ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-21

    20- ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى بوران - چاپقۇن ۋە ئامېرىكا كونسۇلخانىسى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39671540.html

    يۇەن شۇ
    (
    شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇبخانىسىدىن)
    20 -
    ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى جۇڭگونىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولغان دەۋر ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ قورۇل سىرتىدىكى يېتىم ئارالدەك ئىچكى - تاشقى مالىمانچىلىق ئىچىدە داۋالغۇپ تۇراتتى، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، خەلقئارا زومىگەرلىكنى تالىشىدىغان مۇھىم ھالقىسىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە، داۋالغۇپ تۇرغان شىنجاڭ ۋەزىيىتىدە مۇھىم ۋە ئالاھىدە رول ئوينىدى، بۇ شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم تېمىغا ئايلاندى. خەلقئارالىق دىپلوماتىيە كۈرىشىنىڭ مۇرەككەپلىكلىكى، بۇ ھەقتىكى ماتېرىياللارنىڭ كەملىكى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بۇ تېما ئۇزۇندىن بۇيان تەتقىق قىلىنماي كەلدى، تەتقىق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باققانلارمۇ ئاز بولدى. مەن ئېلىمىزدە نەشر قىلىنغان ئازغىنە ماتېرىيالغا تايىنىپ، بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقتىم، بۇ ئەمگىكىمنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئاز - تولا ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دېگەن ئۈمىدتىمەن.
    2-
    دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، خەلقئارا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن جۇڭگوغا ياردەم بېرىپ، جۇڭگو ئۇرۇش مەيدانىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق، تىنچ ئوكيان ئۇرۇش مەيدانىغا بولغان بېسىمنى يېنىكلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى يۆلەپ، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى تەسىرىنى كېڭەيتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىنى چەكلەش ئارقىلىق، ئۇرۇشتىن كېيىن جۇڭگودىكى مەنپەئەتكە ئۆزى يالغۇز ئىگە بولۇشقا تەييارلىق كۆردى. شۇڭا ئامېرىكا روسىيىنىڭ ئەنئەنىۋى تەسىر دائىرىسى بولغان ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە بولغان شىنجاڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىش پۇرسىتىنى كۈتمەكتە ئىدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، جۇڭگونىڭ شىمالىي، جەنۇبىي ۋە غەربىي شىمالى قىسىملىرىنى شۇنداقلا شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈردى. شىنجاڭنىڭ دۇبەنى شېڭ شىسەي خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە سوۋېت - گېرمانىيە ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشى نەتىجىسىدە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، 1942 - يىلى 8 - ئايدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى ھەمدە ئامېرىكا - ئەنگلىيە تەسىر كۈچىنى شنجاڭغا كىرگۈزۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىنى چەكلەش ھەققىدە تەكلىپ بەردى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەدرىجىي ھالدا ئۈرۈمچىدە دىپلوماتىيە مىنستىرلىكىنڭ ئالاھىدە خادىم مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، ئامېرىكىدا ئوقۇغان دىپلومات ۋۇزېشياڭنى ئالاھىدە خادىملىققا تەيىنلىدى، مەھكىمىدە يەنە ئامېرىكا - ئەنگلىيە بۆلۈمى قۇرۇلۇپ، كونسۇلخانا قۇرۇش ۋە ئالاقىلىشىش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىندى. شۇ يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا قۇرۇشىغا قوشۇلدى. كېيىنكى يىلى 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ كاتىپى كۇلۇب بۇيرۇققا بىنائەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ تۇنجى كونسۇللۇقنى ئۈستىگە ئالدى.  كونسۇلخانىنىڭ ئورنى تەخمىنەن 7000 كۋادرات مېتىر بولۇپ، نەنلياڭدىكى ياڭماۋخۇ 1 -  كوچا 5   قورۇ ( ھازىرقى غالىبىيەت يولى تىنچلق كوچىسى 1 - قورۇدىكى 8 - ئارمىيە ئىش باشقارمىسى ) دا تەسىس قىلىندى. ئامېرىكا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىجارىگە ئالدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى: بىرىنچى، ھىندىستان ۋە شىنجاڭ ئارقىلىق ئىچكىرىگە توشۇلىدىغان، ئامېرىكا ياردەم قىلغان ئەشيالارنى توشۇشقا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنى قوللىدى.  