ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-21

    يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39667193.html

    ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن
    سۇمۇرۇغ مېنى جاۋاھىرلار غارىغا ئېلىپ كىردى. قولۇمغا "جاھاننامە" ئەينىكىنى ئالدىم. كۆزۈمگە قىزىل يۇلغۇنلۇق يولدا مەرۋايىتتەك تىزىلىپ كېتىۋاتقان تۆگە كارۋىنى كۆرۈلدى...
    "
    جاھاننامە" دىن
    1980 -
    يىللارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كېچىسى سەمەرقەندتىكى "ئۇلۇغبەك رەسەتخانىسى" تەسۋىرلەنگەن ئالبۇمىنى قولۇمدا تۇتۇپ، چوڭقۇر خىيالغا چۆكتۈم. تەسەۋۋۇرۇم بوشلۇقىدا ئالتۇن قاناتلىرىنى دالا گۈلخانلىرىنىڭ يالقۇنلۇق ئۆركەشلىرىگە ئۇرۇپ قايتا تۇغۇلغان سۇمۇرغىنىڭ جەسۇر ئوبرازى چاقناپ، ئۇنىڭ خۇش بىشارەتلىك كۈلكە ئاۋازى ياڭرىغاندەك بولدى. بەئەينى جالالىدىن رۇمى ئېيتقاندەك: ئەقىل مەنتىقە بىلەن يەكۈنلىيەلمەيدىغان بىر ھەقىقەتنى قەلبىم مۇھەببەت بىلەن ئالدىن ھىس قىلغۇدەك، بىر ئۈمىدۋار، ئىللىق روھىيەت ۋۇجۇدۇمنى شېرىن لەرزىگە سالدى. كۆز ئالدىمدا بىرەر يېڭى بايقالغان يۇلتۇز ئەمەس، بەلكى يېڭى ئىقبال - ئانا يۇرتۇمنىڭ ئىزگۈ گەۋدىسى ئۇستىگە چۈشكەن ئەنقا قۇشىنىڭ شولىسى جىلۋىلەندى، بىردىنلا ئەقلىمگە كەلدىم: "كەلگۈسى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ!"
    مەن شۇ ماۋزۇدىكى ماقالەمنى يېزىپ ئىككى يىل ئۆتكەندە "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" جۇرنىلىنىڭ 1992 - يىل 2 - سانىدا ئېلان قىلىشقا مۇيەسسەر بولالىدىم. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى "كاساندىرانىڭ جۆيلىشى ( كاساندىرا - رىم ئەپسانىلىرىدىكى ئالدىن بىلگۈچى) " ھېسابلانغان بۇ ھوكۇم، مانا 1992 - يىلى سېنتەبىردە ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان خەلقارا يەرمەنكە يىغىنى ئارقىلىق رېئال تارىخنىڭ تۇنجى سەھىپىسى بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى.
    ھە، شۇنداق ! بىر نەچچە ئەسىر "ئەسابۇلكەھف" دەك ئۇخلىغان "يىپەك يولى" روھى ئويغاندى. مىلادىدىن ئىلگىرى ياۋروپا - ئاسىيا بوشلۇقىدا جەۋلان قىلغان "يىپەك يولى" سۇمۇرۇغى قايتا قانات قاقتى. تارىخ ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى ئىراسىغا قەدەم قويدى.
    جۇڭگونىڭ ئىشىكنى سىرتقا چوڭ ئېچىۋېتىش، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئالاقىنى تەخىرسىز يولغا قويۇش سىياسىتىگە ئۇل سالغان ھازىرقى زامان ئېڭى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى شەرق - غەرب ئالاقىلىرىنىڭ يىپەك يولى ئوتتۇرا ئۆتكىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇز قاتلىمىنى ئېرىتىۋەتتى. زامانىۋى تاشيول، ياۋروپا - ئاسىيا ئىككىنچى تۆمۈريولىنىڭ پائالىيەتكە كىرىشى، ھاۋا قاتنىشى كېلىشىملىرى بىلەن تېلېگراف - تېلىكس ئالاقىلىرىنىڭ قايتا جانلىنىشى قۇم بارخانلىرى ئىچىگە غەرق بولغان قەدىمكى يىپەك يولى خارابىلىرى ئۇستىدە يېڭى يىپەك يولىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى نامايان قىلدى! ئالەم زۆرۈرىيەتلىرى شۇنى تەقەززا قىلدىكى، بۇ ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس تارىخىي يۈزلىنىشنى توختىتىش مۇمكىن ئەمەس!
