ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-21

    ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39670950.html

    ئار نومۇس ۋە رىقابەت جاسارىتىدىكى يالقۇن قوزغاتمىغان مېڭىنىڭ قوزغىتىدىغىنى تەنتەكنىڭ تەمەننىسى بىلەن قورققاقنىڭ شۈركىنىپ تىترىشىدىن باشقا يەنە نېمە بولسۇن؟!

                                                            
    خىيال دەپتىرىمدىن  


    بىز قەدىمكى يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىنكى كەنجى ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆپ قىرلىق، كەسكىن رىقابەتكە تولغان بۈگۈنكى دۇنياغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، مىللەتنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇش قىممىتى بىلەن، راۋاجلانغان مىللەتلەر قاتارىدا گۈللەپ راۋاجلىنىش قىممىتى ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال (ئومۇملاشقان) ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان رىقابەت ئىقتىدارىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى قوڭقۇر ھەس قىلىمىز. ۋەھالەنكى، پۈتۈن ھاياتى كۈچ- ئىقتىدارىنىڭ مەركەزلىشىشى، مۇجەسسەملىشىشىدىن تەشكىل تاپىدىغان مۇنداق ئۇنىۋېرسال رىقابەت قىممىتى ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن، ھەر بىر مىللەت ئۈچۈن، ھەر بىر مەملىكەت ئۈچۈنمۇ ئاساسلىق ھايات ۋە قابىلىيەت دەرىجىسىدۇر. ئادەمنىڭ ھاياتى كۈچى، ئىممۇنىتەت ھالىتى، مىزاج- خىلىتلىرى ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدا مۇجەسسەملىشىپ، بەدىنىنى ئوراپ تۇرغان نۇر چەمبىرىكى-ئائۇرادا جىلۋىلىنىدۇ. بىر مىللەتنىڭمۇ ئۆتمۈش تارىخى ئەمەس، ھازىرقى ئائىلە- جەمىيەت- مىللەت ئەھۋالى، مەنىۋى، ئىقتىسادى قۇرۇلمىسى، ئىقتىدار ھالىتى ئۇنىڭ ھاياتى سۈپەت ئىقتىدارىنى، رىقابەت ئىقتىدارىنى ۋە ئىجادىيەت كۈچلىرىنى قىسقىسى، ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارىدىكى ئەۋزەللىك ياكى زەئىپلىكىنى بەلگىلەيدۇ. پۈتۈن بىر مىللەتتىكى ھەر خىل ئىقتىدار ۋە سۈپەتنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارىغا مەركەزلىشىشىدىكى سەۋەپ شۇكى، يەر يۈزىدىكى نەچچە مىڭلىغان مىللەتنى، تارىختا نامى ئۆچكەن ياكى ھاياتى ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان مىللەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ ئۆلچەيدىغان، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە پال ئاچىدىغان بىرلا مىزان بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرىدۇر.

    ئېيتىش كېرەككى، ھەر بىر ئادەمنىڭ ، مەيلى ئۇ تۇغۇلما قابىل ياكى ساھىپجامال بولسۇن، مەيلى ئۇ ئىقتىساد ياكى ئىلىم- سەنەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسۇن مەيلى ئۇ يوقىرى دەرىجىلىك سىياسىئون ياكى جامائەت ئەربابى بولسۇن، ئۇنىڭ كامالەت ياكى مەئىشەت دەرىجىسى، شەخسى ئىززەت ۋە رىقابەت كۈچى، بەختى ۋە تەقدىر قىسمەتلىرى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭ شەخسى ئىرادىسى ياكى مۇناسىۋەت ئەۋزەللىكى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ ھالقىپ- قاڭقىپ چىقىپ كېتەلمەيدىغان، ئۇ تەۋە ئېتنىك تۈركۈم نىڭ ئومۇمىي ھالەت چەمبىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مانا بۇ شەخس تەقدىرنىڭ مىللەت ھالىتىگە بېقىنىش قانۇنىدۇر.

    ھازىرقى دۇنيا مىللەتلىرىنى ئۇلارنىڭ مەلەكە_كامالەت ۋە رىقابەت ئىقتىدارىغا قاراپ ئۈچ خىلغا بۆلۈش مۇمكىن. ئۇلار: «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» ، «ئىجتىمائىي مىللەت» ۋە «سىياسى مىللەت» تىن ئىبارەت.

