ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-21

    ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتتە چېكىنىشىدىكى تارىخى سەۋەپلەر - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39671458.html

    غالىب بارات ئەرك
    ئۇيغۇرلار قەدىمكى دەۋردە تەرەققى قىلغان شەرق خەلقلىرىدىن بىرى ئىدى، ئەمما يېقىنقى 3- 4 ئەسىردە تەرەققىياتى ئەڭ قالاق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟

    1 . تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى تېنچلىق بولمىغان

    تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق بىلەلەيمىزكى 1600- يىلىدىن 1900- يىلىغىچە بولغان 300 يىل ئۇيغۇر جەمئىيىتى پۈتۈنلەي ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالغان ھەممە يەرنى قان ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان جەمىيەتكە ئايلانغان. سەئىدىيە خاندانلىغىنىڭ ئادىللىغى بىلەن داڭ چىقارغان سۇلتانى ئابدۇكېرىمخاننىڭ قەستكە ئۇچرىشى بىلەن خاندانلىق خارابلىشىشقا يۈزلەندى. خانلىق دائىرىسى خانزادىلەرنىڭ ئۈستۈنلۈك، بايلىق، خانلىق، تېروتورىيە (زېمىن) تالىشىدىغان ئۇرۇش سەھنىسىگە ئايلاندى، بىر مەزگىل گۈللەنگەن بۇ دۆلەت ھالاكەتكە يۈزلەندى. سۇلتان سەئىدخاندىن باشلانغان سۇپىلارغا مۇرىت بۇلۇش ئەۋجىگە چىقىپ پۈتكۈل خەلق بىرقانچە توپقا بۆلۈندى، ئەسلىدىن خانىقالاردا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان سوپىلار ھۇقۇق تالىشىش كۈرەشلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى ھەمدە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، مۇرىتلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ ھاكىميەت تالىشىش كۈرەشلىرىدە ئاز بولمىغان قىرغىنلارنىڭ بىۋاستە سەۋەپپكارىغا ئايلاندى. ئاخىرقى ھىساپتا سوپىلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ۋە ھىلە مېكىرلىرى، سەئىدىيە ئەۋلاتلىرىنىڭ ئىقتىدارسىزلىغى تۈپەيلى 1680- يىلى ھاكىميەت ئۇيغۇرلاردىن جوڭغارلارنىڭ قولىغا ئۆتتى، سوپىلار جوڭغارلارنىڭ سادىق غالچىلىرىغا ئايلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ قورچاق ھاكىميىتىنى تىكلەشكە مۇيەسسەر بولدى. سوپىلارنىڭ جوڭغارلار ياردىمىدە تىكلەنگەن بۇ قورچاق ھاكىمىيىتى ئەمەلىيەتتە خەلقنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىپ بايلىق توپلاپ ئۇنى خوجايىنلىرىغا سوۋغا قىلىپ خەلقنى تېخىمۇ دەھشەتلىك ۋەيرانچىلىققا گىرىپتار قىلدى. سوپىلارنىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمى ئاستىدا ئۇيغۇر خەلقى جوڭغارلار ئۈچۈن سېلىق تۆلەپ، قۇل دېدەك تۇتۇپ بەردى. پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارى سوپىلارنىڭ ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق تىن ئىبارەت ئىككى مەزھەپنىڭ ھاكىمىيەت، مۇرىت، بايلىق تالىشىدىغان، ئۆز- ئارا قىرغىنچىلىق قىلىشىدىغان ھالاكەت مەيدانىغا ئايلاندى. بۇ ئىككى مەزھەپ قىرغىنچىلىق قىلىشقاندىن سىرت ئۆزلىرىنىڭ سوپىستىك ئېدىيىسى بويىچە مەدەنىيەتنى قاتتىق تەقىپ قىلىپ مەدەنىيەتنى خەلق تۇرمۇشىدىن ۋە ئۇيغۇر  جەمئىيىتىدىن يۇقاتماق بولدى، جۈملىدىن مەدەنىيەت ئەرباپلىرىنىمۇ قىرغىن قىلىپ يۇقاتتى. ھاكىمىيەت جوڭغارلار ۋە ئۇلارنىڭ ھامىيلىغىدىكى سوپىلارنىڭ قولىدىن مانجۇ - چىڭ ئىمپىرىيىسىگە ئۆتكەندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چېرىك ھۆكۈمرانلىرى بىر تۈركۈم يەرلىك فىوداللار بىلەن ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ، خەلققە ئېغىر زۇلۇملارنى سالدى. نەتىجىدە پۇقرالار ئېغىر زۇلۇمغا قارشى كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ قىلغان بولسىمۇ  ئىنتايىن دەھشەتلىك باستۇرۇلدى، ئۈچتۇرپان جىگدە يېغىلىغى  ( پۈتۈن خەلق قىرغىن قىلىپ يۇقۇتۇلغان دىگەن مەلۇماتلار بار ) ۋە ھەر قېتىملىق قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن خەلقنىڭ يۇرت ماكانىنى تاشلاپ باشقا يۇرتلارغا كۆچىشى، شىمالى شىنجاڭدا قىرغىن قىلىپ ئادەم قالمىغاندا ( مەھمۇدكاشغەرى ‹‹ تۈركى تىللار دىۋانى ›› دا بۇ يەردە خېلى ۆكپ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىغى، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى بولغانلىغىنى يازغان) جەنۇپتىن ئاھالە كۆچۈرۈشى شۇنىڭ مىسالىدۇر.  