    قەدىمكى رىم ئالىمى لۇكروس ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىداىي تۇرمۇشىنى تۇنجى قېتىم "كونا تاشقورال دەۋرى" دەپ ئاتىدى . بۇ قاراش 19 - ئەسىردە قوبۇل قىلىن 1865 - يىلى جون. لوبىك "كونا تاشقورال ( پالەئولەتىك ) دەۋرى"، "يېڭى تاشقورال ( نەئولەتىك )دەۋرى" ۋە مىس ( برۇنزا ) ، تومۇر قوراللىرى دەۋرى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى 1877 - يىلى ئامېرىكىلىق قەدىمكى دەۋر تارىخىي تەتقىقاتچىسى مورگان "قەدىمكى جەمىيەت" ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە ئىنسانىيەت تارىخىنى "ياۋايىلىق دەۋرى"، "ۋارۋار ( نادان ) لىق دەۋرى"، "سىۋىلىزاتسىيە ( مەدەنىيەت ) دەۋرى" دەپ ئۈچكە بۆلگەن، ئالدىنقى ئىككى دەۋرنى جون. لوبىكنىڭ "كونا تاشقورال دەۋرى" بىلەن "يېڭى تاشقورال دەۋرى" گە تەققاس قىلغان، تومۇر ۋە دۆلەت پەيدا بولغاندىن كېيىنكى دەۋرنى "سىۋىلىزاتسىيە دەۋرى" دەپ ئاتىغانىدى.
    مەن يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشىنى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت ئالاقىلىرى تارىخىنىڭ ئۈچىنچى ئىراسىنىڭ مۇقەددىمىسى دەپ قارايمەن. بۇ ئاساسسىز ئېيتىلغان ئەمەس، ئەلۋەتتە!
    مېنىڭچە، ياۋروپا - ئاسىيا - ئافرىقىدىن ئىبارەت "كونا قۇرۇقلۇق" تا مىلادىدىن بىر قانچە ئەسىر ئىلگىرى باشلانغان ۋە يېقىنقى زامان تەسۋىرىي ئىبارىسى بويىچە "ئۇلۇغ يىپەك يولى" دەپ ئاتالغان قەدىمكى كارۋان ئالاقىلىرىدىن بۇرۇن ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەرق - غەرب يۈرۈشىنى باشلىغان. ھازىرغىچە، قىسمەن ئەپسانە ئەدەبىياتىغا ئايلىنىپ كەتكەن، قىسمەن ئاسىيا، ياۋروپا، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىيا - غار سىزمىلىرى، ئىندىئان ئىمپىرىيىلىرىدىن قالغان پرامىدا ۋە قەسىر خارابىلىرى شەكلىدە ئىزاھسىز تىلسىم بولۇپ تۇرۇۋاتقان "غەيرىي رەسمىي تارىخ" ئەنە شۇ ئەڭ قەدىمكى شەرق - غەرب مەدەنىيەت قانىلىنىڭ تارىخىي شەھىرى ھېسابلىنىشى لازىم.
    قەدىمكى سىبىرىيە كىشىلەر نەزىرىدە ئاللىقانداقتۇ "بوش ماكان"، "ئورمان پادىشاھلىقى" بولۇپ تۇرماقتا. بىز ئەگەر بۇ ماكاننىڭ 10 مىڭ يىل، ھەتتا تېخىمۇ يىراق زامانلاردىكى "غەيرىي رەسمىي تارىخ" ئىغا نەزەر سالساق، ئۇنىڭدا ھەرىكەتچان ئىپتىداىي ئىنساننىڭ ئاللىقاچان شەرق - غەرب سەپىرىنى باشلىۋەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. ھازىرقى ئورال - ئالتاي تىللىرى تۈركۈمىدىكى خەلقلەرگە تونۇش ئادىتى، فولكلور - ئەپسانىلىرى، سەنئەت رېتىملىرى ئوخشاپ كېتىدىغان قەدىمكى سىبىرىيىلىكلەرنىڭ بىر قىسمى تەخمىنەن 20 مىڭ يىللار ئىلگىرى ئاسىيا بىلەن ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىككى تۇمشۇقى - "ئۈزۈلۈش" ۋە "ئۈزۈلدى" ئارىلىدىكى تۇتاش مۇزلۇق ئارقىلىق ئالياسكا ۋە شىمالىي ئامېرىكا، كېيىنچە جەنۇبىي ئامېرىكىغا ئۆتكەن. ئۇلار مايمۇنسىمان ئىنسان ئىزى تېپىلمىغان بۇ زېمىندا ئۇزاققا سوزۇلغان ئىپتىداىي تۇرمۇشنى باشتىن كەچۇرۇپ، ھىندىستانغا بارىمەن دەپ "ئوتلۇق يەر" بوغۇزىدا تۇتقۇن بولغان كولۇمبو تەرىپىدىن ناتوغرا ھالدا "ئىندىئان" لار دەپ ئاتالغان. ئۇلار غەربىي ياۋروپالىقلارنىڭ قىرغۇچى ۋە قۇللاشتۇرغۇچى