-
2009-05-21
يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنى داۋامى............. - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39670595.html
يورۇتقۇچىلارنىڭ كەچىلىك كۆرۇنۇشى ھەققىدە"، "ئاسمان سىفىراسى ۋە ئادەملەرنىڭ ئوي - ماكانلىرى"، "شەمس ۋە قەمەرى يىل پەسىللىرىنىڭ ھەمدە كېچە ۋە كۈندۈز زامانلىرىىڭ قانۇنىيىتى"، "يۇلتۇزلار ھۆكۈمىنىڭ رەددىيىسى"، "جۇرجان شەھىرى ئۇزۇنلۇقىنى تۇزىتىش ھەققىدىكى رىسالە" قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، مېخانىكا، مۇزىكا مەسىلىلىرى توغرىسىدا كەڭ توختالغان.
ئەبۇل ۋاپائىل بۇزجانى (940 - 998) خۇراساندا تۇغۇلۇپ، ياغداتتا كاتتا ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم بولۇپ تونۇلدى. ئۇ "ئارىفىمىتەكىغا مۇقەددىمە"، "ئارىفىمىتەكا ھەققىدە رىسالە"، "ئاسترونومىيىگە مۇقەددىمە كىتاب"، "ئاسمان سىفىراسىنىڭ چوڭ ئايلىنىشىنى ئەنىقلاش ھەققىدە كىتاب"، "ئەل مەجەستى"، "دىئوفانت ئەسىرىدىكى جۇملىلەرنى ئىسپاتلاش ھەققىدە كىتاب" قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئىبن سىنا ۋە بەرۇنىنىڭ بۇ زاماندىشى بىرونى بىلەن كېلىشىپ باغدات ۋە خارېزەمدە ھىجىرىىيىنىڭ 387 - مىلادىيە 997 - يىلىدىكى ئاي تۇتۇلۇشنى بىللە كۆزەتكەن.
خارازەملىك ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد ئىبن ئەھمەد ئىبن يۈسۈپ كاتىپ خارازمى مىلادىيە 990 - يىلى يازغان "مەفاتىھۇل ئولۇم" ("ئىلىم ئاچقۇچى") ناملىق ئەسىرىدە ماتىماتىكا ۋە ئاسترونومىيە ھەققىدە توختالغان.
خوجەندلىك ئەبۇمۇھەممەد ھەمىد ئىبن قىدىر ئەل خۇجەندى ئەسىرنىڭ ئۇلۇغ ئاسترونومى ۋە ماتېماتىكا بولغان. ئۇ رەي شەھىرىدە فەھرۇد دەۋلە (977 - 996) سارىيىدا ئىلمىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ "ئەۋكەلىدنىڭ ئېغىشى ھەققىدە"، "ئۇستۇرلاپنىڭ ياسىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى ھەققىدە"، "ئاسترونومىيە قانۇنى"، "فەھرى سەكىستانتى" ( فەھرۇد دەۋلەگە ئاتالغان ئاسترونومىيىلىك ئەسۋاب) قاتارلىق ئەسەرلىرى بولغان. ياي شەكىللىك سەكىستانت نۇسخىسى ئۇلۇغبەك رەسەتخانىسىدىمۇ ساقلانغان.
خارەزملىك ئەبۇرەيھان بەرۇنى (973 - 1048) ئەينى زاماندا خارازەمدىن چىقىپ كەتكەن كىشىلەرنى ئاتايدىغان ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە "بەرۇنى " ( سىرتتىن كەلگەن ) نامىدا ئاتىلىپ شۆھرەت قازانغان. ئەبۇرەيھان مۇھەممەد ئىبن بەرۇنى "گېودىزىيە"، "فارماكوگىنوزىيە"، "ھىندىستان"، "مەنرالوگىيە"، "يۇلتۇزلار ھەققىدىكى بىلىمگە مۇقەددىمە"، بولۇپمۇ "قانۇن مەسۇدىي" ناملىق قامۇس كەبى ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ پەلسەپە جەھەتتە ئارىستوتېل ۋە فارابىغا ئەگەشكەن. ئەشەرىنىڭ دېموكراتنىڭ ئاتوم تەلىماتىنى روھانىيلەشتۇرۇشىگە قارشى تۇرۇپ، ئاتومنىڭ ماددىي جىسىملىقىنى مۇەييەنلەشتۇرگەن. ھەقىقەتنىڭ ئولچىمى نوپۇز دېگەن قاراشنى رەت قىلغان ۋە نوپۇز - ئىلىمنىڭ نوپۇزى، دەپ قاراشنى پەندە تەجرىبە ۋە مۇھاكىمىنى بىللە ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيىگە قوشقان توھپىلىرى يەر مەركەز قاراشلىرىنىڭ ئۇلىنى تەۋرەتكەن.
