ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-21

    ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39671626.html


    (
    بۇ ئەدەبىي ئاخبارات مۇڭغۇل ئاپتۇر مىڭ جىبىي ۋە لولۇلۇلار تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ،  1988- يىلى "تارىم" ژورنىلىنىڭ 10- سانىدا ئالان قىلىنغان. شۇ چاغدا ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك تەسەر قوزغىغانىدى.)
    ( "
    ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى)
    پاكىتلارنىڭ قىستىشى
    جۇڭگو، چەتئەل ئالىملىرىنىڭ شىنجاڭ تارىخى ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنى ئوقىغاندا، ئۇيغۇرلار ئېسىل مىللەت دىگەن خۇلاسسىگە كېلىشىڭىز تەبىئىي. شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بەزى تارىخىي ھادىسىلەر گويا تېپىشماققا ئوخشايدۇ. مەسىلەن:
    قەدىمقى زاماندا بۇ زىمىندا ھونلار، چوڭ ياۋچىلار، ساكلار، ئېفتالتلار، چاڭلار، تۈبۈتلەر، تۈركلەر، سىيانپىيلار، قىتانلار، جورجانلار، مۇڭغۇللار ياشىغان. بۇ مىللەتلەرنىڭ بەزىسى ئۆز دەۋرىدە كارامەت زورىيىپ، قۇدرەت تېپىپ جاھاننى سورىغان، لېكىن ھازىرقى كۈندە بولسا، بەزىسى كىچىكلەپ، ئاجىزلاپ كەتتى. بەزىسى تارىخ سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتتى. ئۇيغۇرلار بولسا، تارىختىكى بوران- چاپقۇندا راۋاج تېپىپ، زورىيىپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مىللىتىگە ئايلاندى. بۇنىڭ سىرى نىمە؟
    بۇرۇنقى قۇچۇ ئۇيغۇرلىرى ئۆز دەۋرىدە تۇرپاندىكى سوغدى يېزىقى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى، خەنزۇ يېزىقى، سۈرىيە يېزىقى، سانسىكرت يېزىقى، پارىس يېزىقى، تۈرك يېزىقى ۋە تاڭغۇت يېزىقى بىلەن بۇددا دىنىغا، مانىي دىنىغا، نىستۇرىيان دىنىغا، مەجۈسى دىنىغا ئائىت دىنى كىتاپلارنى تاش مەتبەئەدە نەشىر قىلالىغان. بۇنداق ئەھۋال ئۆز زامانىسىدا دۇنيادا كەم ئۇچراپتىكەن. بۇنىڭ سىرى نىمە؟
    بىرەر دەۋىرنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان كاتتا مەدەنىيەت ئەرباپلىرى يوق مىللەتنى ئىنتايىن مەدەنىيەتلىك مىللەت، دەپ ئاتىماق تەس. شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئەل فارابى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى، ئەلىشىر نەۋائىيدەك كاتتا مەدەنىيەت ئەرباپلىرى چىققان. بۇنىڭ سىرى نىمە؟
    ئۇيغۇرلار ئىلگىر- ئاخىر بولۇپ، شامان دىنىغا، مانىي دىنىغا، مەجۈسى دىنىغا، ئاخىرىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. دۇنيادا دىن- ئەقىيدىسىنى شۇنداق كۆپ تاللىغان مىللەت تولىمۇ ئاز تېپىلىدۇ. بۇنىڭ سىرى نىمە؟
    ئۇيغۇرلار شىمالىي مۇڭغۇل قوملۇقىدا ياشىغان چاغلىرىدا سان جەھەتتىن ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. كېيىن ئۈچ يولغا بۆلىنىپ كۆچۈپ تولىمۇ چېچىلىپ كەتتى. ئەمما ئۇزاق ئۆتمەيلا تارىمدىكى بىرمۇنچە قەبىلە- ئەللەرنى ئاسسىملاتسىيە قىلدى. كېيىنكى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا خېلى كۆپ خەنزۇنى، مۇڭغۇلنى، قىتانلارنى ئاسسىملاتسىيە قىلدى. شۇنداق زور ئاسسىملاتسىيە قىلىش ئىقتىدارىدىكى سىر نىمە؟
    ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تارىختىن قالغان ئېغىز ئەدەبىياتى بار، لېكىن ئۆز ئالدىغا سېستىما ھاسىل قىلالايدىغان نۇرغۇن ئەدەبىي مىراسى بار مىللەت پەقەت بىرلا ئۇيغۇر مىللىتى. بۇنىڭدىكى سىز نىمە؟
    .
    مەن ئەشۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە بىر ئۇيغۇر بۇرادىرىمدىن ئەقىل سورىدىم. ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمقى مەدەنىيىتىنى پىششىق بىلەتتى. خەنزۇلارنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا بەكمۇ قىزىقاتتى. ھازىرقى زامان دۇنياۋى پەلىسەپە ئېقىملىرىدىنمۇ كەڭ مەلۇماتلىق ئىدى. ئۇنىڭ ئىستىتىكا، مۇزىكا، ئۇسۇل ۋە تارىخ قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ قاتلاملىق ئەمگەكلىرى بار. ئۇ چۈي يۈئەننىڭ "توققۇز نەزمە" ناملىق شېئىرلىرىنىۇ خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان. ئۇ ئارىلاشما مەدەنىيەت نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلغانلىقى، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەيىپلىرىنى ئەگىتىپ تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن، دائىم يېىتىم ھالەتكە چۈشۈپ، چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ قالىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ
    :
    ___
    بۇ سىرلارنى، ھازىرقى زامان تىلى بىلەن ئېيتقاندا، ئېچىۋېتىش، قوبۇل قىلىش، دەپ يېشىش مومكىن. شىنجاڭنىڭ ئۈچ تەرىپى ئىگىز تاغ. ئومۇمەن قارىغاندا، ئۇ تەنىئىي مۇھىيىتى جەھەتتىن بېكىك ھالەتتە تۇرىدۇ. شۇڭا تەشەككۈر ئېيتىمىزكى، قەدىمقى زاماندىكى ئاتلىق مىللەتلەر ۋە سودىگەرلەر تاغ- داۋانلاردىن ئېشىپ، بىپايان چۆللەرنى كېزىپ، خەلقئارا كارۋان يوللىرىنى ئېچىپ، دۇنيانىڭ شەرقى بىلەن غەربىنى تۇتاشتۇرغان. يۇنان- رىم مەدەنىيىتى، ئىران- ئەجەم مەدەنىيىتى، ئىسلام- ئەرەپ مەدەنىيىتى بۇ يەرگە توپلانغان. مانا موشۇنداق موھىيىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەپ- تەرەپكە يول ئاچىدىغان، ئېچىۋېتىش روھىغا ۋە ئەتراپلىق قوبۇل قىلىش غەيرىتىگە ئىگە بولىشى تەبىئىي. تەرەپ تەرەپكە يول ئاچقاندىلا روناق تاپقىلى، تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ. بۇمۇ ھىزىرقى كۈندە دۇنياغا پۇر كېتىۋاتقان نەزەرىيگە، تېرمودىنامىكىنىڭ ئىككىنچى قانۇنىيىتى بويىچە بارلىققا كەلگەن ئېنتىروپىيە نەزەرىيىسىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. تاشقىي دۇنيادىن داۋاملىق ھالدا قۇۋۋەت- مەدەت ئېلىپ، ئۆزىنى تولۇقلاپ تۇرغاندا يىلتىزسىز گىياھقا ئوخشاش ھالەتكە چۈشۈپ قالمايدۇ. ئەرەبلەرنىڭ بىر ئالىمى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئەنئەنسىنى مۇنداق بىر ئوبرازلىق ئوخشىتىش بىلەن سۈپەتلىگەن: ئۇ گويا تۆت تېمىنىڭ ھەممىسىدىن دېرىزە ئېچىلغان ئۆيگە، گۈللەرنىڭ رەڭ، پۇراق تۈرلىرىنى ئايرىمايلا شىرنە يىغىدىغان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدۇ...
