ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-21

    ئۇيغۇرلاردا ئەبگالىقنىڭ داۋامى.......... - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39671441.html

    ئۈچىنچى، پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىيالماسلىق.
    پىداكارلىق دېگەن «چوقۇم ھاياتىدىن ئايرىلىش، جەزمەن ئۆلۇپ بېرىش» دېگەن گەپ ئەمەس. جەڭگىۋارلىق دېگەنمۇ نوقۇل ھالدىكى «مۇشت كۆتۈرۈپ چىقىش» دېگەن گەپمۇ ئەمەس. تۈپ مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاللاھ بەرگەن ھۇشنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ھەق ئۈچۈن، ئادالەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەممە ئىمكانىيىتىنى تەقدىم قىلىش ۋە بارلىق كۈچ ـ قۇدرىتىنى تەسەددۇق قىلىشمۇ پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىق بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
    ئەمەلىيەتتە ئۆگىنىش ئۈچۈنمۇ پىداكارلىق كېتىدۇ. دۇنيادا ئىنساننى پۇشايمانسىز ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان ئەڭ خاسىيەتلىك پائالىيەت ئۆگىنىشتۇر. كىم ئۆگىنىشكە ماھىر، شۇ ھەممىگە قادىر. ھالبۇكى ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ھەقلىق مەنپەئەت داستىخىنىنى تېگىشلىك نېمەتلەر بىلەن مول قىلىشنى، ئۆزىنىڭ ئىستىقبال تەقدىرىگە ئۆزى يول قىلىشنى ئويلايدىكەن، پىداكارلىق بىلەن ئۆگىنىشى كېرەك. ئالدى بىلەن قانۇن ئۆگىنىشى، دۆلەت قانۇنىنىمۇ، ئاپتونوم رايون قانۇنىنىمۇ ئوبدان ئۆزلەشتۈرۈشى لازىم. چۈنكى بۈگۈنكى زامان جەمئىيىتىدە، قانۇن بىر دۆلەت، بىر جەمئىيەتنىڭ تۇرمۇش ئىنتىزامىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان قوراللا ئەمەس، بەلكى يەنە شۇ دۆلەت ۋە شۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان خەلقنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش قورالى بولماقتا. كىمىكى قانۇننى ياخشى بىلسە، نېمىنىڭ قانۇنلۇق ئىش ۋە نېمىنىڭ قانۇنسىز ئىش ـ ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئايرىيالايدۇ. بۇ ھالدا ئەگەر بىر كىم بوزەك ئەتسە، يۈرەكلىك زاكۇنلىشالايدۇ ۋە قانۇن ماددىلىرى ئاساسىدا ئۆزىنى قوغدىيالايدۇ. ئەكسىچە ئەگەر كىمىكى قانۇن بىلمىسە، تۈپ ـ تۈز يولدىمۇ يۈرەكلىك ماڭالمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىدىن ئۆزى مۇتلەق بەھرىلىنەلمەيدۇ. ھېكايە، كاشغەر رايونىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە، تولۇق ئوتتۈرا مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر بالا قۇلىقىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، دوختۇرغا كۆرۈنگەن. دوختۇر تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، بىر قانچە خىل دورا يېزىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەگەر سەھەر تۇرۇپ، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش تەنھەرىكىتى قىلسا، بەدەن ئەزالىرىدىكى قان ئايلىنىش جانلىنىپ، ئاڭلاش سېزىمىنىڭ نورماللىشىشىغا پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. نەتىجىدە ھېلىقى بالا دوختۇرنىڭ تەكلىپى بويىچە، ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ يۈگۈرەيدىغان بولغان. يۈگۈرۈش تەنھەرىكىتى قىلىۋاتقىنىغا ئون نەچچە كۈن بولغان بىر سەھەردە، ئۇ بالا يۈگۈرۈش مەيدانىدا ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ساقچى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، توختىتىپ قويۇش ئورنىغا سولانغان. بىر ھەپتىگىچە ھەر كۈنى ئۇرۇپ قىيناپ، سوراققا تارتقان. سوئال بىرلا:  «سەھەر تۈرۈپ يۈگۈرۈش دېگەن خەنزۇ خەلقىنىڭ ئادىتى. سەن ئۇيغۇر نېمە ئۈچۈن سەھەر تۇرۇپ يۈگۈرەيسەن، مەقسىتىڭ زادى نېمە؟» دېگەندىن ئىبارەت بولغان. ھەقىقىي ئەھۋالنى بايان قىلىپ جاۋاب بەرسە، زادىلا ئىشەنمىگەن. ئاخىرىدا مەزكۇر ئوقۇغۇچى بالىنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ھېلىقى دوختۇرنى تېپىپ، ئۇنىڭدىن سەھەر تۇرۇپ يۈگۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىگە ئىسپات خېتى ئېلىپ تاپشۇرغاندىن كېيىن، ساقچىلار يەنە ئىككى مىڭ يۈەن پۇل جەرىمانە ئېلىپ، ئاندىن ئۇ بىگۇناھ بالىنى قويىۋەتكەن.
      
    پۇتبۇل ئويناپ تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرايلى دېسە، پۇتبۇل مەيدانىغا سۇ قويۇپ بېرىپ، توپ ئوينايمىز دېگەنلەرنى  «نېمە مەقسەت بىلەن توپ ئوينايسەن؟» دەپ تۇتساڭ، تۆت ئۇيغۇر ياش بىر يەردە گەپلىشىپ تۇرسا، «نېمە دەپ گەپلەشتىڭ ؟» دەپ تۇتساڭ، ئۆزەڭ بىكاردىن بىكارغا ئادەم تۇتۇپ، سولاپ، ئۇرۇپ قىيناپ بولۇپ، خاتا ئادەم تۇتقىنىڭ، بىگۇناھ ئادەمنى ئۇرغىنىڭ ئۈچۈن سەن كەچۇرۇم سورىماي، سەن تۆلەم تۆلىمەي، ئەكسىچە يەنە  »ئىككى مىڭ يۈەندىن بەش مىڭ يۈەنگىچە پۇل تۆلىسەڭ ئاندىن قويۇپ بېرىمەن» دېسەڭ، سەندىكى قانۇن زادى قېنى؟! ئەمدى شۇنچىۋالا خارلىنىپمۇ «شۇكرە دېدىم، شۇكرە» دەپ يۈرسەڭ، قانۇن ماددىلىرى بويىچە، ئەھۋالنى يۇقىرى دەرىجىلىك قانۇن ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىپ، ئۆزەڭنى قوغدىيالمىساڭ، سېنىڭ بۇ زېمىندىكى قانۇنىي پۇقرالىقىڭ ۋە ئىنسانىي ھوقۇقۇڭ قېنى؟! روشەنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، قانۇن ۋە سىياسەت بىلىملىرى بويىچە يېتەرلىك سەۋىيە ياراتقاندىلا، ئاندىن يۇقىرىقىدەك قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىق سادىر بولۇشىنى ئۈنۈملۈك توسقىلى ۋە تۈگەتكىلى بولىدۇ.
