ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-13

    تەجەللى-مۇجەللى - [شەخىسلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39312636.html


    تۈزگۈچى: ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم

    نەشىرىياتتىن

    «تەجەللى-مۇجەللى»-ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق شائىر ھۇسەيىنخان تەجەللى-مۇجەللىنىڭ ھاياتى، پائالىيىتى ۋە بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ.
    كىتاپنى تەجەللىنىڭ ئەڭ يېقىن شاگىرتى، ئاتاقلىق دىننى ئالىم ئابدۇجەلىل داموللا ھاجىمنىڭ ئوغلى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم ئاتىسى قالدۇرۇپ كەتكەن تەجەللىنىڭ ھاياتى پائالىيىتىگە ئائىت ماتىرىياللار ئىچىدىن بىر قىسىمىنى تاللاپ تۈزۈپ چىققان.


    تۈزگۈچى(ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجى)دىن


    ئۇيغۇر ئالىمى، شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى-مۇجەللى ھاياتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قاغىلىق،يەكەن،گۇما ناھىيىلىرىدە ئۆتكەن. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى پاساھەت ۋە بالاغەت جەھەتتە روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى. ئۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سەركەردە بۇلۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا ئەرەپ، پارىس ئەدەبىياتىدىمۇ ئالى ماھارەت ئىگىسىدۇر.
    ئۇنىڭ ئىلمى، ئەدەبىي تەلىماتلىرىدىن ئەڭ سۆيۈملۈك شاگىرتى گۇمىلىق ئابدۇجەلىل داموللا ھاجىم، شۇنىڭدەك ئالىم، ئەدىپلەردىن ئاتۇشلۇق ئابدۇقادىر داموللام، شەمسىدىن داموللا ھاجىم، ئۆزبەك ئالىمى زەرىف قارى ھاجىم، قەشقەردىن ئابدۇكەرىم زىيائى، پوسكامدىن ئىسرافىل داموللام، يەكەندىن سالىھ داموللام، گۇمىلىق ئىسمائىل ھاجىم، قاغىلىقتىن مۇتىئۇللا ئەلەم ئاخۇنۇم، شائىرلاردىن فۇرقەت قاتارلىقلار ئىلھام ۋە روھىي ئوزۇق ئالغان.

    ئۇ، ئۆز تىببى ماھارىتى بىلەن يۈرەك، ئۆپكە كىسەللىكلىرىگە ئوخشاش خەۋىپلىك كىسەللەرنىمۇ داۋالاپ ساقايتىپ، كۆپ ئۆرنەكلەر ھاسىل قىلىپ، نۇرغۇنلىغان خەلىقنى داۋالىغان؛ دورىگەرلىكتىمۇ تەرياق، ھەبىبى زۇفا، ھەبىبى جەۋھىرى ئازاراقى قاتارلىق ياخشى دورىلارنى ياساپ نەتىجە قازانغان. شاگىرت تەربىيلەپ، ۋارىس قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ شاگىرىتلىرى ھازىرمۇ خەلقىمىزنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا چوڭ تۆھپە قوشماقتا. مەسىلەن: خوتەن مىللى شىپاخانىدىكى مۇتەخەسىس، پىشقەدەم تىۋىپ
    تۇردى ھاجىم ۋە ۋاپات بۇلۇپ كەتكەن تىۋىپلاردىن قاغىلىقتىن يۇسۇپ ئەپەندىم، گۇمىدىن ئىبراھىم ھاجىم مامۇت ھاجىم، قەشقەردىن مۇسا ئاخۇنۇم قاتارلىقلار ئۇنىڭ تىببى ماھارىتىدىن تەربىيە ئالغان داڭلىق تىۋىپلاردۇر.

