ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-21

    ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتتە چېكىنىشىدىكى تارىخى سەۋەپلەرنىڭ داۋامى........ - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39671478.html

     پۈتۈن جەمئىيەتتە دۇئا- تىلاۋەت، خەتمە، ئىستىغپار ئۇقۇش (ئاللاھتىن گۇناھىنى تىلەپ تۇرۇش) ئاممىۋى ئىجتىمائى مەشغۇلاتقا ئايلاندۇرۇلغان.»  
    «
    تەزكىرەئى ئەزىزان» قاتارلىق ئەسەرلەردىن مەلۇمكى ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ دەستلەپكى باشچىلىرى بىر تۇغقان بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا نوپۇز تىكلەش ئۈچۈن كۆز قاراشلىرىدا ماھىيەتلىك پەرق بولمىسىمۇ خەلقنى ئىككىگە بۆلۈپ مەزھەپچىلىك قىلغان. ئۇلار ئۆز- ئارا نىزاھ قىلىشىپ، خەلقنى ئۇرۇش جىدەلگە سېلىپ قان تۆكۈپ مەڭگۈ ئورنىنى تولدۇرۇپ بولغۇسىز تارىخى جىنايەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بارلىق پاجىئەلىرى، يامان كۈنلەرگە قېلىشى پۈتۈنلەي سوپىلارنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرىدىن بولغان. پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى جاھالەت قاپلاپ پۈتۈن خەلق قاراڭغۇلۇق دۇنياسىغا غەرق بولدى.
    3.
    ئېغىر زۇلۇم خەلقنى ھالىدىن كەتكۈزىۋەتكەن
    ھاكىميەت بېشىدا ئولتۇرغان ھەرقانداق ھۆكۈمران ئۆز ھۆكۈمىنى قول ئاستىدىكى ئەمىر ئەكابىرلىرى ئارقىلىق يۈرگۈزىدۇ، ھۆكۈمران قانچە چېرىك، خىيانەتچى ۋە پارىخور بولسا قول ئاستىدىكىلەرمۇ شۇنچە چېرىك، پارىخور ۋە خىيانەتچى بولىدۇ. تارىخىمىزنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق ئەنە شۇنداق چېرىك، پارىخور، خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ كۆپ ئۆتكىنىنى بىلەلەيمىز. ھۆكۈمران ۋە قولچۇماقلىرىنىڭ چېرىكلىگى، پارىخورلىغى تۈپەيلىدىن خەلق ئۈستىدىكى باج سېلىق كۆپۈيۈپ كەتكەن، خەلق قاتمۇ- قات زۇلۇم دەستىدىن ياشاشقىمۇ ئامالسىز قالغان. بىر تەرەپتىن خان ۋە ئۇنىڭ ئامبال، دوتەيلىرى زۇلۇم قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن، نائىنساپ بەگلەر، خوجىلار،  شەرىئەتنى دەستەك قىلىۋالغان موللىلار ھەرخىل ئالۋاڭ- ياساق، باج- سېلىق، ئۆشرە- زاكات، پىترە يىغىپ زۇلۇم سالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ سادىق قۇل غالچىلىرى بەگلەر بولسا باج ۋە سېلىقنى ھەسسىلەپ يىغىپ ئۆزىنى بېيىتىش بىلەن بىرگە ئامبال، دوتەيلەرگە سوغا سالام ، پارا بېرىپ تېخىمۇ چوڭ ئىمتىيازلار ئۈچۈن (توغرىسى خەلقنىڭ قېنىنى تېخىمۇ بەك شوراش ئۈچۈن) ھەرىكەت قىلدى، خەلق قاڭغىر قاخشاپ جان تەسلىم قىلىۋاتسا ئامبال، دوتەي، بەگ- غوجانلار ئۆزلىرىنىڭ پاراغەتلىك تۇرمۇش پەيزىنى سۈردى، نەتىجىدە زۇلۇمغا چىدىمىغان خەلق نۇرغۇن قېتىملىق قوزغىلاڭلار قىلىپ مۇستەبىت، چېرىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرماق بولدى. خوتەنلىك تارىخچى مۇھەممەت ئەلەمنىڭ « تارىخى ۋەتەن ۋاقىئاتى خوتەن»  ناملىق ئەسىرىدە  ئەينى دەۋىردىكى باج- سېلىقنىڭ 65 خىلى خاتىرلەنگەن ئىكەن. چىرىك چىڭ سۇلالىسى چېرىكلىكتە مەنسەپنى باھا قۇيۇپ ئېلان چىقىرىپ سېتىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن بۇلۇپ ئەمدى بىز چىڭ سۇلالىسىنىڭ مەنسەپ سېتىش ھەققىدىكى ئېلانىغا مۇناسىۋەتلىك باياننى كۆرۈپ باقايلى:
    «
    ھەرقانداق پۇلى بار ئادەم كۈمۈش پۇل سوۋغا قىلسا مەنسەپ بېرىمىز، دەپ بازار گۈزەرلەرگە ئېلان چاپلىدى... ھەرقانداق نامى نىشانى يوق ، ئوغرى، قىمارۋاز، سەرگەردان بولسىمۇ  پۇل بەرسە ئۇنىڭغا مەنسەپ بېرىلدى.... مەنسەپنى سودىلىشىپ باھا قويۇپ ئاشكارە ساتىدىغان بولدى
    مانا بۇنىڭدىن شۇ چاغدىكى ھاكىميەتنىڭ قانچىلىك چېرىكلەشكەنلىگىنى، بۇ سەۋەپلىك خەلقنىڭ قانچىلىك رىيازەت چەككەنلىگىنى، قانچىلىك زۇلۇمغا دۇچار بولغىنىنى قىياس قىلىش مۈشكۈل ئەمەس. دىمەك ئەينى تارىخى دەۋردە ھۇقۇق ئاچكۆز، بايلىق پەرست، پارىخورلارنىڭ، ئوغرى، قىمارۋازلارنىڭ  قولىغا چۈشۈپ«سۇ ئاقىدۇ سايغا، پۇل ئاقىدۇ بايغا» دىگەندەك ۋەزىيەت داۋام قىلغان، پۇقرالار ئۈستىدىكى زۇلۇم تېخىمۇ كۈچەيگەن.
    قەرز ئۈچۈن، ئالبان ئۈچۈن بولدى مېنىڭ ھالىم خاراپ،
    ھەزرىتى چۈنۋاڭ بېگىم ھالىمغا رەھىم ئەتكەي  يانا.
    كەلسەلەر ئالبانچىلار خېنە پۇلى دەپ تۇتسىلەر،
    پۇل تاپالمايمەن  تىنەپ ، دىشۋار بولۇر ھالىم يانا.
    كېچىلەر، كۈندۈزلەرى ھەم دەرس ئوقۇر ئېردى بالام،
    قەرز ئۈچۈن، ئالبان ئۈچۈن، ھەم دەرستىن قالدى يانا.  
    ئاقسۇلۇق مۇئەللىپ موللا توختى مۇندىن يۈز نەچچە يىل مۇقەددەم يازغان ئەسىرى«ئەرزىيەت » تىكى يۇقۇرقى بايانلار ئارقىلىق شۇنىمۇ بىلەلەيمىزكى ، زۇلۇم شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى بەگ- غوجاملار ئۆزلىرىنى ئاغىچىلىرى ئۈچۈن خېنىگىمۇ ئالۋاڭ يىغقان. بۇ خىل ئالۋاڭ، باج سېلىقلارنىڭ كۆپلىگىدىن، زۇلۇمنىڭ ئېغىرلىغىدىن خەلق ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان. دىنى ئۆلۈما، تارىخچى ئىمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇم بىر شېئىرىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:
    ئۆتمۈشتە بۇ شىنجاڭغا شەن دوتەي ئىكەن مانجۇ،
    ماگازا، تاۋا توكۇ، كىيگەنلىرى ساپ پاڭچۇ.
    راھەتتە ياتار ئۇخلاپ پۇخراغا كۆتەرتىپ جذ،
    پۇقرانى ھاقارەتلەپ سىڭكۇ بىلەن دەپ چەنتۇ،
    داتاڭغا قاداپ قويغان نەيزە قېلىچ ھەم چەيدۇ.
    مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخ، ئەينى دەۋردىكى رىئاللىق. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى دەۋرى ۋە باشقا دەۋرلەردە بولسۇن ھۆكۈمرانلارنىڭ ئېغىر زۇلۇملىرى خەلقنى پۈتۈنلەي ھالىدىن كەتكۈزىۋەتكەن. مۇشۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا تېنچلىقنىڭ بولماسلىغى، سوفىزىمنىڭ بېسىمى، ئىقتىسادى قىيىنچىلىق خەلقنى ئۆزىنىڭ مەدىنىي مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلەلمەيدىغان قىلىپ قويغان. خەلق ماددى، مەنىۋى بايلىقلىرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولغان.
    پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا دەيدۇ ئۇيغۇر دانالىرى، دەرھەقىقەت پۇل بولمىسا ھىچ ئىش ئاقمايدۇ، پۇل دىمەك ئىقتىساد، كاپىتال، مەبلەغ دىمەكتۇر. يۇقۇرىدا كۆرگىنىمىزدەك ئۇرۇش ۋە دەھشەتلىك ئېزىشلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىگىلىگىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغان بۇلۇپ سوپىزىمنىڭ تەركى دۇنياچىلىق تەشەببۇسى بۇ ۋەيرانچىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. مەيلى جوڭغارلار بولسۇن ياكى چىڭ سۇلالىسى بولسۇن خەلقنىڭ مەدەنىيەت مائارىپ ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشى، قوللىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى خەلق پەن- مائارىپ ئارقىلىقلا ھاياتلىق يولىنى، باراۋەرلىكنى ھەتتا ئۇلارنى ئاغدۇرۇپ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بۇلۇش يولىنى تاپالايتتى، ھۆكۈمرانلار ئۇيغۇرلارنى ئاداققى ئۆز ھۆكۈمىدە تۇتۇشنى مەقسەت قىلىدىغان تۇرسا بۇنى قانداقمۇ خالىسۇن؟ ئۆز ئۆزىنى تۇنىغان، مىللەتپەرۋەرلىگى ۋۇجۇتقا كەلگەن مىللەتلا مەڭگۈ ئۆز مەۋجۇتلىغىنى كاپالەتلەندۈرەلەيدۇ، بۇنى پەقەت ھەقىقى پەن- مائارىپلا  ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. شۇڭا بۈيۈك مۇتەپپەككۈر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىلىم بىلەن كۆككە چىققىلى بولىدىغانلىغى، قۇلنىڭ قۇللۇقتىن خالاس بولالايدىغانلىغىنى مۇندىن مىڭ يىل مۇقەددەم بىزگە جاكا قىلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى غالچىسى ياڭ زېڭشىننىڭ خەلقنى مەڭگۈ نادانلىق كىشەنىدە كىشەنلەپ تۇرۇش ئۈچۈن پەن مائارىپنى قاتتىق چەكلەپ، خۇراپى موللىلارنى سېتىۋېلىپ خەلقنى ئىدارە قىلغانلىغى بۇنىڭ پاكىتى ئەمەسمۇ؟ 20 ئەسىردىن ئىلگىرى ئەرشى، فۇتۇھى، موللا مۇھەممەت سادىق قەشقىرى، زوھۇرى، موللا يۇنۇس يەركەندى، غېرىبى، نىزارى، كاتىبى، موللا مۇھەممەت تۆمۈرى، نازىمى، تەجەللى... گە ئوخشاش مۇۋەپپەقيەت قازانغان بىر تۈركۈم مەدەنىيەت ئەرباپلىرى يېتىشىپ چىققان، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقيەت قازىنىشىدا مەلۇم ئىقتىسادى ئارقا تېرىگى بار ئىدى. بۇلۇپمۇ 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنىقى يېرىمىدىكى مەدەنىيەت ئەرباپلىرىمىزدىن ئابدۇقادىر داموللا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، موللا مۇھەممەت ئوغۇز ھەمرا، ئىمىنجان باھاۋىددىن... قاتارلىق بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك كىشىلەر ئىقتىسادى جەھەتتىن ئازراق بولسىمۇ  ئاساسى بولغاچقىلا چەتئەلگە چىقىپ ياكى ئۆلكە مەركىزىگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلالىغان، مەكتەپ ئېچىپ ئىلىم تارقىتالىغان. ئىقتىساد يەنى پۇل بولمىغانلىقتىن نۇرغۇن ئەقىللىق پەرزەنتلەر خۇددى موللا توختى يازغاندەك ئۇقۇشتىن قېلىشقا مەجبۇر بولغان. ئىقتىساد بولمىسا قۇرۇلۇش قىلغىلى بولمىغىنىغا ئوخشاش مەكتەپ مەدرىسلەرنى سېلىپ ئىلىم مەرىپەت تارقىتىش مۈمكىن بولمايدۇ، خەلقمۇ نادان قېلىپ مەڭگۈ  ماڭقۇرت  بۇلۇپ قالىدۇ.