ئۆمەر ھەييام (1040 - 1123) نىشاپۇردا تۇغۇلۇپ، خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھردە پائالىيەت ئەلىپ بارغان مۇتەپەككۈر، شائىر ۋە ئاسترونوم ئىدى. ئۇ سالجۇ تۇرك شاھلىرىدىن مەلىك شاھ ھوزۇرىدا، ۋازىر نىزامۇل مۇلىك ھامىيلىقىدا "مەلىك شاھ ئاسترونومىيە جەدۋىلى" نى ئىشلەپ، سالجۇقىيلار كالىندارىنى تۇزگەن ئۇ "ئالگېبىرا ۋە ۋەلمۇقەبەلە ۋەزىپىلىرىنى ئىسپاتلاش ھەققىدە رىسالە"، "ئەۋكەلىدنىڭ مۇقەددىمىلىك كىتابىدىكى قىيىنچىلىقلارغا شەرھى"، "ئارىفىمىتىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەر" قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئومەر ھەييام ئوز رۇبائىيلىرى ئارقىلىق كوسمۇلوگىيىلىك چۈشەنچىلىرىنى ئىنسان تۇرمۇشى قاراشلىرى بىلەن قايتا يۇغۇرۇپ، زامانىسىنىڭ ئىنسانپەرۋەر ئىدىيىلىرىنى جۇلالاندۇرغان.
چىڭگىزخاننىڭ ئىستىلاچىلىق يۈرۈشلىرى تىنجىغاندىن كېيىن خانبالىقتا ( بېيجىڭدا ) جامالىدىن ناملىق ئۇيغۇر مۇنەججىمنىڭ شۆھرىتى شەرق ئاسمىنىنى قاپلىغانىدى.
ھىلاكۇخان دەۋرىدە ياشىغان خۇراسانلىق ئالىم ئابدۇجاپپار مۇھەممەد ئىبن ئەلھەسەن نەسىرىددىن تۇسى (1201 - 1274) ئوتتۇرا ئەسىيا مۇتەپەككۈرلىرى قەسىرىدە ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا ۋە پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ "ئەۋكەلىدنىڭ مۇقەددىمىسىگە شەرھى"، "پەتولمىنىڭ ئەلمەجەستىگە شەرھى كىتاب" قاتارلىق ماتەماتىكىغا دائىر 12 كىتاب يازدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە "ئاسترونومىيىلىك داستان" ناملىق شېىىرىي ئەسىرىمۇ بار. نەسىرىددىن تۇسى "ئىلىخانىيە ئاسترونومىيە جەدۋىلى" نى ئىشلەپ چىققان ۋە مارغى رەسەتگاھىغا يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇنىڭ ئەسلىددىن، پەخىرىددىن ۋە سەدرىددىن قاتارلىق ئۇچ ئوغلىمۇ مەشھۇر ئاسترونوملاردىن بولغان.
تومۇرىيلەردىن مۇھەممەد تاراغاي ئۇلۇغبەك (1394 - 1449) يىپەك يولى ئاسترونوم - ماتىماتىكا ئىلمىدە ئەڭ ئاخىرقى ئۇلۇغ تەبىئەتشۇناس سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ ئاسترونومىيە تەتقىقات گۇرۇپپىسى - ئەلى قۇشچى، كېيىنكى زامان ئالىملىرىدىن جەمشىد قۇشچى، ئالالىددىن قۇشچى ئۇشبۇ ئىلىمنى ئۇلۇغبەك يەتكۇزگەن ماقامغا يەتكۈزۈلمىدى.
