-
2009-05-21
يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنى داۋامى............. - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39670616.html
تامغىلىق ئىدىقۇت پۇلى ۋە ئىدىقۇتلۇقلار كۆرۈنۈشى چۇشۇرۇلگەن دورا ئىچىش قاچىسى تېپىلغان. شۇ دەۋردە چاڭئەندە "ئىدىقۇت ئومۇر بەخت شەربىتى" ناملىق مادداتۇلھايات دورىسى سېتىلغان.
"تۇرپان تېكىستلىرى" قاتارلىق تىبابەتچىلىك رىسالىلىرى پارچىلىرى تېپىلغان. " تۈركىي تىللار دىۋانى" دا بىر قاتار كېسەللىكلەر، دورا ماتېرىياللىرى ۋە تىبابەتچىلىك ئۇسكۇنىلىرىنىڭ نامى كۆرسىتىلىشتىن باشقا، تىببىي مەزمۇندىكى ئەقلىيە سۆز ۋە نەزمىلەردىن پارچىلار بېرىلگەن .
1229 - يىلى خانبالىقتا ( بېيجىڭ ) ئۇيغۇر دورىگەرلىك مەھكىمىسى قۇرۇلدى، مەشھۇر ھرۇرگ نىزەر، ھەربىي دوختۇر يەھيا، ئەيشى بولمىش قاتارلىقلار خانبالىق ۋە سىچۇەنلەردە خىزمەت ئوتىدى. ئىدىقۇتلۇق ئەنزاڭ "مۇشكۇل ئاغرىقلار"، "شىپا گىياھلىرى" دەستۇرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى. ئېيتىش كېرەككى، بۇ نوقۇل قۇبلايخان زامانىدا ئىچكى ئولكىلەردە يۈز بەرگەن ھادىسە بولۇپ قالماي، يەنە پۈتۈن چىڭگىزخان قوشۇنلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئايىغى يەتكەن غەربىي ئاسىيادىمۇ بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ھادىسە ئىدى. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە 36 جىلدلىق "ھۇر دورا نۇسخىلىرى" دېگەن ئەسەر يېزىلدى.
ئىسلامىيەت يىپەك يولى تىبابەتچىلىكىنى چەكلىگىنى يوق، ئەكس ھالدا غەربتە گرېك تىبابەتچىلىكى، شەرقتە جۇڭگونىڭ "جۇڭيى" تىبابەتچىلىكى ئۇتۇقلىرىنى ھىندىستان، ئىران، ئەرەب ۋە ئەنئەنىۋى مەركىزىي ئاسىيا تىبابەتچىلىكى ئاساسىدا تېخىمۇ سەنكرتلاشتۇردى.
يىپەك يولى تەپەككۈر گۈلزارلىقىدىكى ئۇغلۇ باغۋەن، جاھان پەلسەپە تارىخىدا ئارىستوتەلدىن كېيىنكى "ئىككىنچى ئۇستاز" ئەبۇ نەسىر فارابى ئەتتۈركىي (870 - 950) نەزەرىيىۋى تىبابەتچىلىكنى يېڭى ئۇل بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ توت زات، ھايات ۋە مۇھىت، جىسىم ۋە روھ، تاشقى ۋە ئىچكى سېزىش ھەم تەپەككۈر ئەزالىرى ئۇستىدە ناتورال پەلسەپىلىك قائىدىلەرنى قويۇشتىن تاشقىرى، ئالەم ئاناتومىيىسى، گالەن تىبابەتچىلىكى، تىبابەتچىلىك كلاسسىفىكاتسىيىسى ئۇستىدە خاس ئەسەر ياكى سەھىپە يازدى.
ئىبن سىنا (980 - 1037) فارابى دۇنيا قاراشلىرىنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە پەلسەپە، تىبابەتچىلىك، ئاسترونومىيە ئۆزىگە خاس كاتتا تۆھپىلىرى ساھىبى بولدى.