    1.    
    ئېتنولوگىيىلىك مىللەت دېگەندە، ئومۇمەن مىللەتشۇناسلىق شەرتلىرى بويىچە ئۆلچىگەندە، مىللەت لىك شەرتلىرى تولغان مىللەتنى نەزەردە تۇتىمىز. ئۇيغۇر خەلقى ئۆز مىللى تىل- يېزىقى، تارىخى، فولكلور بايلىقى، مائارىپ سېستىمىسى، مۇقام مەشرەپ خەزىنىسى، كىلاسسىك ۋە يېڭى زامان ئەدەبىياتى، توي- تۆكۈن ۋە ئۆلۈم- يېتىم يوسۇنلىرى، مىللى مەدەنىيەت ئېرسىيىتى بولغان تىپىك ئېتنولوگىيىلىك مىللەتلىكى سۆزسىز. ئۇلاردىكى كۆپلىگەن ئىپتىخارلىق خاسىيەتلەر بىلەن بىر قاتار ئىللەتلەر، دەل مۇشۇ ماقامغا يەتكەنلىك، ئەمما ئۇنىڭدىن ئەشىپ كېتەلمىگەن لىك بىلەن توغرا تاناسىپتۇر. كۆپ ھاللاردا ئۇلار مىللەتنىڭ ئىپتىخارى ۋە ئار- نومۇسىغا چېتىلىدىغان نەرسىلەرگە كۈچلۈك غەزەپ- نەپرەت ئىپادىلىسىمۇ، ئۇنى ئاقىلانە تەھلىل قىلىش، راست- يالغانلىقىنى پەرىقلەندۈرۈشتە ئاجىزلىق قىلىدۇ. مۇشۇ ئاجىزلىقىدىن ئۇلارنى بىر- بىرىگە ھەتتا ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىگە قارشى سۆز- چۆچەككە سېلىش مۇمكىن. مانا بۇ، گۇماندا بولۇپ، ئىشەنچتە بولماسلىق، غەزەپ تە بولۇپ، ئەقىلدە بولماسلىقتۇر.

    2.    
    ئىجتىمائىي مىللەت دىگەنلىك، ئېتنولوگىيىلىك مىللەتنى «تەبىئىي مىللەت» دەپ قاراشقا سېلىشتۇرما قىلىنغان. ئۇ ، ئېتنولوگىيىلىك مىللەتتىن ئۆزىنىڭ بىر بالداق ئۈستۈنلۈكى بىلەن خاراكتېرلەنگەن مىللەتتۇر. ئەگەر بىز ئېتنولوگىيىلىك مىللەتنى ئومۇمىي تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللى ھەمدەملىككە ئېرىشمىگەن مىللەت دەپ قارىساق، ئىجتىمائىي مىللەتنى بۇنداق ئاڭ، مۇنداق ھەمدەملىككە ئېرىشكەن مىللەت دېيىشىمىز مۇمكىن. ئىجتىمائىي مىللەتنى ئېتنولوگىيىلىك مىللەتتىن ئۈستۈن قىلغان نەرسە ئۇنىڭ ئۆز- ئۆزىگە بولغان تۈركۈم ئېڭى، كۈچلۈك ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى، ئاڭلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ۋە بۇ ئۇچىدىن مۇجەسسەم بولغان ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئۈستۈنلىكىدىن ئىبارەت. دەرۋەقە ، ئىجتىمائىي مىللەتنىڭمۇ بىر قاتار خۇنۈكلۈك لىرى، زەئىپلىكلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن ئۇنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ئۈستۈن بولىدۇ. ئۇلار بىكار تەلەپ، لايغەزەللىك، تەلۋىلەرچە ھەشەمەتخورلۇق، مىللەتنىڭ ھەمدەملىكىدىن ئەشىپ چۈشكەن يۇرتۋازلىق، ئۆز مەنپەئەتى ياكى گۇرۇھ مەنپەئەتى ياكى گۇرۇھ مەنپەئىتى ئۈچۈن مىللەت گەۋدىسىنى پېتىقلاپ دەپسەندە قىلىشتىن خېلىلا يىراقلاشقان بولۇپ، بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا خەيرىخاھلىق- تىلەكداشلىق قىلىش ئۇلارنىڭ دائىمىي ئالامىتى.

    3.    
    سىياسى مىللەت دىگەن ئىبارە مىللەتلەرنىڭ كامالەت دەرىجىسىنى ئىجتىمائىي مىللەت كاتېگورىيىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان بولۇپ، ئادەتتىكى سىياسى سەلتەنەت مەنىسىگە قارىتىلمىغان. سىياسى مىللەت ھازىرقى زامان مىللەتلىرى ئىچىدە ئەڭ يوقىرى مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، مىللى ئاڭ ۋە بىرلىك- ھەمدەملىككە، رىقابەت ۋە ئىجادىيەت ئۈستۈنلىكىگە ئىگە بولۇش بىلەن بەئىگە ئۆزىنىڭ بىر قاتار ئۆزگىچە ئالامەتلىرى بىلەنمۇ كۆزگە تاشلىنىدۇ.

    ئۇلار يالغۇز پەن تەخنىكا، تاۋار ۋە سودىدا دۇنياۋى تەسىر قوزغاپ قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمۇشنى تەشكىللەش، تۇرمۇش مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ باشقا خەلقلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغان؛ ئۇلار ئۆز مىللىي تۈركۈمىنى ئەۋزەللىك بىلەن گۈللەندۈرۈپ قالماستىن، يەنە ئۆز- ئۆزىدىن ھالقىغان. ئۆز مىللىتىنىڭ ئىجتىمائىي مىللەت، تەبىئىي مىللەت چاغلىرىدىكى غەيرىي ئىنسانپەرۋەر، غەيرىي مەدەنىي ئىللەتلىرىنى ئاشكارا، سىستېمىلىق تەنقىد- مەسخىرە قىلىشقا تۇتۇنغان، بۇ ھەقتە ئەسەرلەر نەشىر قىلغان، كىنو-  فىلىملەر ئىشلىگەن؛
    ئۇلار نەزېرىيىۋى تەپەككۈر ۋە ئاساسى نەزەرىيە تەتقىقاتىدا، ئىنسانىيەت تارىخىنى كەلگۈسى كامالەتكە ئېرىشتۈرۈش ئىزدىنىشىدە ھەممىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.

    توپلىشىپ ياشايدىغان ياپونلار بىلەن تارقىلىپ ياشاش ئازابىنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىيلارغا نەزەر سالساقلا كۇپايە. ياپونلار كىچىككىنە، ئۈنۈم سىز تاغلىق ئارال نى ماكان قىلغان، مەدەنىيەت تارىخىغا خېلىلا كېيىن قەدەم قويغان مىللەت. ئۇلاردىكى ياشاش رىقابەت كۈچى تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللەتنىڭ قاتتىق ھەمدەملىكىگە شۇ قەدەر زىچ مەركەزلەشكەنكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۆز زىمىنىدىكى ۋە چەت ئەلدىكى ھەر بىر قەدىمى، ھەر بىر سۆزى، ھەر بىر ھەركىتىگە مىللى نومۇس- ئىپتىخارنى ئۆلچەم قىلغان. ئۇلار خەلق ئىگىلىكى بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى يوقىرى ئۈنۈمدارلىق مۇمكىنلىكى ئۈستىگە ئۇيۇشتۇرغان. يەھۇدىيلارمۇ ئازغىنە خەلق. ئۇلار تارىخى ھادىسىلەر سەۋەبىدىن چەت ئەللەرگە چېچىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئانا زېمىنى ئىسرائىلىيىگە تەخىرسىز توپلىنىپ، تىز ئارىدا كۈچلۈك رىقابەت قۇدرىتىگە ئېرىشتى.