ئاسترونوم ئۇلۇغبەك ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي مەكتىپى "توت ئۇلۇس تارىخى"، "ئارىفىمىتەكا رىسالىسى"، "ئاسترونومىيىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا تەپسىلات"، "ئاساسىي فىگورىلار ھەققىدە تەپسىلات"، "سىنۇس ھەققىدە رىسالە" بولۇپمۇ توت قىسىملىق "يېڭى گورگان ئاسترونومىيە جەدۋىلى" ( 1437 يىلى تاماملانغان ) ناملىق ئەسەرلىرىنى يازدى. ئۇنىڭدا 1022 يۇلتۇز خاتىرىلەنگەن ۋە بىر يىل 365 كۈن 6 سائەت 9 مىنۇت 10 سېكۈنت بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئۇلۇغبەكنىڭ پاجىئەلىك ئولتۇرۇلۇشى يىپەك يولىنىڭ گۈللەنگەن پەسلىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭدىن گەرچە ئەلىشىر ناۋاى، زاھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر، بايا رەھىم مەشرەپ، مۇھەممەد سىدىق زەلىلى، مۇھەممەد بىننى ئەبدۇللا ھاراباتى ۋە ئابدۇرېھىم نىزارىدەك ئۇلۇغ ئىنسانپەرۋەر مۇتەپەككۈر شائىرلار مەيدانغا كەلگەن، ئاماننىساخان، قېدىرخان ۋە دەرۋىش ئەلىدەك مۇزىكاشۇناسلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان، خاندەمر، مىرزا ھەيدەر، موللا موسا سايرامىدەك تارىخشۇناسلار قەلەم تەۋرەتكەن بولسىمۇ، بۇيۇك تەبىئەت ئىلمى بويىچە، خۇسەسەن ئالەمشۇمۇل دەستۇر ياراتقۇچى ئۇلۇغ تالانت ئىگىلىرى مەيدانغا كەلمىدى. ھۇماقۇشى بۇنداق تالانت ئىگىلىرىنىڭ تۇخۇمىنى يىپەك يولىغا ئەمەس، بەلكى غەربىي ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكىغا كۆمگەنىدى.
ئەلەمەنتار ئارىفىمىتېكىغا ئاساس سېلىش؛ نۆل لاتىنچە، "يوق" ئۇقۇمىنى سان - سىفىرگە ئېلىپ كىرىش؛ ئالگېبىرا تەڭلىمىلىرىنى مەيدانغا ئېتىش؛ گىئومېترىيە بولۇپمۇ تېرىگىنومېترىيىنى ئورە تۇرغۇزۇش؛ سان چۇشەنچىلىرىنى ئېنىقلاش؛ سىنۇس ۋە كوسىنوس، ئەنتەگرال ۋە دىففىرەنسىاللىق كاتېگورىيىلەرنى تۇرغۇزۇش؛ ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى ۋە ماتېماتىكا لوگىكىسىغا ئاساس سېلىش؛ ئاسترونومىيىلىك ئەينەك ۋە ئەسۋەبلار ئىشلەش؛ يۇلتۇزلار 1022 يۇلتۇزلۇق گۇمبەز جەدۋىلى ئىشلەش؛ كالېندار تۇزۇش؛ ئىكۋاتورنىڭ قىيپاشلىقىنى ئۆلچەش، يۇقىرىدىن تاشلانغان نەرسىنىڭ شەرققە يۆتكىلىپ چۈشىشىدىن يەرنىڭ غەربتىن شەرققە ئايلىنىشىنى گەپوتەزا قىلىش؛ ئاينىڭ تۇتۇلۇشى، تولۇشى ۋە دېڭىز دولقۇنىنى ئېنىقلاش؛ زېمىننى ئىقلىم ( بەلباغ ۋە زۇننا ) لارغا بولۇش؛ ئالخىمىيە ۋە ساختا ئاسترونومىيىلىك قاراشلارنى تەنقىد قىلىش؛ گرېك ماتېماتىكلىرى ۋە مۇنەججىملىرىنىڭ تار دائىرىلىك قاراشلىرىنى قايتا كۆزىتىپ باھالاش... مانا بۇلار مۇھەممەد مۇسا ئەل ھارەزمىدىن ئۇلۇغبەككىچە بولغان ئالتە ئەسىر ئىچىدە ئىلىم دۇنياسىغا كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئالتە ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئوتتى. ئەمما، بۇ موجىزىدار زېمىندا بۆلۈنمە ھاكىمىيەتچىلىك ئۇرۇشلىرى، ئىشانچىلىق ئەسەبىيلىكلىرى، كىتاب كۆيدۈرۈش، ئىنساپەرۋەر مۇتەپەككۈرلارنى دارغا ئېسىش، نەچچە ئونلاپ كاللا مۇنارى ياساش، ئابدۇقادىر داموللامغا قەست قىلىش، مەمتىلى ئەپەندىنى كۆيدۈرۈش، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا قازا چىللاش ۋە زىيالىيلار ھۇسەمەتھورلۇقىدىن باشقا تەبىئەت ئىلمىدە قايسىبىر نادىر چېچەك ئېچىلدى؟!
يوقلۇق بارلىقنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق باھالىغۇچىسى. ئېيتىۋاتقانلىرىمىز سالنامە - تارىخلاردا سۆزلەنمىگەن تارىخ پەلسەپىسى ھەقىقەتلىرى.
يىپەك يولى قايتا ئېچىلدى! ئۇ ئۆزىگەخاس تىلسىم ئامەت ۋە موجىزىدار بەرىكەتلىرى بىلەن خەلقىمىزگە شاراپەت ئېلىپ كەلگۈسى. ئىشىنىمىزكى، ئەگرى - توقايلىقلاردىن ئۆتۈپ، يوقاتقان ئۇلۇغ ھېكمەت - تەبىئەت ئىلمى جاۋاھىراتلىرىنى خەلقىمىز يەنە ماھىر قوللىرىغا ئالىدۇ!
ئەگەر ئۆز تەشۋىشلىرىڭدىن خالاس بولساڭ، پەلەك تەشۋىشلىرىنىمۇ جابەجا قىلالايسەن.
- ئىبن سىنا
يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنىڭ تۆتىنچىسى تىبابەت ھېكمىتىدىن ئىبارەت
ئىنساننىڭ تاشقى ئالەم موجىزىلىرىگە قىزىقىشىدىن ئۆز روھىيىتى ئىچىگە يوشۇرۇنغان غايىۋى ھەم تەنقىدىي ئىككى قۇتۇپلۇق مەنىۋى دۇنياغا قەدەم قويۇشىدىكى دەسلەپكى ئۆتكەل ئاسترو - ماتېماتىكىلىق ئىزدىنىشلەردىن تىبابەتچىلىك پائالىيىتىگە يۈزلىنىش بولدى. ئەمما، تاكى گۇمانىستىك پىكىر ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگىچە ئىنسان ئۆز جىسمىنى تەبىىي ياكى غەيرىي تەبىىي - ئىلاھىي ئوبيېكت سۈپىتىدە كۈزىتىشتى.
دەسلەپكى تىبابەتچىلىك ئىپتىداىي ئىنساننىڭ ئۆزىنى ھىمايە قىلىشى، بەدەنلىرىگە پۇراقلىق گىياھلار سۈركىشى، ھەرخىل ھاشارات ۋە چاققۇچى ھايۋانلارغا قارشى لاي - بۇتقىلار بىلەن بەدەنگە قاتلام ياكى نەقىشلەر چېكىشى، كېيىنچە پىرىخونلۇق - ئوقۇش، داغلاش ۋاسىتىلىرى بىلەن داۋام قىلدى. ئېھتىمال، بۇ خىل ساددا تىببىي پائالىيەت يىپەكيولىدىن ئىلگىرىكى مەركىزىي ئاسىيلىقلارنىڭ دائىمىي ھەمراھى بولسا كېرەك.