ئىبن سىنا بىر تەرەپتىن، شەرقنىڭ يۇرەك - تومۇر تەلىماتىنى تەتقىق قىلسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مەشھۇر ئىران ئالىمى ئەبۇلھەسەن تەبۇر (؟ - 923) نىڭ "فىردەۋسول ھېكمەت" ( ھېكمەت باغى)، باغداتلىق مەشھۇر دوختۇر ئەررازى (850 - 923) نىڭ "كىتابۇل ئەسرار"، "كىتابۇل تىب ئەل مەنسۇرى"، "ئەل ھاۋىي" ناملىق ئەسەرلىرى بىلەن ئىبن ئابباسنىڭ "كامىلۇل سىنا ئەل تىببىيە" ( تىبابەتچىلىك تولۇق دەستۇرى ) قاتارلىق ئەسەرلىرىنى كۆزدىن كەچۇردى.
ئىبن سىنا يىپەك يولى تىبابەتچىلىكىنىڭ يۈكسەك چوققىسىنى تىكلىدى. ئۇنىڭ "ئەششىفا"، "دانىشنامە"، "ئەلقانۇن فىت تىب"، "تىببىي داستان" قاتارلىق ئاجايىپ ئەسەرلىرى خۇددى نۇر چېچىپ تۇرغان ئالتۇن يۇلتۇز بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىر قانچە ئەسىرگىچە شەرق ۋە غەربتە تىبابەتچىلىك قوللانمىسى ۋە دەرسلىكى قىلىندى، "شاھى تىبابەت" دەپ شوھرەتلەندى.
يۈسۈپ خاس ھاجىب بىلەن ئىمادىددىن قەشقەرى قاراخانىيلار دەۋرى تىبابەتچىلىك ئاسمىنىنى جىلۋىلەندۇردى.
يۈسۈپ خاس ھاجىب "قۇتادغۇبىلىك" داستانىدا نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي تىبابەتچىلىككە ئائىت سېستىمىلىق مەلۇماتلارنى تىلغا ئالدى. ئىمادىددىن قەشقەرى ئۇيغۇر تىلىدا "شەرھى ئەلقانۇل" ناملىق ئەسەر يېزىپ، ئىبن سىنا قاراشلىرىنى ئومۇميۇزلۇك شەرھى شەكلىدە راۋاجلاندۇردى ۋە بېيىتتى . ئېيتىلىشىچە، ئىمادىددىن قەشقەرى يەنە "شەرھى ئەششىفا" كىتابىنى يازغان.
كېيىنچە، خىزىرغوجىنىڭ ۋەزىرى قەمەرىددىن، ئەلائىددىن خوتەنى، جامالىددىن ئاقساراي، مۇرادبەگ قەشقەرى، سەئىد مۇختار بۇلاقبەگ قاتارلىق ئۇيغۇر ھوكۇمالىرى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىگە ئوچمەس توھپىلەر قوشتى.
بىز يىپەك يولىدىكى بىقىياس قىممەتلىك ھېكمەت بولغان تىبابەتچىلىكنىڭ 10 مىڭ يىللار مابەينىدە تاراملاپ توپلىشىپ، زور ئېقىن ھاسىل قىلغان غايەت زور ئىلمىي غەزىنە ئىكەنلىكىنى؛ ئۇنىڭ يىپەك يولى داۋام قىلغان 2000 يىل ئىچىدە ئىلمىي سېستىمىغا كىرگەنلىكى؛ خارابلىشىشى، غەربىي ياۋروپا ئەدەبىي ئويغىنىشى تۈپەيلى، خۇددى چەۋگەن توپىدەك غەربىي ياۋروپالىقلار قولىغا ئۆتۈپ قالغانلىقى؛ نىجادىيەت ئىزدەشكە مەجبۇر بولغانلىقى؛ ھەممىنى ياۋروپادىن ئىزدىگۇچى تەپەككۈر دەلدۈشلىرىنىڭ مىللىي تىبابەتچىلىكنى "ساختا پەن" دەپ يوقىتىشقا بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا قويۇپ "تارىخنى قايتا ئويلاش" ئېلىپ بارساق، قەلبىمىزدە ئالتۇنغا بەرمەس مۇنداق ئۇچ ھوكۇم ئورۇن ئالىدۇ: شانلىق ئۆتمۈش. پاجىئەلىك چۆكمىش ۋە نۇرانە كەلگۈسى!
