-
2009-04-30
ھايات قەدرىنى بىلسەڭ... - [ئەدەبى ئەسەرلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/38700779.html
جاھانغا بىر كېلىپ - كەتمەك ھاياتقا سەپەر بىلسەڭ،
كىشىنىڭ ئۆمرى چەكلىكتۇر ياشلىقتۇر سەھەر بىلسەڭ.
ئەجىرسىز تاپقىلى بولماس راھەتنى كىشى مەڭگۈ،
پىشانەڭنى تەر ئەتسەڭ يار بولغاي گۆھەر بىلسەڭ.
دېمەككە بەك ئاسان ھەر ئىش قۇرۇق گەپ بىلەن پۈتمەس،
شىجائەت - غەيرىتىڭ بولسا مارىستا گۈل ئۈنەر بىلسەڭ.
ئىلىم - ھىكمەتنى يار تۇتساڭ قۇدرىتىڭ بىغايەتتۇر،
ھەمىشە قىلغۇسى خىزمەت يۇلتۇزى ھۆكەر بىلسەڭ.
ئەجىر - ئالتۇن، ئەجىر - راھەت زېمىن باغرى جەننەتتۇر،
كىشى ئەجرى چېچەك ئاچسا بار جاھان كۈلەر بىلسەڭ.
مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
收藏到:Del.icio.us