ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-21

    يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنى داۋامى............. - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39670561.html

     دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. يۇەن جىڭنىڭ "فاچۇي" ناملىق شېئىرىدا:
    بولدى ئۇيغۇرچە ياسانما قىز - ئاياللار مەشغۇلى،
    زور ماھارەت بولدى چالماق سازنى ئۇيغۇرسىمان.
    ئاتقا ئۇيغۇرچە مىنىش، زىبۇزىننەت، تىل ئوگىنىش،
    بولدى بەس - بەسلىك ھەۋەس بۇ ئەللىك يىلدىن بۇيان.
    دەپ يازغىنى، خۇارۇي خانىمنىڭ "قەسىر نەزمىسى" دېگەن شېئىرىدا :
    مىنگىنى ئۇيغۇر ئېتى، ئۇيغۇر لىباسى كەيگىنى،
    جىلۋە قىلدى بۇ لىباستا تال چىۋىقتەك بەللىرى.
    دەپ يازغىنى ئەينى زامان رېئاللىقىنىڭ شېئىر - نەزمىلىرىدە ئەكس ئەتكەن قىسمەن ئۈچۈرى ئىدى.
    يىپەك يولىدىكى ئىككىنچى ھېكمەت - ھۈنەر - سەنئەت مەدەنىيىتى يالغۇز ھەرقايسى ئەللەر ئېتنولوگىيە مەزمۇنلىرىغا ھۆسن قوشۇپ قالماي، ھازىرقى ئۇيغۇر قاتارلىق يىپەك يولى ئوتتۇرا ئۆتكىلىدىكى خەلقارا تۇرمۇشىدىمۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە مەپتۇنكار ئىستېتىك سېھرىنى نامايان قىلىپ كەلدى. يېڭى يىپەك يولى پۈتۈن دۇنيا بىر - بىرىگە يانداشقان ۋە ئومۇميۇزلۇك ئېچىۋېتىلگەن كۆپ قاناللىق خەلقارا ئىقتىساد ۋە بازارغا قاراپ يۈزلەنمەكتە. ئىشەنچ بىلەن ئېيتىش مۇمكىنكى، ھۈنەر - سەنئەت مەدەنىيىتى ئۆزىنىڭ يېڭى مۇمكىنلىكلىرىنى ئىشقا سالغۇسى ۋە ھۈنەر - سەنئەتنىڭ يېڭى، ئاۋات مەنزىرىسى بىلەن ئۆز ئەنئەنىلىرىنىڭ يېڭى زامان فورماتسىيىسىنى تۈزگۈسى. ئىنسانىيەت ئۆز بەخت - ساادىتىنىڭ نۇرلۇق يۇلتۇزلىرىنى تېپىش يولىدا ئاسمان جىسىملىرى بىلەن تونۇشتى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئاسمان يورۇتقۇچىلىرىنى بىلىش ھالىتى ئۆزىنىڭ بەخت - سائادەتكە قانچىلىك ئېرىشكەنلىك بىلەن توغرا تاناسىپ بولۇپ قالدى.
    -
    خىيال دەپتىرىمدىن
    يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنىڭ ئۈچىنچىسى تەبىئەتنىڭ بىلىش ھېكمىتىدىن ئىبارەت
    قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيالىقلارنىڭ ئاسترونومىيە، ھاۋارايى، جۇغراپىيە ۋە ھېسابلاش قاراشلىرى ئەڭ قەدىمكى ئالەم يارىلىش ئەپسانىلىرى بىلەن بىللە يىراق ئۆتمۈشتە مەيدانغا كېلىشكە باشلىغانىدى. قەدىمكى قاراخان تەڭرىم، مەرگەن تەڭرى، قۇياش ئىلاھى مېتىرا توغرىسىدىكى قاراشلار ئۆزىنىڭ ئەپسانىۋى خاراكتېر ئالغانلىقى بىلەن يەنە ئىپتىداىي ئالەم قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ بېرەتتى. ئىپتىداىي ئالەم قاراشلىرى ئىپتىداىي كوسمولوگىيىلىك - ئاسترونومىيىلىك قاراشلارنىڭ بىخى ھەم ئۇرۇقى بولدى. چەكسىز ئالەم بوشلۇقىنىڭ كۆز بىلەن كۆرۈنىدىغان قىسمى ھەر دەرىجىلىك ئىلاھىيەت قاراشلىرىغا ئاساس سالغاندەك، يەنە ئاسترونومىيىلىك ساددا قاراشلارغىمۇ ئاساس سالدى.