يىپەك يولى قايتا ئېچىلدى! ئۇ، ۋاقت رېتىملىرى بىلەن زېمىن ۋە تۇرمۇش سەھىپىلىرىگە زەر چېكىدۇ. خۇددى شاكال يىرتىپ تارىخ سەھنىسىگە قەدەم قويىدۇ. تىبابەت ئىلمى - نەزەرىيىۋى تەپەككۈر ۋە ئىھتىرا، ئەمەلىي داۋالاش ۋە تېخنىلوگىيە چېچەكلىرى، گەرچە بىردىنلا بولمىسىمۇ تەدرىجىي بۇ ئاۋات ئالاقىلەر قانىلىغا غۇجمەكلىشىدۇ. داۋا ۋە شىپاسىز رەنجى - ئەلەمدە ئۆتكەن خەلقتىن تىبابەت ئاسمىنىنىڭ يېڭى چولپانلىرى ئاپىرىدە بولىدۇ. بۇ، تارىخنىڭ ئۇلۇغ نوۋەت ئىلتىپاتى بولۇپ، بۇ مۇمكىنلىكنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئەجىر - ئەمگەك تەلەپ قىلىدۇ، ئەلبەتتە نەغمە - ناۋا جانلىق مىللەت، ئوتلۇق قەلبنىڭ مىلودىك تىنىقى، ئۇ، ئىنساننىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەيدىغان ئەپسۇنكار مەدەنىيەت --- خىيال دەپتىرىمدىن
يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنىڭ بەشىنچىسى ناخشا - ئۇسسۇل ھېكمىتىدىن ئىبارەت
ناخشا - ئۇسسۇل ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ تۇنجى، رېتىملىق ئىپادىلەنگەن پوتېنسىئال ئاڭ پارتلىشى، ھېسسىيات ئارقىلىق ھېسسىياتقا تامغا بېسىشى ۋە ھايۋاناتتىن تۈپ پەرقلەنگەن روھىيەت ئۇيغۇنلۇقى بولۇپ، قەدىمكى زامانلاردىلا مەيدانغا كەلگەن. مەركىزىي ئاسىيا قەدىمكى ئاھالىلىرى ئەڭ دەسلەپكى مۇھەببەت ۋە ئېتىقاد، پەسىل ۋە ئەمگەك، ئىشرەت ۋە مۇھ (مەرسىيە) قوشاقلىرى، ئۇسسۇللىرىنى ياراتقان خەلقلەردىن ئىدى. مەركىزىي ئاسىيا ئاھالىسى بىلەن ئامېرىكا ئىندىئانلىرىنىڭ ناخشا - ئۇسسۇل جەھەتتىكى ئورتاقلىقى قەدىمكى بۇغا يولى، ئات يولى ئالاقىلىرى دەۋرىدىلا خېلىلا قېلىپلاشقان ناخشا - ئۇسسۇل مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دەلىللەيدۇ.
ناخشا - ئۇسسۇل ۋە ئۇنىڭغا بەقىنغان ئىپتىدائىي چالغۇ قوراللىرى رېتىملىق ئېتنىك مەدەنىيەت ئۇستىدە يېڭى تاشقورال دەۋرىدە گەنىزىسلىق (پەيدا بولۇشلۇق) بالا ياتقۇسىدا ئۆزىنىڭ ئېتنولوگىيىلىك قېلىپىنى تۇزدى. زامان قانچە سوزۇلمىسۇن، تەرەققىيات قانچە ئۆزگىچە بولمىسۇن، يېڭى تاشقورال دەۋرى ھەر ھىل مەدەنىيەتلەر ئۆز قېلىپلىرىنى تۇزگەن دەۋر بولدى. ھەممە نەرسە ھاس نۇسخا، قېلىپ، تەرتىپ، ئۆلچەمگە ئېرىشتى. ھەر ھىل روشەن گىئومەتىرىك نەقىش نۇشىلىرى مەيدانغا كەلدى. توتەم ۋە ئۇرۇقداش جامائەدىكى مۇراسىملار، كوللېكتىپ بەزم - بايرام پائالىيەتلىرى، كېيىنچە شامان، زوروئاستەر ئېتىقادى ناخشا - ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئىلھام بېغىشلىدى.