ھەربىي يۈرۈشلىرىدە خانىۋەيران بولۇشتىن ئىلگىرى "ئولمىك مەدەنىيىتى"، "تىوتۋاكان مەدەنىيىتى" قاتارلىق ئاجايىپ مەدەنىيەت تىپلىرىنى ياراتقان. مىسىر پرامىدىلىرى سىياقى ئۇلۇغۋار ھەم سىرلىق "تەڭرى ماكان - تىوتۋاكان" پرامىدىسى بىلەن فرانسىيىدىكى مەشھۇر ئالتامىرا غار سىزمىلىرى، ئىسپانىيىدىكى راسكو غار سىزمىلىرى، يېقىندىلا فرانسىيىنىڭ مارسىل شەھىرى يەنىدىكى كىچىك دېڭىز قولۇقىدىن تېپىلغان سۇ ئاستىدىكى غارغا سىزىلغان رەسىملەر ئەنە شۇ ئەڭ قەدىمكى، ئەمما تېخى سىرى يېشىلمىگەن شەرق - غەرب مەدەنىيەت ئالاقىلىرىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قەدىمكى پائالىيەتچان مەدەنىيىتى، مېنىڭچە، مۇشۇ قانال ساھىلىغا كۆمۈلگەن. ئۇ مۆجىزە شەكلىدە ئېچىلغۇسى ۋە بىزنىڭ قاتمال تارىخىي قاراشلىرىمىزغا يېڭى مەنزىرە، يېڭى ئوزۇق بەغىشلىغۇسى.
    بۇ بىرىنچى مەدەنىيەت ئىراسىنىڭ كېيىنكى سەھىىسى سومەر - ئاندىرونوم - ئارى تۈركۈمىنىڭ سىكتاي - ساك قەبىلىلىرىنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000 - يىللىرىدىن تاكى 1000 - يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە - شەرقتە كۇڭفۇزى، غەربتە سوقرات ئالەمگە كەلگىچە بولغان دەۋرلەرگىچە داۋاملاشقان. ۋەھالەنكى، چىن - ھون ئىمپېرىيىلىرى، گرېتسىيە، ئاخمانىيلار ئىمپېراتورلىرى غەرب ۋە شەرققە يۈرۈش قىلىپ، "ئۇلۇغ يىپەك يولى" بەرپا بولغىچە ئۆتكەن بۇ بەھەيۋەت مەدەنىيەت باسقۇچىمۇ تېخى يورۇتۇلغىنى يوق!
    رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان، تەخمىنەن مىلادىدىن 5 - 6 ئەسىر ئىلگىرى تەدرىجىي شەكىللىنىپ، 15 -، 16 - ئەسىرگىچە ئىككى مىڭ يىلدەك داۋام قىلغان يىپەك يولى ئالاقىلىرىنى مەن شەرق - غەرب مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ ئىككىنچى تارىخىي ئىراسى دەپ قارايمەن.
    ئاتنى "جاھانكەزدى" ۋاسىتە قىلغان، ئەڭ قەدىمكى "ئاتلىقلار مەدەنىيىتى" نى ياراتقان خەلق ئەڭ دەسلەپكى شەرق - غەرب ئالاقىلار لىنىيىسىنى ئاچقاندىن كېيىن، تۆگىنى "جاھانكەزدى" ۋاسىتە قىلغان، قەدىمكى "يىپەك يلى مەدەنىيىتى" نى شەكىللەندۈرگەن يېڭى شەرق - غەرب ئالاقىلىرى باشلاندى. ئىككى مىڭ يىلغا يېقىن داۋام قىلغان بۇ قايناق ئالاقە يولى ياۋروپادا ئەدەبىيات - سەنەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى، دېڭىز - ئوكيان قاتنىشىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، يېڭى قۇرۇقلۇقلارنىڭ بايقىلىشى ۋە سانائەت ئىنقىلابىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن چۆلدەرەپ قالدى. نەتىجىدە، شەرقتىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئوچاقلىرى تەدرىجىي سوۋۇپ، ئۇنىڭ موجىزىدار يادىكارلىقلىرى خارابىغا ئايلاندى. ئەينى يىللاردىكى قايناق مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ مەركىزىدە پائالىيەت قىلىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىمۇ بارا - بارا تەبىىي يوسۇندا يىپەك يولىنىڭ سىمۋولى بولغان چۆل كېزەر توگىنىڭ خاراكتېرىگە ئەمەس، دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، بېشىنى قۇمغا تىقىۋېلىشنى ئامان - ئېسەنلىك دەپ بىلىدىغان تۆگىقۇشنىڭ خاراكتېرىگە ئوخشاپ قالدى.
