ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-21

    ئوردىخان پادىشاھ ۋە ئوردا خېنىم رىۋايىتى - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39719403.html

    دۇنيا ئاپىرىدە بۇلۇپ تۇپان بالاسىدىن كىيىن مۇنبەت ئانا تۇپىرىقىمىزدا رەزىللىكلەر ئۈچىغا چىقىپ گۇنا مەيسىيەتلەر بىلەن زىمىن بۇلغانغان چاغدا  جەننەت كەبى ئەزىز ئانا زىمىنىمىز تەكلىماكان شەھەرى بىر قېتىملىق قۇم بۇران ئاپىتى بىلەن قۇمغا چوكتۇرۋىتىلدى،بۇ بىزگە تەڭرىنىڭ ئىككىنجى قېتىملىق ئاگالاندۇرۇش جازاسى ئىدى 
    ئەپسۇس، بىز شۇ چاغدا نىمىنى چۇشەندۇق بىز ئىبرەت ئالدۇقمۇ ياكى تەبىئەتنى تىللاپلا بولدى قىلدۇقمۇ،شۇنىڭدىن كىيىن ئويغاندىقمۇ ياكى قۇم بۇران بالاسىدن كىيىن چۇشكۇنلىشىپ قۇساق بېقىش كۇيىدا ياچىۋەكتەك ئىغاڭلاپ يۇرۇشتۇقمۇ،ياكى قۇم باسقان بۇ شەھىرىمىزدە ئوزىمىزنى ئىزدەپ غېرىپلىقتا چۈشكۇنلەشتۇقمۇ،بۇ ئۈزىمىزگە بەش قولدەك ئايان ئەلۋەتتە،باشقا ئىنسانلارمۇ بەگنىڭ چىرايى قاندا بۇلىدۇ قۇلنىڭ چىراي قاندا بۇلىدۇ بىلمەي قالمايدۇ ئەلۋەتتە.  
    بىزنىڭ ئەتىراپىمىزدا نۇرغۇن ئادەملەر باركى قىلدىم دەپ ئەمەلى ياشايدىغان،قىلىمەن دەپ ئۈزىنى ئالداپ ياشايدىغان ئادەملەردىن نۇرغۇنلىرىنى كۆردىم،مەن شۇ تاپتا قىلدىم بىلەن قىلىمەننىڭ پەرقىنى ئايرىدىغان چاغ يىتىپ كەلدىمىكىن دەيمەن،چۇنكى قىلدىم راس، قىلىمەن يالغانمىكىن دەيمەن. 
    ئەمدى تىمىنىڭ ئۈزىگە كىلىدىغان بولساق پۇتۇن دۇنيا مەدىنىيتىنىڭ سىرى يۇشىرىنغان بۇ سىرلىق ماكان تەكلىماكان ھەققىدە ئازغىنە ئىزاھات بەرمەكچىمەن. 
    ئوردام ئۇنىڭ ئورنى شىمالى پارالىل  38گرادوس50مىنۇت 54سىكونت،شەرقى مىردىيان 76گىردوس 39مىنۇت 30سىكونتقا  توغرا كىلىدىغان بۇلۇپ ئۇ نۇرغۇنلىغان چوڭ –كىچىڭ ئىگىز –پەس قۇم بارخانلىرى بىلەن قاپلانغان ،ئىقلىمى قۇرغاق ، تەبى شارائىتى ناچار ، قۇمۇش ، سۆك سۆك ، چۆجىن ، مىقى قاتارلىق ئۇسۇملۇكلەر ئۇسىدۇ . ناگا – ناگادا ئۇچراپ قالىدىغان كىيىك، تۇلكە، ياۋا توڭگۇز، توشقان ، ياۋا كەپتەر ، تاغ تۇمۇچىقى قاتارلىقلار ياشايدۇ . ئۇ قەشقەر ۋىلايەت  يىڭشەھەر ناھىيە ھاراپ يىزسىنىڭ شەرقى جەنۇپ تەرپىىگە جايلاشقان . خەلقىمىزنىڭ سۆزلەپ بىرشىچە بۇنىڭدىن ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى بۇ قۇم دۈۋىللىرىنىڭ ئورنىدا ناھايتى گۈزەل بىر شەھەر بار ئىكەن .
