-
2009-05-03
ئەدەپ-ئەخلاق توغرىسىدا - [ئەخلاق تېمىلىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/38875335.html
ئەخلاق توغرىسىدا
ئەخلاق_ئەرەپچە"خۇلق"سۆزىنىڭ كۆپلىكى بولۇپ،ئىنساننىڭ نەپسىدە،تەبىئىتىدە ھاسىل بولغان ۋە تەكرارلىنىدىغان بىر ئىش ھالىتىدۇر.ئەگەر تەكرارلانغان ئىش گۈزەل بولسا،"ياخشى خۇلق،كۆركەم خۇلق"دىيىلۇر. يامان بولسا ،ئۇ "يامان خۇلق،ياۋۇز خۇلق"دىيىلۇر.ئەدەپ ، تەۋازۇ ،ساداقەت ،مەرھەمەت،شەپقەت، ھايا،ۋاپا،ئادالەت،سېخىلىق كەبى ياخشى خىسلەتلەر كۆركەم خۇلقلۇق ئادەملەردە مۇجەسسەمدۇر.ھېرىس،تەمە،بېخىللىق،تەكەببۇرلۇق،يالغانچىلىق،ئىغۋاچىلىق،ھەسەت،مۇناپىقلىق،خىيانەت قاتارلىق يارىماس خىسلەتلەر ياۋۇز خۇلقلۇق ئادەملەردە بولىدۇ.خەلق گۈزەل خۇلقلۇق ئادەمنى ھۆرمەتلىسە،ياۋۇز خۇلقلۇق ئادەمدىن نەپرەتلىنىدۇ.
ئەدەپ-ئەخلاق توغرىسىدا
"ئەدەپ"ھەرقانداق ئەھۋالدا ئەقىل بۇيرىغان رەۋىشتە ھەرىكەت قىلماق،يەنى يارىماس ئىشتىن، يامان سۆزدىن نەپسىنى تىيماق،ئۆزىنىڭمۇ ، باشقىلارنىڭمۇ ئىززىتىنى ساقلاپ،ئابرويىنى تۆكمەسلىكتۇر.ئەدەپ ئىنسان كامالىتىنىڭ بىرلەمچى ئامىللىرىدىن سانىلۇر. بەدىنىمىزنىڭ قۇۋۋىتى ئۈچۈن يىمەك-ئىچمەككە مۇھتاج بولغىنىمىزغا ئوخشاش،ئىنساننىڭ ئەقلىمۇ ئەدەپكە مۇھتاجدۇر.
ئەدەپلىك بولمىغان ئەقىل قورال-ياراغسىز باھادىرغا ئوخشايدۇكى،ھىچبىر ئىش قىلالمىغاي.ئەكسىچە،دۈشمەندىن يېڭىلىپ قالغاي.
ئەدەپ زىننىتى بىلەن زىننەتلەنمىگەن كىشى دۈشمەنلىرىنى سۆيۈندۈرۈر،دوستلىرىنى بولسا قايغۇلاندۇرۇر.
< قىز-ئاياللار ئەخلاقى> كىتاپتىن ئېلىندى
历史上的今天:
ئەر -ئاياللاردىكى ئاجايىپ ئوخشىماسلىقلار... 2009-05-03ئەتىر ئىشلىتىشتە 2009-05-03ئە- ئاياللارغا نەسىھەت 2009-05-03ھىكمەت ئۈنچىلىرى 2009-05-03
收藏到:Del.icio.us