    مانا ئەمدى "قاناتلىق تۆگە" ئوبرازىنى سىمۋول قىلغان شەرق - غەرب ئالاقىلىرىنىڭ ئۈچىنچى تارىخىي ئىراسى باشلاندى، ھەربىر ئالاقىدار ئىراسىنىڭ ئۆز ئەپسانىلىرى، رىۋايەت - لەگىندىلىرى، ھېكايە - داستانلىرى، ئەقىدە ھېكمەتلىرى بولغىنىدەك، ئۈچىنچى ئىرامۇ ئۆز سەھىپىلىرىنى ئۆز زامانىغا مۇناسىپ لەگىندا ۋە ھېكمەتلەر بىلەن بېزەندۇرگۇسى. "يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت" ئىككىنچى ئىرانىڭ - يىپەك يولى ئالاقىلىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادا بىنا قىلغان موجىزىدار خەزىنىسىدىكى خۇددى ئەنقا تۇخۇمىنىڭ توققۇز گۆھىرىدىن ئىبارەت.
    يولدا تەشەببۇسكار ئورۇننى ئىگىلىگەن مىللەت مەدەنىيەتتە ئىلگىرى كەتكەن مىللەتتۇر.
    -
    خىيال دەپتىرىمدىن
    يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنىڭ بىرىنچىسى يول ۋە سىرتقى تىجارەتتىن ئىبارەت

    يىپەك يولى - ئۆز زامانىسىدىكى سان - ساناقسىز تۇرمۇش رېتىملىرى، ھېسسىيات دولقۇنلىرى، تەپەككۈر ئېقىملىقى، تاغ - جىلغا، يايلاق - بوستان قاتناش ئىزلىرى بىلەن سەپەر مەنزىلگاھلىرى قوشۇلۇپ ھاسىل بولغان ئەڭ ئۇلۇغ قانات سۈپىتىدە مەيدانغا كەلدى.
    يىپەك يولى قەدىمكى ئاتلىقلار مەدەنىيىتى دەۋرىدىكى يايلاق - دالا يولىدىن پەرقلىق ھالدا قەدىمكى ئىمپېرىيىلەر، شەھەر - قەلئە مەملىكەتلىرى بويلاپ سوزۇلدى. چۆل - جەزىرە ۋە بوستانلىقلار ئۇنىڭ مىلودىيىسىنى تەشكىل قىلدى. بۇ خۇددى چالغۇ تارىلىرىغا ئوخشاش، ئىككى مىڭ يىللىق شەرق - غەرب مەدەنىيىتىنىڭ گارمونىك ئاھاڭىنى چېلىپ كەلگەن ئۇلۇغ قانات ئىدى.
    يىپەك يولىنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئاچقان. ئۇنىڭدا يۈرگەن كارۋانكەش سودىگەرلەرنىڭ تۆھپىسى لەشكەر تارتىپ، جەڭ سۇتۇقلىرىنى ياڭراتقان پادىشاھ - سەركەردىلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. ھەسەل ھەرىسى بىلەن رەڭدار كېپىنەكلەردەك گۈلدىن گۈلگە قونۇپ بەرگە جامىدا شەبنەم ئىچكەن كارۋان تارتقۇچى سودىگەرلەر شاراپىتىدىن يىپەك يولىدا ماددىي مەدەنىيەت ۋە ئۇنىڭغا مەدەنىيەت جاۋاھىراتلىرى ئالمىشىپ تۇردى. يىپەك يولىنىڭ ئاۋانگارت كارۋانلىرى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر ئەجدادلىرى بولمىش ۋە خەنزۇ مەنبەلىرىدە "خۇرجا" ( ) دەپ ئاتالغان بۇ سودىگەرلەردە ئىككى ئالاھىدىلىك بولغانىدى:
    ئۇلار ئۆز ماكانىدا يۆتكەلمەي دۇكان - ساراي ئاچىدىغان ھوپىگەر تىجارەتچىلەرنىڭ ئەكسىچە يۇرتمۇ - يۇرت، قەلئەمۇ قەلئە، تاغمۇ تاغلاردىن ئېشىپ خەلقارا ئالاقىنىڭ ئۇلۇغ توقۇلمىسىغا ئارقاق بىلەن ئورۇش تارتقۇچىلار ئىدى. ئۇلار يىراق ئەجدادلىرى - ئارىيان - سىكتاي - ساكلارنىڭ "جاھانكەزدى" ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شەرقنى غەربكە، غەربنى شەرققە "يۆتكەپ كېلىش" جەريانىغا ئولمەس تۆھپە قوشتى. ئۆز ماكانىدا رەستە قۇرۇپ، دۇكان - ساراي ئاچقان تىجارەتچىلەر بۇ توقۇلمىغا گۈل چەكتى.
    ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ ئىككىنچى ئالاھىدىلىكى، ئۇلار ئەينى زامان مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئورپ - ئادىتىگە تويۇنغان بولغاچقا، ئالدى بىلەن مەدەنىيەت تارقاتقۇچىلار بولدى. ئۇلار سودىگەر كەلگەندە "قىلنى قىرىق يارغان" بىلەن، دوستلۇق، مېھماندوستلۇق، ساخاۋەتكە كەلگەندە، "ئالتۇن چاچقۇ چاچىدىغان" مەردانىلاردىن ئىدى.
    يىپەك يولى تۈپەيلى، قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا ئاددىيغىنە يايلاق ياكى بوستان مەدەنىيىتى رايونى ياكى يېزا ئىگىلىكى رايونى بولماستىن، بەلكى خەلقارا سودا - تىجارەتنى تىركەك قىلغان يېزا ئىگىلىكى، ھۈنەر - سەنئەت مەدەنىيىتى ۋە چارۋا ئىگىلىكى دىيارى ئىدى. ئاددىي يىپەك - مەشۇتقا سىكتاي - ساك ئالتۇنپەزلىرى ئەنئەنىسى بىلەن ئىش قوشۇپ "زەرھەل"، "كىمخاپ" قىلىپ، يىراق رىم - مىسىر دىيارىدا يۇقىرى باھادا ساتقان "خورجا" كارۋانلىرى تۈپەيلى ئۇيغۇر خەلقى تارىختا ئۇچ ئامەتكە ئىگە بولغانىدى:
    ئۇنىڭ بىرى، تەكلىماكان ئەتراپىدا ھەشىمەتلىك ئوردا - شەھەرلەر، خەلقارا ئالاقە تۈگۈنلىرىنى مەيدانغا كەلدى. ئەينى زاماندارىم، باغدات، چاڭئەن، لوياڭ شەھەرلىرى ئۇلار بىلەن ھۆسنداش بولدى. ئۇ چاغلاردا ھەرقايسى ئوكيانلار ساھىلىدا "ئايغا تاقاشقان بىنالار" بىلەن بېزەلگەن ھازىرقى پورت - شەھەرلەر بولمىغان.
    ئۇنىڭ ئىككىنچىسى، ئۇيغۇر قاتارلىق غەربىي يۇرتلۇقلار ئۆز دەۋرىنىڭ ماددىي ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىدە ئالدىنقى قاتاردا نىسبىي مەندە پاراۋان ۋە مەئىشەتلىك تۇرمۇشتا ياشايتتى. بىز تاڭ سۇلالىسىنىڭ سەلتەنەتلىك پايتەختىدە ھەشىمەتلىك ئوردا بەگزادە، خانزادىلىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىيالىقلارنىڭ كىيىنىش - تارىنىش ( ھەتتا گۈللۈك بوك كىيىش )، زىبۇ - زىننەت، ئوي - روزىغار، تاماقلىنىش، ئات مىنىش، سەنئەت ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىغانلىقىنى ھېچقانداق غەربىي نورمال ھادىسە دەپ قارىمايمىز.
    ئۇنىڭ ئۈچىنچىسى، غەربىي يۇرتلۇقلار ئۆز دەۋرىدە نەمۇنىلىك مەدەنىيەت موجىزىسى ياراتتى. ئەگەر غەربىي يۇرت ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ھېسابلانغان "خۇرجا" سودىگەرلىرىنىڭ خەلقارالىق سودا كىرىمىگە يۆلەنمىگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ئەقلىمىزنى لال قىلىۋاتقان مۇنداق زور ھەجىمدىكى تاشكېمىر سەنىىتى قەسىرلىرى تىزمىسىنى يارىتىلمىغان بولاتتى. مەلۇمكى، شىمالىي ۋېي خانلىقى ئۆز دەۋرىدە پۈتۈن ۋېي خانلىقىنىڭ ئاساسلىق مالىيىسىنى سەرپ قىلىپ بىر قانچىلا تاش كېمىر سەنئەت سارىيىنى سالالىغانىدى. قاراخانىيلار، كېيىنچە تۆمۈرىلەر دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئاجايىپ بىناكارلىق مۆجىزىلىرىمۇ ( ئۇنىڭ مۇتلەق كۆپى ساقلانمىغان ) خەلقارا سودا ۋە ئىقتىسادىي جۇغلانمىدىن ئايرىلمىغان. بۇ غەربىي يۇرتنىڭ ئەينى زاماندا خەلقارا سودىنى باش بۇلاق كۆزى قىلغان ئىقتىسادىي قۇدرىتىنى كۆرسىتىدۇ.