قەدىمكى گرېك تارىخچىسى ھىرىدۇتنىڭ «تارىخ» ناملىق كىتابىدا ماسساگىتلار (ئۇلۇغ ساكلار) گۈلخان يېقىپ، ئوتقا مەۋە تاشلاپ، شىركەيپ بولۇپ ناخشا - ئۇسسۇل ئوينايدۇ، دېگەن تارىخىي ئۈچۈرى؛ ئىسكەندەر زۇلقەرنەين بىلەن مەركىزىي ئاسىياغا كەلگەن ئورىئاننىڭ «ئىسكەندەرنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى» دېگەن كىتابىدا يەرلىك خەلقنىڭ خۇددى گرەكلاردىكى دىئونۇس بايراملىرىدەك مەي سەيلىلىرىنىڭ بارلىق ھەققىدىكى ئۈچۈرى؛ قەدىمكى خەنزۇ مەبەلىرىدە سەرىق پادىشاھنىڭ كوئىنلۇن تېغىغا كۇي ئوگىنىشكە كىشى ئەۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى بايانلار؛ قۇتۇبى قىزىليار، ئالتاي، بارىكۆل قىيالىرىدىكى يالىڭاچ ئۇسسۇللۇق رەسىملەر؛ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ناخشا - ئۇسسۇللۇق قوشاق نەمۇنىلىرى؛ پۈتۈن مەركىزىي ئاسىيادىن تېپىلغان ئۇسسۇل كۆرۈنۈشلۈك قىيا سىزمىلىرى يىپەك يولىدىن ئىلگىرىلا مەركىزىي ئاسىيانىڭ ناخشا - ئۇسسۇل ماكانى ھالىتىدە تۇرگخانلىقىنى دەلىللەيدۇ.
يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى مەركىزىي ئاسىيا ناخشا - ئۇسسۇل مەدەنىيىتىنى ھەم فوكلور، ھەم كىلاسسىك شەكىلدە راۋاجلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شەھەر - قەلئە مەملىكەتلىرى ۋە مەدەنىيەتنىڭ راۋاجلىنىشى، خەلقئارا سودا ۋە كۈتۈش مۇلازىمىتىنىڭ تەقەززاسى بۇ ھىل سەنئەتكە تارىخىي قىممەت بېغىشلىدى.يازما مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھەن سۇللىسى قۇرۇلغان ۋاقىتتىلا خوتەننىڭ «يۇتيەن نەغمىسى» ھەن ئوردىسىغا مەلۇم بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2 - ئەسىرنىڭ ئاھىرلىرىدا جاڭ چيەن قۇمۇل دىيارىدىن «ماھادۇر» كۇينى چاڭئەنگە ئەلىپ بارغان. لى يەننيەن بۇ چوڭ كۈيدىن پايدىلىنىپ 28 نەغمە ئىشلىگەن. كېيىنچە، «دۇر» ئىبارىسى گەركلاردا «دۇرۇس مىلودىيىسى» نامىدا ئىشلەنگەن.328 - يىلى ھەربىي تەۋەككۇلچى لۇي گۇئاڭ كومىراجىۋانى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن كۈسەن’گە قوشۇن تارتىپ كەلگەندە، بۇ جاينىڭ ئاۋات بۇددا مەدەنىيەت مەركىزى ئىكەنلىكىنى كۆرگەن. ئۇ 20 مىڭ تۇياق ئات - ھەچىرغا كۇسەننىڭ بايلىقى، زىبۇ - زىننەتلىرى، بۇددا دىنى نەمۇنىلىرى ۋە كۈسەن - چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ئەلىپ لياڭجۇ (جاڭيى) گە قايتقان. نەتىجىدە دەشتئاتا (دۇنھۇئاڭ - ساجۇ) بۇددا تاشكېمىرلىرى، لياڭجۇ نەغمىسى مەيدانغا كەلگەن. 568 - يىلى تۈرك قاغانى مۇقانھاننىڭ قىزى ئاسىنا مەلىكە جۇ سۇلالىسىنىڭ ئەلەمپەز ئىمپېراتورى يۇي ۋەنيۇڭغا ياتلىق بولغاندا كۈسەنلىك مەشھۇر مۇزىكا نەزەرىيىچىسى سۇجۇپنى ۋە بىر قاتار مۇزىكا، ئۇسسۇل ماھىرلىرىنى چاڭئەنگە ئەلىپ بارغان. كېيىنچە، سۇجۇپنىڭ «12 تەمىفىراتسىيىلىك كۇي قانۇنى» ئاساسىدا سۇي - تاڭ زامانىدا خەنزۇ مۇزىكىچىلىقىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك يېڭىلاش ئېلىپ بېرىلغان. كۈسەندە يەنە ۋىدۇساكا ناملىق مۇزىكا ئۇستازى بولۇپ، مەھسۇس چوڭ نەغمىلەر ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانگخانلىقى مەلۇم.
