ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-21

    ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىقنىڭ داۋامى....... - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39670899.html

    بۇ يېڭى ئۇلانمىلار كۈچىيىپ ماڭىدۇ. يېڭى بىر ئەھۋالنى باشتىن كەچۈرسەك، بۇ ئۇلانمىلار ئۆزگىرىدۇ. يەنى مېڭىدىكى نەۋرونلارنىڭ ئۇلانمىسى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
    ئادەمنىڭ كۆڭلى (ياكى ئەس- ھوشى) بىلەن بەدىنى ئۆز- ئارا تۇتاشقان بولىدۇ. يېقىنقى 10 يىلنىڭ مابەينىدە بايقىلىشىچە، 50-60 دانە خىمىيىلىك ماددىلار ئادەم مېڭىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئادەم بەدىنىگە توشۇيدۇ. ئىنگلىزچە «endorphins» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ماددىلار ئادەم مېڭىسىدىكى بىر خىيال، خۇشھاللىق، ھېسسىيات، ئوي-پىكىر قاتارلىق ھەممە ئۇچۇرنى ئادەم بەدىنىدىكى ھەر بىر ھۈجەيرىگە توشۇيدۇ. ئەگەر سىز بىر سايدا مېڭىپ كېتىۋېتىپ، ئېلانغا ئوخشاش بىر نەرسىنى كۆرۈپ، كۆڭلىڭىزدە «بۇ بىر ئېلانكەن » دەپ ئويلىسىڭىز، سىز قورققان بۇ ئۇچۇر دەرھال مېڭىڭىزنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىدۇ. ئاندىن ئۇ ئۇچۇر سىزنىڭ ئومۇرتقا يوللىرىڭىز ئارقىلىق بەدىنىڭىزنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىدۇ. بىر ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەدىنىڭىز بۇ خەتەردىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزىنى بۇ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلايدۇ. يۈرىكىڭىزنىڭ سوقۇشى تېزلىشىدۇ. قان بېسىمىڭىز كۆتۈرۈلىدۇ. نەپىسىڭىز تېزلىشىدۇ. مېڭىڭىزدىكى قانلار مۇسكۇللىرىڭىزغا، قولىڭىزغا ۋە پۇتىڭىزغا تارقىلىدۇ. نەتىجىدە سىز ياكى بۇ ئېلان بىلەن ئېلىشىشىسىز ياكى بىر ياققا بارلىق كۈچىڭىز بىلەن قاچىسىز. «ئېلان » دېگەن بىر خىيال مانا مۇشۇنداق بىر قاتار ئىنكاسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    خۇددى يۇقىرىقىغا ئوخشاش، ھەر بىر ئوي-پىكىرنىڭ بىردىن بىئولوگىيىلىك ئاساسى بار. بەدىنىڭىز سىز كۆڭلىڭىزدە نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرىدۇ. ھەمدە شۇ ئاساستا ئىش تۇتىدۇ. يەنى، بىر كۆز- قاراش پەقەت بىر ئىدىيەلا ئەمەس. ئۇ سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە ۋە كۆڭلىڭىزدە تەڭلا مەۋجۇت بولىدۇ. سىز ناھايىتى خۇشھال ياكى ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان ئىشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشقا ئىشەنچىڭىز بار بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل ئوي- پىكىر سىزنىڭ پۈتۈن بەدىنىڭىزگە يەتكۈزۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدىنىڭىز تېخىمۇ كۈچلىنىپ، ھېرىشى پەسىيىدۇ. ئەگەر سىز خۇشھال ئەمەس ياكى ھەسرەتلىك بولسىڭىز، سىزنىڭ بەدىنىڭىزنىڭ ھەرىكىتى ئاستىلىشىدۇ، قاشاڭلىشىدۇ ھەمدە ئاسان ھېرىپ قالىدۇ.