    مەن يەنە ھېلىقى ئۇيغۇر بۇرادىرىمنى ئىزدەپ باردىم. ئۇ چەت ئەلدىكى ئىلمىي لېكسىيىسىنى تۈگىتىپ ئەمدىلا قايتىپ كەلگەنىكەن، روھى ئۈستۈن، كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرۇپتۇ. چەت ئەل ساياھىتى مۇناسىۋىتى بىلە ننەزەر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپتۇ، قاراشلىرىنىڭ دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپتۇ
    .
    -
    قېيىداش پىسخىكىسىنىڭ ئىپادىلىرىنى كۆرۈپسىز، - دېدى ئۇ،-  ئەمەلىيەتتە، چېكىدىن ئاشقان سولچىل لۇشيەندىن قېيىدايدىغان پىسخىكا خەنزۇلاردىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولغان. بىراق خەنزۇلار قېيىداشلىقتا دىققىتىنى بېكىكلىكتىن ئېچىۋېتىش تەرىپىگە يۆتكەپ، چەت ئەللەرنىڭ نەرسىلىرىنى ئىمكان قەدەر ئۆزىگە قوبۇل قىلىشقا باشلىدى.بىز ئاز سانلىق مىللەتلەر بولساق، قېيىداشلىقتا دىققەت- نەزەرىمىزنى ئۆز چەمبىرىمىز ئىچىگىلا يىغىپ، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي بىر نېمىلىرىمىزنىلا ئىمكان قەدەر قوغداش بىلەن بولۇپ قالدۇق. خەنزۇلار بىر نەچچە يىلدىن بۇيان پىرقىرىغۇچ شەكلىدە پىرقىراپ ماڭغان بولسىمۇ، يۆنىلىشى يۇقىرى ئۆرلەش بولماقتا، لېكىن بىز بولساق، چەمبەردىكى بىر ئىزدىلا چۆچىلەۋاتىمىز، چەمبەرنىڭ يېرىم دىئامېتىرى تېخى شۇ پېتى تۇرۇۋاتىدۇ، چەمبەر بارغانسېرى تارىيىپ بارماقتا. قېيىداش روھىي ھالىتى بىلەن ئۆزىنى كىچىككىنە بىر چەمبەر ئىچىگە بېكىتىپ قويغاندا، باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى قوبۇل قىلىش تولىمۇ تەس. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بىزدە ئىلگىرىلەش بولدى، لېكىن باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، قەدىمىمىز ئاستا.
    -
    بىرى پىقىرىغۇچسىمان، بىرى چەمبەرسىمان، بۇ ناھايىتى ئوبرازلىق ئوخشىتىش ئىكەن. قېيداش پىسخىكىسى مىللىتىمىزنى زىيانغا ئۇچراتماقتا، بېكىنمىچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى ئېچىۋېتىش روھىمىزنى پەسەيتىپ قويماقتا. ئەگەر ھوشىمىزنى تاپماي، شۇنداق روھىي ھالەتنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا يول قويىدىغان بولساق، ئۇ چاغدا باشقا مىللەتلەردىن كۆپ ئاقىدا قالىمىز.
    -
    بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى مۇلاھىزىڭىز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، پىشقان خۇلاسە ئىكەن. ئوقۇغۇچىڭىزغا خەت يازسىڭىز بولىدىكەن.
    -
    ئاللىقاچان يازدىم.
    يۆلىنىۋېلىش پىسخىكىسى
    پروفېسسور بىلەن يەنە ئۇچراشتىم. ئۇنىڭ كەيپى بوش، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندىن بۇيان شۇنى بايقىدىمكى، ئۇ بىرەر غەشلىككە يولۇققاندىلا قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىلىدە بىر پارچە سالام خەت تۇرۇپتۇ، كونۋېرتى تېخى ئەمدىلا يىرتىلغاندەك تۇرىدۇ. بېيجىڭدىكى ھېلىقى ئوقۇغۇچى يازغان خەت ئىكەن:
    ھۆرمەتلىك پروفېسسور: سىزگە سالام! خېتىمگە يازغان ئۇچۇرىڭىزدىن مىننەتدار بولدۇم. ئۇستازىم، سىزنىڭ قاراشلىرىڭىزغا قوشۇلىمەن، ھازىر بىز نۇرغۇن جەھەتلەردە قالاق ھالەتتە تۇرۇۋېتىپتىمىز، چۈنكى، قېيىداش روھىي ھالىتىمىز مىللىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىش، قوبۇل قىلىشىغا توسقۇن بولماقتا. مېنىڭچە، بۇ ھېچقانچە ئېغىر كېسەل ئەمەس، پەقەت كۆپچىلىك ئاز- تولا ئويلىنىدىغان بولساقلا ئەقىلگە كېلەلەيمىز. ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە بېكىنىۋېلىش ئۆزىنى- ئۆزى ئۆلتۈرگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئاددىي ھەقىقەتنى مىللىتىمىز چۈشىنىدۇ.