تارىخىي مەنبەلەردە يېزىلىشىچە، يىپەك يولى راسا گۈللەنگەن دەۋرلەردە چاڭئەندە ئۆتكەن ساۋمياۋدا، ساۋگاڭ، بەي مىندا، بەي جەشۇڭ، فەي شىڭفۇ، فەي شىڭلۇ قاتارلىق مەشھۇر مۇزىكاشۇناسلار مەركىزىي ئاسىيالىق ئىدى. ئەينى زامان شائىرلىرىدىن دۇفۇ، لى بەي، بەي جۇيى، ۋاڭ ۋەي، يۇئەن جىڭ، لى يەنشى قاتارلىق ئەدىبلەر مەركىزىي ئاسىيا مۇزىكا - ئۇسسۇل سەنئىتى توغرىسىدا گۈلەل مىسرالار قالدۇرغان.
بىز خوتەندىن، مارالبەشى مۇشتۇقتىن، قىزىل - قۇمتۇرا قاتارلىق جايلاردىن، شورچۇقتىن، ئىدىقۇت شەھەر ھارابىسى، تۇيۇق، يارغول ۋە بېزەكلىك تاشكەمىرلىرىدىن ئەينى زامان مۇزىكا - ئۇسسۇل ۋە چوڭ نەغمىلەرگە ئائىت كۆپلىگەن نەپىس كۆرۇنۇشلەرنى كۆرىمىز. سۇڭ سۇلالىسى زامانىدا مەركىزىي ئاسىياغا ئەلچىلىككە كەلگەن ۋاڭ يەندە قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئۈچۈر بەرىشىچە، ئاۋات ئوردىلاردا ئوردا مۇزىكا - ئۇسسۇللىرى بولغان، ئۇ، ئوردىلار خارابلاشقاندا خەلق مەشرەپ - مۇقاملىرى شەكلىدە داۋاملاشقان. بىز «دولان مۇقامى» نىقڭ مۇقەددەسلەشكەن ھەرىكەت شەكلى، قۇمۇل مۇقاملىرىنىڭ ئەركىن - ئازادە ناخشا - ئۇسسۇل شەكلىدىن بۇ مۇقاملارنىڭ باشتىن كەچۈرگەن تارىخىي سەرگۈلەشتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ بىلىمىز.
ئىسلامىيەتنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن گەرچە يۈزەكى ھادىسە جەھەتتە ناخشا (مۇزىكا) - ئۇسسۇل سەنئىتى نىسبىي چەكلىنىشكە ئۇچرىغاندەك بولسىمۇ، ئەرەب - ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى تۈپەيلى مۇزىكا سەنئىتىدە شەرق - غەرب مۇزىكا مەدەنىيەتلىرى يەنە بىر قېتىملىق تارىخىي ئۇچرىشىشقا مۇيەسسەر بولدى. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇتۇقى ئەرەب ۋە غەيرىي ئەرەب مۇزىكىلىرىدىكى راۋاجلىنىش بولۇپ ھەسابلىنىدۇ.