ئىككىنچى، شىنجاڭنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە رەھبەرلىرى ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى مىللەت يۇقىرى قاتلام زاتلىرى بىلەن دوستلىشىش، ئاپتوموبىلدا شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ئاخباراتىنى توپلىدى. 1944 - يىل 7 - ئاينىڭ بېشىدا، ئامېرىكىنىڭ چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق ئاخبارات خادىمى ماكىنان شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ يەر شەكلى، ھاۋارايى، چېگرىسى ۋە ئايرودروملىرى قاتارلىق كۆپ خىل ھەربىي نىشانلىرىنى تەكشۈردى. 1947 - يىل 7 - ئاينىڭ بېشىدا ماكىنان ئۈرۈمچىگە كېلىپ، كونسۇلخانىنىڭ كاتىپى، مۇۋەققەت مۇئاۋىن كونسۇلى بولدى. 1948 - يىلى 12 - ئايدا مۇئاۋىن كونسۇللۇققا تەيىنلىنىپ، مەخسۇس ئاخبارات خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى.  ئۈچىنچى، ئامېرىكا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ رەسىملىك ژۇرناللىرى، سۈرەتلىرى ۋە گېزىت - ژۇرناللىرىنى تارقاتتى؛ نەنلياڭدا ئامېرىكا كىنولىرىنى ھەقسىز قويدى، كونسۇلخانا ئىچىگە چېدىر تىكىپ، ھەقسىز كېسەل داۋالىدى؛ ئىنگلىز تىلى كۇرسى ئاچتى، كۇرسقا كونسۇلنىڭ خانىمى رىياسەتچىلىك قىلدى، كۇرستا كونسۇلخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى سىنىپى، ئۇيغۇر ياشلىرى سىنىپى ۋە شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرى سىنىپىدىن ئىبارەت ئۈچ سىنىپ تەسىس قىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ستراتېگىيىلىك نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا پەرەسلەرنى يېتىشتۈردى. شېڭ شىسەي ئۆزىنى گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئېتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىنى چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى، موسكۋا تەرەپ بۇ سوۋېت - گېرمانىيە ئۇرۇشىنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقا تەرەپتىن يېگەن بىر زەربە، بۇنىڭغا چىداپ تۇرۇشقا بولمايدۇ، دەپ قارىدى. شىنجاڭدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە كونسۇلخانىلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەئەينى بەدەنگە سانچىلغان تىكەن بولۇپ، سىتالىننىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي قاتارلىق ۋىلايەتلەرنى ئاساس قىلغان ھۆكۈمەتكە قاراتقان قوراللىق كۈرەشلەرنى پائال تەشكىللەپ ۋە قوللاپ، گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قاتتىق زەربە بېرىپلا قالماستىن، يەنە شىنجاڭغا سىڭىپ كىرگەن ئامېرىكا، ئەنگلىيە كۈچلىرىنىڭ ھۇشىنى تاپقۇزۇپ قويدى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قوماندانلىق شىتابى 1945 - يىلنىڭ بېشىدا گومىنداڭنىڭ غۇلجىدىكى ھەربىي ھاكىمىيىتىگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىدى، ئالدىنقى سەپتىكى ئۇرۇش جىددىي ۋە كەسكىن بولدى. ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئۇرۇشنىڭ تەرەققىياتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارىلىشىش ئەھۋالىنى بىلىشكە ئالدىرىدى. ۋەقەنىڭ جەريانىنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن، ئامېرىكا كونسۇلى 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۆلكە رەئىسى ۋۇجۇڭشىننى يوقلاپ " غۇلجا ۋەقەسى " نىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئارقىلىق، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى جامائەت پىكرى بېسىمى پەيدا قىلماقچى بولدى. ئۇزۇنغا بارماي گومىنداڭنىڭ ئىلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قوشۇنلىرى ئارقا - ئارقىدىن تارمار قىلىندى. 23 - كۈنى ۋارود ۋۇجۇڭشىننى يەنە يوقلاپ بېرىپ، ئىلى ۋەقەسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلىرىنى سۈرۈشتۈردى ھەم بۇلارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن يوللىدى. 6 - ئاينىڭ بېشىدا مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىسىنىڭ ياردىمىدە، شىمالىي، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي فرونتلاردىن تەڭلا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئومۇميۈزلۈك كېڭىيىش ھەربىي پىلانىنى تۈزدى ۋە يولغا قويدى، ئۆلكە مەركىزى خەۋپ ئىچىدە قالدى. 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ۋارود ۋۇ جۇڭشىننى يوقلاپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترومىننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى خوپكىننىڭ موسكۋاغا يۈرۈپ كەتكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ " غۇلجا ۋەقەسى " نىڭ داۋاملىق كېڭىيىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلجا بىلەن تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بەزىدە ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ، بەزىدە تىل بىرىكتۈرۈپ، يەڭ سودىسى قىلىۋاتاتتى. 