      
    ئاندىن پىداكارلىق بىلەن ئىلىم ـ پەن ئۆگىنىش كېرەك. ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى ئۆگىنىش ۋەزىپىسى، مەجبۇرىيىتى ۋە بۇرچى تولىمۇ ئېغىر. پىداكارلىق بولمىسا، ھۆددىسىدىن چىقماق ھەقىقەتەنمۇ قىيىن. سەن بىر ئۇيغۇر ياشسەن، ئۇيغۇر تىلى بىلەن مائارىپ كۆرمىسەڭ بولمايدۇ، ئۇيغۇر تىلىنى بىلمىسەڭ بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئاناڭنىڭ تىلى. ئاندىن خەنزۇ تىلى ئۆگەنمىسەڭ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئەمەلىيەتتە دۆلەت تىلى، دۆلەت ئىچىدىكى پەن ـ تېخنىكا تىلى. جۇڭگو پۇقراسى بولۇپ تۇرۇقلۇق، خەنزۇچە بىلمىسەڭ، ئۆزگىنى چۈشەنمەيسەن، ئۆزگىلەر كۆزىدىكى ئۆزەڭنىمۇ چۈشەنمەيسەن. شۇڭا جۇڭگودا تۇرۇپ، خەنزۇ تىلى ۋە يېزىقىنى بىلمىگەن ئۇيغۇر زىيالىي ئەمەلىيەتتە،  ھەقىقىي زىيالى سانالمايدۇ. ئاندىن ئىنگلىز تىلى ئۆگەنمىسەڭ بولمايدۇ. چۈنكى ئىنگلىز تىلى ھازىرقى دۇنيادا ئەڭ ئومۇملاشقان ئۇچۇر تىلى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈش، ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇشقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تېخى بويى يەتمەيدۇ. خەنزۈ تىلىمۇ ئاجىزلىق قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئىنگلىز تىلى قاتارلىق خەلقئارالىق تىل زۆرۈر بولىدۇ. 95 ـ يىلى تىلشۇناسلىق ئىلمىنى مۇتلەق ئۆگىنىپ باقمىغان بىر ياخشى كۆڭۈللۇك چالا ساۋات ئادەم  «21 ـ ئەسىردە ئۇيغۇر تىلى دۇنيا تىلى بولىدۇ» دېسە، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى دېگۈدەك شادىيانە ناغرسىنى ياڭرىتىپ، ھەممە ئۇيغۇر دېگۈدەك ھاياجاندىن «بارىكاللاھ» ئېيتىپ، ئېتەك ئېچىپ، داستىخان سېلىپ، پۇل يىغىش قىلىپ، ئۇ بەشارەتچىنى مۇكاپاتلىدۇق. مۇشۇ ئەمەلىيىتىمىز بىلەن گويا بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ راستتىن گۈمانلىنىش، لاپقا ئىشىنىش پىسخىكىسىنى ئوبدانلا نامايىش قىلدۇق. دەرۋەقە ياخشى كۆڭۈل يېرىم دۇنيا ئىنشائاللاھ! بىراق بۈگۈنكى ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇشۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىلى بولۇش ئورنىمۇ ئېغىر تەھلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ. شۇ تاپتا رەھىمسىز رېئاللىق ئۇيغۇرنى ئومۇمىي يۈزلۈك قوزغىلىپ، پىداكارلىق بىلەن ئىلىم ـ پەن ئۆگىنىشكە چاقىرىۋاتىدۇ: ئى ئۇيغۇر ياش! باشقىلار سەككىز سائەت ئۇخلىسا، سەن تۆت سائەتلا ئۇخلا، خەقنىڭ بالىلىرى بىر كۈن ئوينىسا، سەن يېرىم كۈنلا ئوينا. جان تىكىپ ئۆگەن! پىداكارلىق بىلەن ئۆگەنسەڭ ئۇيغۇر تىلىنىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىمۇ قۇتۇلدۇرۇپ قالىسەن. ئەگەر پىداكارلىق بىلەن ئۆگەنمىسەڭ، تەھقىق ھەممىدىن قۇرۇق قالىسەن!
    ئىتتىپاقلىشىش ئۈچۈنمۇ پىداكارلىق كېتىدۇ. پىداكارلىق يالغۇز جەڭ ـ كۈرەشلەردىلا ئەسقاتىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاشۇ جەڭ ـ كۈرەشلەرنىڭ غەلىبىسىنى ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان قوشۇن ئىتتىپاقلىقنى شەكىللەندۈرۈش، ساقلاش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈنمۇ بەك زۆرۈر. بىز پىداكارلىقنى مۇئەييەن كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن، ھەق يول ئۈچۈن ۋە ئادالەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاش دەپ چۈشىنىمىز ۋە چۈشەندۈرىمىز. ئەمدى مۇشۇ خىل بېغىشلاش ۋە ئاتاشنى ئەمەلىيەتكە، رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا، بىرىنچى بولۇپ دۇچ كېلىدىغان نەرسە شەخسى مەنپەئەت، ئۆز نەپسى ۋە «مەن» نىڭ ئۆزىدۇر. پەقەت ئۆزىنى يېڭەلىگەن، ئۆز نەپسىدىن كېچەلىگەن، ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىنى ئۆزى رازى ـ رىزالىق بىلەن قۇربان قىلىش ئۆتكىلىدىن ئۆتەلىگەن ئادەملا پىداكار بولالايدۇ. شۇڭا جاھان مۇتەپەككۇرلىرى، مەيلى پەننىي ئىلىم ئالىملىرى بولسۇن ياكى دىنىي ئىلىم سەردارلىرى بولسۇن، ئۆزىنى ئۆزى يېڭىش، ئۆز نەپسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش پىداكارلىقىنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە ئاجايىپ ئۆتكۈر تەلىماتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئالايلۇق، دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ بىرسى ھېسابلىنىدىغان مۇبارەك ئىسلام دىنىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز زامانىسىدا، ئۆزى ئىشتىراكچى ۋە سەردار بولغان ئۇھۇد جېڭى قاتارلىق بىر قاتار جىھاد (مۇقەددەس جەڭ) لارنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۆز ساھابىلىرى ۋە پۈتكۈل مۆمىنلەرگە تولىمۇ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ:  «بىز ھازىر پەقەت كىچىك جىھادلاردا يېڭىپ چىقتۇق. چوڭ جىھاد تېخى ئالدىمىزدا، ئۇ بولسىمۇ جىھادۇننەفس (ئۆزىنى ئۆزى يېڭىش جېڭى، ئۆز نەپسىنى يېڭىش جېڭى) دۇر» دېگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ بارلىق «مەن» لەر پەقەت ئۆزىنى يېڭىپ، ئۆز نەپسىنى يېڭىپ چىقالىغاندىلا، ئاندىن «بىز» دېگەن بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئۇيۇشالايدۇ. ئۇ پەقەت شەخسى غەرەزلەرنى، خۇسۇسىي مۇددىئالارنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆزىنى ئاشۇ «بىزۆ ئاتلىق گەۋدىگە پىدا قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇ مەزكۇر «بىز» نىڭ بېشى بولامدۇ ياكى قۇيرۇقى بولۇپ قالامدۇ ھەرگىز ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ ۋە  «بىز» نىڭ بېشى بولالمىغانلىقى ئۈچۈنلا دەرھال خائىنلىق قىلىپ، «بىز» نىڭ مەنپەئەتنى دۈشمەنلەرگە سېتىۋېتىدىغان ئىشنى مۇتلەق قىلمايدۇ.