    خەلقنىڭ قوزغىلاڭلىرى ھە دىگەندىلا مەغلۇپ بۇلۇپ تۇردى، سەۋەبى ئۇلارنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى شەكىللەنمىگەن، تارىخ دانكو ياكى ئاتا تۈرك مۇستاپا كامال كەبى رەھبەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرمىگەنىدى، ئازاتلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ نىشانى پەقەت زۇلۇمنى يۇقۇتۇشلا بولغىنى ئۈچۈن ئىنقىلاپتىن خوجىلارمۇ پايدىلىنىپ ئۆز ھاكىميىتىنى تىكلەشكە تىرىشتى، خوجىلارنىڭ توپىلاڭلىرىمۇ خەلقنىڭ تالاپەت تارتىشىغا سەۋپچى بۇلۇپ زىيانلارنىمۇ كەلتۈردى.
    19-
    ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە خەلق بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئازاتلىق ئۈچۈن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ خوتەن، قەشقەر، كۇچار ۋە غۇلجىلاردا ھاكىمىتىنى تىكلىدى، لېكىن ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلغۇدەك باشچىلار بولمىغانلىقتىن خوتەندە ھەبىبۇللا ھاجى، كۇچاردا راشادىنخان كەبى سوپى- زاھىت ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن خەۋەرسىزلەر رەھبەرلىك قىلىپ بۆلۈنمە ھالەتتە خانلىق قىلىشتى. ئۇلاردا ۋەتەن، خەلق، مىللەت ئېڭى بولمىغانلىقتىن بىرلىشىپ ھاكىميەت قۇرۇپ خەلقچىل سىياسەت يۈرگۈزۈشكە قادىر بولالماي ئاقىۋەت خەلقنىڭ غالىبىيەت مېۋىسىنى قوقانلىق رەڭۋاز ياقۇپبەگنىڭ ھىلە- مىكرى ئالدىدا تارتقۇزۇپ قويدى. ئىلى سۇلتانلىغى، ئۈرۈمچى- سانجى خۇيزۇ ھاكىمىيىتى، كۇچار راشىدىنخان خوجا ھاكىمىيىتى، خوتەن ھەبىبۇللا خوجا ھاكىمىيىتى ۋە قەشقەر بۇزرۇك خوجا (ئەمەلىيەتتە بەدۆلەت ھاكىمىيىتى بۇلۇپ ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جاھانگىر خوجىنىڭ ئوغلى بۇزرۇك خوجىدىن پايدىلانغان) نىڭ ئۆز- ئارا  ئىستىلا ئۇرۇشلىرى يۈز بەردى ۋە ياقۇپبەگنىڭ جەنۇبى شىنجاڭ ھەم تۇرپان، ئۈرۈمچىلەرنى ئىگەللەپ ئاتالمىش بەدۆلەت يەتتە شەھەر ھاكىمىيىتى نى  قۇردى. 1878- يىلى چىڭ سۇلالىسى ھەممىنى يېڭىپ ئۆزىنىڭ نىسپى ھالدىكى تېنىچلىق ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزگىچە يەنىلا ئۇرۇش داۋام قىلىپ كەلدى. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ باقساق، جۈملىدىن ئەينى ۋاقىتتا ئۇرۇشقا بىۋاستە قاتناشقان، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىغىنى ئۆز  كۆزى بىلەن كۆرگەن تارىخچى ئالىمىمىز موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخى ھەمىدى» ، « تارىخى ئەمىنىيە» كىتاپلىرىنى كۆرىدىغان بولساق بۇ ھەقتە يېتەرلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز. مىسال:
    «
    ئاتالىق غازى يىگىتلىرى، سەرۋازلىرى ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن چارچىدى، قوللىرى قاپاردى. ئاتىلىق غازى قۇشۇنىغا ئەگىشىپ كەلگەن قاسساپلارنى ۋە خوتەندىكى ياقا يۇرتتىن كەلگەن مۇساپىر قاسساپلارنى چاقىرىپ كېلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىدى. قاسساپلار خەندەك لېۋىدە تۇرۇپ ئادەملەرنى بۇغۇزلاپ خەندەككە ئىتتىرىۋەردى.... شۇ قېتىم تۆت تۈمەن ئادەم ھالاك بولغان بولسا كېرەك