1946 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇللىرى تەكلپكە بىنائەن غەربىي بىنادا ئۆتكۈزۈلگەن قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.  قارىماققا شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ۋاقتىنچە تىنچىغاندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوغۇق مۇناسىۋەتلەر كۈرىشى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى.  ئامېرىكا ئىچكى جەھەتتىن ئارىلىشىپ، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا " تۇرمۇش " ژۇرنىلىنىڭ ئايال مۇخبىرى ئىستونس باربارا بىلەن فاگ فاركىل غۇلجىغا بېرىپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى يىللىرىدىكى ئاقسۆڭەك ھاكىمبەگ خوجا، مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، داڭلىق باي سودىگەر ئەنۋەر مۇسابايېف، مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى ئىسھاقبېك مۇنۇنوف، ھەربىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى غېنى قاتارلىق داڭلىق ئەربابلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردەم بېرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئارقىدىنلا ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇلى ماكىنانمۇ ئىلىغا بېرىپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت گېزىتخانىسىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئىلى ۋالىي مەھكمسىنىڭ باش كاتىپى، دېموكراتىك ئىنقىلاب پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسئەت ئىسھاقوف ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى داباشىنلارنى زىيارەت قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردەم بەرگەنلىكىگە ئائىت ئاخباراتلارنى توپلاپ، خەلقئارادا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش، كېڭەيمىچىلىك قىلىش دولقۇنى قوزغىدى. 1947  - يىل 6 - ئاينىڭ بېشىدا شىنجاڭدا يەنە بەيتىك ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ تاشقى موڭغۇلىيە قوشۇنلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ گۇچۇڭدىكى چېگرىسى بەيتىك تېغىغا تاجاۋۇز قىلغانلقىدىن كېلىپ چىققان بىر مەيدان قوراللىق توقۇنۇشتۇر. ئامېرىكا بۇ ۋەقەدىن پايدىلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋە كوممۇنىزمغا قارشى تۇردى. 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ماكىنان ئوسمان ئىسلامنىڭ ھەمراھلىقىدا بەيتىك تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىغا چىقىپ، ئەتراپنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە خەرىتە سىزدى*. ئامېرىكا خەلقئارا " ئاخبارات " خەۋەرلەر باشقارمىسىنىڭ مۇخبىرى روبسون، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ماتسون، " نيۇ - يورك خەۋەرلىرى " گېزىتىنىڭ ئايال مۇخبىرى پېك، " نيۇ - يورك پېشىۋالار مۇھاكىمە مۇنبىرى " گېزىتىنىڭ مۇخبىرى لاند، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ساۋالېل قاتارلىقلار 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلدى. بەزىلىرى بەيتىك تېغىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى*. شۇنىڭ بىلەن بەيتىك ۋەقەسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى كۆز تىكىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. شۇ چاغدا ئامېرىكا گېنېرالى مارشال جۇڭگودا كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى ياراشتۇرۇۋاتاتتى، ماكىنان گومىنداڭنى تەشۋىقاتنى كېڭەيتىشكە قۇترىتىپ، ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئارقىلىق بۇ ئىشقا ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەكچى بولدى*.گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئىچكى ئۇرۇشتا سىياسىي جەھەتتە خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتى، ئىقتىسادىي جەھەتتە ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى، ھەربىي جەھەتتە قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ئامېرىكا گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقىنى ئالدىن بايقاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگودىن يېڭى ۋاكالەتچى تېپىش كويىغا چۈشتى. ئۇلار شىنجاڭدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كوممۇنىزمغا قارشى كىشىلەرنى تېپىش كېرەك، دەپ قارىدى.
    ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كوممۇنىزمغا قارشى سىياسىي گۇرۇھلار سىياسىي نىشانى، مىللەت قۇرۇلمىسى ۋە ئەمەلىي كۈچى، ئورنىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك ئۈچ گۇرۇھقا ئايرىلغانىدى، بىرىنچى، ئۆلكە رەئىسى مەسئۇد ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى ئەيسا باشچىلىقىدىكى سىياسەتۋاز ئەمەلدارلار، ئۇلار گەرچە ئىلگىرى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە جياڭ جيېشى تەرىپىدىن مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان بولسىمۇ، پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزمنى تەرغىپ قىلىپ، مۇستەقىل xarki تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرماقچى بولغان ، ئۇلار ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئارىسىدا ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا مۇئەييەن كۈچ ۋە تەسىرگە ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە ھەربىي قورال - ياراغلىرى بولمىغاچقا، چوقۇم خوجايىنىغا تايىنىپ، پۇرسەت كەلگەندە سىياسىي نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان. ئىككىنچى، ئوسمان، جانىمقان باشچىلىقىدىكى قازاق فېئودال ئاقساقاللار، ئۇلارنىڭ ئېنىق دۆلەت قارىشى ۋە سىياسىي غايىسى يوق، ئىدىيىسىنى ئىلاھىيلاشتۇرۇلغان قەھرىمانلىق تۈسى قاپلىۋالغان، ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئۆز مىللىتى ئىچىدىكى قەبىلىلەرنىڭ ئاز سانلىق فېئودال يۇقىرى قاتلام ئاقساقاللىرىنىڭ ۋە ئۆزلىرىنىڭ تار دىنىي مەنپەئەتىگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇلار ئىلگىرى شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىگە قوراللىق قارشى تۇرغان، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان، كېيىن يەنە ئۆزىنى گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئاتقان، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى پۇرسەتپەرەسلىك ۋە كۆچمەن قاراقچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن تولغان، ئۇلار تەۋەككۈلچىلىك روھىغا باي، قوراللىق ھەرىكەت جەھەتتە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئىقتىدارى، ھەرىكەتچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك، ئۇلار سىياسىي جەھەتتىن پىشمىغاچقا ئاسانلا باشقىلار ئۆزىگە تارتىدۇ، سېتىۋالىدۇ ۋە پايدىلىنىپ كېتىدۇ*. ئۈچىنچى، گومىنداڭ ئارمىيىسى ئاتلىق 1 - شىسىنىڭ باشلىقى ما چېڭشياڭ، 78 - شىنىڭ باشلىقى يې چېڭ، 179 - لۈينىڭ باشلىقى لوشۇرېنلار باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ئۇرۇش تەرەپدارلىرى ، ئۇلارنى غەربىي شىمالدىكى مىللىتارىست ما بۇفاڭ، مەركەز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى خۇ زۇڭنەن ۋە گومىنداڭ " جۈنتۇڭ " ( گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش - ئىستاتىستىكىلاش مەھكىمىسى ) ئىشپىيونلۇق ئورگىنى كونترول قىلىدۇ. ما چېڭشياڭنىڭ ئاتلىق 1 - شىسى فېئودال، مۇستەبىت، دىن كونتروللۇقىدىكى، ناھايىتى جاھىل، ئىنقىلابقا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان، ئۇرۇش دېسە جېنىنى بېرىدىغان، مەلۇم جەڭگىۋارلىققا ئىگە قوشۇن ئىدى. ئۇلار سىياسىي جەھەتتە گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قارشى تۇرۇپ، چېگرا رايون خەلقىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئارمىيىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرسىمۇ، لېكىن ئىچكى قىسمىدا نۇرغۇن گۇرۇھلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، زىددىيەت كۆپ ئىدى؛ ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرغاچقا، ھەممەيلەن ئۆز ئىستىقبالىدىن قايغۇرۇپ، غەم - ئەندىشە قىلاتتى. بۇنىڭدىن باشقا قۇمۇل ۋالىيسى، شەرقىي شىنجاڭ گارنىزون قوماندانى يولۋاس، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھەمدە بەزى كونا ئەمەلدار، سىياسىئونلار، پارتىيە، گۇرۇھلارمۇ ئۆز ئالدىغا مەزھەب بولۇۋالغان، ئەمما ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ مەنپەئەتى، سىياسىي مۇددىئاسى، مەپكۈرىسى، ئىجتىمائىي ئاساسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق چوڭ بولغاچقا، زادىلا سىغىشالمايدۇ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئىچكى ئۇرۇشتا كەينى - كەينىدىن مەغلۇب بولۇۋاتقان، غەربكە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋاقتى يەتمەيۋاتقان پەيتتە شىنجاڭدىكى ھەر قايسى گۇرۇھلار ئۆزلىرىنىڭ چىقىش يولىنى ئىزدەشكە باشلىغانىدى... ئامېرىكا كونسۇلخانىسى خەلقئارا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكى غەربتىكى كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى، ئورنى ۋە 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تەسىرىگە تايىنىپ، سىڭىپ كىرىش، ئۆزىگە تارتىشتىن قەدەممۇ قەدەم مۇستەقىل بولۇشنى تەشكىللەش، پىلانلاشقا ئۆتۈپ، ئاخىرىدا كوممۇنىزمغا قارشى گۇرۇھلارنىڭ سىياسىي يادروسى ۋە قوماندانلىق شىتابىغا ئايلاندى. ئامېرىكا كونسۇلخانىسى 1947 - يىلىلا شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىشنى پىلانلاپ، مەسئۇد، ئەيسا، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا قاتارلىقلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ سۈيىقەست پىلانلىدى. 