ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-04-30

    مۆجىزىلىك دۇنيا ۋە ئىنسانىيەت - [پەلسەپە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38700661.html


                                  ئاپتورى : يولۋاس راشىدىن
    ھازىرقى ئىنسانلار ئۆزلىرىنى مەۋجۇدىيەت ئالىمىدە ۋە بۇرۇنقى ھەر قانداق تارىخىي جەريانلار ۋە مەۋلۇقاتلاردىن ئەقىللىق چاغلايدۇ . شۇڭا ، ھەم رېئال ئالەمدە يەر شارىدىن باشقا پېلانىتىدا ئادەم يوق  دەپ ، ئۆزلىرى مۇقىملاشتۇرۇۋەتكەن . < يەر مەركەز تەلىماتى > نىڭ ھامىيىسى بولىدۇ ، ھازىر ئالەم بۇندىن 20 مىليارد يىل بۇرۇنقى چوڭ پارتىلاشتىن پەيدا بولغان دەپ قارىلىدۇ ، بۇ قاراش بويىچە يەر شارى 4.6 مىليارد ياش بولىدۇ ، بۇ تۈسى قويۇق قىياسنى توغرا دەپ قارىغاندىمۇ ، ھازىرقى بۇ زامانىمىز پۈتكۈل يەر شارى تارىخى ئالدىدا قىسقا بىر پەيت ئىكەنلىكىنى ئىنسانلار نەزەرگە ئېلىپمۇ قويمىدى .
    ئاخىرىدا، ھازىرقى ئىسانلارنىڭ < ئەقلى تەرەققىي قىلىپ > شۇ دەرىجىگە يەتتىكى ، باشقىلارنى <ھايۋان  بالىسى > دەپ تىللاپ تۇرۇپ ، ئۆلىرىنىمۇ مايمۇن ئەۋلادى ( يەنىلا ھايۋان بالىسى ) دەپ خوشاللىق بىلەن قەيت قىلدى ۋە بۇنىڭغا < ئەقلى كوتا > لار ئىشەنمەي قالمىسۇن دەپ ، توم _ توم كىتابلارنى يېزىپ كەڭ تەشۋىق قىلدى . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مايمۇن بالىسى ئىكەنلىكىگە < ئېۋوليۇتسىيە >  ( تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ) دەپ چىرايلىق ئات قويدى .
    ئەنگىلىيە بىئولوگى چارلىز دارۋىن ( 1809 _ 1882 ) 1859 _ يىلى ( مۇندىن بارى _ يوق 140 يىل بۇرۇن ) < تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىىش > دېگەن كىتابنى ئېلان قىلىپ ، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، دۇنيا كەسكىن مۇنازىرىلەر ئارقىلىق بۇ نەزەرىيىنى ئاستا _ ئاستا قوبۇل قىلدى ۋە سانسىز ئاستىرونوملار ، گېئولوگلار ، پالىئونتوگلار ، تارىخشۇناسلار ۋە ئارخېئولوگلار پەلەككە تاقاشقان < تەدرىجىي تەرەققىيات مۇنارىنى > تىكلىدى . بۇ مۇنارنىڭ تەكتىدە ئادەملەرنىڭ ئەجدادى دەپ قارالغان مايمۇنلار ياتىدۇ ، چوققىسىدا ھازىرقى زامان ئادەملىرى دەپ ئاتالغان ئىنسانلار ماكان تۇتقان ، بۇندن 2 مىليون يىل ئىلەىرى جەنۇب قەدىمكى مايمۇنلىرىنىڭ بىر توپى تۇيۇقسىز ئادەمگە ئۆزگىرىش نىيىتىگە ۋە بارا _ بارا < ئادەملىشىش > كە باشلايدۇ ، بۇ نىيەتكە كەلگەندن كېيىن ، ئۇلارنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ تۈكلىرى چۈشۈپ ، سىرلىق ھالدا قۇيرۇقلىرى يوقاپ ، < مايمۇنسىمان ئادەملەرگە > ئايلىنىۋالىدۇ ، 600 مىڭ يىللار بۇرۇن تاشلاردىن قوپالراق بولسىمۇ قورال ياساش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلىدۇ ، ئۇلار تېخىمۇ <ئادەم > لىشىپ ، 200 مىڭ يىللار بۇرۇن < قەدىمىي ئادەم > تۇرقىغا كېلىدۇ ، 50 مىڭ يىللار بۇرۇن < يېڭى ئادەم > ( ھازىرقى زامان ئادىمى ) شەكلىگە كېلىپ بولىدۇ ، گەپنىڭ قىززىقى شۇكى ، بۇ تەلەيلىك مايمۇنلار < يېڭى ئادەم > سىياقىغا كەلگەندىن كېيىن ، ھورۇنلۇقى تۇتۇپ داۋاملىق ئۆزگىرىۋېرىش نىيىتىدىن يانىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى مۇنار ئەمدى ئېگىزلىيەلمەي قالىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى ھازىرقى زامان ئادەملىرى ئۆزلىرىنى ئالەمدە ئەڭ ئەقىللىق مەخلۇق دەپ چاغلىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
    كىشىلەر تۈكلۈك مايمۇنلارنى تۈك _ قۇيرۇقلىرىنى يوقىتىشقا ، پۇت _ قوللىرىنى ئۆزگەرتىشكە زورلاپ ئۆزىگە ئوخشىتىۋالغىنىغا مەس بولۇپ ، < مانا بۇ ھازىرقى زامان ئىلىم _ پېنى > دەپ پەخىرلەندى ، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر بىر ئىلىم ئۇتۇقى ۋە ئارخېئولوگىك قېزىلما نەتىجىلىرىنى مۇشۇ مۇنارنى چىڭىتىش ۋە يوچۇقلىرىنى ياماشقا ئىشلەتتى . مۇنارنىڭ يوچۇقلىرىنى ياساشقا توغرا كەلمەيدىغان كۆز قاراشلارنى قىلچە ئىككىلەنمەي چۆرۈۋەتتى . ئەڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالغىنى ئەپسانە _ رىۋايەتلەر بولدى . مۇنارنىڭ چوققىسىغا مەھكەم ئورۇنلىشىۋالغان ئىنسانلار ئۆزىنى چوڭ چاغلاپ شۇ دەرىجىگە يەتتىكى ، ئاران 84 مىڭ كېلومىتىر ئېگىزلىكتىكى ئايغا چىقىپ چۈشكەندىن كېيىن ( يېقىندا روسىيە ئالىملىرى ئامېرىكىلىقلارنىڪ***69 _ يىلى ئايغا چىقىپ چۈشكەنلىكىدىن گۇمانلاندى ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، ئايدا تارتىلدى دېيىلگەن سىن فىلىملىرى يەردە _ ھوللىۋودتا تارتىلغان ئىكەن ) . پۈتكۈل ئالەم بويىچە ئەقىللىق مەخلۇقلار پەقەت يەر شارىدىلا بار ، باشقا ھېچقانداق سەييارىدە يوق دەپ جاكارلىدى ، شۇنداق قىلىپ ئىنسانلار ئالەمدە ئۆزىنى مەركەز قىلىۋالدى . كوپېرنىك ( 1543 _ 1437 ) تىن كېيىن ئۆزلىرى رەت قىلغان ئوتتۇرا ئەسر روھانىيلىرىنىڭ < يەر مەركەز نەزەرىيىسى > نىڭ ھامىيسىغا ئايلاندى .
    تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى نېمە ئۈچۈن ئوشاشمىغان پىكىرلەرگە شۇنچە رەھىمسىزلىك قىلىدۇ ؟  بۇنىڭ تاشقى ۋە ئىچكى سەۋەبى بار .
    بىرىنچى تاشقا سەۋەب : راستتىنلا يەر شارىدىن باشقا سەييارىلەردە ئەقىللىق مەخلۇقلار يوقمۇ ؟  راستتىنلا بۇرۇن ئىلىم _ پەن بولمىغانمۇ ؟ راستتىنلا < زامانىۋى پەن > ئىنسانىيەت ئەقىل _ پاراسىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىمۇ > بۇلارنىڭ ھەممىسى گۇمانلىق . پاكىتلارغا قاراڭ :
    1 . 1938 _ يىلى جۇڭگو ئارخېئولوگلىرى چىڭخەينىڭ جەنۇبىدىكى بىر تاغ ئۆڭكۈرىدىن قېلىلىقى 2 سانتىمېتىر كېلىدىغان 716 پارچە ئوتتۇرسى ئويمان تۆۋرۈك تاش قېزىۋالىدۇ ، ئۈستىگە چۈشىنىكسىز بەلگىلەر ئويۇلغان . ئۆلچەش نەتىجىسىدە بۇ تاشلار ئون مىڭ يىل بۇرۇنقى بۇيۇملار دەپ بېكىتىلگەن .