    دىمەك ئۇ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىلىم-پەن مۇنبىرىدىن ئورۇن ئېلىشقا لايىق ئۇلۇغ پەيلاسوپ، ئالىم، ماھىر ئەدىپ شائىر ھەم قەدىرلىك خەلىقپەرۋەر تىۋىپتۇر. ئۇنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن تونۇشۇش، ئۇنىڭ قىممەت باھالىق گۆھەرگە ئوخشاش ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بۇلۇش-ھۆرىيەتپەرۋەر خەلقىمىزنىڭ، زىيالىلىرىمىزنىڭ تەشنالىق بىلەن ئىنتىزار بۇلۇپ كۈتكەن يۈكسەك ئارزۇسىدۇر.
    مەن بۇ توپلامنى تۈزۈشتە، مۇئەللىپ(تەجەللى)نىڭ ئاتام ئابدۇجەلىل داموللا ھاجىم ۋە باشقا زامانداشلىرى تەرىپىدىن توپلىنىپ ساقلانغان ھەم ھازىرغىچە يىتىپ كەلگەن بىر نەچچە پارچە قوليازمىسى، شەخسەن ئۆزۈم خەۋەر تاپقان باشقا ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن پايدىلاندىم. ئۇنىڭ تەرجىمىھالىغا دائىر مەلۇماتلارنى شائىرنىڭ«تۆھبەتۇل بەررەيىن»، «دىۋان ئەرەبى» ناملىق ئەسەرلىرى ۋە ئاڭلىغان، بىلگەنلىرىم ئاساسىدا رەتلەپ چىقتىم.
    بۇ-شائىرنىڭ ھاياتى پائالىيىتىگە ئائىت پەقەت دەسلەپكى ئىزلىنىش. ئەگەر شائىر قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك مىراسلارنى بىر دېڭىزغا ئوخشاتساق،بۇ-ئەشۇ دېڭىزنىڭ بىر تامچىسىدىنلا ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن شائىرنىڭ قىممەتلىك ھاياتى مول ئەدەبىي پائالىيىتى ھەققىدە داۋاملىق چوڭقۇر، ئەتراپلىق ئىزلىنىش ۋە ئەسەرلىرىنى كەڭ خەلقىمىز بىلەن تونۇشتۇرۇش ئۈمىدىدىمەن.



    مۇئەللىپ(ھۇسەيىنخان تەجەللى-مۇجەللى) ھەققىدە


    ئۇيغۇر ئالىمى، شائىرى ھۇسەيىنخان تەجەللى-مۇجەللى ھەزىرىتىم مىلادى 1848-يىلى(ھىجىرىيىنىڭ 1264-يىلى) قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ زوڭلاڭ يېزىسى ئايباغ كەنىتىدە ئىسلام دىنى ئالىمى، ماھىر تىۋىپ قۇتپىدىن شاھ ھەزرەتلىرىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كىلىپ، مىلادىنىڭ 1927-يىلى(ھىجىرىيىنىڭ 1345-يىلى) رامىزان ئېيىدا، قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ كاسكا يېزىسىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

    شائىر كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە مەككىگە بارغان. سەئۇدى ئەرەبىستاندا باشلانغۇچ مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ ھىندىستاننىڭ دېھلى شەھىرىگە كەلگەن ۋە «دېھلى دارىلئۇلۇم» مەدىرىسىدە،ئاندىن ئىراننىڭ «ئىسپاھان دارىلفۇنۇنى»دا، ئاخىرىدا ئاففىغانىستاننىڭ «كابول دارىلفۇنۇنى»دا ئوقۇپ، ھەر تەرەپلىمە بىلىم تەھسىل قىلغان.
    شائىرنىڭ ئەقلىي، ئىلمىي، ئەدەبى كامالىتى كۆپ تەرەپلىمە، مول بولغانلىقتىن، ئۆز دەۋىرىدىكى ئالىم، ئەدىپلەر ئۇنىڭغا «تەجەللى-مۇجەللى①»دىگەن تەخەللۇسنى قويۇشقان.

    ①تەجەللى-مۇجەللى-ئەرەپچە سۆز بۇلۇپ، تەجەللى-چاقناپ تۇرغان نۇر.
    مۇجەللى-مۇسابىقە مەيدانىدا بىرىنچىلىكنى ئالغۇچى دىگەن مەنىدە.