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئەيسانىڭ ئۆيىدە ئېچىلغان يىغىندا ئەيسا جياڭ جيېشىدىن شىنجاڭغا " ئاپتونومىيىدىن يۇقىرى، مۇستەقىللىقتىن تۆۋەن " ھوقۇق بېرىشنى تەلەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ماھىيەتتە بۇ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئايرىلىپ بۆلۈنۈشكە قاراپ تاشلانغان ھەل قىلغۇچ بىر قەدەم ئىدى. ئامېرىكا كونسۇلى پاكستون بۇ بۆلگۈنچىلەرنىڭ يا ئىقتىسادىي كۈچى، يا ھەربىي ھوقۇقى يوقلۇقىنى، مۇستەقىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا غەربنىڭ كۈچىگىلا تايىنىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يېتىپ، دەرھال بۇ پىكىرنى ئالقىشلىدى ھەمدە زەھەرخەندىلىك بىلەن قۇتراتقۇلۇق قىلىپ: « باش كاتىپ ئەيسا ئەپەندى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى قايىل قىلىدىغان قالتىس ئادەمكەن*»  دەپ يەل بەردى. ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا پىلانلىغان بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ۋاقتىنچە گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، " ئالىي ئاپتونومىيە " نى قولغا كەلتۈرۈش دائىرىسىدە ئىدى. 1948 - يىلى گومىنداڭ قوشۇنلىرى ئىچكى ئۇرۇشتا كەينى كەينىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ھۆكۈمرانلىق ئورنى تەۋرىنىپ قالدى، ئامېرىكا پىلانلىغان بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەۋج ئېلىپ، مۇتلەق مۇستەقىل بولۇشتەك سىياسىي تەلەپ ئوتتۇرىغا قويولدى. 1948 - يىلى 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى مەمتىمىن بۇغرانىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھازىرقى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ئورنىدىكى ئۆيىدە ئېچىلغان مەخپىي يىغىندا مەمتىمىن بۇغرا ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ " مۇستەقىللىق " ىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، پاكستون شۇ ھامان بۇ تەشەببۇسنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى*. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ماكىنان ئوسماننى قۇترىتىپ " دىننى قوغداپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا، كوممۇنىزمغا، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى " نى تەشكىللىدى، ئوسمان تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولدى، قوماندانلىق مەركىزى ھازىرقى خەلق مەيدانىدىكى تەڭرىتاغ مېھمانسارىيىنىڭ جەنۇبىدا تەسىس قىلىندى. ھازىرقى " ئىتتىپاق " يولى ئەتراپىغا ئاتلىق ئەسكەرلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇلارنى ئامېرىكا بىلەن گومىنداڭ قىسىملىرى خىراجەت ۋە ئوق- دورا بىلەن تەمىنلىدى*. قازاق ئەترىتى ئالتاي تېغى ۋە جۇڭگو- موڭغۇلىيە چېگرىسى ئەتراپىنى ساقلاپ، ئاخبارات ئىگىلەپ، ئۈچ ۋىلايەتكە ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىنى كۈتۈشكە تەشكىللەندى. ئوسمان بۇيرۇققا بىنائەن سەنتەيگە قايتىپ كېلىپ، ئۈچ چوڭ قازاق ئەترىتىنى تەشكىللەپ، ئۆزى باش قوماندان بولۇپ، ھەربىي گازارما قۇردى*. شۇ يىلى 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا كونسۇلى سانجى كۆچەتخانا ( ھازىرقى خۈيلىن ئېكېئولوگىيە تەرەققىيات شىركىتى ئەتراپى ) دىكى يىغىلىشقا قاتنىشىپ، " مۇستەقىللىق " سۈيىقەستى ۋە قەدەم - باسقۇچلىرى ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى، يىغىندا " مۇستەقىللىق " نىشانى بېكىتىلىپلا قالماستىن، يەنە ھەرىكەتنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش لايىھىسى مۇھاكىمە قىلىندى. پاكستون " مۇستەقىللىق " بولۇشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلدى دەپ قاراپ، يىغىلىشتىن كېيىن ئەيساغا ھەرىكەت خىراجىتى ئۈچۈن 3000 ئامېرىكا دوللىرى بەردى*. 1949- يىلى ئەتىيازدا ئازادلىق ئارمىيە سەددىچىننىڭ ئىچىدىكى جايلارنى ئازاد قىلدى، گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقى لىڭشىپ غۇلاپ چۈشۈش گىردابىغا كېلىپ قالدى. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ جۇڭگودىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى كۈچلىرىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىنى چەكلەش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن، غەربىي شىمالدىكى ما بۇفاڭ، ما خۇڭكۇي قاتارلىق يەرلىك تۇڭگان مىللىتارىستلىرىنى يىغىپ تەشكىللەپ، " ئىسلام جۇمھۇرىيىتى*  "قۇرۇش سۈيىقەستىنى پىلانلاپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ ئازادلىق ئارمىيىگە تاقابىل تۇرماقچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، شىنجاڭدىكى كوممۇنىزمغا قارشى كۈچلەرنى يىغىپ، " مۇستەقىللىق " سۈيىقەستىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى.