    ئۇستازىم، ئېيتىڭا، قېيىداش روھىي ھالىتىمىز تۈگىگەندىن كېيىن، مىللىتىمىزدە روھىي ھالەتتە يەنە باشقا توسالغۇمۇ بولارمۇ؟ مېنىڭچە، بولىدۇ. يېقىندا بىز بېيجىڭدىكى دوستلار بىر يەرگە توپلىنىپ قېلىپ، مۇنداق بىر مەسىلە ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىشتۇق: نېمىشقا بىز ئۇيغۇرلار بەزى ساھەدە ناھايىتى زېرەك بولۇپ، خەنزۇلاردىن ئېشىپ چۈشىمىز، يەنە بەزى ساھەلەردە خېلىلا ئارقىدا قالىمىز. سودا ساھەسىدە، شىنجاڭدىكى شۇنچە كۆپ مىللەتنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئېشىپ كېتىدىغىنى يوق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان قىسقىغىنە ئون يىل ئىچىدە مەيلى مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچىدە بولسۇن، مەيلى سىرتىدا بولسۇن، ئۇيغۇر سودىگەرلىرىمىزنىڭ ئايىغى تەگمىگەن يەر ئاز. گۇاڭدۇڭلۇق خەنزۇلار تىجارەتكە ناھايىتى ماھىر كېلىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق گۇاڭجۇنىڭ سەنيۇەنلى دېگەن يېرى ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ قالغان. بۇنىڭغا خەنزۇلارنىڭ ئۆزىمۇ ھەيرانىكەن. چۈنكى باشقا ئۆلكە، رايۇنلاردىن بارغان خەنزۇلار تىل مەسىلىسى سەۋەبى بىلەن گۇاڭدۇڭدا تۇرالمايدىكەن. ئۇيغۇر سودىگەرلەر بولسا، جۇجياڭ دېلتىسىدا بەخۇدۈك يۈرىدىكەن. شاڭخەيلىك خەنزۇلارمۇ تىجارەتكە ماھىر. شۇنداق بولسىمۇ شاڭخەينىڭ شەرقىي جېجياڭ كوچىسى ئۇيغۇر كوچىسىغا ئايلىنىپ كەتكىلى تاس قالغان. ھەتتا پايتەخت بېيجىڭدىمۇ ئۇيغۇر سودىگەرلەر خېلى قاينايدۇ.
    ئېلاۋە: ئۇيغۇرلارنىڭ سودىگەرچىلىك قىلىش قابىلىيىتى چەت ئەللىك ئەربابلارنىمۇ ھەيران قالدۇرماقتا. پايدىلىنىش خەۋەرلىرى نىڭ 1987-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى سانىغا مۇنداق بىر خەۋەر بېسىلغان: "رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 5- مارت گۇاڭجۇ تېلىگراممىسى. جۇڭگونىڭ ئەڭ چەت رايۇنىمۇ مۇرەككەپ قاراڭغۇ بازارلاردىكى پۇل سودىسى بىلەن، ئەتكەسچىلىك تورلىرى بىلەن بىرلەشمەكتە، شياڭگاڭنىڭ شىمالىدىكى گۇاڭجۇ شۇ توردا مۇھىم رول ئوينىماقتا..."
    نۇرغۇن پۇل سودىگەرلىرى شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەن. ئۇلار كوللېكتىپ ئوقەت قىلىدىكەن، خەنزۇلار بىلەن رىقابەتلىشىدىكەن. ئۇلار چوڭ شەھەرلەردە ياكى ساياھەتگاھلاردىكى مېھمانخانىلار ئالدىدا ئوقەت قىلىدىكەن.
    پۇل تېگىشىدىغان بىر ئۇيغۇر سودىگەر گۇاڭجۇ ۋوگزالىنىڭ ئالدىدا مەن بىلەن گەپلىشىپ: "بىز ھەر بىرىمىز ئېيىغا 1000 يۈەنچە پۇل تاپالايمىز، لېكىن بۇ ئوقەت تولىمۇ مۈشكۈل" دەيدۇ... ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر سودىگىرىدىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجۇغا ھەر نۆۋەت كەلگىنىدە ئۈچ ئاي تۇرىدىكەن، ھەر نۆۋەتتە 30مىڭ دوللار شياڭگاڭ پۇلى تېگىشىپ ئېلىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن گەزلىمە ئېلىپ، ئۈرۈمچىگە ماڭدۇرىدىكەن.
    بىر ئۇيغۇر سودىگەر مۇنداق دەيدۇ: "بىز كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىمىز، چۈنكى بىز ئېلىپ كەلگەن پۇل كۆپ بولغاچقا، خەۋپ- خەتەرمۇ چوڭ. بىزنىڭ ئوقەت قىلىۋاتقىنىمىزغا ئۈچ يىل بولدى. ھەر قېتىمدا ئۈچ ئايچە تۇرۇمىز". شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئاشپەز، ساتراشمۇ ئالغاچ كېلىدىكەن، ئۇلار گۇاڭجۇغا كېلىپ كېتىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇرلارغا خىزمەت قىلىدىكەن. قاچانلا بولمىسۇن، شۇنداق سودىگەرلەر بىرنەچچە يۈزدىن كەم بولمايدىكەن. بۇنداق قاراڭغۇ بازار ئوقىتى جەنۇبىي جۇڭگودا ناھايىتى ئومۇملىشىپ كېتىپتۇ. باشقا شەھەرلەردىمۇ، شۇ جۈملىدىن، بېيجىڭ، شاڭخەي، شىئەنلەردىمۇ ۋە ساياھەت مەركەزلىرىدىمۇ بار ئىكەن. پۇل تېگىشىدىغان ئۇيغۇر سودىگەرلەر بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى بىر ئاشخانىنىڭ دائىملىق خېرىدارى ئىكەن. ئۇ ئاشخانىنىڭ شۇنداق داڭقى باركى، ھەتتا چەت ئەللىكلەرمۇ ئۇنىڭغا "شىنجاڭ بانكىسى " دەپ لەقەم قويۇپتۇ...