    قەدىرلىك كىتاپخانلىرىمىزغا بۇ خىل قىرغىنچىلىقتىن تېخىمۇ كۆپ پاكىتلارنى كۆرسىتىپ بېرەلەيمىز. چۈنكى بىزنىڭ تارىخىمىز بۇ خىل قىرغىنچىلىقلار بىلەن تۇلۇپ كەتكەن. قان ھىدى، ئادەم ئۇستىخانلىرى تارىم ۋادىسىنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىغان ئىدى. ئۇيۇشقاق، يەڭگۈچى، ئەقىللىق مەنالىرىغا ئىگە خاسىيەتلىك نامى بار ئۇيغۇر خەلقىمۇ بىر ئۇچۇم مەزھەپچى، بايلىقخۇمار، ھۇقۇقپەرەست، ئۇرۇشپەرستلەر تەرىپىدىن ئۇرۇش قاينىمىغا مەجبۇرى سۆرەپ كىرىلدى. خەلق ئۆز ھاياتىغىمۇ كېپىللىك قىلالمايدىغان، ئەتىسىگىمۇ ئىشەنچ قىلالمايدىغان بۇلۇپ قالدى. ئەشۇ بىر ئۇچۇم رەزىل شەخسلەر ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەتى، پاراغەتلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن مىللەتنى، خەلقنى، ۋەتەننى، كەلگۈسىنى، ئەۋلاتلارنى پۈچەك پۇلغا (ئەرزىمەس شەخسى مەنپەئەتىگە) سېتىۋەتتى، ئۇيغۇر دىيارى ھالاكەتكە يۈزلەندى.
    1678 -
    يىلىدىن 1685- يىلىغىچە جوڭغارلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىستىلا قىلىش ئۇرۇشلىرى بولدى، ئاق تاغلىقلارنىڭ داھىسى ئاپپاق خوجا دالاي لاماغا باش ئۇرۇپ مەدەت تىلىشى بىلەن پۇرسەت كۈتۈۋاتقان جوڭغارلار  سەئىدىيە ئۇيغۇر دولىتىگە ھۇجۇم قىلدى. ئاپپاق خوجىنىڭ ئاق تاغلىق مۇرىتلىرى ئىچىدىن ماسلاشتى، شۇنىڭ بىلەن جوڭغارلار غەلىبە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ھۆكۈمرانلىغىغا ئالدى.
    1755 -
    يىلى چىڭ سۇلالىسى شىمالى شىنجاڭنى ئىستىلا قىلدى.
    1759 -
    يىلى چىڭ سۇلالىسى چوڭ كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلاڭىنى تىنچىتىپ شىنجاڭنى ئۆز ھۆكۈمرانلىغىغا ئالدى. قارا تاغلىق ۋەتەنپەرۋەرلەر  ئاق تاغلىق دۈشمەنلىرىنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسىنىڭ غەلىبە قىلىشىدا ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىپ زور تۆھپىلەرنى قوشتى.
    1765-
    يىلى ئۈچتۇرپان ئۇيغۇرلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈردى، بۇ مەشھۇر جىگدە يېغىلىغى بۇلۇپ چىڭ سۇلالىسى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن بارلىق ئاھالىنى قىرغىن قىلىپ تۈگەتتى.
    1803-
    يىلى يۈسۈپ خوجىدىن پايدىلىنىپ قوقەنلىكلەر پاراكەندىچىلىك سالدى.
    1820-
    يىلىدىن 1828 - يىلىغىچە جاھانگىر خوجىنىڭ كۆپ قېتىملىق توپىلاڭى بولدى.
    1845 -
    يىلى قەشقەردە ئۇيغۇر ۋە قىرغىز دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.
    1847-
    يىلى يەتتە خوجا توپىلىڭى بولدى.
    1852-
    يىلى ۋەلىخان تۆرە تۆت قېتىم بېسىپ كىرىپ نۇرغۇن قىرغىنچىلىق قىلغان ۋە جاللاتلىق قىلىپ نەچچە كاللا مۇنارى ياسىغان.
    1854-
    يىلى قەشقەردە دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.
    1857-
    يىلى ئاتۇش مىس كان ئىشچىلىرى، مەمتىلى باشچىلىغىدا كۇچار دېھقانلىرى، خوتەننىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلاڭ قىلغان، ۋەلىخان تۆرىمۇ توپىلاڭ كۆتۈرگەن.
    1858-
    يىلى قەشقەردە بىر قىسىم دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.
    1860
    يىلى يەكەندە، 1862- يىلى خوتەن، كۇچار، بايلاردا قوزغىلاڭ بولغان.
    1864-
    يىلى كۇچا دېھقانلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غەلىبە قىلغان ھەمدە راشىدىنخان ھاكىميىتى تىكلەنگەن.  
    1864-
    يىلى خوتەن دېھقانلىرى قوزغىلاڭ قىلىپ غەلىبە قىلغان ھەمدە ھەبىبۇللا ھاجى ھاكىميىتى تىكلەنگەن.  