    بۇ  شەھەرنىڭ خەلقى باي- باياشات ، بايلىق بىلەن تولغان شەھەر بۇلۇپ كىشلەر ھاراق-شاراپقا، كەيپى-ساپا تۇرمۇشقا بىرىلىپ گۇنا تۇيغىسىنى يۇقاتقان چاغدا، بىر كىچىدىلا قاتتىق بۇران چىقىپ، بۇ مۇدىھىش قۇم  دۈۋىسى بۇ گۈزەل شەھەرنى ئۆز قوينىغا ئالغانمىش ، بۇ  شەھەرنىڭ ئىسىمى تەكلىماكان  شەھەرى بۇلۇپ ئاشۇ ھەددى ھىساپسىز بايلىقلار قۇم دۈۋىسىنىڭ ئىچىدە بارمىش ، بۇران چىققان ئايلاردا بۇ مال-دۇنيالار سىرىتقا چىقىپ قالارمىش ، دىگەندەك رىۋايەتلەر بار .
    ئەلقىسسە ھىجىريەنىڭ 317 يىللىرى (مىلادى 998 –يىللىرى ) سۇلتان سۇتۇق بوغراخان تەخىتكە چىىقىپلا ئۆز خەلىقى ئىچىدە ئىسلام دىننى كەڭەيتىشنى دۆلەت سىياسىتى قىلىپ بەلگىلەپ، ئالدى بىلەن قەشقەر،يەكەن،ئاقسۇ،قاتارلىق جايلاردا ئىسلام دىننى ئۇمۇملاشتۇرۇپ،كەينىدىنلا 893-يىلى ئۇغۇلچاق قەدىرخان تاتتۇرۇپ قويغان تالاس شەھەرىنى‹بۈگۇنكى قازاققىستان جامبۇل شەھرى› نى سامانىلار قۇلىدىن تارتىۋالدى.942-،943-يىلى مىلادىدىكى غازاتتا بلاساغۇن،سۇياپ شەھەرلىرىنى ۋە ئىسىق كۆلنىڭ شەرىق تەرپىدىكى جايلارنى ئىسلامغا بەيئەت قىلدۇرۇپ،ماچىن ‹خۇتەن›،كۈسەن ‹كۈچا› لارغا يۈرۈش قىلىپ بۇددىس ئۈيغۇرلارغا غازات ئىلان قىلىپ،ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئىسلامغا مۇشەررەپ قىلدى،مىلادى 955-956يىلى قەشقەردە ۋاپات بۇلۇپ ۋەسىيتى بۇيىنچە ئۇستازى دەپنە قىلىنغان ئالتىن ئاتۇش‹ھازىرقى ئاستىن ئاتۇش دىيىلىدۇ› دەپنە قىلىندى،شۇنىڭ بىلەن غەزەلخان ئۈيغۇر خەلىقى مۇنداق قۇشاق تۇقىدى ۋە ئۇنى ناخشا قىلىپ بۈگۈنگۈچە ئۇقىدى،
    ئاتۇش دىگەن ئوبدان يۈرۇت،
    دۈشەنبە بازارى بار. 
    ئۆز خەلىقىنى قوللايدۇ، 
    ھەز سۇلتان مازارى بار. 
    سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن چوڭ ئوغلى مۇسا بىننى ئابدىكىرىم‹ 956-يىلدىن 958-يىلغىچە› سەلتەنەت سۇردى،ئاندىن كىچىك ئوغلى سۇلايمان بىننى ئابدىكىرىم‹ 958-يلدىن 978-›يىلغىچە،ئاندىن ئۇنىڭ ئورنىغا نەۋرىسى ئەبۈ ھەسەن ئەلى ئىبنى سۇلايمان يەنى ئەلى ئارسىلانخان‹سەلتەنەت دەۋرى978-998-يىللار›خاقان بولدى.شۇكۇندىن باشلاپ ئىسلام دىنى قارخانلار دۇلىتىنىڭ دۇلەت دىنى قىلىپ بىكتىلىپ،خۇتەن،كۇچا،تۇرپانلارنى ئىسلامغا بەيئەت قىلدۇرۇش ئۇرۇشلىرنى باشلىۋەتتى.مانابۇئۇرۇشلار جەرياندا ماچىن،‹خۇتەن بۇددس ئۇيغۇرلىرى› ئىسلامدىن يىنۋىلىش تۇپەيلى بۇئۇرۇش ئۇزۇنغا سۇزۇلۇپ كەتتى .
    مانابۇئۇرۇشلارنىڭ ئەڭ مەشھۇر بىزنىڭ قۇم ئاستىدا كۇمۇلۇپ قالغان گۇزەل ئانا ماكانىمىز تەكلىماكانىڭ ئۇردام دىگەن  بۇلكىدە يۇز بەردى.
