ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-13

    ئانىنىڭ كۈچ قۇدرىتى - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39310980.html

     

    ئالىپ   تاغ  تىزمىسىدا  بىر --بىرى بىلەن  دۈشمەن  ئىككى  قەبىلە  باركەن ، بىرى  ئويمانلىقتا ،يەنە  بىرى  تاغ  ئۈستىدە   ياشايدىكەن ،بىر  كۈنى  ئۈستىدىكىلەر  ئويماندىكىلەرگە  تۇيۇقسىز  ھۇجۇم  قىلىپ ،  بۇلاپ--تالاپ ،  يەنە  بىر  كىچىك  بالىنى  تۇتقۇن  قىلىپ  كىتىپتۇ .  بىراق ئويمانلىقتىكىلەر  تاققا  چىقىشنى  بىلمىگەچكە  ،ئۇلارنى  قانداق  ئىزدەشنى  بلمەپتۇ،   شۇنداق  بولسىمۇ ،ئۇلار  يەنىلا  ئۆزلىرىنىڭ  قەبىلىسىدىكى  ئەڭ  كۈچلۈك ،ئەڭ  باتۇر  ئەسكەرلەرنى  بالىنى  قايتۇرۇپ  كىلىشكە  ئەۋەتىپتۇ.
    ئەسكەرلەر  بىر   قانچە  كۈنلۈك  جاپالىق  تىرىشىش  ئارقىلىق  ئارانلا  تاغنىڭ  يىرىمىغا  چىقىپتۇ ،ئاخىرى  ئۇلار  بالىنى  ئىزدەشتىن  ۋاز  كىچىپ  قايتىشقا  تەييارلىنىۋاتقاندا  ،تۇتقۇن  قىلىنغان  بالىنىڭ  ئانىسىنىڭ  تاغدىن  چۈشۈپ  كىلىۋاتقانلىغىنى  كۆرۈپتۇ . ئۇلار  ئۇنىڭ  تاققا  قانداق  چىققانلىغىنى  تەسەۋۋۇر  قىلالماپتۇ .
    بالىنىڭ  ئانىسى  يىقىن   كەلگەندىلا  ، ئۇلار  ئۆزلىرى  ئىزدەۋاتقان  بالىنىڭ  ئۇنىڭ  دۈمبىسىدە   باغلاقلىق  ئىكەنلىكىنى  كۆرۈپ  ھەيران  قاپتۇ.    ئۇلارنىڭ  ئىچىدىكى  بىرى < بىز  خىللانغان  ئەسكەرلەر تۇرۇپ  بۇ  تاققا  چىقالمىدۇق، سىز  قانداقلارچە  تاققا  چىقىپ بالىنى  تىپىپ   كەلدىڭىز  ؟> ---دەپ  سوراپتۇ.
    بالىنىڭ  ئانىسى مۈرىسىنى قىسىپ  قويۇپ ،ئىغىر  ---بىسىقلىق  بىلەن <چۈنكى  ئۇ  سىزنىڭ  بالىڭىز  ئەمەس -دە > دەپ    جاۋاپ  بېرىپتۇ.


    مەنبە :تەرمىلەر  ژورنىلى  


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.