-
2009-05-03
ھىكمەت ئۈنچىلىرى - [ھىكمەتلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/38874915.html
_ ئىنسان روھىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا تېگەلەيدىغان ، سانسىز كېسەلگە شىپا بولالايدىغان قامۇس قىزغىن ۋە مۇلايىم گەپ - سوزدۇر .
-تەخسىچىلىك ئادىتىنى يۇقتۇرۋالمايلى ،ئۇ ئادەمنى گۇزەل ئەخلاقتىن مەھرۇم قىلىدۇ ،خوشامەتنى ياقتۇرىدىغانلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا ، خوشامەتچىلەر ئىنسانلار ئىچىدىكى ئەڭ پەسكەشلەردۇر .
-ھەر ئادەمنىڭ خاراكتىرى ئۇز ئالدىغا بولىدۇ ،ئۇ ئەقىل -ئىدراكنىمۇ بۇرنىدىن يېتىلەپ ماڭىدۇ .
-ھەرقانچە ئۇلۇغ قۇربان بىېرىش بولسىمۇ ،ئەگەر بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىسا ، ئوخشاشلا ئەھمىيتى بولمايدۇ .
-ئەۋلىيا بولۇش- ئۇ ئالاھىدە بىر ئەھۋال ؛ سەمىمي بولۇش بولسا ئادەم بولۇشنىڭ توغرا يولى .
-ئۇچمەنلىگىمىز بەك كۈچۇيۇپ كەتكەندە ،ئۇ بىزنى ئۇزىمىز نەپرەتلەنگەن ئادەمدىن توۋەن ئورۇنغا چۈشۇرۇپ قويىدۇ .
-ئاداۋەت ساقلىماسلىق ،گۇماندىن ھەر ۋاقىت يىراق تۇرۇش ،باشقىلارنى گۇمان قىلىشتىن خالاس قىلىش ، بۇ خاتىرجەم ياشاشنىڭ توغرا يولى .
-ئارتۇقچە ئارزۇ تەبئىي ھالدا ئېغىر ئۇمۇتسىزلىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ . -ئەقىل ئىگىسىنىڭ رەقىبىدىن قوبۇل قىلغان ئارتۇقچىلىقى ،ناداننىڭ دوستىدىن قوبۇل قىلغان ئارتۇقچىلىغىدىن كۆپ بولىدۇ .-ياشلار پەسكەشلىك پاتقىقىغا پىتىپ قالغاندا، ۋىجدان ئەينىكىگە قاراپ بېقىشقا جۇرئەت قىلالمايدۇ،قورامىغا يەتكەنلەر بولسا قاراشتىن قورۇقمايدۇ، كىشلىك ھاياتتىكى ئىككى باسقۇچنىڭ ئوخشىماسلىقى پۈتۈنلەي مۇشۇ نۇقتىدا كۆرلىدۇ .
-مۇھاببەت ئادەمگە قەيسەرلىك ئاتا قىلىدۇھەم ئادەمنى ئاجىزلاشتۇرۋېتىدۇ ،دوسلۇق ئادەمگە پەقەت قەيسەرلىكلا ئاتا قىلىدۇ . -بەزىلەرنىڭ نەتىجىسى كۆرنەرلىك بولسىمۇ ئادەمنى بىزار قىلىدۇ ،بەزىلەرنىڭ كەمچىلىگى بولسىمۇ ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۇرىدۇ .
-بىر ئادەمگە باھا بىرىېشتە ئۇنىڭ دوسلىرىغىلا قاراپ قالماستىن ، بەلكى دۈشمىنىگىمۈ قاراش كېرەك.-دۇنيادىكى ئادەملەر يۇقىرى- تۆۋەن دەپ ئەمەس، بەلكى قابىلىيەتلىك ۋە قابىلىيەتسىز دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ .
مەنبە ؛ دۇنيا ئەدىبىياتى历史上的今天:
ئەر -ئاياللاردىكى ئاجايىپ ئوخشىماسلىقلار... 2009-05-03ئەتىر ئىشلىتىشتە 2009-05-03ئەدەپ-ئەخلاق توغرىسىدا 2009-05-03ئە- ئاياللارغا نەسىھەت 2009-05-03
收藏到:Del.icio.us