    Ⅹئەسرنىڭ ئاخىرىلىدا ئۇيغۇرلانىڭ گەنجۇ ‹بۇگۇنكى جاڭيى شەھىرى›نى پايتەخىت قىلغان خىشى ئۇيغۇر خانلىقى ،تۇرپان شەھەرنى پايتەخىت قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى قەشقەر شەھەرنى پايتەخىت قىلغان قارخانلار ئۇيغۇر خانلىقى ۋە خۇتەن شەھەنى پايتەخىت قىلغان ماچىن ئۇيغۇر خانلىقى پارالل مەۋجۇت ئىدى .
    بۇچاغ خىشى ‹خان كاردۇرى› بىر قىسمى ئاتا-بۇۋللرنىىڭ دىنغا بۇلغان شامان دىنىدا كۇپ قىسمى بۇلسا بۇددا دىنىغا كۆچكەن،ئىدىقۇت ئۇيغۇرللىرى بىلەن ماچىن ئۇيغۇرللىرى بۇددا دىنىدا چىڭ تۇرۋاتقان ۋاقىت ئىدى .قارخان ئۇيغۇرللىرى بۇلسا ئىسلام دىىننى كەڭيتىۋاتقان ۋاقىت ئىدى.تىبەت خانلىقى دىنداش بۇلغان خىشى ئۇيغۇر خانلىقى ۋە ئىدىقۇت ئۇيقۇر خانلىقى ،ماچىن خانلىقغا زۇر كۇچ بىلەن ياردەم بىرىۋاتقان ۋاقىت ئىدى.
    قارغانلارنىڭ ئاساسى قۇشۇنى كۆك ئارتىنىڭ غەربىدە سامانلار بىلەن ئۇرۇش قىلۋاتقان چاغدا پۇرسەتنى غەنيىمەت بىلگەن ماچىن ئۇيغۇر بۇددسلىرى قارخانلارنىڭ پايتەختى قەشقەرگە ھۇجۇم قۇزغىغان، ئەينى چاغدا قارخانلار تەختىدە بىقارار تۇرغان ھەزتئىلى ئارسلانخان تۇققۇز تۇمەن لەشكەر بىلەن ئۇردا كەنىت قەشقەر شەھەردىن يۇلغا چىقىپ ‹ئۆتەڭ قارا› دىگەن جايدا چىدىر تىكىپ خۇتەن بۇددسلىرنىڭ ئالغا ئىلگىرش يۇلنى تۇسۇپ جەڭگە كىرىگەن ، مانابۇ جاي تارىختا نامى قالغان ئۇردام ئۇرداخىنىم دىگەن جاينىڭ نەخ ئۇزى شۇ . بۇقىتىمىقى ئۇرۇشتا ئىسلام پىدائلىرى ئىلى ئارسىلانخانىڭ قۇماندانلغىدا سانى جەھەتتىن ئاز بۇلسىمىۇ قاتتىق پىداكارلىق كۆرسۇتۇپ ماچىن بۇددىس قۇشۇنلىرنى ئارقىغا چىكىنىدۇرگەن .بۇ قانلىق ئۇرىشتا ئۈزىنىڭ مەغلۇپ بۇلىدىغانلىغىنى پەمىلىگەن خۇتەن بۇددىس خانى خۇمسىلىقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ھىلە بىلەن ئىسلام قۇشۇنى مەغلۇپ قىلماقچى بۇلۇپ خەلىقى ئىچىگە مۇنداق جاكار ئىلان قىلىدۇ،كىمەرسىكى قارىخان قۇشۇننىڭ مەغلۇپ بۇلىشىغا بىرەر تەدبىر كۆرسىتەلىسە ئۇنىڭغا ئاتنىڭ كاللىسىدەك ئالتۇن بىرىدىغانلىغىنى ۋەدە قىلىدۇ،لىكىن خەلىقى ئىچىدە تەدبىر كۆرسىتىدىغان بىرەر تەدبىركار چىقمايدۇ،شۇ ئارلىقتا ئىچى زەھەرخەندىلىك ۋە ھىلە-مىكىر بلەن تۇشۇپ كەتكەن بىر دەللە بۇئىشنى ئۈزىنىڭ قىلالايدىغانلىغىنى ئېيتىپ پۇتۇن بەددىننى ئىسلامچە ئۇراپ بوينىغا تەسۋىنى ئېسىپ ئىسلام قۇشۇنىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئۈزىنى ناھايىتى تەقۋادار كۆرسۇتۇپ كىچىللىرى ئۇخلىماي تەسۋى سىرىپ يىغا بىلەن ئۆتكۈزىدۇ،بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن كىشلەر مۇماينى ئەللى ئارسىلانخاننىڭ ئايالىغا تۇنۇشتۇرۇپ،خانىشنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ئېلىپ قاللىدۇ،ئۇ دەللە شۇنى ئۇقۇۋالىدۇكى ئىسلام قۇشۇنىنىڭ خانىغا تىغ ئۆتمەيمىش ئۇ ئۇرۇشقا كىرىپلا قالسا ھەرقانداق دۇشمەنمۇ مەغلۇپ بولماي قالمايمىش دىگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلاپ  قانداق قىلسام بۇ سىرنى ئۇقامەن دەپ، ئاتنىڭ كاللىسىدەك ئالتۇننىڭ ۋەس-ۋەسچىلىگىدە كىچىلىرى ئۇخلىماي خانىشنىڭ ئەتىراپىدا پاي پىتەك بۇلۇپ خانىشنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمىگە ئايلىنىۋالىدۇ.بىر كۇنى مۇماي قىزىق ھىكايە سۆزلەۋەتىپ  قەستەن قولتىغىغا قىسىۋالغان چۈجىنى سىقىدۇ،چۆجە چۇك-چۇك قىلىدۇ بۇنى بىر نەچچە قېتىم تەكرارلايدۇ،نىمە ئىشلىكىنى بىلەلمەي قالغان خانىش مۇمايدىن سورايدۇ،مۇماي، بالام سىزگە دىمىسەم ياخشى بولاتتى بوپتۇ، مەن سىزگە دەپ بىرەي مىنىڭ يولدۇشۇم بۇرۇن بىر دۆلەتنىڭ ۋەزىرى  بولغان  ئۇ شۇنداق ياخشى ئادەم ئىدى ئۇنىڭ غا نە تىغ نە ئوق كار قىلمايىتتى،مەن شۇ ئىشلارنى ئۇقۇپ تۇرۇپمۇ بۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىمىغان ئىكەنمەن ئىرىنىڭ سىرىنى  بىلۋالمىغان ئايال كىشى كىيىن مۇشۇنداق چۇك-چۇك كىسەلگە قالىدىكەن دەپ ئۇن سلىپ يىغلاپ كىتىپتۇ،ھەم بىرمۇنچە ياغلىما سۆزلەرنى قىلىپ سىزمۇ ئېرىڭىزنىڭ سىرى بولسا ئامال بار ئۇقۋىلىڭ كىيىن مەندەك سېسىق چۇك-چۇك كىسەلگە گىرىپتار بوپ قالماڭ يەنە دەپ نەسھەتلەرنى قىپتۇ،ئىچىگە قورقۇنىش كىرۋالغان خانىش ئەلى ئارسىلانخانغا كۇندە ئىلتىجا قىلىپ تۇرىۋاپتۇ،زادى سىلىگە نىمە ئۈچۇن تىغ كار قىلمايدۇ بۇنىڭ سىرى نىمە دەپ ئىلتىجا قىلىۋىرىپتۇ،چىداپ بولالمىغان خان ھەي خۇتۇن ماڭىمۇ قىلدىڭ ئۈزىڭگىمۇ قلدىڭ مىنىڭ خاسىيتىم شۇكى ماڭا نامازنىڭ پەرزىگە تۇرغان ۋاقتىمدىن باشقا ۋاقىتلاردا تىغ كار قىلمايدۇ شۇ ۋاقىتتا ماڭا يىكەن سانجىسىمۇ ئۇتۇپ كىتىدۇ،دەپ چىقىپ كىتىپتۇ، ئىشىك تۇۋىدە ماراپ تۇرغان دەللە بۇ سىرنى ئاڭلىۋېلىپ بىر كىچىدىلا ئۆز قۇشۇنىنىڭ قىشغا كىلىپ بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بىرىپتۇ. خوش بوپ كەتكەن خۇتەن بۇددىس خانى قاۋۇل كەلگەن 4-5 ئادەمنى دىندار سىياقىدا ياساپ ئىسلام قۇشۇنى ئارسىغا كىرگۇزۇپ ھۇجۇم قىلىدىغان چاغنى تاڭ سەھەر بامدات ناماز قىلىپ بەلگىلەپ ئۇلارنى يۇلغا سالىدۇ،ئۇلار ئىسلام قۇشۇننىڭ ئارسىغا كىرىپ پۇرسەت كۇتۇپ دىندار قىيپەتتە يۇرشىدۇ،دىيىشكەن كۇنى بامدات نامازنىڭ پەرزىگە تۇرغان چاغدا ئىمام سۇرە پا تىھەنىڭ ئارقىسىدىن ئىننا ئەھتەينانى ئۇقۇيمەن دەپ ئىننا پەتەھننانى ئۇقۇپ سالىدۇ، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ دۇشمەن قۇشۇنى باستۇرپ كىلىدۇ،شۇ چاغدا ئەلى ئارسىلانخانىنىڭ كەينىدە نامازخان بۇلىۋالغان بۇددىس چاققانلىق بىلەن ئارسىلانخانغا تىغ ئۇرىدۇ.