    قىسقىسى، سىزنىڭ مېڭىڭىز سىزنىڭ ئويىڭىز بىلەن كۆز- قارىشىڭىزنى پۈتۈن بەدىنىڭىزگە تارقىتىدۇ. ئەگەر سىز «مەن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن» دەپ ئويلىسىڭىز، مېڭىڭىز بەدىنىڭىزنى شۇ بويىچە تەييارلىق قىلىشقا ۋە مۇۋەپپەقىيەتنى كۈتۈۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئەگەر سىز «مەن چوقۇم مەغلۇپ بولىمەن» دەپ ئويلىسىڭىز، مېڭىڭىز بەدىنىڭىزگە «بۇ ئىشنى سىنايمەن دەپمۇ ئاۋارە بولما، بۇ ئىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىن ھېچ قانداق ئۈمىد يوق» دەيدۇ. شۇڭلاشقا سىز ھەر دائىم ئۆز- ئۆزىڭىزگە «مەن ئەقىللىق، مەن چوقۇم قىلىۋاتقان ياكى كۆزلىگەن ئىشىمدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىمەن» دەپ تۇرۇشنى ئۇنتۇلۇپ قالماڭ.
    يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، سىز كەچتە ئىشتىن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئىشىك ئاچقاندا، ھەرگىز «ئۇھ! بۈگۈن ھەجەپمۇ ھېرىپ كەتتىم»، دەپ ئويلىماڭ. ئۇنداق ئويلىسىڭىز، ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن سىزگە ھېچ قانداق ئىش خۇش ياقمايدۇ. سافادا توغرىسىغا يېتىپ تېلېۋىزور كۆرۈشتىن باشقا ئىشنى قىلىشنى خالىماس بولۇپ قالىسىز. ئۇنىڭ ئورنىغا: «مەن بۈگۈنكى ئىشىمنى تۈگەتتىم. ئەمدى ئۆيدە ئۆزۈم خالىغان ئىشنى قىلىمەن» دەپ ئويلاڭ. شۇنداق ئويلىسىڭىز، ئۆيىڭىزدە يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز. كىشىلەر سىزدىن «قانداق ئەھۋالىڭ؟» دەپ سورىسا، ھەرگىز «بۈگۈن دېگەندەك مىجەزىم يوق بەك ھېرىپ كېتىۋاتىمەن ئىشىم دېگەندەك ئوبدان ماڭمايۋاتىدۇ ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىمەن.» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن جاۋاب بەرمەڭ. بۇنىڭ سەۋەبى، كۆپىنچە ئەھۋالدا، سىزدىن ئاشۇنداق ھال سورىغان كىشىلەرنىڭ 95 پىرسەنتى سىزنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىڭىزنىڭ قانداقلىقىغا ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ. قالغان 5 پىرسەنت ئەتراپىدىكى كىشىلەر بولسا سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنىڭ ناچار بولۇشىنى ئارزۇلايدۇ. شۇڭلاشقا سىز ئۆزىڭىزدىن ھېلىقىدەك ھال سورىغانلارغا: «ئەھۋالىم كارامەت ياخشى ئەھۋالىم ئىنتايىن ياخشى ئەھۋالىم ھازىرقىدەك ياخشى بولۇپ باققان ئەمەس» دېگەندەك جاۋابنى بېرىڭ. مېڭىڭىز مۇشۇ ئۇچۇرلارنى ئالغاندىن كېيىن، بەدىنىڭىزنى ئاشۇ بويىچە پروگراممىلايدىغان بولغاچقا، بۇ ئىككى خىل جاۋابنىڭ سىزنىڭ روھىي ھالىتىڭىز ۋە بەدىنىڭىزنىڭ ھالىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.

    4.    
    ئاخىرقى سۆز
    مەن ئۆزۈمنىڭ يېقىنقى يازمىلىرىدا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش، مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش ۋە مىللىي روھنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم.
