ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-21

    ئۇيغۇردا ئەبگالىق - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39671240.html

    ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانى

    ئاپتور ھەققىدە

     ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانى 1950 ـ يىلى 11ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى كاشغەر شەھىرىنىڭ يۇمۇلاقشە كۆلبېشى مەھەللىسىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1966 ـ يىلى كاشغەر ئۇيغۇر تولۈق ئوتتۈرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1972 ـ يىلى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1975 ـ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇتقۈچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. ئۇ 1978 ـ يىلدىن 1982 ـ يىلغىچە بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەرەب تىلى ئۆگەنگەن. 1986 ـ يىلدىن 1988 ـ يىلغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پارس تىلى ئۆگەنگەن. ئۇ ھازىر بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر شۈناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ مۈئاۋىن باشلىقى، پروفېسسور. ئابدۇرەئۇپ ئەپەندى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى نەشرىياتلاردا، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىن ئىلمىي ماقالىلەر»، «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى»، «ئەلىشىر ناۋائى ــ ئىككى تىل توغرۇلۇق مۇھاكىمە» قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى، «كور خېرىدار»، «تەكلىماكاندىن كەلگەن نىدا»، قاتارلىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسەرلىرى، شۇنداقلا «بەيتۈللاھنىڭ تارىخى»، «ئەنگۈشتەر»، «مەخدۈم قۈلى شېئرلىرى توپلىمى»، «ئەممە پارە تەپسىرى»، «ياشلار يېتەكچىسى»، «مزۋە رىسالىسى»، «يىگىرمە ئۈچىنچى سۆز»ُ قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت پارچە كىتاب نەشىر قىلدۇرغان بىر بىلىم ئادىمىدۇر، ۋەسسالام. 1 ـ ئەقىدىسىزلىك ھەركىم بىلىدۇكى، ئىنسان - تەن (بەدەن) بىلەن روھ (جان) دىن تۈزۈلگەن مەخلۇق. روھ بولمىغان بەدەن بەجايىكى بىر قۇرۇق جاھازدۇر. ئەمدى ئەقىدە بولسا، ئىنسان روھىيىتىنىڭ تۈۋرۈكى، ئىنسان ئېڭىنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەقىدىسىز روھ ئەمەلىيەتتە چاھارپاي روھىدۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، پەقەت ئەقىدىلىك ئىنسانلا، ئاندىن يۈكسەك ئاڭ پەزىلىتى ئارقىلىق مەخلۇقاتلار سېپىدىن ئايرىلىپ چىققان ھەقىقى ئىنسان سانىلىدۇ. ئەقىدە يەككىلىك دۇنياسىنىڭ ھاسىلى ئەمەس، بەلكى ئومۇملۇق ئالەمىنىڭ مۇبارەك مەھسۇلاتى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەقىدە ھېچقانداق بىر شەخسكە تەئەللۇق خۇسۇسىي مۈلۈك ئەمەس، بەلكى ئۇ ئومۇمغا، كوللىكتىپقا ئورتاق بولغان مەنىۋى قۇۋۋەت مەنبەسى. ئۇنى كۈندۈزدىكى پارلاق