    مېنىڭچە ئۇيغۇر مىللىتى 20 ـ ئەسىردىكى پۈتكۈل يۈز يىللىق تارىخىنى ئەستايىدىل خۇلاسە قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ نەچچە ئەسىرلىك غەپلەت ئۇيقۇسىدىن كېچىكىپ بولسىمۇ ئويغانغىنى راست. بىراق ئۇتۇق ۋە ئۇتتۇرۇقلىرىنى بىرمۇ بىر تىزىپ كەلسە، ئۇتقىنىدىن ئۇتتۇرغانلىرى يەنىلا كۆپ. نېمىشقا؟ سەۋەب ئۇيغۇرنىڭ مىللەت سەرخىللىرى ھالقىلىق پەيتلەردە «مەن» نى يېڭىپ، «بىز» بولۇپ ئۇيۇشالمىغان. گەرچە بەزىدە مىڭبىر مۇشەققەتتە  «بىز» بولۇپ بىر گەۋدىگە ئۇيۇشقان بولسىمۇ، يەنىلا شۇ «مەن» نىڭ ئېزىتقۇلۇقىغا تاقابىل تۇرالماي، «بىز» گەۋدىسىنى داۋاملىق مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرالمىغان. ئالايلۇق، مۇشۇ 20 ـ ئەسىرنىڭ 30 ـ 40 ـ يىللىرىدا، ئۇيغۇردىن چىققان خوجانىياز ھاجى، مەھمۇد مۇھىتى، تۆمۈر قاسىم، مەسئۇد سەبرى، ئىيسا يۇسۇپ، ئەھمەد جان قاسىمى قاتارلىق شىجائەت ئىگىلىرىنىڭ ئۇيغۇرنىڭ قەددىنى كۆتۈرۈش، ئۇيغۇرنى باشقا مىللەتلەر بىلەن باراۋەر ئورۇنغا ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت بىرلا ئارزۇ ـ ئارمانى بار ئىدى. مىڭ ئەپسۇس ئۇلار ئۆزىنى يېڭەلمىگىنى، ئۆز نەپسىنى يېڭەلمىگىنى ئۈچۈنلا، بىر ـ بىرىنى ئېتىراپ قىلىشالمىغان. ھەر قايسىسى ئۆزى سەردار، «بىز» نىڭ بېشى بولۇشنى ئويلىغىنى ئۈچۈنلا، بىر گەۋدىگە ئۇيۇشالمىغان. ھەر بىرسى ئۆز ئالدىغا ئارقا تىرەك خوجايىن تۇتۇپ، ئايرىم شايكا توپلاپ، ئايرىم گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ، بىر ـ بىرىنىڭ كۆتىنى ئېچىشىڭ، بىر ـ بىرىگە ئورا كولىشىپ يۈرگىنى ئۈچۈنلا، ئاقىۋەتتە بىر ـ بىرلەپ تار ـ مار بولۇپ كەتكەن. پىداكارلىق بىلەن ئۆز نەپسىنى يېڭىپ ئىتتىپاقلىشالمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئاخىرىدا ئارمانىنى ئارمانلىقتا، دەردىنى دەرمانلىقتا قالدۇرۇپ، كەينى ـ كەينىدىن ئۇ ئالەمگە كەتكەن. ئەمدى بۈگۈنكىلەرگە قاراپ باقايلى: بۈگۈنكى ئىناۋەت ئىگىلىرىمىز ئۆتمۇشتىن ئىبرەت ئېلىۋاتامدۇ ياكى ئۆتمۇشنى ئۆرنەك قىلىۋاتامدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەرقايسىسى ھەتتا ئولتۇرۇشلىرىدا دۇتار چېلىپ بېرىدىغان دۇتارچىلاردىن تارتىپ ئايرىم قىلىپ، ئايرىم سورۇن تۈزەپ، كونا دەسمىنىڭ قالدۇقلىرىنى زاكۇسكا قىلىپ يەپ ـ ئىچىپ، پىداكارلىق بىلەن قورساق سېلىۋاتامدۇ ياكى خەلقنى ۋە ئەۋلادنى ئانچە ـ مۇنچە ئېسىگىمۇ ئېلىپ قويىۋاتامدۇ؟
    راست گەپ قىلىش ئۈچۈنمۇ پىداكارلىق كېتىدۇ. ئەقىدە، مەدەنىيەت ۋە ئېتىقاد جەھەتتىن ھېچبىر ئوتتۇراقلىقى يوق، پىسخىكا، تۇرمۇش ئادىتى ۋە تىل تەرەپتىن ھېچقانداق ئوخشاشلىقى يوق ئىككى مىللەتنىڭ بىللە ياشىمىقى ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى تەس. بىراق ئۆمۈر ـ ئۆمۈرلەپ يالغان گەپ قىلىپ ئۆتۈشمۇ ئىش ئەمەس. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئىتتىپاقلىقنىڭ ئۇلى، ئاساسى بولغان باراۋەرلىك ھەققىدىمۇ گەپ قىلىش، گەپ قىلغاندىمۇ راست گەپ قىلىش كېرەك. ئەگەر راست گەپ قىلساڭ، ساڭا كەمچىلىك بولىدىغان ئەھۋالدىمۇ، شۇنچىلىك كەمچىلىك ئۆتكۈزۈشكە پىداكارلىق بىلەن جۈرئەت قىل ئاۋۋال. چۈنكى ئاداققىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يالغان گەپ قىلىپ، بىر ئۆمۈر تېشىڭ پۈتۈن ئىچىڭ تۈتۈن ئۆتكىنىڭدىن، راست گەپ قىلىپ، روھىي ئازاتلىققا ۋە ۋىجدان ساۋاپلىقىغا ئېرىشكىنىڭ ئەۋزەل. ئالايلۇق، تۇرپان ـــ ئەزەلدىن ئەبەتكە ئۇيغۇر شەھىرى. ئۇزاق ئۆتمۇشتە، ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكلەرنىڭ تارىخ كىتابلىرىدا، مەزكۇر شەھەر نامىنىڭ بىرىنچى بوغۇمى خەنزۇچە  «تۈكۈرۈش، تۈكۈرۈك» مەنىسىدىكى خەت بىلەن تىرانسكرىپسىيە قىلىنغانكى، مەزكۇر خەتتىن ئېنىق ھالدىكى تۇرپاننى پەس كۆرۈش، تۇرپانلىقنى ئۆچ كۆرۈش ئۇقۇمى چىقىپ تۇرىدۇ. ھازىر جۇڭگو ۋە چەتئەلدە تۇجيا مىللىتى، تۇنىس ۋە تۈركمەن دېگەنگە ئوخشاش «تۇ» بوغۇملۇق مىللەت ۋە يەر ـ جاي ئىسىملرى بار. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىدا، «تۈكۈرۈك» خېتى ئىشلىتىلمەيدۇ. نېمىشقا؟ دۇنيادا ھېچبىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىسمىنى، ئۆز مىللىتىنىڭ ئىسمىنى ۋە ئۆز زېمىنىنىڭ ئىسمىنى «تۈكۈرۈك» مەنىلىك خەت بىلەن يېزىشنى ئەبەدىي راۋا كۆرمەيدۇ. ھالبۇكى تۇرپان شەھىرىمىزنىڭ نامىنىڭ ھازىرمۇ «تۈكۈرۈك» خېتى بىلەن يېزىلىشى ئادەمنىڭ زەردىسىنى قاينىتىدۇ. ئەمدى «تۇرپان شەھىرى» دېگەننى «تۈكۈرۈك شەھىرى» قىلىپ يازسا، گاراخ ئادەمدەك ھىجىيىپ ئولتۇرما. گەپ قىلىپ، ئۇنى جەزمەن ئۆزگەرتتۈر. بۇنىڭغا ئەلۋەتتە پىداكارلىق كېتىدۇ. شىجائەت قىلساڭ، سېنىڭ كۈچۈڭ يېتىدۇ. يەنە مەسىلەن، يەنە شۇ تۇرپاندا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئەپسانىسىدىكى سۇنۋۇكۇڭ مايمۇن بىلەن جۇباجيە تۇڭگۇزلارنىڭ ھەيكەللىرى قەد كۆتۈرۈپ كەتكىلى خېلى زامان بولدى. بىر ئۇيغۇر كادىر چىقىپ، بىزمۇ پىداكار ئەجداد ئابدۇخالىق ئابدۇراھمان ئۇيغۇرىنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرۇپ، تۈرغۇزۇپ قويايلى دېمىدى. ئەمەلىيەتتە سۇنۋۇكۇڭ مايمۇن بىلەن جۇباجيە تۈڭگۇزلار بىرىنچىدىن، ئەپسانىۋى مەخلۇقلار، ئىككىنچىدىن ئۆز زامانىسىدا،  «بۇ تۇرپان دېگەن بەجايىكى ئوت يۇرتى ئىكەن، كۆتىمىز كۆيۈپ كەتتىيەي، بۇرنىمىز ئۆرتىلىپ كەتتىيەي» دەپ قېچىپ كەتكەن نەرسىلەر. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بولسا، ئەلمىساقتىن تارتىپ، تۇرپاندىن ئىبارەت بۇ زېمىننى ئېچىپ، سۇ بولمىسا، كارىز قېزىپ سۇ چىقىرىپ، سالقىن بولمىسا، تەك تىكىپ جانغا راھەت بوستان چىمەنزار ئەھيا قىلىپ، ئوت يۇرتىدا ھاياتلىق ماكانى بەرپا قىلغان يەرلىك مىللەت ئۇيغۇردىن چىققان مۆھتەرەم ۋەتەنپەرۋەر. ھالبۇكى يىلدا بىر قېتىم ئۈزۈم بايرىمى قىلىپ، خەلقئارا دوستلارغىمۇ داستىخان سېلىۋاتقان تۇرپاندا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ تۈرسا، ھەقلىق ۋە تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ، ئەلۋەتتە!
    دېمەك، پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ، ئۇنى شۇئار ھالەتتىن ئەمەلىي پائالىيەت ۋە ئادەت ھالىتىگە كەلتۈرۈش دەۋرنىڭ تەلىپى، زاماننىڭ تەقەززاسى. بۇنى ئوبدان چۈشەنگەي ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى!
