-
2009-05-13
قەدىمكى ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى پال چوكىسى - [ئۇيغۇرتارىخى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39310555.html
1965-يىل 1-ئايدا ، تۇرپاننىڭ سۇلايمان ۋاڭ مۇنارىسى ئەتىراپىدىكى ئەنجانلىق خارابىلىقىدىكى بىر قەدىمكى بۇددا دىنى ئىبادەتخانىسى ئىزىدىن بڭر كومزەك تېپىلغان . ئۇ كومزەكنىڭ ئىچىدىن << سۇن چۇەن تەزكىرىسى >> ، قېيىن قوۋزىقىغا يېزىلغان سانسىكىرىت يېزىقى قاتارلىق بىر تۇركۇم قول يازمىلار بىلەن بىللە قەدىمكى ئۇيغۇرچە يېزىقى بار 25 تال تارىشا چىققان .
بۇ ماقالىدە مەخسۇس مۇشۇ 25 تاياقچە ئۇستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىدۇ ....
بۇ تارشىلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىگى ئاساسەن ئوخشاش . ئۇزۇنلىقى 14 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە ، كەڭلىگى بىر سانتىمېتىر ، قېلىنلىقى 0.5 سانتىمېتىر ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە تارىشا سۇنۇق ، خەتلىرىمۇ ئۆچكەن ، قالغانلىرى ساق ، خەتلىرىمۇ ئېنىق ، ھەممىسى قارا سىياھدا موي قەلەم بىلەن يېزىلغان .
تىرانسكرىپسىيىسى تۆۋەندىكىچە:
1. سكىز ئون بىر ( سەكسەن بىر ) 2.ئالتمىش ئۈچ (ئاتمىش ئۈچ ) 3.توقۇز ئون بىش ( توقسان بەش )
4. توقۇز ئون ئالتى (توقسان ئالتە ) 5.سكىز ئون ئالتى ( سەكسەن ئالتە ) 6. سكىز ئون ئىكى ( سەكسەن ئىككى )
7. قرق سكىز ( قىرىق سەككىز ) 8. ئالتىمىش تورت (قىرىق تۆت ) 9. ئەلىگ (ئەللىك )
10. قرق ئىكى ( قىرىق ئىككى ) 11. قرق توقۇز ( قىرىق توققۇز ) 12. توقۇز ئون سكىز ( توقسان سەككىز )
13. ئەلىگ سكىز ( ئەللىك سەككىز ) 14 . ئوتۇز ئالتى ( ئوتتۇز ئالتە ) 15. قرق بىر ( قىرىق بىر )
16. ئوتۇز يىتى ( ئوتتۇز يەتتە ) 17. ئوتۇز توقۇز ( ئوتتۇز توققۇز ) 18. يۇز ( يۈز )
19. قرق بىش ( قىرىق بەش ) 20. يەتمىش ئۇچ ( يەتمىش ئۈچ ) 21. ئەلىگ بىر ( ئەللىك بىر )
22. توقۇز ئون .... ( توقسان ....) 23. ئون ..... ( .........) ................قاتارلىقلار ....
يۇقاردىكى سانلار خالىغانچە يېزىلغان ئەمەس ، بەلكى مەقسەتلىك ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان . ئۇنىڭدا << تۆت >> دېگەن سان ئالتە قېتىم ، << بەش >> دېگەن سان بەش قېتىم ، << ئالتە >> دېگەن سان بەش قېتىم ، << بىر >> دېگەن سان ئۈچ قېتىم ، << ئىككى >> دېگەن سان ئىككى قېتىم ، << يەتتە >> دېگەن سانلارنىڭ ھەممىسى بەش قېتىمدىن تەكرارلىنىدۇ . بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغان سان قەدىمكى پال بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
پال قەدىمكى ھېساپ ئىلمى دەپمۇ ئاتىلاتتى . بۇنداق ئىلىم ئارقىلىق ياخشىلىق - يامانلىق ھەققىدە مۇنەججىملىك قىلىناتتى . قەدىمدە ئاسمان ، يەر ( ئادەمزات ۋە باشقا مەۋقۇداتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) دىكى تۇرلۈك مەۋجۇداتلارنى مەلۇم سان بىلەن ئىپادىلەيدىغان قىلىپ ، ئۇنى ئالتۇن ، ياغاچ ، سۇ ، ئوت ، توپىدىن ئىبارەت بەش چوڭ مەۋجۇدىيەت بىلەن نۆۋەتلەشتۇرۇپ ھېسابلاپ ، ئۇنىڭدىن << مەنە >> چىقىرىپ مۇنەجىملىك قىلىدىغان بىمەنە ئىشلار بار ئىدى .
بەزى خەنزۇچە پال كىتابلىرىدا ، پالغا 55 سان ئىشلىتىلىدۇ دەيدۇ ، يەنە بەزىلىرىدە 49 سان ئىشلىتىلىدۇ دەيدۇ . ئومۇمەن بۇ جەھەتتە رىۋايەتلەر ئوخشاش ئەمەس ، بۇ ئۇيغۇرچە پالغا 49 سان ئىشلىتىلگەن .