    4. سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقە ئازىيىپ بېكىنمىچىلىك كۈچەيگەن
    خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتتا بۇنچىلىك قالاق ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى خەلقارا مۇھىت بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇر دېڭىزچىسى يىغمىشنىڭ غەرپكە بارىدىغان دېڭىز يولىنى ئېچىشى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خۇيزۇ دېڭىزچىسى جېڭ خېنىڭ دېڭىز قاتنىشىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرىشى بىلەن شەرق غەرپ ئالاقىسى قۇرۇقلۇقتىن ( قۇرۇقلۇق يولى بىخەتەر ئەمەس ئىدى) كۆرە دېڭىز يولىغا كۆچتى. چۈنكى كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ  ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر- بىرىگە قارشى بىرمۇنچە ئۇششاق فىئودال خانلىقلار بارلىققاكەلدى. نەتىجىدە يىپەك يولىدىن ئىبارەت بۇ شەرق غەرپ مەدەنىيەت، ئىقتىساد- سودا لېنىيىسى تېنچ بولمىغانلىقتىن ئاستا ئاستا ئۆز رولىنى يۇقۇتۇپ بارىدۇ. بۇ ھەقتە سابىق سوۋېتلىك مۇئەللىپلەر گافىروف بىلەن مىروشىنكوۋلار مۇنداق دەپ يازىدۇ:
    «
    يىپەك يولىنىڭ توسۇلىشى ھەمدە ياۋرۇپالىقلارنىڭ ھىندىستان ۋە جوڭگۇغا بارىدىغان دېڭىز يولىنى ئېچىپ، ئۇنى ئىگەللىۋېلىشى سەۋەبىدىن مەركىزى ئاسىيانىڭ دۇنيا بىلەن بولغان  سودا قاتناش ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. غەرپ بىلەن شەرقنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يولى ئۆزگىرىپ، مەركىزى ئاسىيانى جەنۇپ ۋە شىمال تەرەپتىن ئەگىپ ئۆتىدىغان بولدى. مەركىزى ئاسىيادا يەرلىك فىئودال ھۆكۈمرانلىق كۈچەيگەنلىكتىن، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتتە ناھايىتى تېز خاراپلىشىشقا قاراپ ماڭدى.»  
    ئامىرىكىلىق ئاتاقلىق تارىخشۇناس ستاۋرىئانۇس ئەپەندى دۇنيا تارىخىدىن يەكۈن چىقىرىپ ‹‹ دۇنيانىڭ ئومۇمى تارىخى ›› ناملىق كىتابىدا   دۇنيا تارىخى ئىسپاتلىدىكى بىر ئىجتىمائى گۇروھنىڭ مەدەنىيەتتە تەرەققى قىلىشى ئۇنىڭ خوشنىلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى قۇبۇل قىلالىغان قىلالمىغانلىغى بەلگىلەيدۇ. بىر ئىجتىمائى گۇروھ ئېرىشكەن ھەر خىل كەشپىياتلارنى باشقا ئىجتىمائى گۇروھلارغا تارقىتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بېرىش كېلىش قانچە كۆپەيسە ئۆز ئارا ئۈگۈنۈش پۇرسىتىمۇ كۆپۈيىدۇ. ئومۇمەن ، مەدەنىيەتتە ئەڭ ئىپتىدائى ھالەتتىكى قەبىلىلەرمۇ ئۇزاق جەرياندا بېكىك ياشىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار خوشنا قەبىلىلەرنىڭ مەدەنىيەت مۇۋەپپەقيەتلىدىن پايدىغا ئېرىشەلمىگەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا باشقا جۇغراپىيىلىك ئامىللارغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچ مىللەتلەر ئارىسىدىكى يېقىنلىشىشقا باغلىق. باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۆز ئارا تەسىر كۆرسەتكەن ئەشۇ مىللەتلەر غايەت تەرەققىياتلارغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى ئىنتايىن زور . ئەمەلىيەتتە ، ئۇلارنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشىغا تۈرتكە بۇلىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇچ كېلىدىغىنى تەرەققىيات پۇرسىتى بۇلۇپلا قالماستىن يەنە شاللىنىش بېسىمىدۇر. ناۋادا ئۆز ئارا تەسىر پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ تەرەققى قىلمىسا چۇقۇملا ئاسلىماتسىيە بۇلىدۇ  ياكى يۇقۇلۇش خىرىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەكسىچە بېكىك ھالەتتە ياشىغان مىللەت سىرتتىن  كېلىدىغان ئىنرتسىيىگە ئېرىشەلمىسە ، يەنە خەۋپ خەتەر بولمىسا شاللىنىش بېسىمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەۋجۇت بولمىسا  ئۇلار ئەسلىدىكى ھالىتى بۇيىچە نەچچە مىڭ يىل ياشايدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادا  ياشىغان ئۇيغۇر خەلقىمۇ يۇقارقى قانۇنىيەتنىڭ سىرتىدا ئەمەس.
    بۇ چاغدا شىنجاڭدىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئەھۋالمۇ بۇنىڭغا ئاساسەن ئوخشاش بۇلۇپ مۇسۇلمان شەرق دۇنياسى خاراپلىشىشقا يۈزلىنىپ بۇرۇنقى مەدەنى گۈللۈنۈش پۈتۈنلەي تۈگەشكەن، بۇرۇنقى ئىلىم پەن گۈللۈنىشى ئاخىرلىشىپ خۇراپىلىق ۋە مەزھەپچىلىك كۈچۈيۈپ تەپرىقى ھاكىميەتلەر كۆپەيگەن، ئۆز- ئارا نىزالار كۆپىيىپ ئىگىلىك ۋە خەلق تۇرمۇشى خاراپلاشقان. ياۋروپادا بولسا ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە بۇلۇپ ئىسلاھات، رىقابەت جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، تەبىئى پەن، ئىجتىمائى پەنلەردە ۋە سانائەتتە يېڭى بۆسۈش بولىۋاتقان ۋە سانائەت، يېزا ئىگىلىگى تەرەققى قىلىپ ماشىنىلىشىۋاتقان بۇلۇپ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلغان ئىدى. بىز بولساق بۇلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ھالدا قۇدۇقنىڭ تېگىدىكى پاقىدەك ئاسمان مۇشۇ دەپ، يۈرۈۋاتاتتۇق. نەتىجىدە ئىنسانلار تەرەققىياتىغا تۆھپە قۇشۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى« ئۇچار گىلەم»، «ياغاچ ئات» تا  ئەكىس ئەتكەن ھاۋا قاتناش ئارزۇلىرىمۇ  شۇ بويىچە چۆچەك بۇلۇپ قېلىۋەردى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىلىم بىلەن كۆككە چىققىلى بولىدىغانلىغى، قۇل بولسىمۇ ئىلىم بىلەن ئازاتلىققا ئېرىشەلەيدىغانلىغى ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىمۇ  بىزنى ئويغىتالمىدى، بىز ئەسىرلەرنى ئىشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ كەلدۇق، ئىشەك ھارۋىسىنى ئالاھىدە قاتناش قورالى، كالا بىلەن ساپاننى ئىشلەپچىقىرىش قورالى قىلىپ ئەسىردىن ئەسىرگە كۆچۈپ كەلمەكتىمىز. ئۆزىمىزنى بېكىك ھالەتتە ساقلاپ كەلگىنىمىز ئۈچۈن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ جۈملىدىن پەرەڭ ۋە ئورۇس، جوھوت ئەجنەبىلەرنىڭ قانداق تەرەققى قىلغىنىنى پىسەنتىمىزگە ئالمىدۇق، ۋەلسىپىت ياسىسا شەيتان ھارۋا دەپ ئاتىدۇق، مۇشۇ ئەسىردە ھەتتا ئايرۇپىلانغا «نىمە دىگەن چوڭ قۇش بۇ دەپ دان چاچقان» لىغىمىز  نىمىنى ئىسپاتلايدۇ؟

    5. مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتتىن تارلىققا يۈزلەنگەن
    ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركى خەلقلەر ياشاپ كەلگەن ئانا ماكان بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئەل فارابى، مۇھەممەت خارەزەمى، مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، جامال قارشى، ئەھمەت يۈكنەگى، ئىمائىددىن كاشغەرى، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ... كەبى بىرمۇنچە پەيلاسوپ، ئەدىپ- ئالىملار ياشىغان بۇلۇپ ماتىماتىكا (ئەلجەبىر)، ئەدەبىيات، ئىلمىي كىمىيا، ئىلمىي مەنتىق، ئىلمىي نۇجۇم، پەلسەپە، تىبابەت، ناخشا-ساز قاتارلىق ساھەلەردىن خېلى ياخشى ئىلمىي مۇۋەپپەقيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. موڭغۇللار دەۋرىگە كەلگەندە ئالىملىمىزنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى موڭغۇل ئىمپىرىيىسى بىلەن ناھايىتى كەڭ دائىرىگە تارقىلىپ ئۆزىنى نامايەن قىلدى ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. مەسىلەن: ئەدىپلەردىن سەئدۇللا، سەۋىنىچ ھىيا، مازۇچاڭ، شۈئاڭفۇلارنى، يېزا ئىگىلىك ئالىمى تۆمۈر تۆبرۈك (لۇ مىڭسەن)، ئۇزۇقلۇقشۇناس قۇسقۇي، يېزىقشۇناس تاتاتۇڭا ۋە چوسگىخودرىز، تەرجىمان ئەنتساڭ ۋە بىلاناشىل، سىياسىئون لىئەن شىشەن، ئەھمەت، ئۆمەر، ئاستۇرنوم جامالىددىن، بىناكار ئەختەرىدىن، ياراغشۇناس ئالاۋىددىن ۋە ئىسمايىل، رەسسام گاۋكۇكۇن، ئالىملاردىن چىنشىمىڭ ۋە شەمسىدىن، دېڭىزچى يىغمىش، تارىخشۇناس لىئەنخۇيشەن.... قاتارلىقلارنىڭ تۆھپىسى سۆزىمىزگە دەلىل بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا باشقىلارنىڭ ئىلغار ئىلىم ۋە تەخنىكىلىرىنى ئۈگۈنۈش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئىلغار نەرسىلىرىنى خوشنا ئەللەرگە ئۈگەتكەن. تۆمۈر، كۆمۈر، مىس، بۇغداي، پاختا ... لارنىڭ شىنجاڭدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن بالدۇر بولىشى، خەنزۇ تىلىدىكى تۆمۈر سۆزىنىڭمۇ تۈركى تىلدىكى تۆمۈردىن قىسقىراپ بۇلۇشى، يۇقارقى تەخنىكىلارنىڭ شىنجاڭ ئارقىلىق ئىچكىرىگە تارىلىشى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانداقتۇر ئەكىلىشپەرۋەر مىللەت بولماستىن، باشقىلار مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى قۇبۇل قىلالايدىغان ھەم ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرىنى باشقىلارغا تەغدىم قىلالايدىغان مىللەت ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەمما ئۇيغۇر جەمئىيىتى 16- ئەسىردىن باشلاپ سوپىزىمنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىدى، سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ ئادالەتلىك سۇلتانى سەئىدخاندىن باشلاپ خانلارنىڭ سوپىلارغا مۇرىت بۇلۇشى تۈپەيلىدىن خوجا- ئىشانلار رايۇنىمىزدا ناھايىتى تېز كۆپەيدى، مۇرىتلىرى كۈنسىرى ئاشتى. تەسىر دائىرىسى زورايغان سوپىلار قۇرئان، ھەدىس ۋە سوپىلىق كىتاپلىرىدىن باشقا بارلىق مەدەنىيەتنى چەكلىشى ھەم بۇ خىل تەقىپنىڭ ئۇزۇن داۋام قىلىشى ئۇيغۇر خەلقىنى مەڭگۈ تولدۇرۇپ بولمايدىغان زىيانلارغا گىرىپتار قىلدى. ئۇيغۇر خەلقى سوپىلارنىڭ دەھشەتلىك روھى قۇل قىلىشى، ئۇلارنى غالىبىيەت يولىغا، ھۆرلۈككە باشلايدىغان ئىلىم يولىدىن مەھرۇم قىلىشى بىلەن ئۇلار روھى قۇللۇققا چۈشۈپ قالدى. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مىللەت روھى يۇقۇلىدىكەن شۇ مىللەت يوقالماي قالمايدۇ، ئۇيغۇر روھى يۇقالغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىتى ئەۋۋەل جوڭغارلارغا ئاندىن چېرىك چىڭ سۇلالىسىغا ئات- ئىشەك ئورنىدا ئىشلىدى.