    مەن 2008- يىلى 10- ئاينىڭ بېشىدا ئايالىم ئامانگۈل بىلەن تۈركىيەگە ساياھەتكە باردىم. ھەمدە قەيسەرى، ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەرنى ساياھەت قىلدىم. مۇشۇ جەرياندا مېنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرگىنىم تۈركىيە بايرىقى بولدى. ھۆكۈمەت بىناسى، خاتىرە سارىيى، شەھەر كوچىسى، دۇكان-ماگىزىنلار، شەخسلەرنىڭ ئۆيلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئادەمنىڭ كۆزىگە ھەممىدىن كۆپ كۆرۈنىدىغىنى ئاشۇ ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئىكەن. ئىستانبۇلدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىنقى تېمىغا ئېسىلغان تۈركىيە بايرىقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 4 قەۋەتنى قاپلايدىكەن. قەيسەرىگە يېقىن جايدىكى ئىنگلىزچە «Cappadocia» دەپ ئاتىلىدىغان، 13- ئەسىردە بەرپا قىلىنغان ئۆڭكۈر- ئۆي شەھىرىنىڭ خېلى كۆپ ئۆڭكۈر- ئۆي دەرىزىلىرىدە ۋە تاغ چوققىلىرىدىمۇ ئاشۇ تۈركىيە بايرىقىنى كۆردۈم. «تۈرك» ۋە «ئاتاتۈرك» دېگەن خەتلەرنىمۇ بىز بارغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ناھايىتى كۆپ ئۇچراتتۇق. «ئاتاتۈرك» دەپ ئىسىم بېرىلگەن يول، كۆۋرۈك، بىنا قاتارلىقلارمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. ئادەم تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە «تۈرك» دېگەن سۆزنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ تۇرىدىكەن. مەن يۇقىرىقىلارنى كۆرۈپ، «مىللىي روھقا باي مىللەت، دېگەن مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ. بەش ئەسىرنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇنداق بولغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلىدىم.
    ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان يەنە بىر ئىش تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھۆرمىتى بولدى. ئامانگۈل، مەن ۋە باشقا 3 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئەنقەرەدىكى «كوجاتەپە» مەسچىتىگە كىرىپ چىقىپ، پاراڭلاشقاچ مېڭىپ كېتىۋاتساق، يېشى 55 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر تۈرك ئەپەندى بىزدىن نېمە تىلدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىمىزنى سورىدى. بىز «ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەرسەك، ئۇ كىشى ئىنتايىن خۇشھال بولۇپ، بىز بىلەن قولىمىزنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ كۆرۈشۈپ، ئاندىن كۆتۈرۈۋالغان سومكىسىدىن ئىككى دانە ئىنگلىزچە كىتابنى چىقىرىپ، «ماۋۇ مېنىڭ سىزلەرگە قىلغان سوۋغىتىم. قوبۇل قىلغايسىزلەر» دېدى. مەن ئۇ كىتابلارنى ئېلىپ، ئامېرىكىغا ئەكەلدىم (ئۇ كىتابنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى «ئېتىقاد ۋە ئىسلام»، يەنە بىرىنىڭ بولسا «ئۇلار نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان بولدى؟» ئىكەن). بىز ئاپتوبۇستا ماڭغاندا، بازار ئايلانغاندا، مەسچىتلەرگە كىرگەندە، ئىشقىلىپ نەگىلا بارساق، بىزگە يول باشلاپ بېرىۋاتقان دوستىمىز بىر تۈرككە «بىز ئۇيغۇر بولىمىز» دېسىلا، ئۇ تۈركنىڭ چىرايىدا دەرھال تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ، بىزگە «تۈركىيەگە خۇش كەلدىڭىز» دەپلا، ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەپ كەتتى. مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، 13- ئەسىرلەردە، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت ۋە باشقا نۇرغۇن جەھەتلەردە ناھايىتى كۈچلۈك ۋاقتىدا، تۈركلەر بىر مەزگىل «تۈرك مەدەنىيىتى» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «تۈرك ئۇيغۇرى» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن ئىكەن. يەنى، ئۇلار «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنى «مەدەنىيەت» دېگەن مەنادا ئىشلەتكەن ئىكەن. قىسقىسى، تۈركلەر ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىكەن. ئىنتايىن قەدىرلەيدىكەن.