    1864-
    يىلى ئىلى خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غەلىبە قىلغان ھەمدە ئىلى سۇلتانلىغىنى قۇرغان.  
    1864-
    يىلى سىدىق بەگ  قەشقەرنى ئىشغال قىلغان.
    1865
    يىلى قوقەنتلىك قوشبېگى ياقۇپبەگ ئاق تاغلىقلاردىن بۇزرۇگ خوجىنى ئۆزىگە قالقان قىلىپ قەشقەرگە كىردى ھەم ئاق تاغلىق خوجىلار بۇزرۇگ خوجا ئۈچۈن ئۇلارنى قوللىدى. ئۇ چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن يۇقۇتىلغىچە ھەر خىل ئۇرۇش ۋە قىرغىنلار بۇلۇپ تۇردى.
    1871-
    يىلى چارروسىيە چىڭ سۇلالىسى بىلەن تۈزۈلگەن توختام بويىچە ئىلى سۇلتانلىغىنى ئىشغال قىلدى.
    1875-
    يىلى چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنلىرى شىنجاڭغا يۈرۈش قىلدى. 1878- يىلى چىڭ سۇلالىسى پۈتۈن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ جەنۇبى شىنجاڭ ۋە ئۈرۈمچى، تۇرپان رايۇنلىنى ئىشغال قىلدى.
    1881-
    يىلى چىڭ سۇلالىسى(قاراخان) چارروسىيە (ئاقخان) غا 70 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر زېمىن ۋە  بەش مىليون 9000 سەر كۆمۈش ئۇرۇش چىقىمى تۆلەپ ئىلىنى قايتۇرىۋالدى.
    يۇقۇرىدا كۆرگىنىمىزدەك نۇرغۇن قوزغىلاڭ ھەم توپىلاڭلار بولدى، خەلقنىڭ غەلىبە قىلغان، مەغلۇپ بولغان دەۋىرلىرىمۇ بولدى، ئەمما كەڭ خەلق ئاممىسىغا ھىچبىر مەنپەئەت نېسىپ بولمىدى. چۈنكى خەلق ئىنتايىن تۆۋەن ئاڭ سەۋىيىدە بولغىنى ئۈچۈن پەقەت چېرىك، مۇستەبىت ھاكىميەتنى ئاغدۇرۇشنىلا مەقسەت قىلغان بۇلۇپ كونكىرىت نىشان بولمىغان، ئۇلادا مەخسۇس ھاكىميەتچىلىكنى چۈشەنگۈدەك سەۋىيە،  سىياسى پېروگىرامما تۈزگۈدەك ئىقتىدار بولمىغانلىقتىن غەلىبە مىۋىسى ھە دىگەندە بىر ئۇچۇم سوپى زاھىت، خوجا- ئىشانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى ياكى شۇلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلدى، خەلق ئىككى سوپىلار مەزھىپىنىڭ مۇرىتلىرىغا ئايلىنىپ كەتكىنى ئۈچۈن بىر توپ قوزغىلاڭ قىلسا ئىككىنچى بىر تەرەپ ئۇلارغا قارشى تۇردى، نەتىجىدە ھۆكۈمرانلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يېغىدا ئۆز  گۆشىنى قورىدى.  
    سەئىدىيە ئۇيغۇر دۆلىتى دەۋرىدىن باشلاپ ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىقلار ھاكىميەت يۈرگۈزسە ياكى ھاكىميەتكە تەسىر كۆرسىتەلىسە ئىككىنچى بىرتەرەپنى قاتتىق قىرغىن قىلدى، ئەگەر بىر مەزھەپ خەلق قوزغىلاڭى بىلەن ھاكىميەت تىكلىسە ياكى قوزغىلاڭغا ئىشتىراك قىلسا ئىككىنچى بىرى ئۇلارغا قارشى مەيداىدا تۇردى، مەسىلەن: ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ رەھبىرى قارا تاغلىقلار تەسىرىدىكى سەئىدىيە خانلىغىنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن دالاي لاماغا باش ئۇرۇپ جوڭغارلارنى باشلاپ كېلىپ مۇرىتلىرىنى ئىچكى جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر خەلقىنى جوڭغارلارغا قۇل قىلىپ بەردى. قارا تاغلىق خوجىلار بولسا جوڭغارلار ۋە ئۇلارنىڭ ھامىلىغىدىكى ئاق تاغلىق خوجىلار ھاكىمىيىتىنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسىغا يول باشلىدى (قارا تاغلىق خوجىلار شۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر زېمىنىدە ۋاڭ، گۇڭ مەنسەپلىرىگە ئېرىشىپ بىر مەزگىل خەلقنى ئېزىپ پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈردى، قۇمۇل ۋاڭلىرى، كۇچار ۋاڭلىرى، تۇرپان- ئىلى خوجىلىرى شۇلارنىڭ مىسالى) ۋە مۇرىتلىرى ئىچكى جەھەتتىن ماسلاشتى. گەرچە كۇچا ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا ھاكىميەت تىكلەنگەن بولسىمۇ  خەلققە نەپ ئېلىپ كېلەلمىدى. بۇ ھەقتە تارىخچى موللا مۇسا سايرامى ئەپسۇسلانغان ھالدا «... كۇچا خوجىلىرىدىن راشىدىن خوجام دىگەن مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىنىڭ مازىرىدا دۇئا تەلەپ بىلەن ياتقان، ھىچ كىشى بىلەن ئارىلاشمايدىغان ۋە دەرۋىش تەرىقىسىدە ئۆمۈر ئۆتكۈزىۋاتقان بىر ئادەم ئىدى ... ئاق كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ، بۇرۇنقى سۇلتانلىق قائىدىسى بويىچە خانلىق تەختىدە ئولتۇرغۇزدى ... بۇ شەھەرلەردە ناھايىتى كۆپ غەزىنە- مۈلۈك، قورال- ياراقلارغا ئىگە بولدى، ناھايىتى كۆپ غەزىنە توپلاندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇلۇق مۇھەممەت ياقۇپ بېك ئاتالىق غازىنىڭ قولىغا چۈشتى. ئۇلار شۇنچىلىك دۆلەت ھۆكۈمەتكە ئىگە بۇلۇپ، نۇرغۇن مال- مۈلۈك توپلىغان چاغلاردا يا ئۆزىنىڭ بىرەر ئۇرۇق- قاياشلارىغا رەھىم ۋە شەپقەت قىلىپ باقمىدى، يا بىرەر دۇئاگۇي، ئەھلى پەزىل ۋە ھۈنەرۋەنلەرگە كەڭرى ئىنئام ۋە ئېھسان قىلىپ، ئۇلارنىڭ مال دۇنياغا بولغان ئېھتىياجىدىن چىقمىدى، يا بىرەر دەريا- ئۆستەڭگە كۆۋرۈك سالدۇرۇپ ياخشىلىق قىلمىدى، يا مېچىت خانىقا بىنا قىلىپ، كۆل قۇدۇقلارنى كولىتىپ ۋەخپە ئەشيالار توختاتمىدى .... نەمۇنە ئەسەر قالدۇرماي نام نىشانسىز كەتتى. ئۇلاردىن ھىچبىر نەمۇنە يادىكار ياكى ياخشى ئىش باقى قالمىدى ....   » دەپ لەنەت ئۇقۇيدۇ. ئالىمنىڭ بايانىغا قارىغاندا بۇ خىل لەنەتكە يەنە خوتەن پادىشاھى ھەبىبۇللا ھاجىمۇ دۇچار بۇلۇپ ئۇمۇ خەلق ئىنقىلاپ قىلىپ ھاكىميەتنى ئېلىپ پادىشاھلىققا ئولتۇرغۇزسا ئۇمۇ ئوخشاشلا خەلق ئۈچۈن قىلچىلىك ياخشى ئىش قىلىپ بەرمەستىن غەزىنىنى ئالدى بىلەن بەدۆلەتنىڭ كېيىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ قولىغا ئوشۇغى بىلەن چۈشۈشىگە سەۋەپچى بولغان. ئىلى سۇلتانلىغىنى ئېيتساق 10 يىللىق ھاياتىدا قانچە سۇلتان ئالماشتى؟ شۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە
    .
    ۋەلىخان تۆرەنىڭ قىلمىشىنى كۆرسەك: ۋەلىخان تۆرەم كاشىغەرنى مۇھاسىرە قىلىپ، قىشلاق ۋە كەنتلىرىنى قولغا كىرگۈزۈپ .... تۆت كاللا مۇنارىسى ياساپتۇ. مۇنارنىڭ ئىگىزلىگى ئون ئىككى گەز مىقدارى كېلەتتى دەيدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئۆزى بەڭ چېكىش، ھاياسىز ئىشلارنى قىلىش ۋە قان تۆكۈشتىن ھىچقانداق ئۆزىنى تارتىپ ئېھتىيات قىلمايدىكەن.  