىمىز ئاساسەن كولاش- قېزىش ئىدى. شائىرلىقتىن خەۋىرى بار بىر ئىنىم: سېنىڭ بۇ ئىشلىرىڭنىڭ ھەممىسى ئېپتىدائىي قول ھۈنىرى ئىكەن. زامانىۋى سانائەت دېگىلى بولمايدۇ. سانائەت ئۈچۈن ئىلىم بىلىم، تېخنىكا بولمىسا بولمايدۇ، دەپ زاڭلىق قىلىدى. ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىغا خاپا بولۇپ ئالايدىم. كورلىدىكى قورامتاغ تەڭرىتاغنىڭ تارمىقى، ئۇ تاغدا مەدەن كۆپ. مەن بىر ماشىنا بىلەن يېمەك- ئىچمەكلىرىمىزنى ئېلىپ، بىر چارۋىچىغا يول باشلىتىپ، داۋانمۇ داۋان، بەلمۇ بەل ئېشىپ، مەدەن، رۇدا ئىزدىدىم. رۇدىنى ئوبدان تونۇمايتتىم، رەڭگىدىن ئالاھىدىرەك كۆرۈنسىلا، بىر نەچچە پارچە چوقۇپ ئېلىپ خالتىغا سالدىم، ئۈسسىغاندا سۇداندىكى سۇنى ئىچتىم، قورسىقىم ئاچسا نان يېدىم، ھەر- ھەر ئېگىز تاغلارغا چىقتىم، ھەر- ھەر تىك يارلارغا ياماشتىم، كۈندۈزى ئاپتاپتا ئىشلىدىم، كېچىسى جۇۋامنى يېپىنىپ،  قورام تاشلارنىڭ دالدىسىدا ئۇخلىدىم. بىر كۈنى كېچىدە خۇدايىم چۈشۈمگە كىردى، ئۇ قولى بىلەن بىر ئىشارەت قىلىۋىدى، تاغدىكى گۆھەرلەر نۇر چاچتى؛ قىزىل، سېرىق، يېشىل، كۆك نۇر... قىزىل ياقۇت، سېرىقى ئالتۇن، ئېقى كۈمۈش، يېشىلى زۇمرەت، قارىسى تۆمۈر، بېغىر رەڭدىكىسى مىس ئىكەن. ئۇلارنىڭ قېزىشىمۇ ئاسان ئىكەن. كاپسۇلدىن بىرنىلا پارتلىتىدىغان بولسام، بىر نەچچە ماشىنا قاچىلىغۇدەك چىقارغىلى بولىدىكەن. تاغنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ خۇشاللىقىمدىن: مېنى مەدەن تاپالمايدۇ دەيدىغان كىم بار ئىكەن؟ دەپ ۋارقىرىۋەتتىم. ئويغانسام چۈشۈم. ئالدىممۇ، ئارقاممۇ قاپقاراڭغۇ تاغ. تەكلىماكان تەرەپتىن غۇر- غۇر شامال سوقۇۋېتىپتۇ. شۇ چاغ ياز كۈنلىرى بولسىمۇ، كېچىدە بىر ئاز سوغۇق بولاتتى. ئۇيقۇم ئېچىلىپ كەتتى. ئىنىمنىڭ ھېلىقى گەپلىرىگە تېخىچە ئاچچىقىم كېلەتتى: ئىلىم- بىلىم، پەن- تېخنىكىنى ئەجەبمۇ سىرلىق بىر نېمە قىلىۋاپتۇ- يا؟! ئۇنىڭ كارى چاغلىق، كانچىلىقنى ئوقۇمىغانلارمۇ رۇدا، مەدەن تاپالايدىكەنغۇ!...