    پىداكار ۋە جەڭگىۋارلىق ئۆز مىللىتىنى، ئۆز خەلقىنى ۋە ئۆز زېمىنىنى چىن دىلى بىلەن سۆيۈشنى قۇۋۋەت مەنبەسى قىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، پەقەت ئۆز مىللىتىنى، ئۆز خەلقىنى ۋە ئۆز زېمىنىنى چىن دىلىدىن سۆيۈش ھەمىشە ئۆتۈپ كەتكەن ئۇزاق ئۆتمۈشكە سېغىنىپ، قۇرۇق گەپ سېتىش ۋە لاپ ئېتىش بىلەن ئەمەس، بەلكى رېئاللىققا چوڭقۇر چۆكۈپ ئەمەلىي ئىش قىلىش، بۈگۈنكى كۆز ئالدىمىزدىكى ئەڭ ئاددىي ئىشلاردىن باشلاپ، يىراقنى كۆزلىگەن ھالدا، ئەستايىدىللىق، سەمىمىيلىك ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئەمەلىي ئۈنۈم قازىنىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئالايلۇق، سەن بىر پىداكار ۋە جەڭگىۋار ئۇيغۇر ئەۋلاد بولۇشنى دىلىڭغا مەھكەم پۈككەن ئىكەنسەن، ئالدى بىلەن ئۆزەڭنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغىنىڭ ئۈچۈن ئىپتىخارلان. ئەمەلىي تۇرمۇشتا، «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ شەرەپ نامغا داغ چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ساقلان. ھەرقانداق شارائىتتا، ئۆزەڭنىڭ ئۇيغۇرلۇقىڭدىن تانما. «ئۇيغۇر» دېمەي، «مىللىي» ياكى «مۇسۇلمان» دېسىمۇ ئوخشاش دېگەن گەپكە ھەرگىز ئالدانما. ناۋادا سەن بىر ئاشخانا ئاچساڭمۇ، ئۇنداق «مۇسۇلمان ئاشخانىسى» دېمە. ئېنىق قىلىپ، «ئۇيغۇر ئاشخانىسى» دە. چۈنكى بۇ دۇنيادا تۇڭگان مۇسۇلمانمۇ بار، مالاي مۇسۇلمانمۇ بار، ھىندى مۇسۇلمانمۇ بار. سەن دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئەمەس، بەلكى مۇبارەك ئۇيغۇر مۇسۇلمانسەن. ھالبۇكى «ئۇيغۇر ئاشخانىسى» دېسەڭ، مەزكۇر ئاشخانا خوجايىنىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىدىن ھېچكىم گۇمانلانمىغىنىدىن باشقا، ئۇنىڭ جاھان مۇسۇلمانلىرى ئىچىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمان تەرىپىدىن ئېچىلغان ئاشخانا ئىكەنلىكى ئېنىق بىلىنىپ، خېرىدارنى ئوچۇق مەلۇماتلىق قىلىدۇ.  «ئاش ـ تائاملار دەپتىرى» دىكى «شىنجياڭ سەي» ،  «شىنجياڭ تامىقى» دېگەن ئاتالغۇلارنىمۇ ئۇنىڭ كونكرېت ئىگىسىنى روشەن قىلىپ، «ئۇيغۇر قورۇمىسى»، «ئۇيغۇر تامىقى» دەپ ئېنىق ياز. چەتئەللەرگە چىقساڭ، ۋەتەن چېگرىسىدىن چىقىۋېلىپلا ھېلىقىدەك «سەن قەيەرلىك» دەپ سورىسا، قازاقىستانغا قاراشلىق تۈركىستان شەھىرىنىڭ نامى بىلەن  «مەن تۈركىستانلىق بىر نېمە» دەيدىغان ئاخماقانە ۋە يالغان گەپنى ئەمدى ئەبەدىي تاشلىۋەت. ئۇنىڭ ئورنىغا ئېنىق قىلىپ، «مەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىلىق، ئۇيغۇر ئېلىلىق ئۇيغۇرمەن» دېيىشنى قىل ئادەت. بىلگىنكى، ئى قېرىندىشىم ئۇيغۇر! ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ ئىسمى مەڭگۇ  «ئۇيغۇر» نامى بىلەن ياڭراق ۋە مەغرۇر! بۇ ھەقىقەتنى ئالدى بىلەن ئۆزەڭ ئۇق، ئاندىن جاھان ئەھلىگىمۇ ئۇقتۈۇ!
    پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مەنىۋى تۈۋرۈك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە، بىر مىللەتنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆزلۈكسىز روناق تېپىشىنىمۇ ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان روھىي تۈرتكىدۇر. ھازىرقى دۇنيادا، بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئاپتونوم رايونىنى قۇرمىقى بەسى مۈشكۈل. ئوخشاشلا بۈگۈنكى جاھاندا، بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئاپتونوم رايونىنى ئىسمى جىسمىغا لايىق قىلىپ قوغداپ قېلىشى ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشىمۇ مۈشكۈلدىن مۈشكۈل. بۇنىڭغا پەلەستىنلىكلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى مىسال بولالايدۇ. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، پەلەستىنلىكلەر 1993 ـ يىلى دۇنياغا كەلگەن پەلەستىن ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۈشى ئۈچۈن ئاجايىپ زور پىداكارلىق كۆرسەتتى، ئاجايىپ زور بەدەل بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار پەلەستىن ئاپتونوم رايونىنى قوغداش، مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا، داۋاملىق پىداكارلىق كۆرسەتمەكتە. بىلمەك كېرەككى، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنى قۇرۇش ئۈچۈن ئاشۇنداق پىداكارلىق كۆرسەتكەن. دەرۋەقە سەن ــ بىزمۇ بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىمكانىمىزچە تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. بىراق مەسىلە ئاز ئەمەس، يېتىشسىزلىك ئاز ئەمەس. ھەممىدىن يېتىشسىزلىك قىلىۋاتقىنى پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىق. ھالبۇكى «ئۇيغۇرنىڭ يەتتە مىڭ يىللىق تارىخى بار، سەككىز مىڭ يىللىق سەرگۈزەشتىسى بار» دېگەننى ئۆتە قوغلىشىپ كەتمە. يەرنىڭ ئاستىنى كولاش، كونا كىتابلارنى ۋاراقلاش بىلەن پۈتۈن ئۆمرۇڭنى ئۆتكۈزىۋەتمە. چۈنكى دۇنيادا تارىخى ئۇزۇنلارنى بىرەر پارچە زېمىن بىلەن مۇكاپاتلايدىغان قائىدىمۇ يوق. يەرشارىنى سوراپ يەۋاتقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ تارىخى تېخى ئۇچ يۈز يىلغىمۇ يەتكىنى يوق. 1955 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ۋە ئۇنىڭدىكى رېئال مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى تەتقىقاتىڭنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى قىل. بۈگۈنكى ياشلارنى، ئۇيغۇر ئەۋلادلارنى تەتقىق قىلىشقا ئەڭ كۆپ ۋاقتىڭنى سەرپ قىل. ئاپتونوم رايون دېگەن جاھاندا ئەندىزىسى يوق، قۇرۇلما رامكىسى يوق نەرسىمۇ ئەمەس. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونۇڭنى غەربىي زاڭ (شىزاڭ) ئاپتونوم رايونى بىلەن، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىل. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونۇڭنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئاپتونوم رايونلار بىلەن، ئالاھىدە رايونلار بىلەنمۇ سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىل. تەتقىق قىلىپ، توغرا يول تاپ. توغرا يول ئۈچۈن بارلىقىڭنى بېغىشلا، ئۆزەڭنى ئات. گەپنىڭ نان تېگىدىغان يېرى شۇكى، سەن ــ بىز ئەگەر تەتقىقاتنى ئەمەلىيەتكە چەمبەرچەس باغلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە قوغداپ، ئۇنى ئىسمىغا مۇناسىپ لاياقىتى ۋە ئېپى سېپىدە ھالىتى بىلەن ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرەلمىسەك، نەۋرىلەر بىزنى  «نان قېپى ئەجداد، مۇناپىق ئەجداد» دەپ تىللايدۇ ۋە قەبرىمىزگە تۈكۈرىدۇ. بۇنى ئوبدان قىياس قىل ۋە ئويلان، ئەبگا!

    خاتىمە
    ئۇزۇن گەپنى قىسقا قىلىش يۈزىسىدىن «ئەبگا ئۇيغۇر» ماۋزۇلۇق بۇ تەنقىدىي رېئالىزىم ئەسىرىمنى يۇقىرىقى ئىخچام  باپلار بىلەن تاماملىدىم. خاتا دېگەن بولسام، ئەستەغپىرۇللاھ. توغرا دېگەن بولسام ئويلاپ بېقىڭلار.