خەلق ئېتىقات قىلغان خوجىلار مەغلۇپ بۇلۇپ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاچقىنىدا قىرغىنچىلىققا يەنىلا ئازاتلىققا، باراۋەرلىككە ئىنتىلگەن، باراۋەرلىك،  ئادەمدەك ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان خەلق قانلىق قىرغىندا قالدى. ئىلى قايتۇرىۋېلىنغاندا 50 نەچچە مىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ يۇرت ماكانىنى تاشلاپ چاروسىيە دائىرىسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈشى، روسىيەلىك ظا.ن. كۇرپاتكىننىڭ « قەشقەرىيە » ناملىق كىتابىدا يازغان «جوڭگۇلۇقلار بۇ ۋەقەنى خوجىلار يېغىلىقى دەپ ئاتايدۇ. بۇ ۋەقەنىڭ نەتىجىسىدە  20000 تۈتۈن يەنى 100000 كىشى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقىنىدىن ، قەشقەر، يەكەن ۋە ئاقسۇلاردىكى يۇرت ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ،  خوجىلارنىڭ كەينىدىن تاغقا چىقىپ كەتتى ... بۇ قېتىمقى قاچ- قاچ 1- ئايدا يۈز بەردى. شۇ كۈنلەردە شىۋىرغان ئارىلاش قاتتىق قار يېغىۋاتقان بۇلۇپ، بۇ ئاچ يالىڭاچ كەمبەغەللەرنىڭ كۆپچىللىگى ئىز دېرەكسىز يوقالغان»، بۇ ۋاقىئەلەر ھەر قېتىملىق قوزغىلاڭلار ھەم قوزغىلاڭلار مەغلۇبىيىتىدىن كېيىنكى قاتتىق قىرغىنچىلىقلار بولغانلىغىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.  ھەقىقەت شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردىكى گەرچە خەلق قوزغىلىپ مۇستەبىت ھەم چېرىك ھاكىميەتنى ئاغدۇرۇشنى كۆزلىسىمۇ ئۇلاردا ئەشۇ زۇلۇمنى يۇقۇتۇشتىن ئۆزگە نىشان بولمىغان، ئۇلاردا بىرەر سىياسى پېروگىرامما بولمىغان ھەم بولىشىمۇ مۈمكىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى خەلقتە ئۇنچىلىك ئىقتىدار بولمىغان، ئۇلاردا بىرەر سىياسى نىشان ئورتاق ئېتىقات بولمىغىنى ئۈچۈن قان تۆكۈپ ئىنقىلاپ قىلسىمۇ بىرلىشەلمەستىن بۆلۈنۈپ ياشاپ بۆرىگە يەم بولغان. ئۇلارنىڭ قىسقا ھاكىميەتلىرى، قوزغىلاڭلىرى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن خەلق يەنىمۇ قاتتىق دىشۋارچىلىققا دۇچار بولغان جۈملىدىن يۇرت ماكانىنى تاشلاپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان.
    چارروسىيە ئىلىنى چىڭ سۇلالىسىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئاھالە روسىيە تېروتورىيىسىگە كۆچتى. موللا مۇسا سايرامى «بۇ يەتتە شەھەرنى سەرەنجام قىلغاندىن كېيىن، يەتتە شەھەردە قىرىق مىڭ چېرىك تۇرغۇزۇشقا ھۆكۈم قىلدى. لېكىن ئىلىنى ئىگەللىگەن چاغدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ھالاكەتكە گىرىپتار قىلغان ئىدى. نۇرغۇن ئادەم تەرەپ تەرەپكە قېچىپ ئىلى ئەتراپىدا ئادەم گۇروھى ئاز قالدى...  »  ،  دىسە «  خاقان مەنسەپدارلىرى بۇ يەتتە شەھەردە تۆرەمگە يار بولغان ياكى تۆرەمنىڭ ئىشىنى تۇتۇپ خىزمەت قىلغان ئادەملەرنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ چارۋا مال ۋە زېمىنلىرىنى ئولجا قىلىپ،  ئونمىڭدىن كۆپرەك خوتۇن-قىز ۋە ئوغۇل رىسىدە- نارىسىدە بالىلارنى ئولجا ئەسىر قىلىپ ئۇ تەرەپ لەنجۇ ئۆلكىسى، بۇ تەرەپ ئىلى، چۆچەككە ئېلىپ بېرىپ، خىتايلارغا تاپشۇرۇپ ۋە خىزمىتىگە تۇتۇپ بەردى» دەيدۇ.
    2.