    بۇ خەۋەرنى نەقىل كەلتۈرۈشتىن مەقسىتىم، چەت ئەل پۇللىرىنى پەلەمما قىلىش ھەرىكەتلىرىنى مەدھىيلەش ئەمەس. چەت ئەل پۇللىرىنى پەلەمما قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەنزۇلارنىڭ سانى ئۇيغۇرلاردىن جىق كۆپ ئىكەنلىكى چوقۇم، لېكىن بۇ خەۋەردىن قارىغاندا، خەنزۇلار رىقابەتتە ئۇيغۇرلارغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. مۇشۇ بىر جەھەتمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سودىگەرچىلىك قابىلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرمەمدۇ؟
    سودا ساھەسىگە قارىغاندا، مەن ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن، لېكىن باشقا ساھەلەرگە قارىغاندا، مەيۈسلىنىمەن. مەسىلەن، مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا ساھەسىدىكى ھازىرقى ھالىتىمىز كىشىنى مەمنۇم قىلالمايدۇ. ئۇستازىم، سىز ماڭا قارىغاندا كۆپ ئەھۋالدىن خەۋەردار. مەن بۇ يەردە مۇنداق بىر نەچچىلا ئەھۋالنى ئېيتاي:
    1. 1986-
    يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكىدىن ئالغان نومۇرى 60 قا يەتكەنلەر ئاران %0.9 دىن سەل كۆپرەكنىلا تەشكىل قىلىپتۇ، بىر پىرسەنتكە يەتمەيدىكەن.
    2.
    يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئىچكى ئۆلكىلەردىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىغا ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ ئىمتىھاندىن ئۆتكەن- قوبۇل قىلىنغانلىرى ئونغا يەتمەيدىكەن.
    3.
    شىنجاڭدىن ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇۋاتقانلار ئىچىدە ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇيدىغانلار تەبىئىي پەندە ئوقۇيدىغانلارغا قارىغاندا جىق كۆپ ئىكەن، دېمەك ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىغا بېرىپ خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭمۇ ئاز بولۇشى تەبىئىي. بۇ مەسىلىلەر ھەقىقەتەن كىشىنى قايغۇغا سالىدۇ. ئۇنداق ئويلىساقمۇ، بۇنداق مۇھاكىمە قىلساقمۇ، گەپ شۇ يەردىكەن: ھازىرقى دۇنيادا ھەر قانداق بىر مىللەت مەزمۇت تۇرۇپ، راۋاج تاپماقچى بولىدىكەن، پەن-  تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇشى زۆرۈر. ئۇستازىم، بۇ مەسىلىلەرنى ئويلاپ كۆرگەنلىكىڭىزدە شەك يوق. بىزنىڭ خۇلاسىمىزمۇ سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش چىقىشى مۇمكىن. شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا سىزنىڭ تەلىمىڭىزنى ئاڭلاشقا تەييارمەن.
    پروفېسسورنىڭ ئويلىغانلىرىمۇ بار ئىكەن. ئۇ ھېلىقى سالام خەتنى قاتلاپ ئېلىپ قويۇپ، ئويلاپ تۇرماستىنلا: "بۇ مەسىلىنى يېشىش ئاسان" دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نۇرغۇن ئادەمنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرى بار ئىكەن، لېكىن گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلغىلى ئۇنىمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۆزى بىرمۇنچە سورۇندا گەپنىڭ ئوچۇقىنى سۆزلەپ كۆرۈپتۇ، لېكىن ھەر قېتىم سۆلىگىنىدە بىرمۇنچە سوغۇق، تەنە گەپلەرگە يولۇقۇپتۇ. ئۇ شائىرلارغا خاس مىجەزلىك بولغاچقا، ئازغىنا تەنىگە ئۇچرىسىلا كەيپى ئۆرلەپ كېتىدىكەن. ئۇمۇ كۆپ چاغلاردا مۇشۇ ئىش ئۈچۈن غەم يەپ ئازابلىنىدىكەن. ئۇ ھېلىقى ئوقۇغۇچىنىڭ جاسارىتىنى يارىتىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
    - ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى بىزدىن دۇنيانى يېڭى تەپەككۇردا كۆزىتىشنى تەلەپ قىلماقتا. يېڭى تەپەككۇر دېگىنىمىز، ھازىرقى زامان ئېڭىغا ۋە ھازىرقى زامان مېتۇدولوگىيىسىگە ئىگە تەپەككۇر دېمەكتۇر. ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى ئەنە شۇنداق تەپەككۇر بىلەن تەھلىل قىلغاندىلا ئىلمىي خۇلاسە چىقارغىلى بولىدۇ. بىرمۇنچە كىشىلەر بىرەر مەسىلە توغرا كەلسىلا ھامان ئۆزىنى كەمچىلىكسىز مۇكەممەل قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ، ئەيىبنى باشقىلارغا ئىتتىرىدۇ. ئۇ كونا تەپەككۇر. ئۇنىڭ مەسىلە ھەل قىلىشقا ياردىمى بولمايدۇ، كۆپ بولسا، ۋاقتىنچە ئۆز- ئۆزىگە تەسەللى بولىدۇ. بۇ ياش ئوقۇغۇچى ئىككى ساھەدىكى پەرق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمەلىيەتتە خۇلاسىمۇ شۇنىڭ ئۆزىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇ. بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ: ئۇيغۇرلار سودا ساھەسىدە ئىنتايىن زېرەك، مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا ساھەسىدە بولسا ئارقىدا قالغان. بەزىلەر، يىپەك يولى ئۈستىدە ياشىغان ئۇيغۇرلار كونا يىپەك يولىدىكى ئەرەب، پارس، خەنزۇ ۋە سوغدىلارنىڭ سودىگەرچىلىك تەجرىبىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزىگە خاس مىللىي ئەنئەنە ياراتقان دېيىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرى ناھايىتى كۆپ، نېمىشقا سودىگەرچىلىك ئەنئەنىسى جارى بولۇپ، باشقا ئەنئەنىلىرى جارى بولمايدۇ؟ مېنىڭچە، سودا ساھەسىدە ئېتىبار بېرىش دېگەن گەپ يوق، پۈتۈنلەي رىقابەتكىلا تايىنىدۇ. سودا ساھەسىدە ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ كۈچىنى، ھازىرقى مودا سۆز بىلەن ئېيتقاندا، سۇبيېكتىپچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا ساھەسىدە بولسا، ئۇزۇندىن بۇيان ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلغانلىقتىن، جاپاغا چىداپ تىرىشمايدىغان، غەيرەت- ئىجتىھات قىلمايدىغان يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىسى پەيدا بولۇپ قالدى.