قۇياشقا، كېچىدىكى تولۇن ئايغا ئوخشاتسا بولىدۇكى، ئەقىدىلىك ئىنسانلارنىڭ قەلبى ئاشۇ قۇياش ۋە ئاشۇ ئاينىڭ سېخى نۇرى بىلەن ھەمىشە يورۇق تۇرىدۇ. ئەقىدەنى پەقەت كۆپۇل كۆزى بىلەنلا كۆرگىلى بولىدىغان خاسىيەتلىك رىشتە دېسە بولىدۇكى، ئەقىدىلىك مىللەتنىڭ قەلبى ئاشۇ خاسىيەتلىك رىشتە شاراپىتىدىن بىر ـ بىرىگە ھەر دايىم چىڭ باغلانغان بولىدۇ. ئەقىدە ― سەن، مەن، ئۇ، يەنى بىزنىڭ ئۆز ئارا بىر ـ بىرىمىزگە ئىشىنىشىمىزنى، بىر ـ بىرىمىزگە چىنپۈتۈشىمىزنى، بىر ـ بىرىمىزنى ئۆز ئارا قوللىشىمىزنى مىزان يادروسى قىلىدۇ. ئۇ ـ سەن، مەن، ئۇ، يەنى بىزنىڭ ئوتتۇراق ئىستەك، ئوتتۇراق غايىمىزنى كۈرەش نىشانىسى ۋە مەقسەت مەنزىلى قىلىدۇ. ئەگەر سەن ماڭا ئىشەنمىسەڭ، مەن قوپۇپ سەندىنمۇ، ئۇنىڭدىنمۇ گۈمانلانسام، بىز ئۇچىمىزنىڭ جانىجان مەنپەئىتىمىزگە تەئەللۇق ئىشتا، ئۇچىمىز ئىشنى ئۇچ تەرەپكە تارتساق، تەبىئىيكى مەسىلە ھەل بولمايدۇ. ئەجەللىك يېرى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، سەن بىزگە تەئەللۇق مەنپەئەت باشقىلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىدۇ، سەن بىز بولساق، ھەقلىق نېسىۋىمىزدىن ئايرىلىپ، ئاشۇ روۋۇك پېتى قېلىۋېرىمىز. ئەڭ مۇھىمى، ئەقىدە ئىنسانىيەت مۇئەييەن توپىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ. ئىسلام دىنى ئۇنىڭ ئەھلى ئۈچۈن بىر خىل يۈكسەك ئەقىدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز زامانىسىدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى ئەرەب مىللىتىنىڭ جىددى ئېھتىياجى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ماركسىزم بولسا، پرولىتارلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى ئۇل قىلىپ بەرپا قىلىنغان. دەرۋەقە كېيىنچە، مىللەت ئايرىمىسى خىلمۇ خىل بولغان قەۋملەر ئۆز ۋاقتىدا ئەرەبلەرنىڭ توغرا يولغا يۈزلىنىشى ۋە ئىسلاھاتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئىسلام ئەقىدىلىرىنى بەزىلىرى قىلىچتىن قورقۇپ، بەزىلىرى ئاڭلىق ھالدا قوبۇل قىلىپ، ئەرەبلەرگە ئەقىدىداش مۇسۇلمان (ئىسلامغا ئەقىدە قىلغۇچى) لاردىن بولغان. ئۇيغۇرلارمۇ شۇلار جۈملىسىگە كىرىدۇ. بىراق ئەبگالىق ئىللىتى ۋۇجۇدىنى چىرماپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردا ئەقىدە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ «ئەلھەمدۇ لىللاھ مەن مۇسۇلمان» دېگەنلىرى يالغان. بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ «ناماز ئوقۇش كونىلىق بولىدۇ» دېگەن زامانلاردا، مەھەللىسىدىكى مەسجىدلەرنى تاقاپ، ئۇنى ئەسكى ـ تۈسكىلەرنى قويىدىغان ئامبار قىلغانلىقى پاكىت. ئۇلارنىڭ «مەن ماركسىزمچى، كوممۇنىستمەن» دېگەنلىرىمۇ كاززاپلىق. بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ياش ۋاقتىدا كادىر بولۇپ، ناماز ئوقۇغان ئۇيغۇرنىڭ ساقىلىنى يۇلۇپ، نامازغا ئەزان ئېيتقان مۇسۇلماننىڭ قۇلىقىغا مۇشتلاپ، ھاياتىي كۈچى بار ئۆمرىنى ئاۋام خەلقنى قاقتى ـ سوقتى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇرۇقلۇق، ئەمدىلىكتە بىر يۇمۇلىنىپلا تەقۋادار مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، مەسجىد جامائېتىنىڭ قاتارىغا قوشۇلىۋالغانلىقى، ساقاللىرىنى ئۇزۇن قويىۋېتىپ، قوللىرىدىن تەسۋىنى چۈشۈرمەي «سۇبھانەللاھ» دېيىشىپ يۈرگىنى، شۇنداقلا ئۆز زامانىسىدا ئاۋامنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچىپ يۈرۈپ توپلىغان پۇل بىلەن مەككە ـ مەدىنەنى تاۋاپ قىلىپ «ھاجى ھەرەم» بولىۋاتقانلىقى شاھىت. ئۇلارنىڭ «مەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كادىرمەن» دېگىنى ئالدامچىلىق. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى ئۆز خەلقى ئۈچۈن يورۇيدىغان ئەقىدە چىرىغىدىن مەھرۇم. ئۇيغۇرلار قەلبى ئەقىدە چىرىغىدىن مەھرۇم ئادەمنى «كۆڭلى قارا ئادەم» دەيدۇكى، قارا كۆپۇل ئادەملەرنىڭ دىلىدا زۇلمەتكە غەرق بولغان يېگانە «مەن» دىن ئۆزگە ھېچكىم بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كۈنى ئەمەتنى قانداق يىقىتىش، سەمەتنى قانداق يوقىتىشنىڭ كويىدا، يەنى قانداق قىلىپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا ـــ ئۇيغۇرغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ كويىدىلا ئۆتىدۇ. مانا بۇ ــ 21 ـ ئەسىرگە كىرىش ئىشىكىدە تۇرغان بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بولىۋاتقان ئەھۋال! دەرىخا! پاكىتلىق ساۋاق شۇكى، ئەقىدىسىز ئەلدە شەخسىيەتچىلىك يامراپ كېتىدۇ. ئەقىدىسىز ئەلدە، گۇمانخورلۇق، ساتقىنلىق قايناپ كېتىدۇ. ئەقىدىسىز ئەلنىڭ شانلىق تارىخىمۇ، پارلاق ئىستىقبالىمۇ بولمايدۇ. كېلەچەكشۇناس ئالىملارنىڭ گويا بىردەك قارىشى شۇكى، 21 ـ ئەسىر پەن ـ تېخنىكا يۈكسەك تەرەققى قىلغان، مەدەنىيەت يۈكسەك تەرەققى قىلغان، دېموكراتىيە يۈكسەك تەرەققى قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، پەن ـ مەدەنىيەت جەھەتتىكى رىقابەتمۇڭ ئەڭ ۋايىغا يەتكەن ئەسىر بولىدۇ. 21 ـ ئەسىردە كىمنىڭ پەن ـ تېخنىكىسى ئۇستۈن، كىمنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى يۇقىرى بولسا، شۇ كۈچلۈك بولىدۇ. كىم ئۆز مىللىتىنىڭ، ئۆز خەلقىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ئىلغار ئەقىدىگە ئىگە بولسا، شۇ مۆھتەرەم، شۇ ئېتىبارلىق بولىدۇ. سەنمۇ ئادەم ئاتامنىڭ ئەۋلادى، سەنمۇ ھاۋا ئانامنىڭ يۈرەك باغرى، ھالبۇكى سەنمۇ ئۆزەڭنى قەدىرلە، ئۆزەڭنى سۆي، ئۆزەڭگە ئىشەنچ قىل. بىلگىنكى، ھەرقانداق مەۋجۇدات مۇئەييەن قىممەت بىلەن قەدىرلىك. ئىنسانمۇ شۇنىڭغا تەئەللۇق. سېنىڭ قىممىتىڭ بولسا قەدىرلىك يارسەن، ئەگەر قىممىتىڭ بولمىسا، قەدىرسىز خارسەن. قەدىرسىزلىك، خارلىق ساڭا ۋە ماڭا ھەرگىز خاس ئەمەس! شۇنداق ئىكەن، قەددىڭنى كۆتۈر، ئەتراپىڭغا قاراپ باق، قەلبىڭگە ئەقىدە چىرىغىنى ياق! مانا بۇ ـــ نۈسرەت قەدىمىنىڭ ئىپتىداسى، غالىپ ۋە مەنىلىك ھاياتنىڭ بىسمىللاسى. دوپپاڭنى ئالدىڭغا ئەپقويۇپ تۇرۇپ، ئوبدان ئويلان، ئەبگا!


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.