    يىپەك يولى ۋە خەلقارا سودا - تىجارەت تۈپەيلى پوچتا، بېكەت، قانۇن ۋە پۇل مۇامىلىسى تارىخقا كىرىپ كەلدى. قاتناش لىنىيىلىرىنىڭ خەت - ئالاقە كارۋانچىلىقى - پوچتا، "خۇرجا قوناق" - بېكەت - مەنزىلگاھلىرى مەيدانغا چىقتى. يول بىخەتەرلىكى، سودا كارۋانلىرىنىڭ تۇركۇملىشىشى، قاراقچىسىزلاشتۇرۇش، قورۇل بېجى، قورۇلدىن ئوتۇش يول ئىگىدارچىلىق مەزمۇن قىلىنغان قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى راۋاجلاندى. يىپەك يولى ئىقتىسادىي ئالاقىلىرى پۇل مۇئامىلىسى، ئاقچا ۋە ئالتۇن - كۆمۈش تەركىبى مەسىلىسىنى مەركىزىي ئورۇنغا قويدى. يىپەك يولى بويىدىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مېتال پۇللىرىنىڭ يۈرتىمىزدىن كۆپلەپ تېپىلىشى، شىنجاڭدا ئەينى زاماندا قۇيۇلغان مېتال ئاقچىلارنىڭ ھەرقايسى ئەللەرنىڭ تارىخىي ئىزلىرىدىن تېپىلىشى بۇ نۇقتىنى چۇشەندۇرىدۇ.
    يىپەك يولىدىكى بىرىنچى ھېكمەت - يول ۋە ئۇنى چۆرىدىگەن سودىگەرلەر گۇرۇھى، بېكەت - رابات، شەھەر - قەلئە، شەھەر مەدەنىيىتى، قانۇن ۋە پۇل مۇئامىلىسى مەدەنىيىتى مەخسۇس تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان كاتتا تېما، شۇنىڭدەك ئۇ يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىدا ئەتىۋارلاشقا مۇناسىپ جىلۋىدار جاۋاھىرات.
    ئىنسان - سەنئەتنى ياراتقۇچى ۋە ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن سۈپەتتۇر. ھۈنەر - سەنئەت ئىنساننىڭ ئۆز نۇسخىسىنى تامغا قىلىپ تۇرمۇشنى خاتىرىلەش تارىخىدىن ئىبارەت.
    -
    خىيال دەپتىرىمدىن
    يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنىڭ ئىككىنچىسى ھۈنەر - سەنئەت مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت
    ئۇ ئىنساننىڭ ئۆز - ئۆزىگە تۇنجى سەنئەت ھوجەيرىسى شەكلىدە قىزىقىپ بېرىشىدىن تاكى ئۇنىڭ پۈتۈن ماددىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرىغا ھۈنەر - سەنئەت چېچەكلىرى نەقىش قىلىشىغىچە بولغان سىمۋوللۇق نەفاسەت قەسىرىنى ئۆز كۆكسىگە جۇلالاندۇرغانىدى.
    مەلۇمكى، ئىنسان كونا تاشقورال دەۋرىدىلا ھۈنەرۋەن سۈپىتىدە گەۋدە كېرىپ تاشقى ئالەم ئوبيېكىتلىرىغا نەزەر تاشلىغان. ئۇلار كېيىنچە ھەتتا يۇلتۇزلار تولغان ئاسمان سەتھىنىمۇ ھەرخىل گېومېترىك سىزىقلار ياكى شەكلەن ئوخشاتماسلىق بىلەن "چومۇچ"، "تاروزا"، "چوڭ ئېيىق"، "ئالتۇن قوزۇق"، "قوزا" قاتارلىق تەققاس ئىسىملار بىلەن ئاتاپ، ئۇلارغا ھۈنەر - سەنئەت سىمۋولىزم تۈسىنى بەرگەن. قەدىمكى غار سىزمىلىرى ئەنە شۇنداق مەيدانغا كەلگەن.