    سوپىلار ئۆزلىرىنى ئاللا بىلەن تەڭ ئۇرۇنغا قۇيۇپ، ئىسلام ئەقىدىلىرىگە مۇخالىپ ئىش قىلىپ، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پۈتمەس، تۈگۈمەس ۋەيرانچىلىق ۋە خارلىق ئېلىپ كەلدى. ئۇلار مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى بۇزۇپ، مەدەنىيەتنى مەڭگۈلۈك يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن تىرىشتى. مەكتەپ مەدرىسلەرنى سوپىزىملىق پائىلىيەت سورۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ساپ ئەقىدىلىك ئۇيغۇر خەلقىنى روھى قۇللارغا ئايلاندۇردى. سوپىلار ھاكىميەت بېشىغا چىققان ۋە قورچاق ھۆكۈمدار بۇلۇپ تۇرغان ۋاقىتلاردا قۇرئان ۋە ھەپتىيەك بىردىنبىر ئۇقۇشلۇققا ئايلاندى. قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىمۇ سوپىزىم ئىدىيىلىرى بويىچە تەپسىرلەندى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەنى سوپىلار تەخىتتىن چۈشكەن ئەمما تەسىرى يەنىلا چوڭقۇر بولغان چاغلاردا مائارىپ ئاستا- ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى، ئەمما ئىجتىمائى پەنلەر مۇتلەق ئاساسى ئورۇننى تەشكىل قىلدى. تەبىئى پەنلەر ۋە تېخنىكىلار (ھۈنەر سەنئەت) ئاساسەن ئۇنتۇلدى، ئۇقۇتۇش دائىرىسى بەكمۇ تار بۇلۇپ قالدى. نەشىرياتچىلىق، باسما ئىشلىرىمۇ ئۇنتۇلۇپ قولدا كۆچۈرۈدىغان قالاق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. شۇ دەۋىر ئىجتىمائى جەمئىيىتىگە نەزەر سالساق پەقەت شائىر، تەرجىمان، تىۋىپلەرلا يېتىشىپ چىقتى، ھۈنەر سەنئەت يەنىلا ناتۇرال ئىگىلىك باسقۇچىدا تۇرۇپ قالغىنى ئۈچۈن ھىچقانداق تەرەققىياتقا ئېرىشەلمىدى. ھۆكۈمران چىڭ سۇلالىسىمۇ ئەسلىدىنلا قالاق بىر مەدەنىيەتنىڭ ۋەكىلىگە ئايلانغىنى ئۈچۈن ئۇلارمۇ ئۇيغۇر خەلقىگە ھىچقانداق بىر مەدەنىيەت ئاتا قىلالمىدى، ئەكسىچە ھۆكۈمرانلىغىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پايدىلىق توڭچى (تەرجىمان) يېتىشتۈرىدىغان مەكتەپتىن بىرقانچىنىلا ئاچتى. شۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلاردا تەسىر قىلغۇدەك، ئۇلاردا ئويغۇنۇش پەيدا قىلغۇدەك بىرەر مەدەنىي تەرەققىيات، يۈكسىلىش بولمىغىنى ئۈچۈن خوشنىلىرىمۇ ئۇيغۇرلارغا ھىچقانداق ئىجابى تەسىر ئاتا قىلالمىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن مۇسۇلمانلار دۇنياسى خارابلىشىپ، چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن بۇلۇپ ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئەنە شۇ ئىسلامىيەت دۇنياسى بىلەن ئالاقە قىلاتتى، ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكۈدەك بىرەر ئىلغار مەدەنىيەت ئۆز خوشنىلىرى ئارىسىدا بولمىغىنى ئۈچۈن دوكتۇر ئەسەد سۇلايمان ئېيتقاندەك ئەسھابۇل كەھەب ئۇيقۇسىغا غەرق بولغان ئىدى.  تەغدىر تۇغۇلۇشتىنلا پىشانىسىگە يېزىلغان بۇلىدۇ  دەپ قارىغان خەلقىمىز ھەممىنى خۇدادىن، مازار ماشايىقلاردىن ئاھ ئۇرۇپ ئىزلەيدىغان روھ چىرمىۋالغان بۇلۇپ، يارىتىش مېنىڭدىن يارىلىش ئۆزۈڭدىن نى ئۇنتۇغان ئىدى، جەننەت قېلىچ سايىسىنىڭ ئاسىتىدا دىگەننى چۈشەنگەنۇ جەننەتنى قانداق ھالدا قۇرۇشنى بىلمىگەن.