    ئىسلامىيەتتىن چەتنىگەن سوپىستىك دىنى ئەسەبىلىكنىڭ ئېلىپ كەلگەن جاھالەتنىڭ ۋەيرانچىلىغى
    قازاق ئالىمى چوقان ۋەلىخانۇپنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى سوپىلارنىڭ ئىككى گۇروھىغا بۆلۈنۈپ كەتكەن بۇلۇپ قەشقەر، ئاقسۇ، كۇچارلاردا ئاقتاغلىقلار مەزھىبىدىكى ئاھالە كۆپ بولسا،  يېڭىسار، ياركەند،  خوتەنلەردە قاراتاغلىق خوجىلارغا  مۇرىت بولغان  ئاھالىلەر كۆپ بولغان. ئۇلار ھەربىر شەھەر يۇرتلاردىمۇ مۇرىتلىرى ئارقىلىق خەلقنى پارچىلىغان بۇلۇپ ئۆز- ئارا ئالاقىمۇ قىلمايدىغان بولغان ( مىسال قىلساق قەشقەر شەھرى ئاھالىسىنىڭ شەرقى شىمال تەرەپتىكىلىرى ئىچىدە ئاق تاغلىقلار كۆپ ساننى، غەربى جەنۇپ مەھەللە كەنتلىرىدە قارا تاغلىقلار كۆپ بولغان)، ئۆز- ئارا پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاق ۋە قارا  تاقى كەيگەن، ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق ناملىرىمۇ شۇندىن كەلگەن.    بىز تارىخى پاكىتلاردىن ئەينى ۋاقىتتا سوپىزىمنىڭ قانچىلىك يامراپ كەتكەنلىگىنى، نادان خەلقنىڭ سوپىزىمنىڭ كىشەنلىرىدە مەنىۋىيەت جەھەتتىن قانداق خاراپلاشقانلىغىنى كۆرۈپ باقايلى:
    «
    ئاللا خاسلىغى خوجاملارغا خاس ياكى ئاللا خوجام دەپ خوجاملارغا ھەددىدىن زىيادە ئەقىدە ۋە ئىخلاس قىلىپ، ئۇلارنى ھەممىدىن يۇقۇرى مەرتىۋىلىك دەپ ھىساپلاپ، ئاللا بىلەن خوجاملار ئارىلىقىدا تۇرىدىغان ھىچقانداق بىرەر يۇقۇرى مەرتىۋىلىك ئىنسان ياكى جاننىڭ بۇلىشىنى ئېتىراپ قىلمايدىكەن ۋە يول قويمايدىكەن ... ئۇلارغا ناھايىتى يۇقۇرى ئەقىدە باغلاپ ، ئاتلىرىنى يىلقا ئۇيۇرى بىلەن، قويلىرىنى قوتىنى بىلەن ۋە قىزلىرىنى قىزلىق ئىپپەتلىرى بىلەن، سىكىلەك بولسا سىكىلەكلىكى بىلەن ئېلىپ كېلىپ خوجاملارغا تارتۇقلاپ، نەزىر ھەدىيە قىلىپ ئەمدى بىزگە ھىچقانداق نەرسە لازىم ئەمەس دەپ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ ئاللا خوجام دەپ تونىغان ئىدى
    بۇندىن باشقا يەنە«  تەزكىرەئى ھىدايەت» قاتارلىق ئەسەرلەردىنمۇ سوپىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىسلام دىنىغا مۇخالىپ، كۇپرىلىق بىلەن ئۆزلىرىنى ئاللا بىلەن تەڭ ئۇرۇنغا قۇيۇپ تەرغىپ قىلغانلىغىنى بىلىۋالالايمىز. بىز گەرچە پۇقرالارنى سوپىزىمغا ھەممىسى بۇ دەرىجىدە ئىخلاس قىلىدۇ دەپ قارىمىساقمۇ ، سوپىزىمنىڭ تەسىرىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر بولغانلىغىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۆزلىرىنى ئاللا بىلەن تەڭ ئۇرۇنغا قويغان بۇ سوپىلار نىمىنى تەرغىپ قىلىدۇ؟ دوتسىنىت ئىبراھىم نىياز بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
    «
    سوفىزىمنىڭ تۈپ غايىسى ئىنسانلارنى تەركى دۇنيالىققا باشلاپ، رىئال دۇنيادىن، ئىجتىمائى تۇرمۇشتىن يۈز ئۆرۈپ خىيالى دۇنيادا كۆرىدىغان <راھەت> غېمىنى قىلىشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت ».  
    خەلقىمىز ئەقىدە قىلغان« ئۆزلىرىنى دىنى ئىسلامغا بېغىشلىغان خۇدانىڭ ئاشىقلىرى» ئىسلام ئەقىدىلىرىگە مۇخالىپ بولغان قىلمىش ئەتمىشلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى سەئىد- مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى دىيىشىپ ساپ ئەقىدىلىك مۇسۇلمانلارنى ئالداپ، خەلقنىڭ مۇھەممەت ئەلھەيكىسلامغا بولغان ئەقىدىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنى نىقاپلاپ خەلقنى تەركى دۇنيالىققا باشلاپ ئۆزلىرىگە ئىخلاس قىلغۇچىلارنى جەننەتكە  ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، خەلقنى ئۆزلىرىگە مايىل قىلىشتى، بۇ دۇنيانىڭ ياخشىلىغىغا مۇيەسسەر بولالمىغان خەلقىمىز ئۇ دۇنيادا جەننەتتە بولسىمۇ راھەت كۆرۈشنى، ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ ئادەمدەك ياشاشنى ئىستىدى، شۇڭا خوجىلارغا ئىشىنىپ ئۇلارغا مۇرىت بولدى. سوفىزىمنىڭ بۇنچە كۈچۈيۈپ كېتىشىدە ئەينى دەۋىرنىڭ قەلەمدە ھەم ئەلەمدە يېتىلگەن پادىشاھلىرى سۇلتان سەئىدخان ۋە سۇلتان ئابدۇرەشىتخانلارنىڭ سوپىلارغا مۇرىت مۇخلىس بولغانلىغىمۇ سەۋەپچى بولغان ئىدى، ئۇلار خان- سۇلتانلارنىڭ ئۆزلىرىگە مۇرىت بولغان پۇرسەتتە سىياسى جەھەتتىنمۇ پايدىلىنىپ (مەسىلەن، مۇرىتلىرىنىڭ باج- سېلىغىنى كەچۈرۈم قىلىشىنى تەلەپ قىلىش)  ئۆز مۇرىتلىرىنى كۆپەيتكەندىگەن قاراشلارمۇ بار.