    شائىر ئىسلام دىنى ئىلمىنىڭ بارلىق تارماقلىرىدا، دۇنياۋى مۇھىم پەنلەردىن تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات، تارىخ، لوگىكا، تەبىئەت، ئاستىرنومىيە، خىمىيە، مېدىتسىنا، ماتىماتىكا قاتارلىقلاردا كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە ئالى مەلۇماتقا ئىگە ئىدى.
    شائىر ھەج قىلىش ۋە ئىلىم ئېلىش ۋەزىپىلىرىنى تامالىغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەمرالىغىدا ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ.
    قايتىش سەپىرىدە بەخىتكە قارشى ئانىسى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بارلىق بىساتلىرى دەريادا غەرق بولىدۇ. نەتىجىدە شائىر قاتمۇ-قات مۇسىبەت، يول ئازابى ئاستىدا غەم قايغۇغا چۆمگەن ھالدا، ئالدى بىلەن يەكەنگە كىلىپ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ.
    بۇ چاغدا شائىر تېخى يىگىرمە نەچچە ياشلىق يىگىت بۇلۇپ، ياقۇپ بەگ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان دەۋىر ئىدى.
    شائىر يېڭى كەلگەن ۋاقىتلاردا، ئۇنىڭ ھەر بىر پەنلەردىكى ئىلمى ماھارىتى، قابىلىيىتىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە يۇقۇرىلىغى ئۆلۈمالار، زىيالىلار ۋە ئاممىغا مەلۇم بولغان. شۇنىڭ بىلەن شۇ ۋاقتىدىكى يەكەن ۋالىسى(نائىبىل ۋىلات،جامائەدار دادخاھ) شائىرنىڭ ئۇلۇغ پەزىلەت، كامالەتلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنى ئاتىسى بىلەن بىرگە ئوردىغا تەكلىپ قىلىدۇ ۋە ئىلىم-مەرىپەت بىلەن تولغان سۆزلىرىدىن بەھرىمەن بۇلۇپ، كۆپلەپ ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ.
    شائىر كىيىن قەشقەرگە بارىدۇ ۋە ياقۇپ بەگ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ كۆپ ھۆرمەت ۋە ئىنئاملىرىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.
    شائىرنىڭ شۇ ۋاقىتتا يازغان بەزى شېئىرلىرى ۋە باشقا ئەسەرلىرى ئۆلۈمالار، زىيالىلار ئارىسىدا قولدىن-قولغا ئۆتۈپ ئوقۇلىدۇ؛ شۇنداقلا،ئۆزىنى زىيارەت قىلغان ئالىملار ۋە ئەدىبلەرگە قىلغان دىنىي، پەننىي، ئەدەبىي بايانلىرى تىللاردا داستان بۇلۇپ، ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرىدۇ ۋە شائىرنىڭ ئىلمى، ئەدەبىي قابىلىيىتىنىڭ مۇكەممەل، ئەخلاق-پەزىلىتىنىڭ يۇقۇرىلىغىنى نامايەن قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل ئالىيجاناپ خىسلىتى ھەر تەبىقە زاتلارنى، ئاۋام خەلىقنى مەھلىيا قىلىۋالىدۇ.
    شۇ سەۋەپتىن ئۇ، يەكەندە شۇ چاغدىكى ئەڭ چوڭ بىلىم يۇرتى-«يېشىل مەدىرىسە»گە مۇددەرىس بۇلۇپ تەيىنلىنىدۇ. نۇرغۇن تالىپلار ئۇنىڭ ئىلىم مەرىپەت دەرياسىدىن قېنىپ سۇ ئىچىپ شېئىرىيەت گۈلشەنلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

    ئەپسۇسكى، مۇنداق ئوڭۇشلۇق شارائىت، ئالىمغا ئىنتايىن ئاز ۋاقىت خوشاللىق ۋە يۇرۇقلۇق كەلتۈرگەن.
    شائىرنىڭ ئىلىم-مەرىپەت ئىگىلىرى ۋە خەلق ئارىسىدا مۇنداق چوڭ ئىناۋەتكە ئىگە بۇلىشى ئاز ساندىكى مۇتتەئەسسپلەر، خۇراپى بىدئەتچىلەرنىڭ يۈرەكلىرىگە ھەسەت ئوتى تۇتاشتىرىدۇ. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدى ئىزتىراپ ۋە بىئاراملىق بىلەن كۆيۈپ، ئاخىرى ئالىمغا ئىنتايىن رەزىل ۋاستىلەر بىلەن زىيانكەشلىك قىلىش كويىغا چۈشىدۇ، تۆھمەت، ئەپسانىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، شائىرنىڭ ئىناۋەت-ھۆرمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ھەتتا ئالىمنىڭ ئالدىدا يۇزمۇ-يۇز ئەدەپسىزلىك قىلىپ، ئۇنىڭ نازۇك قەلبىنى ئازار-كۈلپەت خەنجىرى بىلەن جاراھەت قىلىدۇ.

    مۇشۇنداق بىلىمسىز، ھەسەتخور نادانلارنىڭ غەيۋەت-شىكايەتلىرىگە نىشان بۇلۇپ قالغان نازۇك تەبىئەت، يۇكسەك غەيرەتلىك ئالىم خېلى ئۇزۇن مۇددەت يەكەن شەھىرىدە دەرت-ئەلەملەر بىلەن ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ.بۇ جەرياندا ئۇ، قەلەم شەمشىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئەرەپ، پارىس، تۈرك تىللىرىدا قەسىدە، شېئىرلارنى يېزىپ، ھەسەتخورلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. بۇ قەسىدە،شېئىرلار شائىرنىڭ «بەرق تەجەللى» «دىۋان ئەرەبى»، «تۆھبەتۇل بەررەيىن»قاتارلىق ئەسەرلىرىگە كىرگۈزۈلگەن.

