ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-21

    20- ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى بوران - چاپقۇن ۋە ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ داۋامى............. - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39671562.html

    مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەيسالارمۇ بىر قىسىم يېقىنلىرىنى باشلاپ پاكىستانغا چىقىپ كەتتى. ماكىناننىڭ سۈيىقەستى يەنە بىر قېتىم بىتچىت بولدى. 9- ئاينىڭ 25 -، 26 - كۈنلىرى ئارمىيە بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئارقا - ئارقىدىن تىنچلىق بىلەن ھەقىقەتكە قايتقانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا كونسۇلخانىسى شىنجاڭدا پۈتۈنلەي مەغلۇب بولغانلىقىغا تەن بەرمەي، ئاخىرقى ئۈمىدىنى ئوسماننىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى. 9 - ئاينىڭ 27  - كۈنى ماكىنان خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، بارىكۆل تاغلىق رايونىغا مەخپىي سۇقۇنۇپ كىرىپ، ئوسماننىڭ قىسمىغا ئالتۇن - كۈمۈش، قورال - ياراغ، ئوق - دورا يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇنىڭغا داۋاملىق زور مىقداردا ياردەم بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى ھەم ھەر قايسى جايلاردا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئازاد بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش توغرىسىدا سۈيىقەست پىلانلىدى * ھەم ئۆز قولى بىلەن ئاق ئورۇس قىسىملىرىدىن يۈز نەچچە ئادەمنى تەشكىللەپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئەھۋالىنى تىڭ تىڭلىدى*. ماكىنان ئاخىرقى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، شىزاڭ ۋە ھىندىستان ئارقىلىق ئامېرىكىغا قايتماقچى بولدى. شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى خەلق ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ئامېرىكا پەرەسلەر پەيدا قىلغان توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتۈش، مۇستەقىللىقنى مەخپىي پىلانلاش، ئاخبارات توپلاش، ئاغدۇرمىچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى پاش قىلدى* . ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى 1943 - يىل 4 - ئايدا قۇرۇلغاندىن تارتىپ 1949 - يىل 9 - ئايدا ماكىنان شىنجاڭدىن ئايرىلغانغا قەدەر ئالتە يىل بەش ئاي ۋاقىتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى. ئامېرىكا كونسۇلخانىسى - ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ۋاكالەتخانىسى. ئۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە جۇڭگوغا پائال ياردەم بەردى، ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىغا ۋاكالىتەن خەلقئارا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى سىياسىتى ۋە جياڭ جيېشىغا ياردەم بېرىپ، كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى تۇڭگان مىللىتارىستلار، شىنجاڭدىكى پانئىسلامىزمچىلار ۋە پانتۈركىسىزىمچىلار، شىزاڭنىڭ گاشا ھۆكۈمىتىدىكى بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك، مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىگە ياردەم ۋە مەدەت بېرىپ، ئەمەلگە ئاشمىغان بىرمۇنچە خاتىرىلەرنى قالدۇردى. يېرىم ئەسىردىن بۇرۇنقى ئامېرىكا كونسۇلىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاشۇ تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرۈشىگە تېگىشلىك ۋەھىينىڭ قالدۇرۇلغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.
    ئىزاھات:
    ③①② "  شىنجاڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى. تاشقى ئىشلار تەزكىرىسى. كونسۇلخانا " بىرىنچى قىسىم
    ④⑤⑥⑦⑧⑨ " شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى "[M]، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994 - يىل.
    21 ، 19 ، 17 ، 10
    "
    شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى " 3 - قىسىم [M]، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987- يىل، خەنزۇچە نەشرى.
    11 سوڭ شىليەن: " بەيتىك ۋەقەسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە جەريانى" [M]، " شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى " 3- قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1979 - يىل
    12 جىن جاۋگۇاڭ: " گومىنداڭ ئەكسىيەتچىل كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى ۋە شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى " [M]، " شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى" ئىككىنچى قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1979 - يىل
    13
    لۈ چى: " ئوسمان ۋە بەيتىك ۋەقەسى " [M]، " شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى " ئىككىنچى قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1979 يىل
    14151820222324252627 28 لى گۇاڭچىڭ: " چەت ئەل جاسوسلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاخىرقى كۈنلىرى " ، " شىنجاڭ خاتىرىلىرى "[M]، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1989 يىل
    16خەن لىن: " ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا بۆسۈپ كىرىش " ، شىنجاڭ ئىتتىپاق كومىتېتى ياشلار ھەرىكىتى تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ گاۋمىڭ ناھىيىلىك تەزكىرە كومىتېتى تۈزگەن " يىلو تەزكىرىسى " [M]دىن نەقىل ئېلىندى، گۇاڭدۇڭ نەنخەي مەتبەئە شىركىتى 1988 - يىلى نەشىر قىلغان، 92 -بەت.
    "
    شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى " ( خەنزۇچە ) نىڭ 2002 - يىللىق 1 - سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
    تەرجىمە قىلغۇچى: پولات ھىمىت

    مەنبە : ئۇرخۇن مۇنبىرى

     


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.