ئەبۇ ناسىر فارابى ئۆزىنىڭ «كىتابۇل مۇسىقەل كەبىر»، «كىتابۇل مۇسىقەل سەغىر» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە يېڭى مۇزىكا نەزەرىيىسى - غەيرىي پىفاگۇر مۇزىكىلىق ئاۋاز قارىشى، مۇزىكا يۇكشۇناسلىقى نەزەرىيىسى، ئەرەب - تۈرك مۇزىكا - نەغمە تەلىماتى، چالغۇ قوراللار ئىسلاھاتى، ھەرپلىك نوتا قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىبن سىنا فارابى مۇزىكا تەلىماتلىرى ئاساسىدا 12 پەدە ھەققىدە توختالدى. سالجۇقىيلار پۈتۈن ئىران ئەگىزلىكىنى ئىگىلىگەن مۇھىتتا ئەزەربەيجان تۇركلىرىدىن سەفىئوددىن ئەلمۇمىن ئەلى ئۇرمەۋىي فارابى مۇزىكا نەزەرىيىسى بويىچە ئاۋاز (لار) قاتارىنى 12 پەردە (مۇقام) غا ئايرىشنى، ئەينى زامان كلاسسىك كۇيلىرىنى 12 مۇقام بويىچە 12 مۇجەسسەم (ئائىلە)گە ئايرىشنى تىلغا ئالدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئەرەبچە «مۇقام» ئىبارىسىنى قوبۇل قىلدى، ئەرەب ۋە پارسلار ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۇلگىسىدە فارابى نەزەرىيىلىرى بويىچە ئۆز مۇزىكىلىق مۇجەسسەملىرىنى تۇزەشكە كىرىشتى.
يىپەك يولى ئوتتۇرا بەلبېغىدا قاراخانىيلار، تۆمۈرىلەر دەۋرىدە مۇقام - ناخشا - ئۇسسۇل - شەئىرىيەت سەنئىتىنىڭ يېڭى ئۇلگىلىرى مەيدانغا كەلدى. سەئىدىيە دەۋرىدە ئاماننىساخان ۋە قىدىرخان باشلىغان ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى تەرتىپكە سېلىشتەك ئۇلۇغ خىزمەت ئىشلەندى. ئۇيغۇر مۇقاملىرى يەنە بىر قېتىم، ئەمما ئۆز ئىچىگە «چوڭ نەغمە»، «داستان نەغمە»، «مەشرەپ نەغمە» قىسىملىرىنى قوشقان ھالدا چوڭ تىپتىكى يۈرۈشلەشكەن كلاسسىك مۇقام ھالىتىگە ئەرىشتى. شۇنداق قىلىپ، غەربتە ياۋروپا كلاسسىك مۇزىكا زجانىرى - سىمپونىيىلەر مەيدانغا كەلگەن زاماندا، شەرقتە ئۇيغۇر مۇزىكا، ئۇسسۇل ۋە شەئىرىيىتىنى بىر گەۋدە قىلغان ناخشا - ئۇسسۇل تىپىدىكى كلاسسىك سەنئەت مۇجەسسىمى - مۇقام مەيدانغا كەلدى.
يىپەك يولىدىكى ناخشا - ئۇسسۇلدىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەر ئۆزىنىڭ ھەربىر تارىخي قاتلىمىئا ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ يىراق ئەجدادلىرىنىڭ بەدئىي ئۇتۇقلىرىنى ئۇل ۋە ئوزۇق قىلغان بولۇپ، ئۇ، مەنبەسى يىراق، ئەقىنى قايناق، تۇزۇلمىسى گۈزەل، ئۇنۇمى ئەۋزەل سەنئەت موجىزىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەزەلدىن ناخشا - ئۇسسۇلنى، باشقىچە ئەيتقاندا، مۇزىكا، شەئىرىيەت، ئۇسسۇل، تىياتىرنى بىر گەۋدە قىلغان گەنىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. ئۇ ئەزەلدىن ئەلنەغمىلىك - ئومۇمىي خەلق (ئاممىۋىلىك) ھاراكتەرىنى ساقلاپ كەلدى. ئۇ ئەزەلدىن تەپەككۈر تېرەنلىكى بىلەن ھېسسىيات ئۇچقۇرلۇقى؛ ئەدەب - ئەتىكىلىقى بىلەن ئىشرەت - جۇشقۇنلۇقى؛ ئاڭلاش، كۆرۈش، ھەس قىلىش قاتارلىق ئۆتۈشمە تەسىرچانلىقى؛ ئوردا - كلاسسىك شەكلى بىلەن خەلق مەشىرىپى - فولكلور شەكلىنى بىللە ساقلىگخانلىقى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى گەۋدىلەندۇرۇپ، نامايىش قىلىپ كەلدى.
ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسسۇللىرى ۋە مۇقام مەدەنىيىتى باي ۋە گۈزەل گەۋدىسى بىلەن تارىختا ئىككى چوڭ دۇنياۋى مەدەنىيەت تىپى - سۇي - تاڭ مەدەنىيەت تىپى ۋە ئەرەب مەدەنىيەت تىپى، ئىككى چوڭ خەلقئارا شەھەر - چاڭئەن ۋە باغداتتا زور شۆھرەت قازانغانىدى. ئۆز دەۋرىدە ئالەمدە يىگانە قەسىرلەرگە قوبۇل قىلىنىپ، ئۇ يەردە «ساماۋى نەغمە» دە قارىلىپ، مۇزىكا ئىسلاھاتى پەيدا قىلىپ، شەرقتە كورىيە، ياپونىيە، غەربتە مىسىر، تونەس، سۇرىيىگە قەدەر تەسىر كۆرسىتېلىشى بۇ موجىزىدار ھېكمەت دۇردانىسىنىڭ ھاياتىي ئىقتىدارى ۋە مەدەنىيەت مەپتۇنكارلىقىنىڭ دەلىلى بولدى! ۋەھالەنكى، يىپەك يولى ھارابلىشىپ ئەۋزەللىك بۇلاقلىرى قۇرۇغان شۇنداقلا مىسلىسىز تالان - تاراجغا ۋەھورلۇققا ئۇچرىغان ئۇيغۇر خەلقى بۇ سەنئەت گوھىرىنى ئۆزىنىڭ گاداي چاپىنى ۋە جاراھەتلىك قەلبىدە نەچچە يۇز يىللاردىن بۇيان تۇتىيادەك ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلدى.
يىپەك يولى قايتا ئېچىلدى! قەدىمكى شەرىق پادىشاھ ھېكايىلىرى بىلەن گرېك ھېكايىلىرىدا بىردەك قەيت قىلىنغان، تۇمشۇقلىرىدىكى توشۇكچىلەردىن ھەرخىل ئاۋاز - گامالار ياڭراپ، گۈزەل مىلودىيە كۇيلەيدىغان قەقنۇس قۇشى ئۆز ئۇستىدىكى رىيازەت توزانلىرىنى سىلكىۋېتىپ، قايتا ئەپسۇنكار نەغمە - ناۋا ياڭرىتىدىغان يېڭى ئىرا ئېچىلدى! ئەۋلادلىرىمىزنىڭ نەسىۋىسىدە قانچىلىغان ۋىدۇسكا، سۇجۇپ، ساۋمىياۋدا، بەي مىندا، فى شىڭفۇ، فرابى، يۈسۈپ ھاس ھاجىپ، دەرۋىش ئەلى، ئاماننىساخان، قىدىرخان يەركەندى قازانغان ئىپتىھار قىسمەتلىرى بارلىقىغا گۇمانىم يوق! ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ماكىدونىيىدىن چىقىپ، شىمالىي ئەرەبىستان ۋە مىسىرنى، ئىران زېمىنىنى، ھىندىستاننىڭ يەرىمى بىلەن ئالدىنقى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئالغانىدى. چىڭگىزخان رۇس تۇپرىقى، خارەزم دەشتى ۋە باغدات ئەتراپىنى ئالدى. ئاھىرىدا ئۆز قوشۇنلىرى يۈزلىگەن مىللەتلەر تەركىبىگە قوشۇلۇپ كەتتى. ئەلەمپەزلىكتىن يەتكىنى ئەلەم - ھەسرەت بولدى. ئەكسىچە گومەر داستانلىرى، «مىڭ بىر كېچە» ھېكايىلىرى «ئۇيغۇر مۇقاملىرى لەمەپەزلىكتىن نۇر قەدەم بولدى. ئۇ ئۇزاق بولمىغان ئەسىرلەر ئىچىدە باشقا يۇلتۇزلارغا قەدەم قويغان ئىنسان بىلەن بىللە كائىنات رېتىملىرىگە كامالەت قوشقۇسى.历史上的今天:
ئوردىخان پادىشاھ ۋە ئوردا خېنىم رىۋايىتى 2009-05-21ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ 2009-05-21ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ 2009-05-21ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﻪﺑﻠﯩﺮﻯ 2009-05-21
收藏到:Del.icio.us