    شۇ يىلى 5 - ئايدا ئامېرىكا كونسۇلخانىسى يىغىن ئېچىپ، شىنجاڭنى ئازاد قىلىشقا قارشى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل ھەركەت لايىھىسىنى بېكىتتى:
    (1)
    ئەيسانى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەرىكەت قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئىغۋا تارقىتىپ، مۇستەقىل بولۇش كەيپىياتى پەيدا قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن بۆلگۈنچىلىكنى تەشۋىق قىلىپ، ئىجتىمائىي ئاساسنى كېڭەيتىشنى قولغا كەلتۈرۈش.
    (2)
    مەمتىمىن بۇغرانى خوتەنگە ئەۋەتىپ، " شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتى " قۇرۇشقا مەخپىي تەييارلىق كۆرۈپ، خەلقئارادىكى ھەر قايسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارادا جامائەت پىكرى پەيدا قىلىش ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش.
    (3)
    مەسئۇدنى جەنۇبىي شىنجاڭدا ھەرىكەت قىلىشقا ئەۋەتىش، زۆرۈر تېپىلغاندا شۇ جايدا ھۆكۈمەت قۇرۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇش، تەڭرىتاغنى چېگرا قىلىپ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ تىركىشىشىنى پەيدا قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۈچ دائىرىسىنى تەڭرىتاغ ئارقىلىق ئايرىپ، پەيت كۈتۈپ يەنە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش.
    (4)
    گومىنداڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى ۋە ھەربىي قىسىملىرى ئارىسىدىكى ئۇرۇش تەرەپدارلىرى بىلەن تىنچلىق تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزگىرىشنى يېقىندىن كۆزىتىش، ئەگەر تاۋ سىيۆ باشچىلىقىدىكى تىنچلىق تەرەپدارلىرى بىلەن يې چېڭ باشچىلىقىدىكى ئۇرۇش تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇپ قالسا، يې چېڭغا ياردەم بېرىپ بارلىق ھەربىي ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزۈش، ئارقىدىن مەسئۇد، مەمتىمىن بۇغرالارنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش، ئاخىرىدا ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت بىرلىشىپ ئۈرۈمچىدە " شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتى " نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش ھەمدە ئازادلىق ئارمىيىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىگە قوراللىق تاقابىل تۇرۇپ، تۇڭگان مۇستەقىل تۈەنى بىلەن قازاق مۇستەقىل تۈەنىنى ئۆزلىرىگە تارتىپ "پايتەخت " ئۈرۈمچىنى قوغداش*. شۇنىڭغا ئۇلاپلا، ماكىنان كۆپ قېتىم سەنتەي ( ھازىرقى جىمىسار ) گە بېرىپ، ئوسمانغا كۈچىنى كېڭەيتىپ، ئازادلىق ئارمىيىگە قارشى تۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، " تەسلىمچىلەر " نى باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. كېيىن پاكستونمۇ سەنتەيگە كېلىپ ئوسماننىڭ ئەيسا، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا، يولۋاس، مەسئۇد، جانىمقانلار بىلەن زىچ ئالاقىلىشىشى توغرىسىدا يوليۇرۇق بەردى. پاكستون: " مەن سىلەرنىڭ ئىتتىپاق ئۆتۈشۈڭلەرنى، دەتالاش قىلىشماسلىقىڭلارنى، ئامېرىكىنىڭ سىلەرگە بەرگەن ياردىمىنى ئوبدان ئىشلىتىشىڭلارنى، بۇ ئارقىلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ئۈچ ۋىلايەتچىلەرگە قارشى تۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن* " دېدى. ئامېرىكىنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن، ئوسمان قاتارلىقلارنىڭ خورىكى تېخىمۇ يوغىناپ ئۈرۈمچى، سانجى، جىمىسار، گۇچۇڭ، مورى قاتارلىق جايلاردا قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلدى. ئازادلىق