-
2009-05-12
ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھىكىمەتلىرى - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39310370.html
1ھەسەت - بۇ تارىختىن بېرى نەتىجە قازانغۇچىلارغا قەبىھ قەلىب ئىگىللىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن << تۆھمەت خاراكتىرلىك ئىقرار >> دىن ئىبارەت .
2 ھەسەتخۇرنىڭ قولىدىن دوزاخ ، تىلىدىن قىيامەت ئاپېرىدە بولىدۇ .
3 ھەسەت ئانچە كۆڭىل قۇيۇپ كەتكۈدەك نەرسە ئەمەس . جامائەت بۇ خۇنىك ئىللەتنى چۈشەنگەندە ، ئۇ لەنەتكە مەھكۇم بولىدۇ .
4 سۈيقەسىت ، پىتنە - ئىغىۋاگەرچىلىك ، تىل بىرىكتۈرىۋېلىش ، پارىخۇرلۇق ، خۇشامەتچىلىك قاتارلىقلار كىشىلەر ئارسىدىكى مۇناسىۋەت گۈزەللىكىنى بۇلغايدۇ . ئۇ ئەخلاقىي چۈشكىنلىكنىڭ ھەرخىل مۇناسىۋەتتىكى ئىپادىللىرىدىن ئىبارەت .
5 سەنئەت كارلارنىڭ ، يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى يۇقۇلاڭ باھالاش ، ئارقىلىق پىتنە قوزغاش ، ئۇنى باشقىلارغا يامان كۇرسىتىشكە ئۇرۇنۇش ، سەۋيەسى تۈۋەن ئىچى قۇتۇر يارىماس قەلەم ساھىبىللىرىنىڭ ئىشى ...
6 كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خاراپلىشىشى ئاپپاق خۇجا ۋە ئۇنىڭ ئىت - غالچىللىرىنىڭ ھەسەتخۇرلىقى ، پىتنە - ئىغۋالىرى ۋە تۆھمەتلىرىدىن بۇلغان . بۇ چېكىدىن ئاشقان بۇزغۇنچىلىقنىڭ تۈپ يىلتىزى - ھەسەت .
7 ھەسەت ۋە ھەسەت گۇرۇھۋازلىق مىللەتنى نابۇت قىلىدۇ .
8 ھەسەتخۇرلۇق - نامەرىت ، كۆڭلى قارا ، خيانەتكار روھ ، ھەسەت بىلەن ۋىجدان بىللە بىر قەلىپتە ياشىيالمايدۇ .
9 قارىسىغا سۆزلەش ، باشقىلارنىڭ ئىغۋالىرى ، قەسەملىرىگە ئىشىنىپ جىنايەت يۇلىغا مېڭىش ، تەلۋە - ئەسەبىيلىككە يۈزلىنىش ، قاپقانغا چۈشىپ قېلىشلار تەنتەكلىكنىڭ ئالاماتى .
10 شۆھرەتپەرەسلىك بىرخىل ھاماقەتلىك ...!
11 قارا نىيەتلىك ۋە قۇلى يەتمەسلىك ھەسەتخۇرلۇقنىڭ باشلىنىشىدىن ئىبارەت .
12 بىلىمنى قەلبى كۇرسى ۋە كامالەت كۇرسىغا يەتكۈزمىگەن << ئۆلىما - زىيالىي >> ئۆز مىللىتىدىن ھەقىقىي تەپەككۇر ۋە بىلىم ئىگىللىرىنىڭ چىقىشىنى كۆرەلمەدۇ .
13 ھەم قۇلى قىسقا ناقابىل ھەم قارا نىيەت ھەم غەيۋەتخۇر بولۇش بىرخىل زىدىيەتچىل روھىي كىسەللىك بولۇپ ، ئىبلىس تەسۋىرىگە ئۇخشايدۇ
14 پىتنە تۇغدۇرۇپ ، تۆھمەت قىلىش يولى بىلەن سېسىتقۇچىلارنىڭ مۇقەرەرر سېسىپ كېتىشى بۇ بىر ھەقىقەت . مانا بۇ تارىخنىڭ نۇرانە يۆلىنىشى . ئەگەر ئۇنداق بۇلمىغاندا تەڭرىمۇ بۇلمىغان ، ئىستىقبالمۇ بۇلمىغان ، ئىشەنىچ ۋە ئالىي ھىممەتمۇ بۇلمىغان بولار ئىدى .
15 ھەسەتخۇرلۇق شۇنداق كىسەلكى ، بىرىنچىدىن ، ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ ؛ ئىككىنچىدىن ، يۇقتۇرىۋالغان كىشىلەرنى ھااك قىلىدۇ ؛ ئۈچۈنچىدىن ، مىلەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ، روھىي ئۇيۇشتۇرغۇچى ئاقىل كىشىلەرنىڭ ئابروي نۇۇپۇزىنى داۋاملىق قىرقىپ ، مىلەتنىڭ ھالاك بۇلۇش جەريانىنى تېزلەشتۈرىدۇ ...
16 ھەسەتخۇرنىڭ تەپەككۇرى ، ھىسىياتى ، تىلى ، قەلبى خۇنىكلىك بىلەن تۇلغاچقا ، تىنىقى ۋە يۈرەك سۇقۇشى ھەمىشە ھەسەت زەھىرى ، بوھتان ئوتى ۋە قۇرقۇش تەشۋىشىدە تۇرۇدۇ ، ئۇنىڭ روھىي كىسەللىكى جىسمانىي ئاجىزلىقىنى كەلتۈرىپ چىقىرىدۇ . ھەسەتخۇرلۇقنى يۇقتۇرىۋالغان كىشى ئۆزىگە << جەڭگاھ >> ئېچىۋالغان يەنە بىر ھەسەتخۇرلۇق .
17 ھەسەتخۇرلۇق تەرىپىدىن چىرمىۋېلىنغان مىللەت گەرچە تىل بىرلىكى بىللەن بىرلىشىپ تۇرسىمۇ ، قەلبى پارچىلانغان مىلەتتىن ئىبارەت
18 قەلەم ئەھلىنىڭ شان - شەرىپى ، مەرىتلىكى ۋە ئەركەكلىكى ھەسەتخۇرلىقتىن مۇتلەق خالىي بۇلۇشتا .
19 مىللەتنىڭ روناق تېپىشى ، ھەتتا رىقابەتچان دۇنيادا ساقلىنىپ تۇرىشى ئۈچۈن ئىلىم - پەن بىلەن نادانلىقنى تازلاش ، ئىتىپاقلىق ، ئىناقلىق ، ھەمجەھەتلىك بىلەن ھەسەتخۇرلۇقنى تازلاشتىن باشقا يول يۇق ! بۇ جەھەتتىن ھەسەتخۇرلۇق مىلەتنىڭ تەقتىرىگە ئالاقىدار چوڭ مەسىلە .
20 ھەسەتخۇر باشقىلارنىڭ سۈرىتىنى تامغا ئېسىپ قۇيۇپ ، ئۇنىڭ بەدىنىگە چاڭگال سېلىپ ، گۆشىنى تىتىپ يىگەندەك خىيالى كۆرىنىشتىن ئۆز - ئۆزىنى بەزلەپ ، ئەمەلدە ھەر دەقىقە ئۆز - ئۆزىگە چاڭگال سېلىپ ، ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگۈچىدۇر .
历史上的今天:
ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى 2009-05-12ئابدۈشكۈر مۇھەممەدئىمىن رۇبائىيلىرى 2009-05-12گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي 2009-05-12
收藏到:Del.icio.us