    -
    سىز شۇنداق دەپ قارامسىز؟
    -
    شۇنداق. شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا جەھەتتە ئارقىدا قالغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ. تارىخىي جەھەتتە، رېئال جەھەتتە، رەھبەرلىك جەھەتتە، كونكرېت ئىجرا قىلىش جەھەتتە، سىياسەت جەھەتتە ۋە تەدبىر جەھەتتە سەۋەبلەر بار، چوڭ خەنزۇچىلىقنىڭمۇ، يەرلىك مىللەتچىلىكنىڭمۇ تەسىرى بار ...نەتىجىسى بىر، سەۋەبى ھەر خىل. شۇ سەۋەبلەرنىڭ بىرەرسىگە كۆز يۇمۇشمۇ يالغانچىلىق بولىدۇ، لېكىن سۇبيېكتىپ سەۋەبنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىشىمىز لازىم. مېنىڭچە، شۇنداق قىلغان تۈزۈك. تارىختىن قالغان پەرق تۈپەيلىدىن ھازىرقى باسقۇچتا ئېتىبار بېرىش زۆرۈر. ئېتىبار بېرىش- پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلغان غەمخورلۇقى. مۇبادا ئېتىبار بېرىشنى قارىغۇلارچە چۈشىنىپ، ئۇنى مۇتلەقلەشتۈرۈۋالساق زىيان تارتىمىز. لاۋزى: دۈشمىنى يوق دۆلەت ھالاك بولۇر دەپتىكەن. بۇنى ھازىرقى زامان تىلى بىلەن شەرھلىسەك، رىقابەتچىسى رەقىبى يوقلار زەئىپلىشىپ كېتىدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ.
    -
    شۇنداق، مەن بولسام موڭغۇل. دەسلەپتە كەسكىن رىقابەت ئىچىدە چىڭگىزخان ئوتتۇرىغا چىققان، شۇنداقلا ئۇ رىقابەت ئىچىدە يەر- جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ئىشلارنى قىلغان. مەنچىڭ خاندانلىقى دەۋرىدە موڭغۇللار ئالاھىدە ئېتىبارغا ئىگە بولدى. بىرنەچچە يۈز يىلدىن كېيىن ئەسلىدىكى قۇدرەتلىك موڭغۇللار كىچىك مىللەتكە ئايلىنىپ قالدى.
    -
    ئىلگىرى، سوتسىيالىزمنىڭ ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، دەپ قارالغان داشقازان تامىقى جۇڭخۇا ئېلىنىڭ ئەمگەكچانلىقىنى، باتۇرلۇقىنى يوقىتىۋەتتى. شياڭگاڭ، سىنگاپور، تايلاند قاتارلىق جايلار ۋە ئەللەردىكى خەلقلەر خەنزۇلارنى ھۇرۇن، دەپ زارلىنىدىكەن. ئىلگىىرى بۇنداق دېيىشكە يول قويۇلمايتتى، دېگەنلەرگە پارتىيىگە، سوتسىيالىزمغا قارشى دېگەن يوغان قالپاق كىيگۈزۈلەتتى. بۇ جەھەتتە ئېچىنىشلىق زىيانلارنى تارتقاندىن كېيىن، مانا ئەمدى جۇڭگولۇقلار: داشقازاننىڭ تامىقى ھۇرۇن- تەييار تاپلارنى باقىدىكەن، دەپ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئېتىراپ قىلغاندا ئاكتىپلىق بىلەن تۈزەتكىلى بولىدۇ. ھازىر شىنجاڭدا ئېتىبار بېرىشتىن پەيدا بولۇدىغان پاسسىپ تەرەپلەرنى ئېتىراپ قىلمايدىغان ئادەم ئاز ئەمەس. ئۇياق- بۇياقلارغا بېرىپ، ئۇنىڭ- بۇنىڭ گەپ- سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، جەمئىيەتنى كۆپرەك تەكشۈرۈپ كۆرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

    1-خاتىرە:
    تۈركىيە لالە ھەسسىدارلىق كىيىم شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر دىرېكتورى تاشپولات بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىل ئىلگىرى شىنجاڭدىن چىقىپ كەتكەندە، ھال- كۈنى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىكەن. مانا ئەمدى ئۆز يۇرتىغا كاتتا باي سودىگەر بولۇپ قايتىپ كەلگەن. ئۇ ئۈرۈمچىدە ۋە غۇلجىدا ئۆز سەرمايىسى بىلەن زاۋۇت- فابرىكا قۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن. ئۇنىڭدا چەت ئەل دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتتۈم دەپ ھال پەيدا قىلىدىغان، ئۆزىنى باشقىلاردىن چوڭ چاغلايدىغان چاكىنىلىق يوق ئىكەن. ئۇ كرېسلودا يانتۇ ئولتۇرۇپ No politic دەپ قايتا- قايتا تەكىتلىدى. ئۇ سالاپەتلىك، گەپ- سۆزلىرى سىلىق ئادەم ئىكەن، سۆزنى ئەقىلگە سېلىپ ئويلاپ، جايىدا قىلىدىكەن.