    ئەلۋەتتە، بىرىنچىدىن، ھازىرقى بۇ ئۈچ خىل مىللەت كاتېگورىيىسى تۇغما ياكى ئۆزگەرمەس قېلىپتا قۇيۇلغان ئەمەس. ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ يېتىلىش تارىخىدا بۇ پەللىلەرنى بېسىپ ئۆتۈشى ياكى چېكىنىپ تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، ھازىرقى زامان مىللەتلىرى ئىچىدىكى يوقىرى كاتېگورىيىدە تۇرغان مىللەتمۇ تارىخى ۋە ئىجتىمائىي ئاجىزلىقلار، بوھران ۋە زىلزىلىدىن خالى ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ يوقىرى كامالەتكە يۈزلىنىش مەسىلىسى مەۋجۈت.

    مانا، ھازىرقى جاھان مىللەتلىرىنىڭ قول ئىلكىنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقى، تۇرمۇش رىسقى، يۈز- ئابرويى، مەتبۇئات نوپۇزى، تونۇشلۇق دەرىجىسى، تەسىر دائىرىسىنى بەلگىلەپ تۇرغان ئۈچ تامغا!

    مانا ئەمدى ئۆزىمىزگە قايرىلىپ بىر قارايلىچۇ!

    ئىچكى قىسمىمىزدىكى ئىززەت- ھۆرمىتىمىزنى قىرقىيدىغان بىرلىك- ھەمدەملىك قورغانلىرىمىزنى غۇلىتىدىغان، مەرىپەت چىنارلىرىمىزنى ئاز دەپ، چەت ئەللەرگە ھەج- ھەرەمگە بېرىپ، سۆزلىسە يۈزنى، قارىسا كۆزنى نومۇستىن ئۆلتۈرىدىغان ناچار سۈپەتلىرىمىز، ناباپ ئىللەتلىرىمىزنىڭ قايسىبىرىنى ئېيتايلى! دۇنيادا يەنە بىزنىڭ ھالىمىزدىنمۇ تۆۋەنرەك يەنە قانداق ئىنسان تۈركۈملىرى بولسۇن؟ ئەزمە- سۆرەلمىلىكىمىز بىلەن تەنتەك، تارقاقلىقىمىزدىن نېمىلەرنى كۆرمىدۇق.
    يېقىنقى بەش ئەسىر مابەينىدە «ئەۋلىيا چەتتىن ، مۇرت بىزدىن» بولۇپ، ئىچكى نىزا ۋە تەپرىقىچىلىكتە ئېرىشكىنىمىز زادى نىمە بولدى؟ بۇ روھى ئىللەت ۋۇجۇدىمىزنى ھېلىمۇ چىرماپ تۇرمامدۇ! تارىختا نام- شەرىپىدىن باشقا ھېچ نەرسىسى قالماي يوقىلىپ تۈگىگەن مىللەتلەرمۇ ئۆز دەۋرىگە يارىشا ئېتنولوگىيىلىك مىللەت ئىدىغۇ! ئۇيغۇرلار شۇ زامانلاردا ساكلار، توخارلار، سوغدىلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ، رۇسىيىلىك ئالىم مىلنۇرانىسكىينىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «ئۇيغۇرىزم» ھادىسىسىنى، ئامېرىكا ئالىمى گىروسسارىتنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «چەتنىڭ قېلىپلىرىغا قارغۇلارچە ئەگەشمەيدىغان ئۇيغۇر سېستىمىسى» نى ياراتقان ئىدى. ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئىرانلىق رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ، چاڭئەن، كونستانتىنوپول سودا مۇساپىسىنى تىزگىنلەپ، لياۋ، سۇڭ سۇلالىرى بىلەن بولىدىغان ھۆكۈمەت سودىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، لياۋ، سۇڭ ھۆكۆمەتلىرىنى شەھەر سودا مەھكىمىسى ئورنىغا «ئۇيغۇر بارىگاھى» نى دەسسىتىشكە مەجبۇر قىلغانىدى. ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلار نوقۇل «كەتمەن بىلەن ھوسۇل»، «ناماز بىلەن غوسۇل»، «دۇتار بىلەن ئۇسسۇل» دىن ئىبارەت بارى- يوقى ئۈچلا شادىلىق پىرقىرىما چاققا بەنت بولغان مىللەت ئەمەس ئىدى.
    قېنى ئويلاپ كۆرۈڭچۇ، بۈگۈنكى كۈندە مەنسەپ تاپسا ئۆيمۇ- ئۆي زىياپەت، پۇل تاپسا مەككە- مەدىنىگە زىيارەت، بۇ ئىككىسى بولمىغاندا كاللا- پاقالچاق، ئۆپكە- ھېسىپ چاغلىق تىجارەتتىن باشقىسىغا قۇربىتى يەتمىگەن خەلق يەنىلا كونا مۇقامغا يورغىلىسا، ئەسر ئالماشقان بىلەن ئۇنىڭ رىسقى نېسىۋىسى ئالمىشارمۇ؟!