ئارمىيە چاڭجياڭ دەرياسىدىن غەلىبىلىك ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ يىلى 6 - ئايدا گومىنداڭنىڭ قالدۇق كۈچلىرى ئالدى - كەينىگە قارىماي قېچىشقا باشلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە غەلىبە قىلىشى مۇقىملىشىپ قالدى. بۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئوتتۇرىسىدا قاراپ بېقىش پوزىتسىيىسىدىن ۋاز كېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى ئاشكارا قوللاشقا ئۆتتى، بۇنىڭ سەۋەبى، ئىشەنچلىك ئاخباراتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا غەربىي شىمالدىكى ما فامىلىلىك بەش مىللىتارىستنى شىنجاڭغا چېكىندۈرۈپ، يەرلىكتىكى كوممۇنىزمغا قارشى كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ " بۈيۈك ئىسلام جۇمھۇرىيىتى " قۇرماقچى بولغان. ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، شىنجاڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاجىز ئوتتۇرا ئاسىيا قىسمىغا نىسبەتەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسىغا ئايلىنىپ، ئىككىنچى غەربىي بېرلىن شەكىللىنىپلا قالماستىن، يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەر ئارىسىدا روسىيىگە قارشى بۆلگۈنچى كۈچلەر پەيدا بولۇشى، نەتىجىدە سوۋېت ئىتتىپاقى يولغا قويغان رۇسلاشتۇرۇش ۋە سوتسىيالىزم قۇرۇش قەدىمىگە ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقى ئازادلىق ئارمىيىنىڭ تېزدىن شىنجاڭغا كىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشىنى جىددىي تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى ستالىن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، شىنجاڭغا كىرىش ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرۈپ 1949 - يىلنىڭ ئاخىرىغا بېكىتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا قاتنىشى ۋە ئارقا سەپ ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت ئىچىدىكى ئۇرۇش تەرەپدارلىرى بىلەن تىنچلىق تەرەپدارلىرى ئارىسىدا كۈرەشنىڭ كەسكىنلىشىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، 8 - ئاينىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىنىڭ شەرقىدىكى شىمىگودا يىغىن ئېچىپ، " مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش " نىڭ دەسلەپكى لايىھىسىنى بېكىتىپ، مۇنۇلارنى قارار قىلدى:
    (1)  
    ئەگەر يې چېڭ، ما چېڭشياڭ، لو شۇرېنلار شىنجاڭنى جېنىنىڭ بارىچە ساقلاپ ئۇرۇش قىلسا، ئۇ ھالدا ئۈرۈمچىدە دۆلەتلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ، مەسئۇد رەئىسلىككە، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ۋە يولۋاسلار مۇئاۋىن رەئىسلىككە، يې چېڭ دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا، ئوسمان مۇئاۋىن باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىدۇ.
    (2)  
    ئەگەر يې چېڭنىڭ مەيدانىدا تەۋرىنىش بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئەھۋالى يار بەرمىسە، ھۆكۈمەت خوتەندە قۇرۇلىدۇ، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا رەئىسلىككە، يولۋاس بىلەن ئەيسا مۇئاۋىن رەئىسلىككە، ئوسمان دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىدۇ.
    (3)  
    مۇستەقىل دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ تېگى ئاق بولىدۇ، ئۈستىگە 14 تال قىزىل سىزىق چۈشۈرۈلۈپ، 14 مىللەتكە ۋەكىل قىلىنىدۇ، ئوتتۇرىسىغا ھىلال ئاي بىلەن يۇلتۇزنىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلۈپ، ئىسلام دۆلىتىنىڭ بەلگىسى قىلىنىدۇ.