    -
    مېنىڭ بوۋىلىرىم ئىلگىرى ئافغانىستاندا تىجارەت قىلغانىكەن. چوڭ دادامنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، چوڭ دادام شىنجاڭغا قايتىپ كەپتىكەن. تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىقىدىن 1961-يىلى ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى بىلەن يەنە ئافغانىستانغا كېتىپتۇ. كابولدا ئىككى- ئۈچلا ئاۋاتراق رەستە بار ئىكەن، كىچىك كوچىلىرى تولىمۇ ۋەيرانە بولۇپ، ئۈرۈمچىگە يەتمەيدىكەن. ئافغانلار سۈپۈرگە ياساشنى بىلمەيدىكەن. ئاتا- ئانام سۈپۈرگە ياساپ سېتىپتۇ. كابولنىڭ بازارلىرىدا ئۈگرە يوق ئىكەن، ئانام خېمىر يېيىپ، ئۈگرە كېسىپ قۇرۇتۇپ سېتىپتۇ. ئافغانىستان مەدەنىيەتتە ئارقىدا ئىكەن. مەن غۇلجىدىن چىقىپ كېتىدىغان چاغدا ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتمىگەن، كابولغا بارغاندىن كېيىن، ئافغانىستان دۆلەتلىك ئۆلچەم ئىدارىسىگە خىزمەتكە ئېلىندىم. شۇ چاغدا 17 ياش ئىدىم. شىنجاڭدا ھېچنەرسىدىن غېمىم يوق ئىدى، ھۆكۈمەت ئۆزىلا پەللىگە يەتكۈزۈپ قويۇدىغاندەك خاتىرجەم ئىدىم. تىرىكچىلىك يولىدا غەم- قايغۇ دېگەننى بىلمەيتتىم. بولۇپمۇ ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىپ تۇرغاچقا، ئاسقاپمۇ قالمايتتىم. مەكتەپكە خۇددى ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئوقۇيدىغاندەكلا تالىشىپ- تاكاللىشىپ كېتەتتىم، تىرىشمايتتىم.
    ئافغانىستانغا بارغاندىن كېيىن ئىش باشقىچە بولۇپ چىقتى. ياخشى ئىشلىسىڭىز بىر نۆرى، ياخشى ئىشلىمىسىڭىز نان يوق. ئۆلچەم ئىدارىسىدە ئىشتىن ھەيدىلىپ كېتەرمەنمىكىن دېگەن ئەندىشىدىن زادىلا قۇتۇلالمىدىم. ئۆلچەم ئىدارىسىدە كەسىپنى باشقۇرۇدىغان مۇتەخەسسىسلەر ياكى ئىنگلىز، ياكى ھىندى، ئۇلار ئىشنى ناھايىتى چىڭ تۇتىدۇ. ئادەمنىڭ مەنىۋى ھالىتىنىڭ رولى كارامەت بولىدىكەن. مېنىڭدىكى غەم ئەندىشىنى بىلمەيدىغان خاتىرجەملىكنىڭ ئورنىنى ۋەھىمە ئالدى، تۇرمۇش پوزىتسىيەممۇ ئۆزگەردى، يۇرتۇمدا ئوقۇشقا تىرىشمىغان بولسام، ئافغانىستانغا بارغاندىن كېيىن قېتىرقىنىپ ئوقۇيدىغان، ئۆگىنىدىغان بولدۇم. مۇتەخەسسىسلەرمۇ مېنىڭ تىرىشچانلىقىمنى كۆرۈپ، قىزغىن ياردەم بېرىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ، ئاخىر، ئۆلچەش كەسپىنى پىششىق بىلىۋالدىم، ئىگلىز تىلىنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم.
    ئېلاۋە: ئۇ ئىنگلىز تىلىنى سۇدەك بىلىدىكەن، كەمىنە مۇخبىر بىلەن سۆزلەشكىنىدە پات- پاتلا ئىنگلىزچىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىدى.
    -
    ئەگەر ئۇ يەردە ھۆكۈمەت ئېتىبار بەرگەن بولسا، ئۆگىنىشكە ئۇ قەدەر كۆپ كۈچ سەرپ قىلماس ئىدىم. كېيىن دادام بىلەن تۈركىيىگە باردىم. تۈركىيە كېيىنكى يىللاردا ناھايىتى تېز راۋاجلىنىپتۇ. مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئافغانىستاننىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى ئىكەن. ئالىي مەلۇماتلىق ۋە چەت ئەللەردە بىلىم ئاشۇرغان ئادەملەر كۆپ ئىكەن. مەن چاغلىق بىلىم سەۋىيەم بىلەن تۈزۈكرەك خىزمەت تاپالماسلىقىم تۇرغان گەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن نائىلاج ئستامبۇل خۇرۇم زاۋۇتىغا كىرىپ ھۈنەر ئۆگىنىشكە باشلىدىم. شۇ جەرياندا بىر تۈرك قىز بىلەن تۇرمۇش قۇردۇم، پەرزەنت كۆردۈم. پەرزەنتىمنىڭ ئەھۋالىدىن نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىۋالدىم. تۈركىيىدە شەرت- شارائىت ناھايىتى ئېغىر، دىپلوم بولمىسا، ھۈنەر بولمىسا، مائاشى ئوبدانراق خىزمەت تاپماق بەكمۇ مۈشكۈل. قىزىم 11 يېشىدىلا ئىنگلىز تىلىنى ناھايىتى ئوبدان سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدى. ئەگەر مەكتەپ ئۇنىڭغا ئېتىبار بەرگەن بولسا، تىرىشچانلىقىنى بوشاشتۇرۇپ قويغان بولاتتى. دادام تىرىكچىلىك قىلىشتا يولى بار ئادەم بولغاچقا، ستامبۇلدا خۇرۇم زاۋۇتى قۇردى. مەن تىجارەت سەۋەبى بىلەن ئىتالىيە، ياپونىيە، بۇلغارىيە، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالارغا باردىم، تەيۋەنگىمۇ ساياھەت قىلىپ باردىم. مەندە شۇنداق چوڭقۇر تەسىرات پەيدا بولدىكى، ھەر قانداق مىللەت پەن، مەدەنىيەت ۋە تېخنىكا جەھەتتە تەرەققىي قىلمايدىكەن، قالاقلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. مەدەنىيەت، پەن ۋە تېخنىكىدا تەرەققىي تېپىش ئۈچۈن، باش چۆكۈرۈپ تىرىشىدىغان، جاپاغا چىداپ ئۆگىنىدىغان غەيرەت بولمىسا بولمايدۇ. سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى شىنجاڭنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈن ئىكەن. ئۇلار ئېتىبار بېرىشنى ئاللىقاچان بىكار قىلغان بولۇپ، يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىمۇ زور دەرىجىدە ئازلاپتۇ. ئۇلارنىڭ تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە نۇرغۇن مۇتەخەسسىس، ئالىملار بار، ئايتماتوۋقا ئوخشاش ئەدىبلىرى دۇنياغا مەشھۇر.
