-
2009-05-03
ئەتىر ئىشلىتىشتە - [تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/38875498.html
ئەتىرنى قانداق ئىشلىتىشمۇ بىر خىل بىلىم ، ئەتىر مۇۋاپىق ئىشلىتىلسە ، كىشىنى جەلىپ قىلالايدىغان پۇراقنى تارقىتىدۇ . ئەتىر مۇۋاپىق ئىشلىتىلمىسە ، ئەكسىچە رول ئوينايدۇ . شۇڭا ئەتىر ئىشلىتىشتە تۆۋەندىكىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك .
@ ئەتىرنى بەك كۆپ چاچماڭ . ئۇنداق بولمايدىكەن كۈچلۈك پۇراق ئەتراپتىكى كىشىلەرنى بىزار قىلىپ قويىدۇ .@ ئوخشاش بولمىغان ئەتىرلەرنى بىرلىكتە ئىشلەتمەڭ . چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئەتىرنىڭ خاس ئالاھىدە پۇرىقىنى نامايەن قىلغىلى بولمايلا قالماي ، ئەكسىچە غەيرى پۇراق پەيدا قىلىدۇ .
@ تەرلىگەن ۋاقىتتا تېرىڭىزگە بىۋاستە ئەتىر چاچماڭ.
@ ئەتىرنى بەدەننىڭ كۈن نۇرى بىۋاستە چۈشۈدىغان يەرلىرىگە چاچسا، داغ پەيدا قىلىپ قويىدۇ ، شۇڭا بۇ تەرەپكە ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك .
@ ئاق رەڭلىك كىيىملەرگە ئەتىر چاچماڭ ، چۈنكى ئاق رەڭلىك كىيىملەردە تېز داغ پەيدا بولۇپ قېلىپ ، ئاسان چىقمايدۇ .
@ ئەتىر ئۈنچە- مەرۋايىت ، ئالتۇن - كۈمۈش قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىغا تېگىپ كەتمەسلىگى كېرەك . چۈنكى ئەتىر زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ رەڭگىنى ئۆڭدۈرۋېتىدۇ . ئەڭ ياخشىسى ، ئەتىرنى چېچىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاندىن زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاڭ .
@ بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ئەتىر ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك . چۈنكى ئەتىرنىڭ تەركىۋىدە ئىپار بار بولۇپ بوۋاقكىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ .
مەنبە: نېفىت خىمىيە گېزىتى .
历史上的今天:
ئەر -ئاياللاردىكى ئاجايىپ ئوخشىماسلىقلار... 2009-05-03ئەدەپ-ئەخلاق توغرىسىدا 2009-05-03ئە- ئاياللارغا نەسىھەت 2009-05-03ھىكمەت ئۈنچىلىرى 2009-05-03
收藏到:Del.icio.us