ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-12

    ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39310250.html

      بىرلىك - ھەمدەملىك مىللەتنىڭ ھاياتلىق ئالامىتىدىن ئىبارەت . جانلىق تەبىئەت شۇنى كۆرسەتتىكى ، غەيرىي ئاڭ ئىلكىدىكى ئېنىستېنكىتلىق تۈركۈم تۈزۈلمىسى بىر قەدەر يۇقىرى دەرىجىدە تۇرىدىغان ھايۋانلار ھاياتىدىمۇ مۇھىم ھادىسە ھېسابلىنىدىكەن ، شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ، ئۆز تۈركۈمىدىن ئايرىلىش _ ھالاكەت ! مىللەتنى تىل ، تېررىتورىيە ، ئىقتىسادىي ئېتنىك تۇرمۇش ۋە روھىي بىرلىك ئامىللىرى بىر گەۋدە قىلىپ تۇرىدۇ . مىللەتمۇ مەركەزگە ئىنتىلگۈچى ، ئۇيۇشتۇرغۇچى كۈچ ۋە ئۇنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تۇرغانلىقى مەسىلىسى بولىدۇ . پېفاگورنىڭ << ئالەمنىڭ ئاساسى _ مىقدار ، ھەممىدە مىقدار مۇناسىۋىتى ۋە مىقدار نىسبىتى بولىدۇ >> دېگەن قائىدىسىنى مىللەتتىن ئىبارەت بۇ قۇرۇلمىغا ، ئۇنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچى كۈچ دەرىجىسىگە تەدبىق قىلىش مۇمكىن . مىللەت ئۆزىگە خاس بىرلىك ئالامەتلىرى ئاساسىدا تارىخىي يوسۇندا كونا ئەۋلاد ئورنىغا يېڭى ئەۋلاد ، كونا مەدەنىيەت ئورنىغا يېڭى مەدەنىيەت ، كونا تۇرمۇش ئورنىغا يېڭى تۇرمۇشنى داۋاملىق ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا تۇرىدۇ . بۇ ، ماھىيەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى تەركىبلەر بويىچە قايتا ئۇيۇشۇش جەريانىدىن ئىبارەت . ئائىلە ، مۇھىت ، روھىي يېتەكچىلەر ( مۇجتەھىدلەر ، مۇتەپەككۇرلار ) ، سىياسىي ئەربابلار ، مىللىي قەھرىمانلار ، غايىۋى ئوبرازلار ، سودا - سانائەتچىلەر ، تەلىم - تەربىيىچىلەر ۋە ئەدىبلەر مىللەتنى ئۇيۇشتۇرىدىغان ئاساسىي مەنبە ، ئېقىم ، تارماق ۋە ئامىللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇلارنىڭ قايسى بىرىدە مىللەتنى پارچىلايدىغان ، مىللەتنى روھىي جەھەتتە توزىتىدىغان ، پۇچۇلدۇرىدىغان ئىللەت تۇغۇلسا ، ئۇ ئۆز رولىنى تەتۈر ئويناشقا باشلىغان ، بۇزۇلغان بولىدۇ . بۇ ، تولىمۇ ئاددىي ، ھەممە چۈشىنەلەيدىغان ساۋات . ئەمما ، مۇشۇ ئاددىي ، ئەمما ئاساسىي ھايات ھالقىسىغا زىت يۇرتۋازلىق << ئالدىنقى ئېڭى >> ، ھەتتا ئاشكارا يۇرتۋازلىق ئېڭىنى بازارغا سېلىپ ، ، يۇرتۋازلىق << مۇھەببەت - نەپرەت >>ى پسىخىكىسىنى تارقىتىپ كەلگەن << مىللىي قەھرىمان >>لارمۇ يوق ئەمەس ! نادانلىق ئاسارىتىدكى كىشىلەردە ھەقىقىي يىراقنى كۆرەر كىشىلەرنى رەشىك - ھەسەت ئوقلىرى بىلەن جاراھەتلەندۈرۈپ ، مىللەتنىڭ بىرلىك - ھەمدەملىك كۈچىنى پارچىلايدىغان << قەھرىمانلار >> پات - پاتلا مۇنبەرگە چىقىپ قالىدۇ . ياۋايى قەبىلە باخشىلىرى ئۆز تۈركۈمىدە << مۇئەككەل >> كۆرۈنگىنىدەك ، ئۇلارنىڭ خېلى سۈرەن - شاۋقۇنلۇق توپلىرى قىمىرلىشىپ يۈرۈشىدۇ . سېھىرلىك يېرى شۇكى ، ئۇلارمۇ << مىللەت >> بايرىقىنى ئۆز ھاسىلىرىغا ئىلىۋېلىشقان . دېھقانلار ئارىسىدا سۇ ئېقىنىنى ، چارۋىچىلاردا يايلاق - جىلغىلارنى ، خوجا - ئىشانلاردا