    مەن بۇ نۆۋەت ئانا يۇرتۇمدا ئۆز سەرمايەم بىلەن زاۋۇت قۇرۇش ئۈچۈن قايتىپ كەلدىم. قارىسام، بۇ يەردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى 60- يىللارنىڭ باشلىرىدىكىدىن كۆپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپتۇ، ھەممە ئادەم ئۆز ئوقىتى بىلەن خاتىرجەم ياشاۋېتىپتۇ، لېكىن بەزى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇلارنىڭ بىلىم دائىرىسى تولىمۇ تار ئىكەن! جۇڭگو ھەر يىلى قانچىلىك مال ئىمپورت قىلىدۇ، قانچىلىك ئېكسپورت قىلىدۇ، بالانسى ئاكتىپمۇ ياكى پاسسىپمۇ؟ بۇلارغا جاۋاب بېرەلمەيدىكەن. ياشلىق دەۋرىمدىكى كۆلەڭگەمنى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن كۆرۈپ قالدىم. ئۇلار شۇنداق بىغەم، بىپەرۋا ئىكەن، جىددىيلىك تۇيغۇسى، خەۋپ تۇيغۇسى كەم ئىكەن. سىلەر، ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار چوقان بىلەن دالالەت قىلساڭلار بولىدۇكى، غەيرەت قىلماي، جاپاغا چىداپ تىرىشماي تۇرۇپ، روناق تاپىمىز دېگەن بىكار!
    ئېلاۋە: تاشپولات تۈرلۈك ھادىسىلەرگە سىنچىلاپ قاراپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنى يۆلىنىۋېلىش ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

    2- خاتىرە:
    شىنجاڭ داشۆ فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن سىدىقنى ئۇچراتقانلىقىم ئۈچۈن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ئۇنىڭ ياپونىيىدىن قايتىپ كەلگىنىگە تېخى ئەمدىلا بىر نەچچە كۈن بولغانىكەن. دابەن ئېلېكترىك سايمانلىرى داشۆسىنىڭ تەجرىبىخانىسىدىكى ئەھۋاللار تېخى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمىگەن، ھېسسىياتى تېخى تولۇق ئەسلىگە قايتمىغانىكەن. مەن كۆرۈشكىلى بارغاندا، ئۈستەلدە ماتېرىيال يېزىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئېگىز بويى، ئاق پىچىم چىرايى، زىيالىي سۈپەت قامىتى ھەر قانداق كىشىنىڭ دىققىتىنى بىردەمدىلا ئۆزىگە تارتىۋالالايدىكەن. ئۇ شىنجاڭغا پۈتۈنلەي يېڭى نەزەر بىلەن قارايدىكەن. ئۇنىڭ مېھمانخانىسىدا چىرايلىق سۆھبەت پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ، گويا سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىنى سۈمۈرگەندەك، ئىچ- باغرىم ئېچىلىپ قالدى.‏‏
    -
    ياپونىيىنىڭ دابەن ئېلېكترىك داشۆسىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان چېغىمدا، ياپونلار ھە دېسىلا مەندىن: ياپونىيىگە كەلگەندىن بۇيان نەزەرىڭىزگە ھەممىدىن بەك سىغمىغان نەرسە نېمە؟ سىزنىڭچە ھەممىدىن بەك ئوسال يەرلىرىمىز نېمە ئىكەن؟ ھەممىدىن بەك قالاق يەرلىرىمىز نېمە ئىكەن؟ دەپ سوراپ تۇردى. ئۇلار كەمچىلىكلىرىنى، يېتىشسىزلىكلىرىنى ئېيتسىڭىز خۇرسەن بولىدىكەن، لېكىن بىزنىڭ جۇڭگودا بولسا، ياخشى دەپ تەرىپلىگەننى ياخشى كۆرۈدىكەنمىز. ئۇيغۇرلار جۇڭگولۇقلارنىڭ بىر قىسمى، بىزمۇ باشقىلارنىڭ ياخشى دەپ ماختىشىنى ياخشى كۆرۈدىكەنمىز. ئۆزىنىڭ يېتىشسىزلىكلىرىنى تونۇمىغاندا ئالغا ئىلگىرىلەش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ياپونىيىگە بارغاندىن كېيىن، بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەمچىلىكلىرىمىز نېمە؟ دېگەن سوئال مېڭەمدىن كەتمىدى. مەن ئۆزۈم ياش، ئۆزۈمنى ياپونلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سېلىشتۇرۇپ باقتىم: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە ياپون ئوقۇغۇچىلار كۇتۇپخانىغا ھەممىدىن كۆپرەك كىرىدىكەن، بىز ئاز كىرىدىكەنمىز؛ دەرسلىكتىن باشقا ماتېرىياللارنى ئوقۇشتا ياپون ئوقۇغۇچىلار كۆپ ئوقۇيدىكەن، بىز ئاز ئوقۇيدىكەنمىز: ياپون ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە 3- 4 تىن بولۇپ قۇرۇق پاراڭ سوقۇدىغانلار ئاز، بىزدە كۆپ ئىكەن؛ ياپون ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ھەددى- ھېسابسىز كىنو كۆرۈدىغانلار، تانسا ئوينايدىغانلار ئاز ئىكەن، بىزدە كۆپ ئىكەن.  مانا بۇ ئەھۋاللار ئىككى خىل پسىخىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈدىكەن. بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئالىي مەكتەپكە كىرىۋالسىلا دىپلوم ئالالماسلىقتىن ئەندىشە قىلمايدىكەن: دىپلوم ئېلىۋالسىلا، خىزمەتكە تەقسىم قىلىنالماسلىقتىن ئەندىشە قىلمايدىكەن؛ خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، مەلۇم ستاژغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇنۋان ئالالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلمايدىكەن. مانا بۇنداق بىغەملىك، تەبىئىيكى، كىشىنى ھۇرۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ياپون ئوقۇغۇچىلاردا ئۇنداق قورقماسلىق يوق ئىكەن.