ئاتلىقلار مەدەنىيىتى كۆچمەن ھايات ۋە پائالىيەتچان تۇرمۇش رېتىمىنى پەيدا قىلدى. جاراھەت ۋە سۇنۇق، تۇغۇت ۋە ئىچ ئۆتكۈ ئۇ چاغدا ئىپتىداىي تىبابەتچىلىكنىڭ دائىمىي، ئەمما جىددىي تېمىسى ئىدى. سىكتاي مېتال ئىدىشى سىرتىغا سىزىلغان "سۇنۇق تېڭىش" رەسىمى بىزگە ئارىيلار زامانىدا ئاتلىق مەركىزىي ئاسىيا ئاھالىلىرى ئۆز زامانىسىنىڭ ماھىر ھەرۇرگلىرى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خەنزۇلارنىڭ "سېرىق پادىشاھ ناملىق يېزىلغان ئىچكى كېسەللىكلەر دەستۇرى" ناملىق كىتابىدا، مەركىزىي ئاسىيالىقلارنىڭ بۇنىڭدىن ئۇچ مىڭ يىللار ئىلگىرىلا زەھەرلىك دورىلار بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى تىلغا ئېلىنغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرى يېزىلغان "ئەۋلىيا تەرىقچى نامىغا يېزىلغان شىپالىق گىياھلار" ناملىق كىتابتا مەركىزىي ئاسىيا دورىلىرى ھەققىدە توختالغان. سۇي - تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە "غەربىي يۇرت ھوكۇمەتلىرىنىڭ رېتسىپلىرى"، "غەربىي يۇرت مەشھۇر تىۋىپلىرىنىڭ توت جىلدىلىق مەخپىي رېستىپلىرى"، چىڭ چەن يازغان "خۇرلارنىڭ شىپالىق گىياھلىرى"، سۇڭ سىماۋ يازغان "بىباھا دورا نۇسخىلىرى" قاتارلىق ئەسەرلەردە مەركىزىي ئاسىيانىڭ توت زات ئاساسىدىكى تىبابەتچىلىك پەلسەپىسى ۋە شىپاگەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى تىلغا ئېلىنغان. ئېتىش كېرەككى، بۇنداق توت زات ئاساسىدىكى تىبابەتچىلىك ئەنئەنىسى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 8 – 6 - ئەسىرلەردە قارا دېڭىز ساھىلىدا ھەرىكەتلەنگەن مەركىزىي ئاسىيالىق سىكتايلار ئارقىلىق قەدىمكى گرېتسىيە تىبابەتچىلىكىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنىدى. ھەپوگراتنىڭ "توت فىزىس" قارىشى ئەنە شۇنداق شەكىللەنگەن.
يىپەك يولىدا ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى شەكىللىنشتىن ئىلگىرى مەركىزىي ئاسىيا تىبابەتچىلىكى جەسەت يېرىپ كۆرۈش؛ جەسەت مومىيالاش؛ تېڭىقچىلىق؛ سامساق - ھاراق - ئاچچىق تاش ئېلىش؛ كۆز ئوپېراتسىيىسى؛ ئىلغا؛ قان ئېلىش؛ ماسسازج قىلىش؛ تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش؛ ھەرخىل گىياھلىق گۇڭگۇرت كىسلاتاسى تىزابى ، بروم كىسلاتاسى، كۇمۇشلۇك بروم كىسلاتاسى چىقىرىش؛ چېچەك، كېزىك، كۆزگە پەردە چۈشۈش، ئاشقازان ياللۇغى، قان تولغاق، زۇكام، جاراھەتلىنىش، داغ چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا زور نەتىجە قازانغان. 633 - يىلى چىمەنقۇلى تاڭ گاۋزۇڭ ( لى شىمىن ) نى دەۋۋار كېسىلىدىن داۋالاپ ساقايتقان 1970 - يىلى شىئەننىڭ جەنۇبىدىكى تاڭفىن ۋاڭفۇدىن "قۇت" (吉 利历史上的今天:
ئوردىخان پادىشاھ ۋە ئوردا خېنىم رىۋايىتى 2009-05-21ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ 2009-05-21ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ 2009-05-21ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﻪﺑﻠﯩﺮﻯ 2009-05-21
收藏到:Del.icio.us