ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-13

    ئەركىنلىك جەڭچىسى-نىلسون ماندىلا - [شەخىسلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39311463.html

    ئەركىنلىك جەڭچىسى-نىلسون ماندىلا

    نىلسون ماندىلا 1918-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ترانسكىيەدىكى بىر قەبىلە باشلىقى ئائىلىسىدا دۇنياغا كەلگەن.
    1938-يىلى مېلبورىن ئىنىستىتوتىغا كىرگەن. كىيىن يەنە ۋېرتۋورسلاند ئۇنۋىرستىتىغا ئۆتۈپ قانون كەسپى بويىچە دىپلوم ئالغان.
    1952-يىلىدىن 1956-يىلغىچە يوھاننىسبورگدا ئادۋوكات بولغان.  

    ماندىلا قەيسەر ئىرادىلىك، مىللى قەھرىمانلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان بولغاچقا، ھەمدە ئۆيدىكى بالىلارنىڭ چوڭى بولغاچقا «قەبىلىنىڭ ۋارىسى» دەپ بەلگىلەنگەن.
    ئەمما ئۇ «ھەرگىزمۇ بىر قەبىلە ئاقساقىلى سالاھىيىتىدە بىر ئېزىلگەن قەبىلىنى باشقۇرمايمەن، ئەكسچە بىر جەڭچىلىك سالاھىيىتى بىلەن مىللىي ئازاتلىق ئىشلىرىغا ئۆزۈمنى بېغىشلايمەن» دەپ قارار قىلغان.
    1944-يىلى زوراۋانلىقسىز كۆرەشنى تەرغىپ قىلىدىغان «جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي قۇرۇلتىيى»غا قاتناشقان.
    1948-يىلى بۇ قۇرۇلتاينىڭ ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن،
    1952-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، دلانسۋا ئۆلكىلىك شۆبىسىنىڭ رەئىسى، مەملىكەتلىك كومىترىتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن.
    شۇ يىلى «ئادالەتسىز قانوننى كۆزگە ئىلماسلىق» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ ھەم ئۆزى رەھبەرلىك قىلىپ بارلىق قارا تەنلىكلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن.
    1961-يىلى ئىش تاشلاش ھەركىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئاق تەنلىكلەرنىڭ «جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى» قۇرغانلىقىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. كىيىن پارتىزانلىق ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ، قۇرۇلتاينىڭ ھەربىي ئورگىنى بولغان-«مىللى نەيزە» قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى بولغان.
    1962-يىلى 8-ئايدا تۈرمىگە تاشلانغان، شۇ چاغدا ماندىلا 43 ياشتا ئىدى،
    جەنوبى ئافرىقا ھۆكۈمىتى «قۇتراتقۇلۇق» ۋە «قانونسىز چىگرىدىن چىقىش» جىنايىتى بىلەن ئۇنى بەش يىللىق قاماققا بۇيرىغان.
    1964-يىلى 6-ئايدا يەنە «قورال كۈچى بىلەن ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان» دىگەن جىنايەت بىلەن مۇددەتسىز قاماققا بۇيرىغان.
    نىلسون ماندىلا تۇرمىدىكى 27 يىللىق ھاياتىدا چىدىغۇسىز ئازاپلارنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ.
    1990-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى جەنۇبى ئافرىقا ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك بېسىملار ئاستىدا نىلسون ماندىلانى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.
    شۇ يىلى 3-ئايدا ئۇنىڭ «جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي قۇرۇلتىيى»دىكى ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
    1991-يىلى 7-ئايدا «جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي قۇرۇلتىيى»نىڭ رەئىسلىككە سايلانغان.
    نىلسون ماندىلا جەنوبى ئافىرىقىلىق تۇنجى قارا تەنلىك پېرىزدىنت.
    ئۇ جەنوبى ئافرىقىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا زور تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن 1993-يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى جەنۇبىي ئافرىقا پىرىزدىنتى ف.ۋ.دېكلېرك بىلەن بىرلىكتە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
    1994-يىلى 4-ئايدا «جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي قۇرۇلتىيى» تۈنجى قېتىم ئېرقىي ئايرىمچىلىق بولمىغان سايلامدا يېڭىپ چىقىپ، شۇ يىلى 5-ئايدا ماندىلا جەنوبى ئافرىقىنىڭ تۈنجى قارا تەنلىك پرىزدىنتى بولۇپ سايلانغان.
    1997-يىلى 12-ئايدا ماندىلا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، 1999-يىلى 6-ئايدا خىزمىتىدىن رەسمى ئايرىلغان.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.