    مەلۇمكى مۇئەييەن بىر شەخسنىڭ كەمچىلىكى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش جىق ئاسان ئىش. بىراق بىر مىللەتنىڭ يېتىشسىزلىك ۋە نۇقسان تەرەپلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، ئۇنى نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ خۇلاسە چىقىرىش ۋە بۇخىل خۇلاسىنى شۇ مىللەتنىڭ ھەممە ئەزالىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىدىغان دەرىجىگە كەلتۈرۈش بولسا، ئېغىزدا دەپ قويۇش ئاسان، ئەمما قەغەز يۈزىگە ئېلىپ، ئەسەر قىلىپ پۈتۈپ چىقىش ھەقىقەتەنمۇ تەس ئىش.
    بۇ ئەسەرنىڭ يېزىلىش ئالدى ـ ئارقىسىنى ئويلىسام، گەپنى 1984 ـ يىلى ئىراق ئەرەب جۇمھۇرىيىتىگە قىلغان باغدات سەپىرىمدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇ يىلى 4 ـ ئايدا، ئەرەب تىلى ئۆگەنگەنلىكىمنىڭ شاراپىتىدىن، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەسىرلەر بويى تىللاردا داستان بولۇپ كېلىۋاتقان مەشھۇر «مىڭ بىر كېچە» قىسسىسىنىڭ ھېكايە مەيدانى باغدات شەھىرىگە باردىم. ئەلۋەتتە خوشال بولدۇم، ھاياجانلاندىم. ئىراقتا جەمئىي ئون سەككىز ئاي تۇردۇم. بۇ جەرياندا پايتەخت باغدات شەھىرىدىن باشقا، ھىللە، كۇفە، نەجەف، كەربالا، بەسرە ۋە كەركوك قاتارلىق شەھەرلەردە بولدۇم. خىزمەت زۆرۈرىيىتى بىلەن، ئاددىي دېھقاندىن تارتىپ، نازىر، مىنىستىرغىچە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن تارتىپ، ئۇنىۋېرىستېت پروفېسسورى، دوكتۇرلىرىغىچە ئارىلاشتىم. شەھەر قۇرۇلۇش مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلىش ۋە قەدىمىي ئىزلارنى زىيارەت قىلىش بىلەن بىر چاغدا، ئاشۇ قەدىمىي زېمىندە، يېڭى زامان، يېڭى دەۋر تۇرمۇشىنى كەچۈرىۋاتقان خەلقنى، ئۇلارنىڭ روھىي كەيپىياتىنى، تۇرمۇش قارىشىنى ۋە ياشاش ئۇسلۇبىنى كۆڭۈل قويۇپ كۈزەتتىم. مەن ئۇلارنى ئۆزەم بۇ دۇنيادا ھېچقانداق بىر قەۋمغە تەڭ قىلمايدىغان مىللىتىم ئۇيغۇر بىلەن سېلىشتۇردۇم. نەتىجىدە بەزەن ئېنىق پەرقلەرنى سەزدىم. خۇسۇسەن تۇرمۇش پەلسەپىسىدىكى ئەمەلىيلىك ۋە ھايات ئەقىدىسىدىكى جانلىقلىق جەھەتتە، ئىراق ئەرەبلىرىنىڭ روشەن ئارتۇقچىلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. سەزگەن ۋە ئۆز كۆزۈم بىلەن بايقىغانلىرىم ئاساسىدا،  «ئىراق تەسىراتلىرى» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا نۇرغۇن خاتىرە يازدىم. بۇنىڭ ئىچىدە  «ئۇيغۇردىكى نۇقسانلار» دېگەن تارماق  تېمىدىكى خاتىرىلىرىممۇ خېلى سالماقنى ئىگىلىدى.
    1985
    ـ يىلنىڭ ئاخىرى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىراق تەسىراتلىرىنى ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىمغا، دوستلىرىمغا ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەردىم. ئۇلار بىلەن خاتىرە مەزمۇنى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردۇم. ئەپسۇسكى ھېچكىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدىم. ھەممەيلەن خۇددى بۇرۇن مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا: «ئۇيغۇرنىڭ نامىنى ئاتاپ تۇرۇپ قىلىنغان تەنقىدنى خەلق كۆتۈرەلمەيدۇ» دېيىشتى. كۆپىنچەيلەننىڭ ئارقامدىن: «ئۆزىچە يوغان بىر ئىش قىلغاندەك، چەتئەلگە چىقتىم دەپ چوڭچىلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىللىتىنىمۇ ياراتمايدىغان بولۇپ كېتىپتۈ» دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ھەتتا بىر ئاغىنەمنىڭ «باغدات كاشغەرچىلىك بارمىكەن؟» دېگەن سوئالىغا: «بىزنىڭ كاشغەر شەھىرىمىز باغداتنىڭ ئوتتۇرا ھال دەرىجىدىكى بىر كوچىسىغا ئاران ـ ئاران باراۋەر كېلىدىكەن» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىم ئۈچۈن، نەق مەيداننىڭ ئۆزىدىلا دەشنام يېدىم. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، خېرىدار قوبۇل كۆرمەيدىغان مالنى بازارغا سالماسلىق، خەلق ياقتۇرمايدىغان گەپنى ئۇلارغا دەپ ئولتۇرماسلىق قارىشى بىلەن، مەزكۇر «ئۇيغۇرلاردىكى نۇقسانلار» ماۋزۇلۇق خاتىرەمنى رەتلەپ ئېلان قىلىشتىن ۋاز كەچكەنىدىم. بىراق ئاشۇ خاتىرەم گېزى كېلىپ، بۈگۈنكى مۇشۇ «ئەبگا ئۇيغۇر» ماۋزۇلۇق ئەسىرىم ئۈچۈن خېلى قۇۋۋەتلىك خېمىرتۇرۇچ بولدى.