    يېڭى تاشقورال دەۋرى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ھۈنەر - سەنەت بىخ سۈرگەن ۋە باھار چېچەكلىرىنى ئېچىلدۇرغان دەۋر بولدى. بىز قىيا تاش سىزمىلىرىدىن، توتېم قالدۇقلىرىدىن، بولۇپمۇ كۆپلەپ تېپىلغان ئارخېولوگىيىلىك بۇيۇملاردىن يىپەك يولىدىن ئىلگىرى مەركىزىي ئاسىيا ئىنسان تۇركۇملىرى ماھىر ھۈنەرۋەنلەردىن بولغانلىقىنى بىلەلەيمىز. مەشھۇر ئاندورونوپلار مەدەنىيىتى، ئافىناشەفلار مەدەنيىتى، تاكار مەدەنىيىتى، قاراسۇغ مەدەنىيىتى، ئۈرۈمچى يېنىدىكى ئالغۇي قەدىمكى قەبرىگاھلىقى بىلەن ئالتاي بازىرىق، چەرچەن - لوپ زاغۇنلۇق تىپىدىكى قەدىمكى قەبرىگاھلىق قاتارلىق قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن تېپىلغان ئات - ئىگەر جابدۇقلىرى، تۇرمۇش ۋە زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى، ئالتۇن ۋە تۇچقا ئىشلەنگەن ئەۋرىشىم - قاتلىما ھايۋان تەسۋىرى چۈشۈرۈلگەن سەنئەت دۇردانىلىرى، بولۇپمۇ ئالمائاتا يېنىدىكى كونا قورغاندىن تېپىلغان مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5 -، 6 - ئەسىرگە تەئەللۇق سىكتاي قەھرىمانىنىڭ ئالتۇن قاسراق زەنجىردە ياسالغان نەقىشلىك جەڭ كىيىمى، دوبۇلغا ۋە خەنجىرى سىكتاي - ساك ھۈنەر - سەنىتىنىڭ نادىر ئۈلگىسىنى ياراتتى.
    مەركىزىي ئاسىيا ھۈنەر - سەنىتى توقۇش ساھەسىدە غايەت زور تارىخىي تۆھپە ياراتقان. بىز ئاددىي يۇڭ رەخت توقۇشتىن ( مەسىلەن، بازىرىق قەدىمكى قەبىرلىرىدىن تېپىلغان ئات - تۆگە كارۋانلىرى چۈشۈرۈلگەن گىلەم جىيەكلىرى بىلەن ئاتلىق يىگىت ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى نامرات كىشى كۆرۈنۈشى چۈشۈرۈلگەن رەڭدار گىلەملەر )، تاۋار - دۇردۇن، ئەتلەس توقۇش ۋە كالۋۇتۇندا گۈل چېكىشكىچە مەركىزىي ئاسىيا ھۈنەر - سەنئىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ماھارىتى ۋە ئالەمشۇمۇل داڭقىنى بىلىمىز.
    ئەتلەس، جۈملىدىن ھەرخىل گۈل - نەقىشلىك كىيىم نۇسخىلىرى مەركىزىي ئاسىيادىكى ئارخېولوگىيىلىك قېزىلمىلاردىن كۆپلەپ تېپىلغان. بىز سەمەرقەنت يېنىدىكى ئەپراسىياپ قەلئە خارابىسىدىن، پەنجىكەنت، باراھشاھ، جۇملىدىن دەندان ئويكۇك، قىزىل، قۇمتۇرا، شورچۇق، بېزەكلىك بۇددا تاشكېمىرلىرىغا سىزىلغان تام رەسىملىرىدىن ھەرخىل يىپەك ۋە زەرباپ كىيىم نۇسخىلىرىنى كۆرىمىز. بۇلار ئىچىدە ئەتلەس شۇنچە داڭ چىقارغانكى، كەييۇەن يىللىرى (713 - 742) چاڭئەندە "ئەتلەس ئۇسسۇلى" ئوينالغان. لى جۇلىڭ "بەش پارچە شاڭچىڭ نەزمىسى" دېگەن شېىرىدا ئەتلەس ئۇسسۇلىنى مۇنداق تەرىپلىگەن:
    پۇتتى ئەتلەس نەغمىسى ئاسماندا قوزغالدى شامال،
    ئون ۋىلايەت ئۇستىنى باستى ئىپار ئوتمەي ھايال.
    شۇي نىڭ "خۇاڭچىڭگۇڭ قەسىرىدە دۇشىرىنگە مۇشاىرە" ناملىق شېئىرىدا مۇنداق يازغان:
    ئۇچۇرۇپ مامۇق كەمەرنى ياڭرىسا لەرزان سادا،
    تاشلابان يەڭگىل قەدەمنى ئەۋرىشىم "ئەتلەس" كېلۇر.

    مەركىزىي ئاسىيالىقلارنىڭ ئەتلىسى ئوتلۇق دەشت - چۆل ۋە يېشىل بوستان مەنزىرىسىنى سىمۋول قىلغان (布元火) بولۇپ، ئۇ كۆپلىگەن شائىرلارنىڭ شېئىرغا ئىلھام بولغان.