    يېقىنقى بەش ئەسر مابەينىدە «ئەۋلىيا چەتتىن، مۇرت بىزدىن» بولۇپ، ئىچكى نىزا ۋە تەپرىقىچىلىكتە ئېرىشكىنىمىز زادى نېمە بولدى؟
    يېقىنقى بەش ئەسردىن بۇيان دىنىي مەزھەپچىلىك بىلەن مۇرت- مۇخلىسلىق پىرقىۋازلىقى، يۇرتۋازلىق-مەھەللىۋازلىق، موللام ياكى ئەپەندىلىرىمىزدىكى كىچىك گۇرۇھۋازلىق، ئەل غېمىنى مۇز دەرياغا پىرقىرىتىپ چۆرۈۋەتكەن مەنسەپ- بالداق ھېرىسمەنلىكى، تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئىنكارچىلىقىنىڭ تەلۋە دەبدەبىلىرى بىلەن دەل- دەرەخسىز جەزىرىدىكى قۇيۇنتازدەك مەسۇلىيەتسىز پىتنە- ئىغۋا تۆھمەتخورلۇقى قاتارلىق ئالتە زەھەر تۈپەيلىدىن «ئوغۇز سۈتىدەك ئۇيىماق» دېگەن مەنىدىكى «ئۇيغۇرلار» ئۇيۇشۇش كۈچىنى «ئېچىغان سۈت» كە ئايلاندۇرۇپ قويدى. نەتىجىدە «ئىسمىمىز ئۇيغۇر، ئىشىمىز ئۇرغۇي» بولۇپ چىقتى.
    گەرچە تارىخىمىزنىڭ ئىپتىخارلىق سەھىپىلىرى بىر- بىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلەنسىمۇ، ئەمما بىر قەدەر كۈچلۈك ئۇيۇشقاقلىق ئۇلىدا جىلۋىلەنگەنىدى. ئۇيغۇرلار دىغار، ھون، تېلى قەبىلىلىرى بىلەن توققۇز ئوغۇزلارنى بىرلەشتۈرۈپ جۇجان ۋە كۆكتۈرك خانلىقىنى غۇلىتىپ، تاڭ سۇلالىسى سەلتەنىتىنى ئۆڭلۈك- سۈيگۈن قوشۇنلىرى بىلەن تۈبۈتلەرنىڭ تالاڭ قىلغۇچ مۇھاسىرىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، يىپەك يولىنى نەچچە قېتىم ئۈزۈپ قويغان كۈچلەرنى تازىلاپ، سامانىيلارنى مۇنقەرز قىلىپ، ئۆز تەسىرىنى ئەرەب خەلىپىلىكىگىچە كېڭەيتىپ، ئۆز تىلىنى ئىمپىرىيە تىلى ئەرەب تىلى بىلەن «بەيگىدىكى ئاتتەك» مەرتىۋىگە كۆتۈرۈپ، ئىچكى ئۇيۇشۇش ۋە سىرتقا قارىتا بىرلىك- ھەمدەملىكنىڭ شاراپىتىنى نامايىش قىلغانىدى. ۋاھالەنكى، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننى چېكىندۈرگەن، چىڭگىزخان سەلتەنىتىگە مەنىۋىي ئوزۇق بېغىشلىغان بۇ خەلق كېيىنچە، ئەھمەتشاھ قاراقاشى غەزىلىدىكى «ئات» ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى!
    ئەمدىلىكتە، بۇ نۇسرەت سۇمۇرۇغى، بۇ ئىقتىدار بۈركۈتى، بۇ سائادەت ئەنقاسى قېنى؟

    بىلىشىمىز كېرەككى، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا بىزگە ئەقىل- ئىدراكىمىزدىن باشقا ھېچقانداق خىزىر رەھنەما ئەمەس!


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.