    ئېلاۋە: ھاياتلىق ئىجادچان كۈچكە باي بولىدۇ، لېكىن ھاياتلىق تەبىئىي يوسۇندا راھەت- پاراغەتكە ئامراق بولىدۇ. مانا بۇنداق زىددىيەت ئادەملەرنى تۇرمۇشتا تۈرلۈك تۈسكە كىرگۈزۈپ قويىدۇ: بەزىلەر جەسۇر بولىدۇ، بەزىلەر زەئىپ بولىدۇ؛ بەزىلەر زېرەك، بەزىلەر دۆت بولىدۇ؛ بەزىلەر غالىب، بەزىلەر مەغلۇپ بولىدۇ. بۇلار ھاياتنىڭ ئىككى خىل خۇسۇسىيىتىدە بولغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ نەتىجىسى. پەم- پاراسەتلىك ئادەملەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تولا ئادەملەر ئۆزىنىڭ راھەت- پاراغەت كۆرۈش تەمەسىنى قاندۇرۇشقا تاشقى جەھەتتىن بىرەر ھىمات- يۆلەنچۈك تاپالمىغاندىلا، لېۋىنى چىشلەپ، بېلىنى باغلاپ، ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىشقا، پىداكارلىق كۆرسىتىشكە، ئىجاد قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاياتىنى نۇرلاندۇرىدۇ. تاشقى دۇنيادىن راھەت- پاراغەت سۈرگۈدەك بىرەر ئىمكانىيەت تېپىلىپ قالسا، بەزى راھەت كۆرۈش تەمەسىنى ئەجىرسىزلا قاندۇرۇش ئىمكانىيىتى چىقىپ قالسا، ئۇ ھالدا بوشىشىپ، توختاپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھاياتنىڭ زەئىپلىكىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. ھاياتنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىش، ئۇنىڭغا يول قويۇش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەتچان بەندىچىلىك قىلىش- بۇ نادانلارنىڭ نادانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى. پەقەت پاراسەتلىك ئادەملەرلا ھاياتنى قامچا بىلەن ھەيدەپ ماڭىدۇ.
    -
    روھ شەكىلسىز بولىدۇ، ھەر قانداق ئادەم پاسسىپ روھىي كۈچنىڭ ئىلكىگە چۈشۈپ قالغاندا، ئۆزىنىڭ شۇنداق مەھكۇم ھالىتىنى چۈشىنىپ كېتىشى تەس. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، بەزى ساۋاقداشلىرىمنىڭ بوشاڭلىقىغا، ئويۇن- كۈلكە بىلەن ۋاقتىنى زايە قىلىپ يۈرىدىغانلىقىغا، ئۆزى ناھايىتى زېرەك بولسىمۇ، جاپادىن قاچىدىغانلىقىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالاتتى. شۇنداق ئەھۋاللار ئايرىم كىشىلەرنىڭلا ئوقۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭدا بىر خىل روھىي ھالەت  رول ئويناۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان بولساممۇ، كونكرېت مەزمۇنىنى ئېيتىپ بېرەلمەيتتىم.
    فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى غاپپار بىزنى چىڭ تۇتاتتى. ئۇ ئېينىشتېيىننىڭ نىسبەت نەزەرىيىسىگە كامىل ئىدى. بەزىمىزنىڭ ئوقۇش نەتىجىمىز ناچار تۇرۇپمۇ تىرىشمايۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگىنىدە: باشقىلار ئېتىبار بېرىدۇ، دەپ قاراپ ئولتۇرامسىلەر؟ كۆزۈڭلار يوقمۇ؟ قولۇڭلار چولاق، قۇلىقىڭلار گاسمۇ؟ سىلەر مېيىپمۇ؟ نېمىشقا جاپاغا چىداپ ئوقۇمايسىلەر؟ دەپ تەنقىد قىلاتتى. بەزى ساۋاقداشلار بۇ تەنقىدنى ئاڭلىغىنىدا، ئېتىبار بەرمىسە بولامدۇ؟ بىزنى خەنزۇلارغا ئوخشاتسا قانداق بولىدۇ؟ تەڭلەشتۈرۈش مۇنكىن ئەمەس! دەپ پەرۋا قىلمايتتى. ئويلاپ قارىسام، ئۇلار ئېتىبار بېرىشنى مەنىۋى ھىمات قىلىشىۋالغانىكەن. شۇڭا ئۇلار ئەلا نەتىجە ئېلىش يولىدا جاپاغا چىداپ ئوقۇشنى خالىمايدىكەن. مەنمۇ سىنىپتا: بۈگۈنكى كۈندە ئېتىبار بېرىش زۆرۈر، لېكىن بىز ئېتىبار بېرىشكە- تەييارغا ئاشىق بولۇۋالساق، ئۆزىمىزنىڭ ئۆسۈشىمىزگە زىيان يېتىدۇ دەپمۇ باقتىم. بۇ گەپنى ياقتۇرۇدىغانلار تولىمۇ ئاز بولدى. شۇنى بايقاپ قالدىمكى، بىر خىل روھىي ھالەت ۋۇجۇدقا چىقىپ قالسا، شۇنداق روھىي ھالەتنى ۋۇجۇدقا چىقارغان مۇھىت ئۆزگەرتىلمەيدىكەن، ئۇ روھىي ھالەتنى تۈگىتىش ناھايىتى قىيىن. مەنمۇ شۇنداق مۇھىتتا ئۆسكەن. روھىمدا ئۇنىڭ ئىزلىرىنىڭ بار- يوقلۇقىنى ئويلاپ قارىسام، يوق ئەمەس ئىكەن. تەبىئىي قىسمەتتە خەنزۇلارمۇ، ئۇيغۇرلارمۇ باراۋەر بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا خەنزۇ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئوقۇش ئۈچۈن، ھەتتا ئۇلاردىن ئېشىپ چۈشۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن، ئاغزىمدىكى گەپ بىلەنلا توختاپ قالماستىن، ئالاچى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش جاپا چېكىپ ئوقۇيمەن، دەپ نىيەت قىلدىم، كۈنىگە 13 سائەت ئۆگىنىمەن، دەپ پىلان تۈزدۈم. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۆز تىلىمدا ئوقۇغاچقا خەنزۇچىنى بىلمەيتتىم. ئالىي مەكتەپنىڭ تەييارلىق سىنىپىدا بىر يىل ئوقۇپ، خەنزۇ تىلى گرامماتىكىسىنى ۋە بىر مۇنچە خاس ئاتالغۇنى ئاساسەن ئۆزلەشتۈرۈۋالدىم. كېيىن ئىنگلىز تىلىنىمۇ ئۆگەندىم. 1984 - يى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.