ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-13

    شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى - [شەخىسلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39312669.html




    شائىر ھۈسەيىنخان (تەخەللۇسى تەجەللى) 1850-يىلى شىنجاڭ قاغىلىق ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر تىۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدىلا ئۆز ئاتىسىدىن تەلىم ئېلىپ ئۆگىنىشكە بېرىلگەن. بۇ جەرياندا ئۇ مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەندىن كېيىن، ئاتىسى تەجەللىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ھىندىستانغا ئېلىپ بېرىپ، دېھلى مەدرىسىدە ئوقۇتقان.
    شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى بۇ مەزگىلدىكى ئوقۇش ھاياتى داۋامىدا ئەرەب، پارس تىللىرىدا ئوقۇلىدىغان يۇقۇرى سەۋىيىلىك دەرسلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆگۈنۈپ، ئالى مەلۇماتلىق كىشىگە ئايلانغان، بولۇپمۇ تىببىي ئىلىم ۋە خىمىيە پېنى بويىچە ئالاھېدە سەۋىيە ياراتقان.
    شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى دېھلى، كابول قاتارلىق جايلاردا ئىېلى ئۇزاق مۇددەت تۇرغاندىن كېيىن ئۆز ئانا يۇرتى قاغىلىققا قايتىپ كېلىپ، تىبابەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان، خىمىيە ئىلمى بويىچە تەجرىبە-تەتقىقات ئېلىپ بارغان، بىر مەزگىل مۇددەرىسلىكمۇ قىلغان.
    شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى بالىلىق دەۋرلىرىدىن تارتىپ ئەدىبىياتقا قىزىققان، ئۇ چەتئەلدە ئوقۇغان مەزگىللىرىدە ئەرەب، پارس، ھىندى، ئافغان ئەدىبىياتىنىڭ تارىخىنى ۋە مەشھۇر نامايەندىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئانا تىلىدا گۈزەل مەزمۇنلۇق بەدىئىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغاندىن سىرت، ئەرەب، پارس، ھىندۇ تىللىرىدا كۆپلىگەن قەسىدە ھەم شېئىرلارنى يازغان.
    ئەينى دەۋرلەردە شائىرنىڭ ئەسەرلىرى ۋاقتى-ۋاقتىدا نەشر قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان.
    كېيىنكى مەزگىللەردە قەشقەردىكى بىر تۈركۈم ئىلغار ئىدىيىلىك، تەرەققىپەرۋەر، زىيالىي كىشىلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا، يەنى باھاۋۇدۇنباينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن «مەتبەئى خۇرشىد مەتلىلى نۇرى»(«قۇياش مەتنەسى، نۇر مەنبەسى») ناملىق بىر تاش مەتبە قۇرۇلۇپ ئىشقا چۈشكەن.
    مىلادى 1899-يىلى ھۈسەيىنخاننىڭ «بەرق تەجەللى»(چاقماق نۇرى) ناملىق لىرىك شېئىرلار، قەسىدىلەر توپلىمى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان.
    ھۈسەيىنخان تەجەللى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە زور شۆھرەتكە ئىگە بولغان شائىر بولۇپلا قالماي، بەلكى تىبابەتچىلىك، پەلسەپە ئىلمىي ھەققىدە يازغان بىرقانچە كىتابلىرى بىلەن شەرق ئالىملىرى ئارىسىدىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان مەشھۇر زاتتۇر.
    ئۇ ئىلمىي پائالىيىتى داۋامىدا 12-ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق ئالىم زەمەخشەرنىڭ «تەپسىرى كەششاپ» ناملىق ئەسىرىگە «كەششاپنى يېڭىلاش» ناملىق بىر پارچە ئىلمىي ئەسەر يېزىپ، جامائەتچىلىك ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان.
    ئەپسۇسكى شائىرنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى بەزىبىر تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يوقىلىپ كەتكەن(كۈتۈپخانىغا ئوت كېتىش سەۋەبىدىن).
    بىزگىچە ساقلىنىپ كەلگەن «دىۋان تەجەللى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا نەشر قىلىنغان ھەم تاشكەنتتە بېسىلغان «بايار» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىدا ئېلان قىلىنغان.
    شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى 1930-يىلى قاغىلىقتا ۋاپات بولۇپ، قاغىلىق بازىرىنىڭ شىمالىدىكى كاسكى يېزىسىدا دەپنە قىلىنغان. زىيارەتگاھى ھېلىمۇ شۇ جايدا بار.

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.