ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-03

    گۈزەل ھەم ساغلام بولاي دىسىڭىز - [تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38848825.html

    گۈزەل ھەم ساغلام بولاي دىسىڭىز
     
     

    قاينىتىلغان سوغۇق سۇدا يۈزىڭىزنى يۇسىڭىز، ئاپتاپتىن كۆيگەن تېرىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ
    ياز پەسلىدىكى تېرىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ـ كۈن نۇرى. مەيلى قانچىلىك ئېھتىيات قىلماڭ، تېرىڭىزنىڭ كۈن نۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنالمايسىز. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، تۈنجى بولۇپ قىلىدىغىنىڭىز، تېرىنىڭ كۆيگەندىكى تەسىرىنى يوقىتىش. كۆپ قېسىملار يۈزىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، تېرە ئاسىراش سۇيۇقلۇقلىرى بىلەن تېرىنىڭ تىمپىراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئەمما يېقىندىن بىرى، ياپۇنىيىلىك ئاياللار سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ بىلەن يۈز تېرىسىنى ئاسىراپ كەلمەكتە. ئۇ كۆڭۈلدىكىدەك "سەرپىياتى تۆۋەن تېرە گۈزەللەشتۈرۈش مەھسۇلاتى" بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياز پەسلىدە ئىشلىتىشكە تولىمۇ مۇۋاپىق كىلىدۇ.

    قانداق قىلغاندا، كۆڭۈلدىكىدەك تېرىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟
    كۆڭۈلدىكىدەك تېرىگە پەقەت تېرە ئاسىراش مايلىرىنى سۈرۈش بىلەنلا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. بۇنداق قىلىش پەقەت يۈز تېرىسىنى سىلىقلاش رولىنى ئوينايدۇ، خالاس. ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك تېرىگە ئېرىشكىڭىز بولسا، كەچلىك تېرە ئاسىراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىڭ. چۈنكى، كەچ تېرە ئاسىراشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى. كەچتە تىرە ئاسىراش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىسىڭىز، تېرە تولۇق ئۇزۇقلۇققا ئېرىشەلەيدۇ ھەم تولۇق ئارام ئالالايدۇ. كەچلىك تېرە ئاسىراشتا قايسى ئىشلارنى قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرېسقا كىرىپ كۆرۈڭ:
    http://health.people.com.cn/GB/14740/21471/7505533.html

    تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ، بولمىسا بەدىنىڭىزنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    1. تالا تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپلەپ ئېستىمال قىلىش كالتىسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    2. گۆش ۋە تۇخۇمنى كۆپ ئېستىمال قىلىش بەدەندىكى تۆمۈرنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    3.  كالتىسىي، فوسفورنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى كالتىسىينى كۆپلەپ خورىتىدۇ.
    4. دورىنى كۆپ ئېستىمال قىلىش بەدەندىكى ئۇزۇقلۇقلارنى خورىتىدۇ.
    5. تاماكا چىكىش، ھاراق ئېچىش بەدەندىكى ئۇزۇقلۇقلارنى خورىتىدۇ.
    6. ۋىتامىن C نى قايناقسۇ بىلەن بىللە ئىچمەڭ.
    7. كالتىسىي تولۇقلاشقىلا ئەھمىيەت بىرىپ، ماگنىي تولۇقلاشقا سەل قارىماڭ.
    8. بىلىقنى كۆپ ئېستىمال قىلماڭ. بۇ بەدەندىكى كالتىسىينى خورىتىدۇ.
    9. كىسلاتالىق ئېچىملىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلماڭ.
    10.  تۇخۇمنى ئېستىمال قىلىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىسا، قوبۇل قىلىنغان ئۇزۇقلۇقلارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. (پىشۇرۇلغان تۇخۇم 100%، قورۇلغان تۇخۇم 97%، قايناقسۇ، سۈت بىلەن بىللەن ئىچكەن تۇخۇم 92.5%، خام ئىچكەن تۇخۇم 30% ~ 50% ) مەيلى كېچىك بالىلار ياكى چوڭلار بولسۇن، ئوخشاشلا ھورداپ پىشۇرۇلغان ۋە سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇمنى ئېستىمال قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.
    11. ئۆزىڭىزدىكى ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، ھەممە يېمەكلىكلەرنى تەڭ ئېستىمال قىلىڭ.
    12. بەدىنىڭىزگە ماس كېلىدىغان يېمەكلىكلەرنى يەڭ.
    13. ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈت ئېچىڭ.
    14. پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئېستىمال قىلىپ بىرىڭ.
    15. ئاچ قورساق سۈت ئىچمەڭ.
    16. سۈت بىلەن شاكىلاتنى بىرگە ئېستىمال قىلماڭ.
    17. سەۋزىنى خام ئېستىمال قىلماڭ.
    18.  قاسراقلىق" يېمەكلىكلەرنىڭ "قاسراق" لىرىغا سەل قارىماڭ.
    تەپسىلى بىلمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرېسقا كىرىپ كۆرۈڭ:


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.