ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-13

    ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى-تەجەللى - [شەخىسلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39312463.html

     



    مەشھۇر ئالىم، بۈيۈك شائىر، داڭلىق تېۋىپ، مائارىپچى ۋە خىمىك ھۈسەنجان ئەكبەر تەجەللى ھەزرەتلىرى مىلادى 1856-يىلى قاغىلىق ناھىيسى زوڭلاڭ يېزا ئايكەن كەنتىدىكى دىنىي ئالىم، ماھىر تېۋىپ قۇتبىدىن شاھ ھەزرەتلىرىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ مەلۇماتىنى مەككىدە ئالغان. كېيىن دىھلى شەھرىدىكى دىھلى دارىلمۇئەللىمىن مەدرىسىدە، ئاندىن ئىراننىڭ ئىسپاغان دارىلفۇنۇننى ۋە ئاۋغانىستاننىڭ كابول دارىلفۇنۇندا ئوقۇغان.

    تەجەللى ئوقۇش جەريانىدا خىمىيە، تىبابەت، ئىلمىي نۇجۇم، تارىخ، لوگىكا، تىلشۇناسلىق، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىپ يۇقىرى ماھارەت ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماستىن، ئەرەب، پارىس، ئوردۇ ۋە ھىندى تىللىرىنىمۇ مۇكەممەل ئۆگەنگەن. تەجەللى ئوقۇشنى تۈگىتىپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەمرالىقىدا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەكەن، قەشقەر، قاغىلىق، گۇما قاتارلىق جايلاردا مۇددەرىسلىك قىلغان ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. خىمىيە ئىلمى بويىىمۇ تەجرىبە تەتقىقاتى ئېىلىپ بېرىپ، ئۇنى تىبابەتچىلىك بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن تىرىشقان. تىبابەتچىلىك، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىمارلارنىڭ دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا بولۇپ، يوقسۇللارنى داۋالىغاندا ھەق ئالمىغان ياكى ئاز ھەق ئالغان.

    ئۇ، ئۆزىنىڭ تىببى ماھارىتى بىلەن خەلق ئارىسىدىكى ھەرخىل كېسەللىكلەرنى، جۈملىدىن يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە ۋە سىل كېسىلى قاتارلىق كىسەللەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋالاپلا قالماي، بەلكى راك (سەرتان) كېسىلىنىمۇ يىلان گۆشى (زەھىرى) بىلەن داۋالاپ ساقايتقان. دورىگەرلىك جەھەتتە قەدىمكى تىببى كىتابلاردىكى نۇسخىلار ۋە ئۆزى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈپ چىققان نۇسخىلار ئاساسىدا تەرياق، ھەببى زۇفا، ھەببى جەدۋار، ھەببى ئازراقى (سترخىنىن كۇمۇلىسى)، پولات كۇشتىسى، سىماب كۇشتىسى، پۈتۈن بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان ھالۋايى بىزە قاتارلىق ئېسىل دورىلارنى ئىجاد ۋە ئىختىرا قىلىپ خەلقنى داۋالاپ كېسەللىك ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغان.

    تەجەللى ھەزرەت «تەجەللى نۇسخىلىرى» ناملىق قول يازما كىتابلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەندىن باشقا، نۇرغۇنلىغان شاگىرتلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى خەلقىمىزنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشقان. خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىنىڭ 125ياشلىق مۇدىر ۋىراچى مەرھۇم تۇردى ھاجى، قاغلىقتىن يۈسۈپ ئەپەندى، ياسىن ئاخۇن داموللا، سەيدىنا ئەپەندىم (ئاۋغانىستانلىق)، سادىق مەخسۇم، گۇمىدىن مەھمۇد ھاجى، ئىبراھىم ھاجى، قەشقەردىن يۈسۈپ ھاجى قەشقىرى (سۆھبەتدىشى)، مۇسا ئاخۇنۇم قاتارلىقلار تەجەللىنىڭ تىببى ماھارىتىدىن تەربىيە ئالغان داڭلىق تېۋىبلاردۇر.

    قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇقادىر ھاجىدا «مىزان تىب» ناملىق بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭ باش ۋە ئاخىرقى قىسىملىرىدا تەجەللىنىڭ يەككە دورا رېتسىپى 75پارچىنى ئىگىلىگەندىن باشقا، قۇرۇق يۆتەلنىڭ رېتسىپى ئۈچ پارچە، قورساق ئاغرىقى(ئىچ ئۆتكۈ)، قىزىل، باش ئاغرىقى، بوۋاسىر، باش، قۇلاق، چىش ئاغرىقلىرىغا شىپا بولىدىغان رېتسىپلار بار. چارۋا ماللارنى داۋالاش توغرىسىدىمۇ رېتسىپلار بار.

    ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى ئالىم ھۈسەيىنخان ئەكبەر(تەجەللى)نىڭ تىبابىتىمىزگە قوشقان تۆھپىسى، ئۆزى ياشىغان دەۋرىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە كىشىلەر ئارىسىدا مەدھىيلىنىپ كەلمەكتە.

    (مەنبە: «ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى»)

     


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.