    ئەمدىكى گەپ، بىز ئۆز- ئۆزىمىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟ ئەگەر بىز ئۆز- ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۆز- ئۆزىمىزنى قەدىرلەشنىڭ ئورنىغا ئۆز- ئۆزىمىزنى كەمسىتىدىغان بىر ئورۇنغا چۈشۈپ قالساق، ئۇ بىز ئۈچۈن بىر ناھايىتى چوڭ نومۇس. توغرا، «كېسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارا ». ئۆزىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى كۆرەلمىگەن مىللەت مەڭگۈ راۋاج تاپالمايدۇ. لېكىن، بۇ ئىشتا ئۇسۇلغا، پەيتىگە ۋە سورۇنغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر بىزنى باشقىلارمۇ ئەيىبلىسە، ئۆزىمىزمۇ ئەيىبلىسەك، ئۆزىمىزدە بار يوشۇرۇن كۈچكە، ئارتۇقچىلىققا ۋە ئۈستۈنلىككە توغرا باھا بېرەلمىسەك، ئۇ ھالدا كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز. ئۇلاردا «قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە قانچىلىك ماڭساقمۇ، ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە نۇر يوقكەن» دېگەن ئىدىيەنى سىڭدۈرۈپ قويىمىز. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى پايدىسىز يۆنىلىشتە پروگراممىلاپ قويىمىز. ئەجدادلىرىمىز بىزگە نېمىلەرنى قالدۇردى؟ بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى يېڭى ئەۋلادلىرىمىزغا نېمىلەرنى قالدۇرىمىز؟ بىز بۇ سوئاللار ئۈستىدە داۋاملىق ئويلىشىشىمىز كېرەك. بىز كېيىنكى ئەۋلادلارغا شۇنى چوقۇم بىلدۈرۈشىمىز كېرەككى، گەرچە سىز ھازىر نۇرغۇن پايدىسىز ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىڭىزمۇ، سىز يەنىلا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز؛ سىز چىقالايدىغان پەللىنىڭ ئېگىزلىكىنى پەقەتلا سىز، كۆزلەشكە پېتىنالايدىغان غايىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى بىلەن سىزنىڭ ئاشۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تۆلىيەلەيدىغان بەدىلىڭىزلا بەلگىلەيدۇ. ئەگەر سىز قاتتىق تىرىشسىڭىز، ئۆز بۇرچىڭىزغا ئۆزىڭىزنى تولۇق ئادا قىلسىڭىز، پەرزەنتلىرىڭىزگە ھەقىقىي تۈردە كۆيۈنسىڭىز، توختىماي ئىلگىرىلەشكە بەل باغلىسىڭىز، بۇ دۇنيادىكى ھەر قانداق قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتەلەيسىز.