    كېيىنچە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، مائارىپشۇناسلىق ئىلمى نەزەرىيىسى بىلەن پىسخولوگىيە ئىلمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىلىرىنى ئۆگىنىشكە توغرا كەلدى. پىسخولوگىيە ئۆگىنىش جەريانىدا، ئۆزەمنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى ۋە مىللىتىم ئۇيغۇرنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكلىرىنى نەزەرىيىۋى ئاساسلارغا تەدبىقلاپ مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، خېلى كۆپ پايدىلىق ئىلمىي ۋە ئەمەلىي چۈشەنچىلەرنى ھاسىل قىلدىم. خۇسۇسەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پروفېسسورى سۇن يۇلەن خانىم يازغان «مىللەتلەر پىسخولوگىيىسى» ناملىق كىتاب مېنىڭ ئۇيغۇر پىسخولوگىيىسىنى ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆككەن ھالدا تەتقىق قىلىش ئىستىكىمنى ئويغاتتى. بۇ كىتابتىكى ئىنساننىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە كىشىلىك دۇنيا قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تەدرىجى ئۆزگىرىپ بارىدىغانلىقى ۋە بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ ئەمەلىي تۈرمۇشتا مۇئەييەن ئىنكاس ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى نەزەرىيە ئالاھىدە دىققىتىمنى قوزغىدى ۋە مېنى كۆپ ئويلاتتى. نەتىجىدە بۇ خىل نەزەرىيىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر قانچە ئەسىرلىك تارىخىي سەرگۈزەشتىلىرى ۋە نۆۋەتتىكى ئەمەلىي كەچۈرمىشلىرىگە تەدبىقلاپ يۈرۈپ، بىر مۇنچە مەسىلىلەرنى بايقىدىم ۋە بۇ مەسىلىلەرنى تەتقىقات يۈزىسىدىن بولسىمۇ يېزىپ چىقىپ، كىتابخانلارغا تەقدىم قىلىشنى ئىلىم يولىدىكى بىر ئەھمىيەتلىك ئىش دەپ قارىدىم. مانا مۇشۇنداق ئۆگىنىش، تەسىرات ۋە ئويلار ئارقىسىدا، «ئەبگا ئۇيغۇرد» ماۋزۇلۇق بۇ ئەسەرنى يېزىش ئۈچۈن، 1994 ـ يىل 10 ـ ئايدا قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
    مېنىڭچە بىر مىللەتنىڭ ئومۇمىي ئەزالىرى ئىچىدىكى ڭىسخىك نۈقسانلار ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ يېزىلغان ئەسەر جەزمەن ئىلمىي ئاساسلىق ۋە سەمىمىي پىكىرلىك بولغاندىن تاشقىرى، شۈ مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ۋە مۇتلەق كۆپچىلىك ئەزالىرى ئېتىراپ قىلغۈدەك دەرىجىدىكى ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە بولۇشى لازىم. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا، ئاندىن بۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىلمىي ئەسەر بولالايدۇ. مۇشۇ چۇشەنچىنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە، مەن مەزكۇر ئەسەرنى بىر تەرەپتىن يېزىش، يەنە بىر تەرەپتىن يېزىپ بولغان قىسمىنى ئىمكان بار ئوچۈق مۇھاكىمە قىلىش، مۇھاكىمىدىن ئۆتكەن ۋە بېرىلگەن پىكىرلەر ئاساسىدا، قايتا ڭىششىقلاڭ ئىشلەشتىن ئىبارەت ئىشىكنى داغدام ئېچىپ قويۈڭ ئولتۇرۇپ يېزىش ئۇسۈلىنى قوللاندىم. ئەسەرنىڭ دەسلەپكى ئۇچ بابىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، فوتو كوپىيە قىلىپ، ئۇنى تونۈش مۇھەررىرلەرگە، مەسلەكداش بۇرادەرلەرگە بىر نۈسخىدىن ئەۋەتىپ پىكىر ئالدىم. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىسىتېتى ئۇيغۇرشۈناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ قارمىقىدا تەشكىللەنگەن «ئۇيغۇرشۈناسلىق تەتقىقات ئەنجۈمەنى» نىڭ پائالىيەت كۈنلىرىدە، ياش ئەنجۈمەنداشلارغا ئوقۇپ بېرىپ، ئەسەر يورۈتماقچى بولغان مەسىلىلەرنى ئۇلارنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمىسىگە قويدۇم. نەتىجىدە كۆپچىلىكنىڭ ئىلھامبەخش رىغبەتلەندۇرۇش پىكىرلىرىگە مۇشەررەپ بولغىنىمدىن باشقا، مەن ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك بولغان سەمىمىي تەنقىد ۋە جىددىي تەكلىپ پىكىرلىرىگىمۇ مۇيەسسەر بولدۇم. مانا بۇلار بۇ ئەسەرنىڭ نىسبەتەن قايىل قىلارلىق، قىزغىن ئالقىشلىق ۋە ئىجابىي تالاش ـ تارتىشلىق ئاكتىپ ئەسەر بولۇپ پۈتۈپ چىقىشىنى ئاممىۋى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
      
    بۇ ئەسەرنىڭ ئالدىنقى بەش بابىنى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىسىتېتىدا يېزىپ تاماملىدىم. كېيىنكى بەش بابىنى بولسا، مىسىر قاھىرە ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ ئوقۈغۈچىلار ياتاق قوروسى بولغان «ستودېنتلار شەھىرى» ( Students City ) ناملىق گۇزەل باغدا يېزىپ پۈتتۇردۇم. مىسىردا بولغان كۈنلىرىمدىمۇ، ئەسەرنىڭ پۈتكەن بابلىرىنى ئۇدۇللۇق كۆپەيتىپ بېسىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرىسىتېتىدا ئوقۈۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۈغۈچىلار ئارىسىدا، ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقچىلىقى بىلىملىرىنى ئۆگىنىش مەقسىتىدە تەشكىللەنگەن «مىسىر ئۇيغۇر ئەنجۈمەنى» سىنىپىدىكى يېڭى ئەنجۈمەنداشلارغا ۋە ئەزھەر ئۇنىۋېرىسىتېتى ئىسلام دىنى تەتقىقات ئىنىستىتوتىدا مەن بىلەن ئوقۈۋاتقان بالام دېمەتلىك ساۋاقداشلىرىمغا ئوقۇپ بەردىم. ئەسەرنى ئۇلارنىڭ مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرىسىگە قويدۇم. نەتىجىدە ۋەتەندىن بەش يىل، ھەتتا ئون يىللاپ ئايرىلىپ، نىل دەرياسى ساھىلىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، ئانا ۋەتەننىڭ قەدرىنى نەق ئەمەلىيەتلەر ئارقىلىق چوڭقۈر چۈشەنگەن، ۋەتەننى گۇللەندۇرۇش ۋە مىللەتنى روناق تاپقۇزۈشنىڭ زۆرۈريىتى ۋە تەخىرسىزلىكىگە چىن دىلىدىن ئىشەنگەن بۇ تالىبۇلئىلىم (ئىلىم تەلەبكارى) لارنىڭمۇ نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىرلىرىگە ۋە رىغبەتلىك دۇئالىرىغا ئېرىشتىم. مەن بۇ يەردە مەزكۇر ئەسىرىمنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك يېزىلىپ پۈتۇشى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلگەن ۋە سەمىمىي پىكىرلىرى ئارقىلىق قوللاپ  قۈۋۋەتلىگەن چوڭ ـ كىچىك قېرىنداشلىرىمغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بولۇپمۇ بۇ ئەسەرنىڭ كەپ كىتابخانلار بىلەن ۋاقتىدا يۇز كۆرۇشۇشى ئۈچۈن ئەمەلىي مەيدان ھازىرلاپ بەرگەن، تەھرىرلىكتە يېتىك ماھارەت، ئەسەرنى ئېلان قىلىشتا تەمكىن جاسارەت كۆرسەتكەن ژۈرنالىست «ش ئۇ ئا ر مەدەنىيىتى» ژۈرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى قۈربان مامۇت ئەپەندىمگە چىن قەلبىمدىن تەشەككۇر ئېيتىمەن ۋە سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۇرىمەن!