    ئۇيغۇر خەلقى پۈتۈنلەي ئەنە شۇنداق چۈشكۈن، قالاق دۇنيا مۇھىتىنىڭ ئىچىدە بۇلۇپ غەرىپنىڭ يېڭى مەدەنى مۇۋەپپەقيەتلىرىدىن پەقەت 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى توغرىراقى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خەۋەر تاپتى ؤة« ... بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس، ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىدۇر! جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس ئىلىم- پەن دەۋرىدۇر. سۇسلۇق ۋە بىكارلىق دەۋرى ئەمەس تىرىشىش ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر. باشقا مىللەتلەر ئىلىم مەرىپەت سايىسىدە ھاۋادا ئۇچۇپ پەرۋاز قىلماقتا، سۇ ئاستىدا بولسا خۇددى قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك ئەركىن ئۈزۈشمەكتە. بىز تېخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتماقتىمىز. ئۇيقۇ ئۆلۈمنىڭ بۇرادىرى ۋە مۇقەددىمىسىدۇر. بۇ ھالەتتە دائىم ئۇخلىماق يۇقۇلىش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر !ھېلىھەم ۋاقىت ۋە پۇرسەت بار...  » دەپ چۇقانلار سالدى. 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىغا كەلگەندە ئاندىن بۇ ھالەت ئۆزگىرىشكە باشلىدى.
    خۇلاسە قىلغاندا، ئۇيغۇرلار 1600- يىلىدىن 1900- يىلىغىچە بولغان  300 يىل جەرياندا تۈرلۈك قىسمەتلەرگە دۇچار بۇلۇپ مەدەنىيەتتە چېكىنىپ كەتتى، بۇرۇنقى جەڭگىۋارلىغىنى يۇقاتتى. ئەمما ئۇ ئۆتمۈش، ھەرگىزمۇ ھازىر مەدەنىيەتتە ئالغا باسالماسلىغىمىزنىڭ سەۋەبى ئەمەس، ھازىر مەسئۇلىيەتنى ئۇلاردىن ئىزلەش ئۆز مەسئۇلىيىتنى باشقىلارغا ئىتتىرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، لېكىن تارىخى ساۋاقلارنى قۇبۇل قىلىشىمىز ، سەۋەنلىكلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ ئۇنى تۈزۈتىشىمىز لازىم. ئەمدى، مانا ئىنسانىيەت 21- ئەسىرگە ئۆزىنىڭ تۈرلۈك يېڭىلىقلىرى بىلەن زامانىۋىلىشىپ كىرسىمۇ بىز تولىمۇ تۆۋەن ئاڭدا مەس ۋە ئەلەڭ- سەلەڭ ھالدا، كۆپىمىز ئىشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ كىرىپ كەلدۇق، بىز داۋاملىق مۇشۇنداق يۈرسەك ئەۋلاتلىرىمىز بىز توغرىلق نىمە دەپ يەكۈن يازار تارىخ بېتىگە؟


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.