    چەكسىز زېمىندىكى سەپەر مۇساپىسىدە قۇياشقا قاراپ تەرەپلەرنى، يۇلتۇزغا قاراپ پەسىللەرنى پەرقلەندۈرۈش ئېھتىمال ئىپتىداىي ئاتلىقلار مەدەنىيىتىنىڭ ئاسترونومىيىلىك ساۋاتى بولسا كېرەك. ئۇلار 12 ئوكەك ( بۇرچ ) بويىچە دەسلەپكى ئاي ۋە يىلنى بەلگىلىگەن. غارلارغا ئاتنىڭ رەسىمىنى سىزىپ، ئۇنىڭ بېشىغا تەكرار سىزىق ياكى چېكىتلەرنى تامغا قىلىش، ھەتتا ئاي، كۈن شەكلىنى چېكىش ئارقىلىق ھەربىر يىلدا بىر قېتىم ئات قۇربانلىق قىلىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالغانلىقىنى خاتىرىلەپ دەسلەپكى سالنامە بېكىتكەن. كېيىنچە، 12 يىلنى بىر مۆچەل بىلىدىغان، ھەربىر يىلنىڭ مەلۇم ھايۋان نامىدا ئاتايدىغان ئادەت پەيدا بولدى. بۇنداق مۆچەلدىكى 12 يىلنى 12 ھايۋان نامىدا ئاتاش ئارى - سومەر، سىكتاي - ساك ياكى تۈركىي خەلقلەر زامانىدا مەيدانغا كەلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس.
    شامان باقشىلىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مۇنەججىملىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە ھەربىي يۈرۈشلەردە خان مەسلىھەتچىسى بولغان. يۇلتۇز كۆرۈش، چۇش ئورۇش، يادا تاش ئارقىلىق يامغۇر ياغدۇرۇش شىمالىي دىغارلار زامانىدىن ياكى يېقىنقى قۇمۇل ۋاڭلىرى دەۋرىگىچە ساقلانغان. "شەرھى ئاسامۇل مۇسلىمىن" دېگەن كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، "تۇرك پەيغەمبەرلىرى" دەگەن تەرەپتە "ئامان"، "ئەمىق"، "ئۇمىد"، "پۇراھ"، "تاھىن"، "تابۇي"، "كوسان"، "ئەركىل"، "ساۋان"، "سوغۇن"، "دىۋىل"، "سالاق"، "تاپقىر"، "ئانۇق"، "قىتىن"، "نارۇن"، "ھامۇن"، "چىجىل"، "پاسان"، "ياۋۇق"، "ياھۇر" قاتارلىق كىشى ناملىرى تىلغا ئېلىنغان. بۇ بەلكى قەدىمكى شامان مۇنەججىملەرنىڭ ناملىرى بولسا كېرەك. گابائىن خانىم قاتارلىقلار ئېلان قىلغان "تۇرپان تېكىستلىرى" ئارىسىدا ئاسترونومىيە، ھاۋارايى ۋە ياداگەرلىك، پالنامىلارغا ئائىت سەھىپىلەرنىڭ ساقلانغانلىقى قەدىمكى ئۇيغۇر مۇنەججىمچىلىكىنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسىدىن دالالەت بېرىدۇ.
    يىپەك يولىنىڭ مەركىزىي بەلبەغىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەر توپلىغان ئاسترونوم - ماتىماتىكىلىق بىلىملەر شەرق بىلەن غەربنىڭ ئۆلچەم - ھېسابلاش بىلىملىرى بىلەن قوشۇلۇپ، يېڭى سىنكرتىك قاتلام ھاسىل قىلدى. ئەل ھارەزمى، فەرغانى، فارابى، ئىبىن سىنا، بىرۇنى، ئۆمەر ھەييام، نەسرىدىن تۇسى، ئۇلۇغبەك قاتارلىق ئۇلۇغۋار ئىلىم ئەللامىلىرى ئۆز پائالىيىتى ۋە ئەسەرلىرى ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئاسترونوم - ماتىماتىكىسىنىڭ ئىلمىي ئۇلىنى قۇردى. بۇ، يىپەك يولىنىڭ مەركىزىي ئۆچىغىدا روياپقا چىققان غايەت كاتتا ئىلمىي ھېكمەت دۇردانىسىدۇر.