      
    ئىنسان بۇ دۇنيادا تېخى ئىككى يۇز يىل ياشىغىدەك بولمىدى. ئادەمنىڭ ئەڭ ھاياتى كۇچكە ئىگە ئۆمرى ۋە تۆھپىكار ئالتۈن دەۋرىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر نەچچە ئون يىللا ئىكەنلىكى ھېلىھەم پاكىت بولۇپ كەلدى. شۇنداقىكەن ئىنسان ھەر بىر كۈن، ھەر بىر ئاي ۋە ھەر بىر يىلنى چوقۈم ئەھمىيەتلىك ئۆتكۇزۇشى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر مىنۈت، ھەر سائەتنىمۇ ئەزىزلەپ، مەسئۇلىيەت ۋە مەمنۈنىيەت بىلەن ئەستايىدىل ياشىشى لازىم. بۇ ـــ مېنىڭ تۇپكى ھايات قارىشىم. ھالبۇكى مەن بۇ ئەسەرنى ھئلىقىدەك دەپ ئېيتىۋئلىش، سۆزلىۋئلىش ۋە قورسىقىمنى بوشىتىۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئانا سۇتىنىڭ قەرزى ۋە ئانا يەر تۈزىنىڭ بۇرچ ـ پەرزى ئۈچۈن، ئەستايىدىل ئويلىنىپ يازدىم. بۇ ئەسەر ھېچقانداق بىر كونكرېت شەخسكە قارىتىلمايدۇ. بىراق ئۆز نۆۋىتىدە ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر بۇ ئەسەرنىڭ قاراتمىلىقى دائىرىسىدىن چەتتە قالمايدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئالدى بىلەن مېنىڭ ئۆزەمنىڭ سۇرىتى، مەن ئۆزەمنى ئاشۇنداق تونۈدۇم. ئۆزەمدە ئاشۇنچىۋالا ئىللەت ۋە نۈقساننىڭ بارلىقىنى سەزدىم. مەسىلىنى سەزگەن ۋە تونىغان ئىكەنمەن، مۇندىن كېيىنكى ئۆمرۇمدە، جەزمەن نۈقسانلارنى تۇزىتىپ، ئىللەتلەرنى تۇگىتىپ، ئىسمى جىسمىغا مۇناسىپ بىر مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر بولۇپ ياشايمەن. ئەمدى شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، مەن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ، شۈ جۇملىدىن، تەنقىد قىلىشقا ئالدىراپ كېتىۋاتقان، غەزەپ تاشقىنلىرى تېشىپ كېتىۋاتقانلارنىڭمۇ، دەسلەپ بۇ ئەسەرنى ئەستايىدىل بىر ئوقۇپ چىقىشىنى، بىر قېتىم ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشىنى، ھەر كىم ئۆزىنىڭ قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ئىش ـ ئەمەللىرى ئاساسىدا، ئۆزى بىلەن ئۆزى ئەستايىدىل بىر مۇزاكىرە قىلىپ بېقىشىنى، شۈ ئارقىلىق ئۆز ۋۇجۇدىنى چىرماپ تۇرغان ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىللەت ۋە نۈقسانلارنى تېز پۈرسەتتە تۇگىتىش ۋە تۇزىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بېقىشىنى سەمىمىي ئۇمىد قىلىمەن.
      
    ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئىجادكارى بولغان ئۇيغۇر ئۇلۇغ مىللەت. بىراق ئاينىڭمۇ يۈزىدە دېغى بولغىنىدەك، ئۇيغۇرنىڭ ۋۇجۇدىدا بار ئاشۇنداق بىر مۇنچە نۈقسان ۋە ئىللەت. ئەمدى ئەگەر بىز ھەممىمىز بىردەك ئېڭىمىزدا ئۇيغۇر ئەقىدىسىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، ئۆز ئارا ـ ئىجىل ئىناق، بىر گەۋدە بولۇپ، بىر ـ بىرىمىزنى ھەقىقىي مەنىدىكى قېرىنداش تونۈپ، ھۇرۇنلۇقنى قەتئىي چۆرۇپ تاشلاپ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز چىن يۇرەكتىن قەدىرلەپ، ئۆز ۋەتىنىمىزنى ئۆز پائالىيىتىمىز ۋە ئەمەلىيىتىمىز بىلەن ئەزىزلەپ، مەرىپەتلىك بولۇپ، پەزىلەتكە تولۈپ، بىر ـ بىرىمىزنى قېرىنداشلارچە سۆيۇپ، ئورتاق ئىشىمىزغا جان ـ دىلىمىز بىلەن كۆيۈپ، ئۇمىدسىزلىك ۋە خۈراپاتلىقنى ئۆزىمىزدىن يىراق قىلىدىغان، پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنى بارلىق ئىشلىرىمىزغا باش بايراق قىلىدىغانلا بولساق، شەك يوقكى، ئۇيغۇرنىڭ ئۇلۇغلۇقى تېخىمۇ تاكامۇللاشقۈسى. يىگىرمە بىرىنچى ئەسىردىكى ئۇيغۇر زېمىنى ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى ياراتقان مۆجىزە ۋە كارامەتلەر بىلەن تولۈپ تاشقۈسى!
      
    شۈ مۇرادىمنى مۇنۈ تۆت مىسراغا مۇجەسسەم قىلدىم ۋە شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسىرىمنى مۇكەممەل قىلدىم:

    ئۇيغۇر بىز - ئۇيۈشقاقتۈر بىزنىڭ ئەسلىمىز،
    كۈرەش قىلساق بىرلىشىپ، گۇللەر نەسلىمىز.
    نۈقسانلارنى تۇگەتسەك، ئىلىم ئۆگەنسەك،
    كېلەر يەنە بىزنىڭكى پارلاق پەسلىمىز!

    1997
    ـ يىل 7 ـ ئاپرىل دۇشەنبە، قاھىرە
    ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرىستېتى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.