    ئەلىشىر نەۋايى ئەتلەسنى ئاسمان نۇرلىرىغا، شەپەققە ئوخشاتقان ۋە مۇنداق يازغان:
    پەلاسى ھۇزنىمەن، ئەي ئەتلەس چەرھ،
    ماڭا لايىق ئەمەس ۋالا قۇماشىڭ.
    مەنىسى : ( ئەي پەلەك ئەتلەس مەن پالاستەك غەمكىنمەن، ماڭا ئالىي كىيىملەر لايىق ئەمەس ).
    چۇن تۇشەرلەر ئاقىبەت ئۇستۇڭگە ھارا بىرلە قەرش،
    نى ئاسىغ ئاستىڭدا گەر چەرھ ئەتلەسىدىندۇر فىراش.
    مەنىسى: ( ئۇستىڭگە ئاھىر تاش - تۇپراق چۇشىدىغان تۇرسا، ئەگەر ئاستىڭدا چەرھ ئەتلىسىدىن كۆرپە سەلىنغان بولسىمۇ ئۇنىڭ نېمە پايدىسى ؟)
    ھارا تۈبىگە ياتقۇڭ، يوق سۇد ئەگەر يۈز يىل
    كۆك ئەتلەس ئۇستىدە جىسمىڭنى ياتىپ ئاغنات.
    مەنىسى: ( كۆك (ئاسمان ئەتلىسى ئۇستىدە يۈز يىل يېتىپ جىسمىڭنى ئورناتقىنىڭ بىلەنمۇ ھېچ پايدىسى يوق، چۈنكى ئاخىر بەرىبىر تاش ئاستىدا ياتىسەن .
    بىز يىپەك يولىنىڭ مەركىزىي ھالقىسىدىكى مېتال ۋە توقۇلما ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئاجايىپ جەلپكار پاۋلىونىغا نەزەر سالساق، ھەرخىل كىيىم - كېچەك، مېتال توقا - تاسما، پىچاق - خەنجەر، ئاپتۇۋا - چىلاپچا، باش - ئاياغ كىيىملىرى، زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى، يىمەك - ئىچمەك ئەسۋابلىرى، ياغاچ قىرما ۋە قاشتېشى ئويمىلىرى، بىناكارلىق قۇرۇلما ۋە نەقىش - بېزەك ھۈنەر - سەنئىتى، تېرە - بۇلغارى ھۈنەرۋەنلىكى، مەي، مۇراببا، گۈلقەنت، ئەدرەك ، پاتاسى ئىشلەش تېخنىكىسىنىڭ نەقەدەر يۈرۈشلەشكەن ۋە خېرىدارلىق بولغانلىقىنى كۆرىمىز. مەركىزىي ئاسىيانىڭ چالغۇ قوراللارنى ئىشلەش تېخنىكىسى ئەزەلدىن مەشھۇر بولغان

    يىپەك يولى ئىبارىسى كېيىنكى ۋاقتتا ئىستىمال قىلىنغان بولۇپ، بۇ يولدا شەرق - غەربنىڭ، جۈملىدىن مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئات، يىپەك گەزلىمە، زەر كىمخاپ، قاشتېشى ۋە ياقۇت ، ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى، تېرە - يۇڭ، پار - پۇر، چاي، دورا - دەرمەك، خۇش پۇراق ماتېرىياللار، پاختا - چىگىت، گىلەم - كىگىز قاتارلىقلار سودىسى ئاساسىي ئورۇندا تۇرغاچقا، ھۈنەر - سەنئەت ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى راسا راۋاجلانغان.
    يېغىلىق - جەنگو زامانىدا جاۋ بېگىلىكىنىڭ پادىشاھى جاۋ ئۇلىن ( مىلادىدىن ئىلگىرىكى 325 - 229 يىللار ) قوشۇن تۇزۇش ئۈچۈن تارىختا مەشھۇر "خۇلاردىن كىيىنىشىنى ئۆگىنىش" ھەرىكىتىنى قوزغىغانىدى. خەن زامانىسىدا كېڭەيمىچى ئىمپېراتور ليۇچى مەركىزىي ئاسىيا مۇزىكىلىرى ۋە شىمالدىكى مىللەتلەر پاسونىدا ھەربىي ئوكىستىر ۋە چەۋەنداز قوشۇن قۇردى. شىمالىي سۇلالىلار، سۈي - تاڭ سۇلالىلەر دەۋرىدە، بولۇپمۇ كەييۇەن (732 - 742 يىللىرى ) چاڭئەندە مەركىزىي ئاسىيا مەدەنىيىتىدىن ئومۇميۇزلۇك ئۆگىنىش ...


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.