بۇ پال چوكىسى بىلەن بىللە بىر كومزەكتىن چىققان قول يازمىلارنىڭ << سۇن چۇەن تەزكىرىسى >> دىن باشقىلىرى ئاساسەن كيۇ جەمەتى ھاكىمىلىق قىلغان قۇجۇ دۆلىتى ( مىلادى 499-640 -يىللار ) زامانىسىدىكى قۇجۇ يېزىقىدا يېزىلغان ( خېتى خەنزۇچە ) بۇددىزىم ئوملىرى ئىدى.
بۇ مەدىني يادىكارلىقلار قاچىلانغان كومزەكنىڭ ئېگىزلىكى 34 سانتىمېتىر ، ئېغىزىنىڭ دىئامىتىرى 11 سانتىمېتىر ، قورسىقىنىڭ دىئامىتىرى 28 سانتىمېتىر ، تۇۋىنىڭ دىئامىتىرى 16 سانتىمېتىر ، قېزىۋېلىنغاندا ساق . ئۇنىڭ ئاغزى لاي بىلەن ئېتىلگەن . ئۇنىڭ ئۇستىگە شىرنىڭ شەكلى چۇشۇرۇلگەن تامغا بېسىلىپ پېچەتلەنگەن . كومچەكنىڭ بېزەكلىرى نىلوپەر نۇسخا ، بۇنداق گۇل نۇسخىلىرى دەل كيۇ جەمەتى ھاكىمىلىق قىلغان قۇجۇ دۆلىتى دەۋرىدە قوللىنىلغان تىپىك نۇسخا ئىدى . تارىخى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا ، تۇرپان ئويمانلىقىدا ئەڭ بۇرۇن جەنۇبىي ھونلار دۆلەت قۇرغان . ئۇلارنىڭ كىيىنىش جەھەتتىكى ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە يېزىق ، خەت -چەكلىرى خۇددى خەنزۇچە تارىخىي خاتىرلەردە ئېيتىلغاندەك ئىدى . يەنى << ئەرلىرى خور ( ئۇيغۇر ) لارچە ، ئاياللىرى خۇاشىياچە >> كىيىنەتتى ، يېزىقى خۇاشىياچە ، ئوقۇلىشى خورچە ئىدى . بۇ رايوندا ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك بىلەن مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش كۆپ بولغانىدى . مۇشۇ پال چوكىسىمۇ شۇ زاماندا ئۆگىنىلگەن جوڭگوچە مۇنەجىملىكنىڭ بىر خىلى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ .
بۇ پال چوكىسىدا سانلارنى خاتىرلەش ئۇسۇلى جەھەتتە بىر ئالاھىدىلىك بار . مىلادى Ⅸ-Ⅷ ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرچە قول يازمىلاردىكى ئۇسۇل بۇنىڭدىن پەرق قىلىدۇ . مەسلەن ، << توقۇز يىگىرمى >> ( مەنىسى ئون توققۇز ) ، << ئۈچ ئەلىگ >> ( مەنىسى قىرىق ئۈچ ) ، <<بىش توقۇز ئون >> ( مەنىسى سەكسەن بەش ) ، << تۆرت تۇمەن بىش مىڭ ئۈچ يۇز ئالتىمىش >> ( مەنىسى ئالدىنقىسى بىلەن ئوخشاش ) ، لېكىن بۇنىڭدا << سەكسەن بىر >> دېگەن سان << بىر توقۇز ئون >> دىيىلمەي << سەككىز ئون بىر >> دېيىلگەن . بۇنداق سان خاتىرلەش ئېھتىمال قەدىمىرەك بولسا كېرەك . بۇنىڭدا يەنە سىنگارمونىزىم ئالامەتلىرىمۇ مۇقىم ئەمەس . بەزىدە ئۇزۈك تاۋۇشلار سوزۇق تاۋۇش ئورنىدا ئىشلىتىلگەن . مەسلەن ، << بىر >> نى << بر >> ، <<ئەلىگ >> نى << ئەلگ>> دەپ يازغان . دېمەك << ر >> بىلەن << گ >> سوزۇق تاۋۇش بۇلۇپ كەلگەن . شۇنداقلا ئو ، ئۇ ، ئۆ قاتارلىق سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئورنى تولىراق ئالماشتۇرۇپ قويۇلغان ، بۇلارمۇ يېزىقتىكى خاملىقنىڭ ئالامەتلىرى .
بۇ پال چوكڭسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ماتىرىيال قىممىتى شۇكى ، ئۇ مىلادى Ⅶ ئەسىرىدە تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى .http://bbs.retim.cn/viewthread.php?tid=452&extra=page%3D2
历史上的今天:
ھايات - قىممەتلىك پۇرسەت 2009-05-13سۆگەتنىڭ شىپالىق رولى 2009-05-13ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎﻗﻼر 2009-05-13قىتان خانلىقىدىكى ئىككى ئۇيغۇر شائىرە 2009-05-13ئۇيغۇر مىللىتى 2009-05-13
收藏到:Del.icio.us