    ئىقتىساد ئىلمىدە «ئېھتىياج ۋە بۇزغۇنچىلىق» دېگەن بىر ئۇقۇم بار بولۇپ، ئۇ «ئېھتىياج تەلتۆكۈس بۇزغۇنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. مەن بۇنىڭغا بىر مىسال كۆرسىتەي. ئالتە ئايدەك ۋاقىتنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىدىكى ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىدىغان بېنزىننىڭ باھاسى ناھايىتى ئۆرلەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشى ئۆزلىرىنىڭ ماينى ناھايىتى جىق مىقداردا تەلەپ قىلىدىغان ماشىنىلىرىنى يوقاتتى. ئۇنداق ماشىنىسى يوقلار بولسا ئۇنداق ماشىنىلارنى ئېلىشنى ئاساسەن توختاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدىكى سپورت ماشىنىلىرىنىڭ بازىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇن ياشلار قانچە ياخشى ئوقۇسىمۇ، قانچە تىرىشسىمۇ، ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىدار ۋە تالانتىنى نامايان قىلسىمۇ، ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت يوق، ئۇلار ئۈچۈن بىر جان بېقىش يولى يوق بولۇشتەك بىر ناچار تەقدىرىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ياشلارنىڭ بەزىلىرى بۇنداق تەقدىرنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىدىن كۆرۈۋاتىدۇ. مەن ھەر قېتىم مۇشۇ ئىشلارنى ئويلىغاندا، كاللامغا ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ھايۋانلار كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن ئۇ ھايۋانلارنى ناھايىتى ئاچ قويۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا ئازراق- ئازراقتىن يېمەك بېرىپ، ئۇ ھايۋانلارنى ئۆزىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ھايۋانلارنى ئويۇن كۆرسەتكۈزگەندىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئادەملەرگىمۇ ئىشلىشى مۇمكىن. مەن بەزى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ئېھتىياج ۋە بۇزغۇنچىلىق» يۈز بېرىپ قالماسلىقىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن. ھەر بىر ياشنىڭ بۇ ئۇقۇمنى ئېسىدە مەھكەم ساقلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    مەن يېقىنقى بىر قانچە يىلنىڭ مابەينىدە، «باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ» دېگەن ئىدىيەنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەيلى جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، بىز بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بىز بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان قىيىن تېررىتورىيىلەرگە بوسۇپ كىرىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئەقىل- پاراسىتىنى ۋە ھەقىقىي يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا مىسال بولالايدىغان بىر قىسىم ئادەم ۋە ئىشلارنى مەن يۇقىرىدا تەسۋىرلەپ ئۆتتۈم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەن بۇ يەردە دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەن. ئۇ توغرىلىق Biliwal.com تور بېتى مۇنداق خەۋەر بەردى.
    نەقىل:
    «
    شۆھرەت مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ھۈجەيرىنى يادرو كۆچۈرۈش يېڭى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مايمۇننىڭ تۆرەلمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كلونلاپ چىققان، شۇنداقلا كلونلانغان 20 تۆرەلمىدىن ئىككى تۈركۈم غول ھۈجەيرىنى يېتىشتۈرگەن. بۇ ئىنسانلارنىڭ مايمۇن تۈرىدىكىلەرنىڭ تۆرەلمىسىنى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك كلونلاپ چىقىشى بولۇپ، ئىنسانلار تۆرەلمىسىنى كلونلاشقا قاراپ بېسىلغان يەنە بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى 2007- يىل 11- ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى «تەبىئەت» (ناتۇرە) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغاندا تېزلىكتە خەلقئارادا دىققەت قوزغىغان. بۇ زور نەتىجە ئامېرىكىنىڭ «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 2007- يىلىدىكى 10 چوڭ ئىلمىي بايقاشنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تىزىلغان؛ ھەمدە «تەبىئەت» ژۇرنىلى، جۇڭگونىڭ «پەن - تېخنىكا گېزىتى» تەشكىللىگەن باھالاشتا 2007- يىلىدىكى خەلقئارا 10 چوڭ پەن-تېخنىكا خەۋىرىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان
    دېمەك، ئۇيغۇرلار باشقىلار قىلالىغان ئىشلارنى چوقۇم قىلالايدۇ. باشقىلار قىلىپ باقمىغان ئىشلارنىمۇ چوقۇم قىلالايدۇ. مەن ھازىردىن باشلاپ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياش- ئۆسمۈرلىرىنىڭ، «ئۇيغۇرلار ھەر قانداق ئىشنى قىلالايدۇ» دېگەن سۆزنى كۆڭلىگە مەھكەم پۈكۈپ ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.