    قورامتاغنى توپتوغرا يىگىرمە كۈن ئارىلىدىم، ئايىغىمنىڭ چەملىرى تېشىلىپ كەتتى. بىر مۇنچە جاپا تارتىپ، بىر خالتا مەدەن تېپىپ قايتتىم. ئۆيدىكىلەر قانداق مەدەن ئىكەن، دەپ سورىۋىدى، جاۋاب بېرەلمىدىم. پۈتۈن كورلىنى قېدىردىم، شۇنداق مەدەنلەرنى ئايرىپ بەرگۈدەك بىرەر ئۇيغۇر ئىنژېنېر تېپىلمىدى. كېيىن گېئولوگىيىلىك چارلاش ئەترىتىدىن بىر خەنزۇ ئىنژېنېرنى تاپتىم. ئۇ ئايرىپ بەردى. ئېلىپ كەلگەنلىرىمنىڭ بەزىسى ئادەتتىكى تاش ئىكەن، بەزىسى كارغا يارايدىغان رۇدا ئىكەن. شۇ رۇدىلارنىڭ زاپىسى قانچىلىك؟ نەدىن نەگىچە تارقالغان؟ چارلاش، تەكشۈرۈش، قېزىشنى لايىھىلەش ئۈچۈن ئىنژېنېر بولمىسا بولمايدىكەن. تەمتىلرەپلا قالدىم. دېمەك، يىگىرمە كۈن بىكار ئاۋارە بوپتىمەن. ئىنىم يەنە كېلىپ قالدى. ئۇ يەنە تېخنىكا- پېخنىكا دەپ بىر نېمىلەرنى سۆزلەپ كەتتى. قالاق، ئارقىدا دېگەن گەپلىرى قۇلىقىمغا يانىلا ياقمىدى.
    ھەربىي رايۇننىڭ سۇ ئىنژېنېرلىق تۇەنى بىلەن بىرلىشىپ مەرمەر تاش كېنى ئاچماقچى بولدۇق. شۇ چاغدا توختام تۈزدۇق. يول ياساشقا، ئىشلەپچىقىرىش مەيدانىنى تەييارلاشقا، ماشىنا- ئۈسكۈنە ھازىرلاشقا ھەربىيلەر مەسئۇل بولدى. ئەمگەك ۋە تېخنىكا كۈچىگە بىز مەسئۇل بولدۇق. ماڭا قارايدىغان 13 يەردىكى قېزىش ئورنىدا ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىنىڭ ھەممىسى دېھقان بولۇپ، بىلىم سەۋىيىسى تۆۋەن ئىدى. مەرمەر كاننىڭ باشلىقلىقىغا يارىغۇدەك بىرەر ئادەم تاللاش تولىمۇ قىيىن كەلدى. كېيىن كۆمۈر خېڭىدىن ئادەتتە ياخشى ئىشلەيدىغان بىر خاڭ ئىشچىسىنى باشلىقلىققا قويدۇق. ئۇ تۆشۈك تېشىپ، دورا قاچىلاپ، تاغنى پارتلىتىشنى بىلگەن بىلەن، مەرمەر تاشنى قانداق قېزىشنى بىلمىگەچكە، ساپساق مەرمەر تاشنى پارتلىتىپ كۈكۈم- تالقان قىلىۋېتىدىكەن. شۇڭا ئۇ باشلىقلىقنى قاملاشتۇرالماي، ئۆزى تاپقان ئىشچىلارنى باشلاپ قېچىپ كەتتى. سۇ ئىنژېنېرلىق تۇەنى 10 مىڭ يۈەن سەرمايە سالغانىدى. بۇ پۇلنى بىكار كەتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس- تە. ئۇلار مېنى تەڭلىكتە قالدۇردى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قويغىلى يەر تاپالمىدىم.
    بۇلتۇر سەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېيفاڭ ناھىيىسىگە ئېكسكۇرسىيىگە باردىم. ئۇ يەردە يېزا- بازار سانائىتى ناھايىتى ئوبدان يولغا قويۇلۇپتۇ. كېچىككىنە بىر زاۋۇتتا ئۈچ ئىنژېنېر، 4-5 تېخنىك بار ئىكەن. زاۋۇت باشلىقىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ھازىرقى كۈندە سانائەت ئۈچۈن پەن- تېخنىكا بولمىسا بولمايدىكەن، كىمنىڭ تېخنىكىسى ياخشى بولسا شۇ پۇل تاپالايدىكەن. ئۇلارنىڭ سېخلىرى پاك- پاكىز، ئىشچىلارنىڭ كىيىۋالغىنى ئاق خالات. ئۇلار نەپىس ئىشلەيدىكەن، بىز بولساق تەبىئىي نەرسىلەرنى گۈرجەك، جۆتۇ بىلەن كولايدىكەنمىز. ئۇلار پىششىقلاپ ئىشلىگەن مەرمەر تاشلىرىنى كۆرسەتتى، قارىسام: نەپس ھۈنەر بىلەن ئىشلەنگەن سەنئەت بۇيۇمى! ئۇلارغا ئويۇلغان تاغ، دەريا رەسىملىرى، گۈل، ئۇچار قانات، ھاشارات، بېلىق ۋەھاكازارلار بەئەينى رەسسام سىزغان رەسىم! نېمىدېگەن چىرايلىق! بىز بولساق، پۈتۈن- پۈتۈن مەرمەر تاشنى كۈكۈم تالقان قىلىۋېتىدىكەنمىز. ئۇيغۇرچە شىنجاڭ گېزىتى مېنى دېھقان كارخانىچى، دەپ ماختىغانىدى. ئۇلارغا سېلىشتۇرسام، مېنى قانداقمۇ كارخانىچى دېگىلى بولسۇن؟! كېيىن يەنە باشقا بىر نەچچە شەھەرگە باردىم. ئاخىر قايىل بولدۇم، پەن- تېخنىكىدا قالاق ئىكەنلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلدىم. بۇنى ئېتىراپ قىلىش تەس، كۆڭۈل ئۇنىمايدۇ، يۈزىمىزگىمۇ سەت، لېكىن پاكىتنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدىكەن، ئېتىراپ قىلمىساق تېخىمۇ ئارقىدا قالىدىكەنمىز.
