ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-13

    ئۇيغۇر ئالىمى، شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى - [شەخىسلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39312482.html




    ئۇيغۇر ئالىمى، شائىرى ھۈسەيىنخان تەجەللى-مۇجەللى ھەزرىتىم مىلادى 1848-يىلى(ھىجىرىيىنىڭ 1264-يىلى)قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ زوڭلاڭ يېزىسى ئايباغ كەنتىدە ئىسلام دىنى ئالىمى، ماھىر تىۋىپ قۇتبىدىن شاھ ھەزرەتلىرىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ، مىلادىنىڭ 1927-يىلى(ھىجىرىيىنىڭ 1345-يىلى)رامىزان ئېيىدا، قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ كاسكا يېزىسىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
    كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە مەككىگە بارغان. سەئۇدى ئەرەبىستاندا باشلانغۇچ مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن،ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ ھىندىستان دېھلى شەھىرىگە كەلگەن ۋە «دېھلى دارىلئۇلۇم» مەدرىسىدە، ئاندىن ئىراننىڭ «ئىسپاھان دارىلفۇنۇنى»دا، ئاخىرىدائاففىغانىستان «كابول دارىلفۇنۇنى»دا ئوقۇپ، ھەر تەرەپلىمە بىلىم تەھسىل قىلغان.

        شائىرنىڭ ئەقلىي، ئىلمىي، ئەدەبىي كامالىتى كۆپ تەرەپلىمە، مول بولغانلىقتىن، ئۆز دەۋرىدىكى ئالىم، ئەدىبلەر ئۇنىڭغا «تەجەللى-مۇجەللى» تەخەللۇسنى قويۇشقان.
    «تەجەللى-مۇجەللى»- ئەرەپچە سۆز بولۇپ، «تەجەللى»-چاقناپ تۇرغان نۇر، دىگەن مەنىدە، «مۇجەللى»-مۇسابىقە مەيدانىدا بىرىنچىلىكنى ئالغۇچى، دىگەن مەنىدە ئىدى.

        شائىر ئىسلام دىنى ئىلمىنىڭ بارلىق تارماقلىرىدا، دۇنياۋى مۇھىم پەنلەردىن تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات، تارىخ، لوگىكا، تەبىئەت، ئاستىرنومىيە، خىمىيە، مېدىتسىنا، ماتىماتىكا قاتارلىقلاردا كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە ئالى مەلۇماتقا ئىگە ئىدى.

        ئۇيغۇر ئالىمى، شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى-مۇجەللى ھاياتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قاغىلىق، يەكەن، گۇما ناھىيىلىرىدە ئۆتكەن. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى پاساھەت ۋە بالاغەت جەھەتتە روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى. ئۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سەركەردە بۇلۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا ئەرەپ، پارىس ئەدەبىياتىدىمۇ ئالى ماھارەت ئىگىسىدۇر.

        ئۇنىڭ ئىلمى، ئەدەبىي تەلىماتلىرىدىن ئەڭ سۆيۈملۈك شاگىرتى گۇمىلىق ئابدۇجېلىل داموللا ھاجىم، شۇنىڭدەك ئالىم، ئەدىبلەردىن ئاتۇشلۇق ئابدۇقادىر داموللام، شەمسىدىن داموللا ھاجىم، ئۆزبەك ئالىمى زەرىف قارى ھاجىم، قەشقەردىن ئابدۇكېرىم زىيائى، پوسكامدىن ئىسرافىل داموللام، يەكەندىن سالىھ داموللام، گۇمىلىق ئىسمائىل ھاجىم، قاغىلىقتىن مۇتىئۇللا ئەلەم ئاخۇنۇم، شائىرلاردىن فۇرقەت قاتارلىقلار ئىلھام ۋە روھىي ئوزۇق ئالغان.

        ئۇ، ئۆز تىببى ماھارىتى بىلەن يۈرەك، ئۆپكە كېسەللىكلىرىگە ئوخشاش خەۋپلىك كېسەللەرنىمۇ داۋالاپ ساقايتىپ، كۆپ ئۆرنەكلەر ھاسىل قىلىپ، نۇرغۇنلىغان خەلقنى داۋالىغان؛ دورىگەرلىكتىمۇ تەرياق، ھەبىبى زۇفا، ھەبىبى جەۋھىرى ئازاراقى قاتارلىق ياخشى دورىلارنى ياساپ نەتىجە قازانغان. شاگىرت تەربىيىلەپ، ۋارىس قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ھازىرمۇ خەلقىمىزنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا چوڭ تۆھپە قوشماقتا. مەسىلەن: خوتەن مىللى شىپاخانىدىكى مۇتەخەسسىس، پىشقەدەم تىۋىپ تۇردى ھاجىم(تۇردى ھاجىم ھازىر ۋاپات بولۇپ كەتكەن-يوللىغۇچىدىن) ۋە ۋاپات بولۇپ كەتكەن تىۋىپلاردىن قاغىلىقتىن يۇسۇپ ئەپەندىم، گۇمىدىن ئىبراھىم ھاجىم مامۇت ھاجىم، قەشقەردىن مۇسا ئاخۇنۇم قاتارلىقلار ئۇنىڭ تىببى ماھارىتىدىن تەربىيە ئالغان داڭلىق تىۋىپلاردۇر.

       ئۇنىڭ بۇلغارىيە قاتارلىق ئەللەردە نەشىر قىلىنغان «بەرقى تەجەللى، سەبقى مۇجەللى»، «دىۋان تەجەللى» قاتارلىق كىتابلىرى ۋە تاشكەنتتە «باياز»لارغا كىرگۈزۈلۈپ، ئەينى يىللاردا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مىللى مەكتەپلەردە ئەدەبىيات دەرسى سۈپىتىدە ئوقۇتۇلغان شۆھرەتلىك ئەسەرلىرىدىن باشقا، مەرھۇم ئابدۇلھىكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ مۇبارەك ئىلكىدە بىردىنبىر قول يازمىلار ھالىتىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان «دىۋان ئەرەبى»(ئەرەبچە شېئىرلار توپلىمى)، «تۆھبەتۇل بەررەيىن» («ئىككى قۇرۇقلۇققا تۆھپە»)، «مەجمۇئەتۇل قەسائىدە»(«قەسىدىلەر توپلىمى»)، «سەبدەرنامە»، («قەھرىمانغا بېغىشلايمەن»)، «تىلسىم ئىشىق»(«ئىشىق مۇھەببەت تىلسمى») ۋە قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەپسىرى قاتارلىقلار بار.

       شائىرنىڭ «تەجەللى»(چاقناپ تۇرغان نۇر) ۋە «مۇجەللى»(مۇسابىقە مەيدانىدا ئۇتۇپ چىققۇچى) دېگەن ناملىرى ئۇنىڭ ئىلمىي ۋە ئەدەبىي كامالىتىگە مۇناسىپ ھالدا ئالىم، ئەدىبلەر تەرىپىدىن بېرىلگەن تەخەللۇس ئىدى. بىر قانچە يىلدىن بويان ئالىم ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ماقالىلەر ئېلان قىلىندى ۋە ئۇنىڭ نام-شەرىپى دۇنياۋىي مەشھۇر كىشىلەر قاتارىدا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئىسلام دىنى لوغىتىگە كىرگۈزۈلدى.

    (قاۋۇل ساۋۇر قاتارلىقلار تۈزگەن «قاغىلىق تارىخ ماتىرىياللىرى»دىن ئىلىندى)

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.