    خوجا ئىشانلار ئۆزلىرىنى ھەق كۆرسىتىش ئۈچۈن « سۇدا ماڭالايمىز، ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەيمىز، ئاسماندا ئۇچالايمىز، توپىنى يىمەك ئىچمەك، ئالتۇن كۆمۈشكە ئايلاندۇرالايمىز، يامغۇر ياغدۇرالايمىز، بىرلا ۋاقىتتا بىرقانچە جايدا زاھىر بولالايمىز، سۈپكۈشلەپ كېسەل داۋالايمىز،  غايىپنى بىلىمىز، قول تەككۈزمەستىن نەرسىلەرنى يۆتكىيەلەيمىز، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلار بىلەن سۆزلىشەلەيمىز» دەپ ساختا كارامەتلىرىنى ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ، ھەرخىل ھىيلە- مىكىرلەرنى قوللىنىپ خەلقنى ئالداپ، ئۇلارنىڭ ئەقىدە- ئىشەنچىگە ئېرىشكەندىن كېيىن خەلقىمىزنىڭ ماددى مەنىۋى دۇنياسىغا ھۇجۇم قىلدى. نەتىجىدە ئۇلار بارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۇرۇپ چاقتى، بۇزدى، ئوت قويدى، ۋەيران قىلدى. مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇپ، مەدەنىيەت سورۇنلىرىنى سوپىلىق پائىلىيەت سورۇنلىرى خانىقالارغا ئايلاندۇردى. خەلقنىڭ مەدەنىيەت سورۇنلىرى مەكتەپ، مەدرىس، كۈتۈپخانىلار سوپىلارنىڭ ئاياغ ئاستىدا ۋەيران بولدى. ئاۋامنى مەدەنىيەتتىن ۋاز كېچىشكە قىستاپ مەدەنىيەتنى مەنئى قىلدى. كىمىكى سوپىلار بىلەن قارشىلاشسا خۇددى خوجا جاھان ئەرشى، بابا رەھىم مەشرەپ ۋە مىرزا شاھ مەھمۇت جوراس كەبى قەستكە ئۇچراپ پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ھەقتە« جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا» ناملىق ئەسەردە  يېزىلغاندەك:« ئاپپاق خوجا ۋە ئاپپاق خوجىچىلار (بىز بۇ يەردە ئاق تاغلىق خوجىلارنىلا ئەمەس، قارا تاغلىق خوجىلارنىمۇ بىر قاتاردا تۇنۇشىمىز لازىم) زامانىسىدا قەشقەرىيەدە مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىلىم - پەن، ئەدەبىيات سەنئەت، مۇزىكا، ناخشا، ئۇسۇل، گۈزەل- سەنئەت، تىياتىر، سېرىكچىلىك، تىبابەتچىلىك، مەتبەچىلىك، تەرجىمە, خەتتاتلىق ... قاتارلىق بارلىق ئىلمىي پائىلىيەتلەرنىڭ ھەممىسى قەتئى مەنئى قىلىۋېتىلگەن. بۇنداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كاپىر ، جادۇگەر، مۇرتەدلەر ھىساپلىنىپ جازاغا تارتىلىپ تۇرغان، ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ھەتتا خەت يېزىشنى ئۈگۈنۈش، ساز ئۈگۈنۈش، ياساش، مەشرەپ ئويناش، ئويۇن- كۈلكە، خوتۇن-قىزلار پەرەنجىسىز ئاشكارە يۈرۈش قاتارلىق ئادەتتىكى ئىجتىمائى ئىنسانچىلىق خىسلەتلىرىمۇ قەتئى مەنئى قىلىۋېتىلگەن. پۈتۈن جەمئىيەتتە قۇرئان ۋە ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق يېزىلما ئەسەرلەر، بۇلۇپمۇ مىللى ئەسەرلەر، خاتىرە، نەمۇنىلەر، كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، يوق قىلىپ تاشلانغان. ئىلىم- مەرىپەت ئورۇنلىرى بۇزۇۋېتىلگەن، چەكلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئورنىغا زىكرى سۆھبەت خانىقالىرى، گۈلەخ، سازايى ھەمىدانلار (توۋا قىلدۇرۇش ئورۇنلىرى)، خوجا، ئىشانلارنىڭ  تۇرالغۇ جايلىرى، ئەمەلدار بىنالىرى دەسسىتىلگەن. پۈتۈن جەمئىيەتتە دۇئا- تىلاۋەت، خەتمە، ئىستىغپار ئۇق


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.