شۇ چاغدا تىنىدىن جۇدا بولغان باشتىن شۇنداق زۇۋان كەپتۇ ماڭا شەمشىرىمنى چىشلىتىپ كاللامنى ئېتىمنىڭ ئىگىرىنىڭ ئۆستىگە قۇيۇڭلار دەپ دۇشمەنلەر سېپىگە كىرىپ دۇشمەنلەرنى ئوما ئورغاندەك ئۇرۇپ دەريا كەبى قانلارنى ئاققۇزۇپ يۇرپ قەشقەر شەھەرىنىڭ دۆلەت باغ يىزىسىنىڭ دۆلىتاخۇن دىگەن ئادەمنىڭ بىغىغا دومىلاپ چۇشكەنمىش،ئۇ قەشقەر شەھىرىنى شىمالى ۋە شەرىق تەرەپتىن كىسىپ ئۇتىدىغان تۇمەن دەرياسىنىڭ شەرىقى قىرغاق بۇيىدىكى ‹دۆلەتباغ›يىزىسىنىڭ، ‹ئارسىلانخان›كەنتى.بىز يۇقارقى رىۋايەتلەرنىڭ مېغىزىنى ئىلغاپ شاكىلىنى ئىلغىۋەتىپ قارايدىغان بولساق مۇنداق  بىر ئېچىنىشلىق ۋەقە كۆز ئالدىمىزدا نامەيەن بولىدۇ،‹ئۆتەڭ قارىدىكى›قەتىلھامدا ئارسىلانخاننىڭ بېشىنى ئېلىشقا مۇيەسسەر  بولغان بۇددىس ئۇيغۇرلىرى  ئىسلام ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇش ئۈچۇن ئارسىلانخاننىڭ بېشىنى ئەينى زاماندىكى ئادەت بۇيۇنچە نەيزىنىڭ ئۈچىغا سانجىپ پايتەخىتكە باستۇرۇپ كەلگەن.مىلادى999-يىلى سامانىلار پايتەختى بۇخارانى پەتى قىلغان يۈسۇپ قادىرخان غازى بۇ شۇم خەۋەرنى ئىشتىپ ئىسلام قۇشۇنلىرىنى باشلاپ قەشقەرگە جازا يۇرىشى قىلىپ خۇتەن بۇددىس ئۇيغۇرلىرىنى قايتىدىن ئىسلامغا بەتئەت قىلدۇردى.ۋە ئارسىلانخاننىڭ بېشىنى تېپىپ ئەكىلىپ ھازىرقى دۆلەت باغنىڭ ئارسىلانخان كەنتىگە دەپنە قىلدۇرغان.
      ھازىر ئۇ يەرلەر چېقىلىپ ئورنىغا بىنالار سېلىندى شۇ سەۋەبتىن قارىخانىلارنىڭ خانى بولغان ئېلى ئارسىلىنخان بۇۋىمىزنى ياد ئىتىش ئۈچۈن بۇ يازمىلارنى رەتلەپ كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنشىغا سۇندۇق.شۇڭا خەلىقىمىز ئېلى ئارسىلانخان بۇۋىمىزنى ئەسلەش يۈزىسىدىن ھەريىلى 1-ئاي ،مۇئەررەم(ھۇشۇر) نىڭ 10-كۈنى، 8- ئاي شەھبان(باراتنىڭ) 14-كۈنى تەڭىرى تاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى ئېتەكلىرىدىن سەپەر مۇشەققەتلەرگە پىسەنت قىلماي بۇ قەبرگاھلارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كىلىدۇ
    شۇنى تەكىتلەپ ئۇتۈشكە ئەرزىيدۇكى ،ئۇ يەردە نە گۈمبەز، نە قەدىمى شەھەرلەرنىڭ ئىزنالىرىمۇ قالمىغان بىراق كىشىلەر شۇيەرلەردىكى شېھىتلەرنى ئەسلەپ زىيارەت قىلىشىدۇ
    ئىزاھات مىقى:  ئوردىخان دىيارىدا ئۈسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك،ئۇنى پىسەن خەلىقى ئاچارچىلىق مەزگىللەردە يىمەكلىك ئورنىدا ئىستىمال قىلىغان
    سۆك –سۆك: يانتاق
    پايدىلانغان ماتىرىياللار:
    يېڭىشەھەر تارىخى ماتىرىياللىرى (خەلق ئارسىدىن توپلاندى)


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.