    (4)  
    قانداق ئەھۋال يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر يولۋاس چوقۇم قۇمۇلنى چىڭ ساقلىشى، ئوسمان بىلەن بىرلىشىپ ئازادلىق ئارمىيىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك*. بۇ مەزگىلدە غەربىي شىمالدىكى ئۇرۇش مەيدانىدا ئازادلىق ئارمىيە ئارقا ئارقىدىن غەلىبە قىلدى، فۇمېي ئۇرۇشى بىلەن لەنجۇ ئۇرۇشىدا خۇ زۇڭنەن ۋە مابۇفاڭ قوماندانلىقىدىكى گومىنداڭنىڭ ئاساسىي كۈچىنى يوقىتىپ، چىڭخەينىڭ مەركىزى شىنىڭنى ئازاد قىلىپ، خېشى كارىدورىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى، ئامېرىكا پىلانلىغان غەربىي شىمالدىكى ما فامىلىلىك بەش مىللىتارىست ئارقىلىق ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش سۈيىقەستى ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن چۆل - باياۋان، مۇز تاغ ۋە خەتەرلىك چوققىلارغا تايىنىپ، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشىنى توسماقچى بولدى، چېكىدىن ئاشقان مىللەتچىلەر گۇرۇھلىرىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىش ئارقىلىق غەربتىكى چېگرا رايوندا كوممۇنىزمغا قارشى بازا قۇرۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. شۇنىڭ بىلەن كوممۇنىزمغا قارشى كۈچلەرنى يىغىپ بىرلەشتۈرۈپ، بۇنداق كۈچلەرنىڭ كېڭىيىشىگە مەدەت بېرىپ، ئازادلىق ئارمىيىگە جان جەھلى بىلەن قارشى تۇردى.
    8-
    ئاينىڭ 15 - كۈنى ئامېرىكا كونسۇلى پاكستون خىزمىتىدىن دوكلات بەرگىلى ئامېرىكىغا كەتتى، كونسۇلخانىنىڭ خىزمەتلىرىگە مۇئاۋىن كونسۇل ماكىنان رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باش كونسۇلىنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت ساھەسىدىكى تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان تاۋسىيۆ بىلەن بۇرھان بىرلەشتى ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە ئىلى تەرەپتىكى ئۈچ ۋىلايەتچىلەر بىلەن ئالاقىلەشتى. شىنجاڭنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى كۈرەش تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار تەرەپكە مايىللاشتى، ماكىنان دەرھال ئۇرۇشپەرەسلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، يې چېڭغا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا خىراجەت قىلىش ئۈچۈن 200 سەر ئالتۇن بېرىپ، يې چىڭنىڭ قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈشىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەردى*، لېكىن يې چېڭ ھوقۇق ۋە پايدا - زىياننى دەڭسەپ كۆرگەندىن كېيىن، دۆلەتنى پارچىلايدىغان ۋە غەلىبە قىلىشتىن ئۈمىد يوق بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقۇسى كەلمەي، چېكىنىپ چىقىش قارارىغا كەلدى. ماكىنان بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاچچىقىدا يېرىلغۇدەك بولۇپ: مۇشۇنداق توخۇ يۈرەك نەرسىمۇ جاڭجۈن بولىدىكەن تېخى*، دەپ تىللاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن دەرھال يىغىن ئېچىپ جەنۇبىي شىنجاڭغا چېكىنىپ، ئاخىرقى قېتىم تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلدى.
    9-
    ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، شىنجاڭدىكى ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتتىكى تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، ماكىنان ئۇرۇشپەرەسلەرنىڭ مۇش كۆتۈرۈشكە پېتىنالمايۋاتقانلىقىنى ھەم پارچىلىنىپ ئۆز ئۇۋىلىرىغا كىرىپ كېتىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا يىغىن چاقىرىپ، ئوسمانغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، قارىمىقىدىكى ئاتلىق قىسىمنى يىغىپ، تاۋۇز چاغىنى كېچىسى ئۈرۈمچىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، تاۋ سىيۆ باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلارنى بىراقلا يوقىتىپ، قالايمىقان ۋەزىيەت پەيدا قىلىشنى، ئاندىن ئوسماننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ۋەزىيەتنى يىغىشتۇرۇپ، سىياسىي ھوقۇقنى قولغا ئېلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇمۇلدا قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈشنى، يولۋاسنىڭ قۇمۇلغا قايتىپ، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قىسىمنى كۈشكۈرتۈپ شۇ جايدىكى مەركىزىي بانكىنىڭ ئامبىرىنى بۇلاپ، شەھەرگە ئوت قويۇپ، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشنى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ، يەكەن، خوتەندە قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈشىنى قارار قىلدى*. ئەمما بۇ چاغدا ئازادلىق ئارمىيە شىنجاڭغا يېقىنلاپ قالغان بولۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ ياخشى كۈنلىرى كەلمەسكە كەتكەنىدى. تاۋ سىيۆ ئۇرۇشپەرەسلەرنىڭ توپىلاڭ كۆتۈرۈش سۈيىقەستىنى تىزگىنلەپلا قالماي، يەنە ماچېڭشياڭنى شىنجاڭنى تاشلاپ چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشكە كۆندۈردى، يې چېڭ، لو شۇرېنلارمۇ ئامالسىز چېكىندى، مۇھەممەد ئ

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.