مەزھەپنى دەستەك قىلىپ ئەسىرلەر بويى داۋام قىلغان ، نەتىجىدە مىللەتنى نادان ، نامرات ۋە ۋىجىك قىلىپ قويغان << تۈرگە >> ، << تۈركۈمگە >> ئايرىغۇچىلارنىڭ ئىزىدىن ئىلى - قەشقەر ، ئۇيغۇر - تارانچى ئېقىمى گەۋدە قىلىنغان چوڭ - كىچىك يۇرتۋازلىق خاھىشلىرى مىللەت گەۋدىسىنى بىتاپ قىلىپ كەلدى . مۇشۇ ئىللەتكە تولىمۇ ھېرىسمەن بولغان << ئۆز يۇرت بالىسى >> دېگەنلەر ، مىللەت ئالدىدا خىجىل بولۇشنىڭ ئورنىدا ، يۇرتۋازلىققا ئىجىل بولۇپ ياشاشنى لەززەتلىك ھايات پەلسەپىسى قىلىشىۋالغان . قانچە - قانچە نادىر چېچەكلەرنى قارىلىغان ، قانچە - قانچە سەرخىل ئۈنچىلەرنى چەيلەپ دەپسەندە قىلغان ، دىلى يۇرتۋازلىق زەھىرى ، تىلى يۇرتۋازلىق نەشتىرى ، قەلىمى يۇرتۋازلىق خەنجىرى بىلەن گۇناھ قىلغانلار ئانا مىللەت ، ئانا ۋەتەنگە قانداق تىكىلىپ قارىيالىسۇن ؟ ! يۇرتۋازلارغا يۇرت بېرىشنىڭ ئۆزى بىزدىكى نادانلىق ئەمەسمۇ ؟ ! ئۆزلىرىچە مىللەتنى يۇرتلارغا پارچىلاپ ، << ياقا يۇرت >>نىڭ مېۋىسىنى تېتىپ ، << ياقا يۇرت >>نىڭ ئىغۋاسىنى سېتىپ قىلغان تېتىقسىزلىقلارنى قايتا ئويلىنىدىغان ، ئۇنىڭغا بەرھەم بېرىدىغان ئاڭ قاچان ئۆزىنىڭ بىرلىك - ھەمدەملىك نۇرىنى جىلۋىلەندۈرەر ؟ ! شۇنى ئېيتىش كېرەككى ، ئىچكى بىرلىك - ھەمدەملىكى بولمىغان مىللەت ئۆزىگە يۈزلەنگەن سۇبيېكت ئاڭدىن مەھرۇم مىللەت ، ئۆز ئىللەتلىرىنى ئۆزلىكىدىن تازىلاپ تارىخ سەھنىسىدە تېز ئىلگىرىلەش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم مىللەت ، رىقابەتكە تولغان يېڭى زامانغا لايىق جاسارەتتىن مەھرۇم مىللەت ، جۈملىدىن باشقا مىللەت خەلقى بىلەن ھەقىقىي ئىتتىپاقلىشىش ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىش ، ئۆز ئارا ئىشىنىش ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ، ئورتاق ئىلگىرىلەش ئارزۇسىغا كېلىشتىن يىراقتا تۇرغان مىللەتتۇر . يۇرت - ماكان ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدا ياشىغان ئادەمگە تونۇشلۇق بولىدۇ . بالىلىق ۋە ياشلىقنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ، سەبىي خاتىرىلىرى شۇ يۇرت - مەھەللە بىلەن تۇتاشقان . ئەمما ، بۇ ھېسسىيات ھادىسىسى يۇرتۋازلىق ئىدېئولوگىيىسى ۋە تەشەببۇسلىرىغا كۆتۈرۈلمەسلىكى ، << مىكرو گېتلېرچىلىق >> _ يۇرت - مەھەللىگە كىچىكلىتىلگەن << شوۋىنىزم >> ، << ناتسىستلىق >> بولۇپ قالماسلىقى لازىم . يۇرتۋازلىقنى ئۆزىنى گەۋدىلەندۈرۈش قورالى قىلىش ، ئۆزىنى مۇھاپىزەت قىلىش قورالى قىلىش ، گۇرۇھ توپلاش قورالى قىلىش ، ماھىيەتتە ئۆز يۇرتىنى دەپسەندە قىلىپ ، ئۆز يۇرتداشلىرىنى ئالداپ ، ئۇلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ھاقارەتلىگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس . يۇرتۋازلىق يۇرتتىن ئېرىغدالمىسا ، يۇرت گۈللىمەيدۇ . دۇنيا يۈزلىنىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە يۇرتۋازلىق مىللەتنى ھالاكەت گىردابىغا ئېلىپ بارىدىغان بىرلەشمە كېسەل ، خالاس .


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.