    شۇ ۋاقىتتا يېقىن بۇرادىرى مۇتىئۇللا ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ جان-دىل بىلەن قوغدىشىغا ئېرىشىدۇ ۋە مەلۇم مۇددەت خاتىرجەم ھايات كەچۈرۈشكە مۇيەسسەر بولىدۇ.

    بىراق، مەرىپەت ئەھلىگە ھەسەت قىلىش ۋە دۈشمەنلىك زەھىرىنى چېچىشنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋالغان پەسەندىلەرنىڭ دۈشمەنلىك قىلىش ھەركەتلىرى يەنە باش تارتىپ چىقىپ، شائىرغا تۈرلۈك ئازار-كۈلپەتلەرنى يەتكۈزىدۇ. ھەتتا شۇ ۋاقىتنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەت باشلىقلىرىغا چېقىپ، ئۇنىڭ خاتىرجەم ھايات كەچۈرىشىگە تەھدىت سالىدۇ. ئاخىرى مۇتىئۇللا ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ تەكلىۋى بىلەن يەكەننى تاشلاپ قاغىلىققا يۆتكىلىپ كىتىدۇ.

    ئالىمنى مۇتىئۇللا ئەلەم ئاخۇنۇم باشلىق قاغىلىقتىكى بارلىق خەلقلەر ئەلەم ياكى قازىلىق، مۇددەرىسلىك ياكى
    خەتىپلىككە ئوخشاش بىرەر خىزمەت ئۆتەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئەمما، شائىر ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلىگە رەھمەت ئېيتىپ، ھاۋالىقراق يېزىلاردىن بىرىدە ئىلىم ۋە ئىبادەت بىلەن تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
    مەرىپەتپەرۋەر، مۆتىۋەر زات نىزامىدىن ھاجىم دىگەن كىشى شائىرغا ئىخلاس قىلغانلىقتىن بىر يۈرۈش باغلىق ئۆي-ھويلىسىنى بېرىدۇ. شائىر ئائىلىسى بىلەن 20يىلدىن ئارتۇق شۇ يەردە تۇرىدۇ، كىيىن بورا يېزىسىدا بولىدۇ. ئاندىن گۇمىدىكى بۇرادىرى ئابدۇللاھ مۇپتى ھاجىم، ئىسمائىل ھاجىملارنىڭ تەكلىبى بىلەن گۇمىنىڭ كىليەڭ يېزىسىغا كۆچۈپ بېرىپ، ھاۋالىق جاي-كوھتام دەريا بويىغا ئورۇنلىشىدۇ ۋە بۇ يەردە ئائىلىسىنىڭ بىر قىسىمى بىلەن يەتتە يىلدەك تۇرۇپ تىۋىپلىق قىلىدۇ. ئاخىرىدا يەنە قاغىلىقتىكى ئۆلۈمالار، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنىڭ قاغىلىقنىڭ بازارغا يېقىنراق كاسكا يېزىسىغا شائىر ئۈچۈن تەييارلىغان باغلىق ھويلىسىغا مەرھەمەت قىلىپ كىلىپ، ئۆمرىنى شۇ جايدا ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

    شائىر ئوتتۇرا بويلۇق، چاچ-ساقاللىرى قويۇق، ئۇستىخانلىرى چىڭ، قاڭشالىرى ئىنىچكە-چىرايلىق ۋە تۈز،بۇغداي ئۆڭلۈك، گۈلدەك ئېچىلغان تەبەسسۇملۇق چىرايىدىن مېھرى-مۇھەببەت، ئاشىقلىق جۇلالاپ، كۆزلىرىدىن تەپەككۇر نۇرلىرى يېغىپ تۇرىدىغان جەسۇر ئىرادىلىك كىشى بۇلۇپ، ئىلمى مەشغۇلاتى كۆپ،تۇرمۇشى رىيازەت بىلەن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ۋۇجۇدى ئورۇقراق ئىدى.

    مەرھۇم  ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم  توپلاپ تۈزگەن
    «تەجەللى-مۇجەللى» ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.
    «تەجەللى-مۇجەللى» ناملىق كىتاپ قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن 1984-يىلى نەشىر قىلىنغان.
    1984-يىل 9-ئايدا بىرىنچى قېتىم بېسىلغان.

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.