    ئىنىم مەندىن:" ئۇ يەر- بۇ يەرلەرگە باردىڭ، نېمە تەسىراتلارنى ئالدىڭ؟" دەپ سورىغانىدى."بىزنىڭ مىللىتىمىزدە ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇپ، شېئىر، ھېكايە يازىدىغانلار كۆپ، تەبىئىي پەندە ئوقۇيدىغانلار تولىمۇ ئاز بولغانلىقتىن پەن- تېخنىكىدا ئارقىدا قېلىۋاتىمىز،" دەپ، بىر ئاز قايناپ قالدىم، ۋە: "سەن ئۆزۈڭ نېمىشقا شائىرلىقنى ئوقۇپ، پەن- تېخنىكىنى ئوقۇمىدىڭ؟ "- دەپ، تەنە قىلدىم. سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنىدا، ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەبىئىي پەندە ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرەيلى، ئۇنداق بولمىسا، پەن- تېخنىكىدا تەرەققىي قىلالمايدىكەنمىز، دەپ تەكلىپ بەردىم.
    مەن ھۆددىگە ئالغان بىر ئورۇن 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپتىم. مېنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرىم كونىراپ كەتكەنىدى. دېھقانلار پۇل تاپسىلا ئاۋۋال ئۆي سالىدۇ. مەن تاپقان پۇلۇمغا مەھەللىدە راخمان مەكتىپى دەپ بىر مەكتەپ سېلىپ بەردىم. پەخرىي مۇدىرلىقنى ئۈستۈمگە ئالدىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىلىرىنى مېنىڭ ئالدىمدىن ئۆتكۈزۈدىغان بولدى. قايسى ئوقۇغۇچى ھېسابتىن ياخشى نەتىجە ئالغان بولسا ئۇنى تەقدىرلىدىم، ئۇقۇتقۇچىسىنىمۇ تەقدىرلىدىم. يېزىمىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە جاپاغا چىداپ، تىرىشىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىدىن بىر نەچچىنى تاللاپ، بىرلەشمە زاۋۇتىمىزدىن پۇل چىقىرىپ، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كانچىلىقتا ئوقۇشقا ئەۋەتىپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزىمىزگە ئىنژېنېر قىلىۋالماقچى بولۇۋاتىمەن. ئەلۋەتتە، ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى. ھازىر بىر خەنزۇ ئىنژېنېر بىلەن مەسلىھەتلىشىۋاتىمەن، ئۇنى ئۆزىمىزگە تېخنىكا يېتەكچىلىككە تەكلىپ قىلماقچىمەن. دەۋر راۋاجلانماقتا. بىز ئىدىيىمىزدىمۇ ئۆزگىرىش ياسىشىمىز لازىم ئىكەن. ئەيىبلىرىمىزنى، كەمچىلىكلىرىمىزنى يوشۇرۇپ يۈرمەسلىكىمىز، كەمچىلىك بولسا، ئۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىم ئىكەن. كەمچىلىكنى يوشۇرماي، ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن تۈگىتىشىمىز كېرەك ئىكەن. چىرايلىق گەپنىلا قىلغان بىلەن، قۇلاققا ياقىدىغان گەپنىلا ياقتۇرغان بىلەن ئىش تاڭاتمايدىكەن! بۇ ئومۇمىي رىقابەت دەۋرىدە، كۆزىمىزنى ئۆز ۋۇجۇدىمىزدىكى كەمچىلىكلەرنى تېپىپ تۈزىتىشكە تىكىشىمىز زۆرۈر ئىكەن.