    ئۇلۇغ تەبىئەت ئالىمى، ئاسترو - ماتىماتىكا ئىلمىنىڭ يىپەك يولىدىكى بۈيۈك ئاساسچىسى مۇھەممەد مۇسا ئەل ھارەزمى ( 783- 850) ئۆزىنىڭ "ئاسترونومىيىلىك جەدۋەل"، "ھىندى رەقەملىرى توغرىسىدا رىسالە"، "مۇزىكا توغرىسىدا رىسالە"، بولۇپمۇ ئالگىبراغا ئاساس سالغان "ئەلجەبىر ۋەل مۇقابەلە" ناملىق ئەسەرلىرى شۇنداقلا خەلىپە مەمۇن دەۋرىدىكى "بەيتۇلھېكمەت" دەپ ئاتالغان پادىشاھلىق كۇتۇپھانىسىدىكى ئىلمىي خىزمەتلىرى بىلەن مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ جاھان مەدەنىيەت غەزىنىسىگە قوشقان ئەڭ نازۇك ئىلمىي توھپىسىنىڭ ئۇلۇغ نامايەندىسى بولدى.
    ئەھمەد ئىبىن مۇھەممەد ئەل فەرغانى (؟ - 861) قەشقەرگە يېقىن فەرغانىدە تۇغۇلۇپ، خەلىپە مەمۇن ئاكادېمىيىسىدە (ئىشخانىسىدا)، كېيىنچە مەسىردا ئاسترو - ماتىماتىكا ۋە ئولچەم ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ "كىتابەتى ئۇسۇل ئىلمۇل نۇجۇم"، "ئالماگىستاغا بەغىشلايدىغان پەلەكىيات رىسالىسى"، "پەكە چەمبەرلىرى سەۋەبىياتى"، "ئەلمەجەستى ھەققىدە"، "ئىلمۇل ھەيە ( پەلەك ئىلمى )"، "ئەل فەرغانىنىڭ جەۋەللىرى"، "ئاي يەرنىڭ ئۇستىدە ۋە ئاستىدا بولغاندا ۋاقت ئېنىقلاش رىسالىسى"، "ئۇستۇرلاپ بىلەن ئەمەل قىلىش كىتابى"، "يەتتە ئىقلىم ھەسابى"، "ئۇستۇرلاپ ياساش ھەققىدىكى كىتابى" قاتارلىق ئەسەرلىرى ئامېرىكا، رۇسىيە، مىسىر، ھىندىستان، ماراكەش، گېرمانىيە، فرانسىيىلەردە ساقلانغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى 1145 -، 1175- ، 1193 -، 1533 -، 1537 -، 1590، 1910 - يىلىرى ئىونناسىۋىل، فىرارد كرەمون، گوۋل، رەگومونتان، شيونىر، ھرستىمان، كامپاني، روزەنفلىد، دوربروۋىسكىي، سەرگىيۋە، ۋىدېمان قاتارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.
    ئەبۇنەسىر فارابى (870 - 950) " پەنلەرنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى"، "شەرھى ئەل مەجەستى"، "كىتابۇل لەۋھىق"، "ئەۋكلىدنىڭ 1 - ۋە 5 - كىتابلىرىدىكى قىيىن مەسىلىلەرگە شەرھى"، "گىئومېتىرىك نازۇك شەكىللەر توغرىسىدىكى كىتاب"، "يۇلتۇز ھەققىدكى سوھبەتتە توغرا ۋە ناتوغرىلىق ھەققىدە رىسالە"، "ئارىفمىتىكا مۇقەددىمىسى"، "تەسەۋۋۇرلۇق گىئومېتىرىيىگە مۇقەددىمە"، "بوشلۇق ۋە مىقدارى"، "خىمىيە ئىلمىنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا رەددىيە" قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ ئارىستوتېلدىن كېيىنكى ئەڭ كاتتا تەبىەتشۇناس پەيلاسوپلىقىنى ئىسپاتلىدى.
    ئەبۇەلى ئىبن سىنا (980 - 1037) فارابى ناتورال پانتئىزملىق پەلسەپە سېستىمىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋارىسى، بۈيۈك "شەيھۇل رەئىس"، تىبابەتشۇناس بولۇش بىلەن بىللە، ئۇ ئەللۇددەۋلەنىڭ تاپشۇرۇشى بىلەن بىر مەزگىل ئاسترونومىيىلىك كۇزىتىش بىلەن شۇغۇللانغان.
    ئىبن سىنا ئۆزىنىڭ "كىتابۇششىغا"، "دانىشنامە". "كۆزىتىش ئەسۋابى ياساشتا ئەۋزەل ئۇسۇل كىتابى"، "يەرنىڭ ئالەم مەركىزىدىكى ھالىتى"، "ئاسمان جىسىملىرىنىڭ كۆرۈنمە مۇساپىلىرى"،

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.