    ئېلاۋە: چەمبەرسىمان يولنى تاشلاپ، ئالغا ئۈندەش دېگەن ئەنە شۇ.

    2-لېنتا
    پروفېسسورنىڭ ئېلاۋىسى: بۇ ئابدۇرىشىت مەخسۇم، ئۈرۈمچى شىخابا مەسچىتىنىڭ ئىمامى. ئۇ ئىككى قېتىم ھەرەمگە بارغان، بىر قېتىم ئۆزى يالغۇز، يەنە بىر قېتىم خوتۇنى بىلەن بارغان. مۇسۇلمانلار ئۇنى ھاجىم دەپ ئىززەتلايدۇ. ئۇ پىكىرى ئۆتكۈر، سۆزمەن ئادەم.
    -
    بىز مۇسۇلمانلاردا بەش پەرھىز بار: ھەج قىلماق، ناماز ئوقۇماق، زاكات بەرمەك، روزا تۇتماق، ئىمان ئېيتماق. سەئۇدى تولىمۇ يىراق بولغاچقا، شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەككىگە ھەج قىلىپ بېرىشى بەش پەرھىزنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن قىيىن ئىدى. ئازادلىقتىن ئىلگىرى تىبەتنىڭ ئالىي رايونىدىن ئۆتۈپ، كەشمىرگە بېرىپ، ھىندىستان ئارقىلىق سەئۇدىغا بارىدىغانلار بار ئىدى. بەزىلەر پامىردىن ئۆتۈپ ئافغانىستان ياكى پاكىستان ئارقىلىق باراتتى. سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسى، قارا دېڭىز- فوسفور ۋە داردانىل بوغۇزلىرى ئارقىلىق بارىدىغانلارمۇ بار ئىدى. شاڭخەيدىن پاراخوت بىلەن بارىدىغانلارمۇ بار ئىدى. چېكىدىن ئاشقان سولچىللىق لۇشيەنى مەككىنىڭ يولىنى ئۈزۈپ قويۇپ، مۇسۇلمانلارنى بىئارام قىلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، مەككىنىڭ يولى ئېچىلدى.
    ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ بىر مۇنچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن بېرىپ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئۇلاردا ئۆزگىرىش ناھايىتى چوڭ ئىكەن. مەككىگە بېرىشتىن ئىلگىرى خىيالىمدا: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سەئۇدىدا تەۋەللۇد قىلغان، مەككىدە دىن ناھايىتى چىڭ بولسا كېرەك، دەپ ئويلايتتىم، ئايرۇپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن قارىسام، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پۇلدا پادىشاھنىڭ سۈرىتى بار ئىكەن. بەيتۇللاغا يېقىن قالغاندا قارىسام، بەزىلەر سىنئالغۇدا رەسىمگە تارتىۋېتىپتۇ. مەككىنىڭ كوچىلىرىدا سۈرەت تارتىش ماشىنىلىرنى كۆتۈرۈۋالغانلار تولا ئىكەن. پەقەت بەيتۇللاغا ئېلىپ كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. بىر نەچچە ئالىي مەكتەپنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدىم، شۇ ئالىي مەكتەپلەردە دىنىي دارىلئولۇمدىن باشقا، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، تېخنىئولوگىيە فاكۇلتىتلىرى بار ئىكەن، ھەتتا سەنئەت فاكۇلتىتىمۇ بار ئىكەن. بۇلار بىزنىڭ ئەنئەنىلىرىمىزگە ماس كەلمەيدىغان بولغاچقا، ھەيرانلىقتا چۆچۈپ كەتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەككىنىڭ ئىمامىنىڭ ئالدىغا بېرىپ سورىسام، ئىمام: ئاللا تائالا قۇرئان كەرىمدە <ئۆگىنىڭلار، قولغا قەلەم ئېلىپ ئۆگىنىڭلار!> دېگەن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەدىستە:  "<ئۆگىنىش مۇسۇلمانلارغا پەرھىز> دېگەن. نېمىنى ئۆگىنىش كېرەك؟ ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ، ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر ئىچىدە پەن- تېخنىكىمۇ بار. مۇسۇلمانچىلىق پەن- تېخنىكىغا قارشى ئەمەس" دېدى. مەككىدە بەزى ئادەملەر بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىن نەچچە ئون يىل مۇقەددەم ئۆتكەن پادىشاھ ئابدۇلئەزىز سەئىدى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى پادىشاھ پايسال سەئۇدىنى پەن- تېخنىكا جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئاجايىپ چوڭ رول ئوينىغانىكەن. ئۇلاردا ۋاقىتنىڭ ئۆزى پۇلدۇر، دېگەن شۇئار يوق ئىكەن، لېكىن ۋاقىتنى تولىمۇ قەدىرلەيدىكەن، ئۇلار ھەتتا ناماز ئوقۇشقا كېتىدىغان ۋاقىتنىمۇ قىسقارتىۋېتىپتۇ. سەئۇدىدا نېفىت كۆپ، كىرىم تاپاۋەت كۆپ، چەت ئەل پۇلى كۆپ بولغاچقا، نۇرغۇن ياشلارنى ئالدىنقى قاتاردا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە ئەۋەتىپ مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا جەھەتتە ئۇقۇتۇپتۇ. ئىلگىرى نېفىتلىكلەرنى پۈتۈنلەي چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرىگە باشقۇرتىدىكەن، ھازىر ھەممىنى، ماشىنا- ئۈسكۈنىلەرنىمۇ ئۆز مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن باشقۇرۇدىغان بولۇپتۇ. بىر كۈنى بىر بۇرادىرىم مېنى ئۆز خانىسىغا چايغا تەكلىپ قىلدى. يولدا كېتىۋېتىپ، كەڭ كەتكەن بىر چۆلدىن ئۆتتۇق. قارىسام، شۇ چۆلدە ئاجايىپ كاتتا، گۈمبەز شەكىللىك بىر بىنا بار ئىكەن، كۆلىمى ھەيۋەت، كۆرۈنۈشى تولىمۇ چىرايلىق، مەن: بۇ نېمە ئىمارەت؟ دەپ سورىۋىدىم، ھەمسەپەرلىرىم: سۈنئىي ھەمرادىن قوبۇل قىلىش ئىستانسىسى،- دېدى ئىنتايىن پەخىرلەنگەن تەلەپپۇز بىلەن،- بۇ يەردە ئىشلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ سەئۇدىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، بۇ يەردە چەت ئەللىك يوق، ئىسلام دۇنياسى تەرەققىي تېپىپتۇ، ئالغا ئىلگىرىلەپتۇ دەپ ئويلاپ قالدىم، بۇ مېنىڭ ھېسسىياتىم. ئەلۋەتتە، مەككىدىن قايتىپ كەلگەن يەنە باشقا ئادەملەرنىڭ باشقا قاراشلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن.
      
    پروفېسسورنىڭ ئېلاۋىسى: ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن خەنزۇلار، ھەقىقىي سوتسىيالىزم شىنجاڭدا ئىكەن، دەيدىكەن. مەككىدىن ھەج قىلىپ قايتىپ كەلگەن دىنىي ئەربابلارنىڭ بەزىسى بولسا، ھەقىقىي ئىسلام دىنى شىنجاڭدا ئىكەن، دەيدىكەن. بۇ گەپلەرنىڭ ئۇرانىدىن نېمە چىقىدۇ؟ ئېھتىمال، ھەر كىمنىڭ چۈشەنچىسى ھەر خىل بولسا كېرەك!
    -
    ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى بەخت- سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، پەن- تېخنىكىمۇ ئىنسانلارغا بەخت- سائادەت كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىغا ئاكتىپ مەدەت بېرىشىمىز كېرەك. قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى مەن بىلەن ئىسىمداش، ئۇنىڭ ئىسمىمۇ ئابدۇرىشىت، دادىسىنىڭ ئىسمى سابىت. ئۇ 7- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىمىزنىڭ ۋەكىلى- ئوردوچىنى، پارسچىنى، ئەرەبچىنى، چاغىتايچىنى ئوبدان بىلىدىغان ئۆلىما. مەككىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قەشقەردىكى بەزى باي يەككە تىجارەتچىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىلگىرىكى مەدرىسنىڭ ئورنىغا تىل تېخنىكومى دەپ ئۈچ قەۋەتلىك بىر بىنا سالدۇردى. ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى قەشقەردىكى ھەر قايسى ساھە ئەربابلىرىنىڭ مەدھىيىسىگە سازاۋەر بولدى. ئۇ مېنىڭ ياخشى بۇرادىرىم، بىز شىنجاڭنى پەن- تېخنىكىدا راۋاجلاندۇرۇشقا ھەسسە قوشۇش ئارزۇسىدىمىز.
    ئېلاۋە: چەمبەرسىمان يولنى تاشلاپ، ئالغا ئۈندەش دېگەن ئەنە شۇ


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.