    1962 _ يىلى ئالىم شۈخۇەيدۇ تاشتىكى بەلگىلەرنى ئوقۇپ چىقتى ، مەنىسى مۇنداق ئىكەن : < تېلوبالار بۇلۇتتىن كەلگەن ، ئۇلارنىڭ ئولتۇرغىنى قەدىمكى ئالەم كېمىسى > . ئالەم كېمىسى ياساش بۇندىن 30 _ 40 يىل بۇرۇنقى ئىش ، لېكىن 10 مىڭ يىل بۇرۇنقى بۇ ئالەم كېمىسىنى كى ياسىغان ؟
    2 . 20 نەچچە يىل بۇرۇن ئەمنىيە دەۋرىگە ئائىت بىر قەبرىستانلىقنى قېزىش جەريانىدا ، مۇندىن ئىككى يېرىم مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن يۆ بەگلىكىنىڭ بېگى گۇ جيەننىڭ قىلىچى تېپىلدى . قىلىچ قىلچە داتلاشمىغان ، پارقىراقلىقى ۋە ئۆتكۈرلىكىنى يوقاتمىغانىدى . تەتقىقاتتىن ئۇنىڭغا خرۇم يالىتىلغانلىقى مەلۇم بولدى . مەلۇمكى ، خرۇم ئاز ئۇچرايدىغان ، تاغ جىنىسلىرىدىكى مىقدارى بەكمۇ تۆۋەن ، چەككىلەپ ئېلىش ئىنتايىن تەس بولغان چىرىشكە قارشى بىر خىل مېتال ، ئۇ يەنە يۇقىرى ھارارەتكە چىداملىق بولۇپ ، 400 سېلسىيە گىرادۇستا ئېرىيدۇ . 20 نەچچە يىل بۇرۇن بىر ئامېرىكا ئالىمى يۇقىرى ھارارەتلىك توك ئوچاقتا ئۇنى تۇنجى بولۇپ ئېرىتىپ ئالغان . ئەمسە 2000 نەچچە يۈز يىل بۇرۇن قىلىچقا خرۇمنى كىم يالاتقان ؟
    3 . 1929 _ يىلى تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھرىدىكى كۈتۈپخانىدىن بىر خەرىتە تېپىلغان ، ئۇ ئەسلى نۇسخا ئەمەس ، كۆچۈرۈلمە نۇسخا ئىكەن . خەرىتىگە تۈركىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى لەيىسنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان ، ۋاقتى 1513 _ يىل . خەرىتىدە ئاتلاتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى جايلار ئىنتايىن توغرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، بولۇپمۇ ھازىر مىڭ مېتىر قېلنلىقتىكى مۇز ئاستىدا ياتقان جەنۇبىي قۇتۇب قۇرۇقلىقىنىڭ ئىككى يېقىدىكى دېڭىز قىرغاقلىرى ۋە جەنۇبىي قۇتۇپ تاغ تىزمىلىرى تولىمۇ ئېنىق چۈشۈرۈلگەن . 1953 _ يىلى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئىلغار سونار تېخنىكىسىنى قوللىنىپ جەنۇبىي قۇتۇپتىكى بۇ مۇز ئاستىدىكى تاغ تىزمىلىرىنى خەرىتىگە ئالدى ۋە ئۇنى لەيىسنىڭ خەرىتىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئاساسەن ئوخشاشلىقىدىن ھەيران قالدى . بۇ تاغ تىزمىلىرىنىڭ مۇز ئاستىدا قالغىنىغا 15 مىڭ يىلدىن ئاشقان تۇرسا ، جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ 15 مىڭ يىل بۇرۇنقى خەرىتىسىنى كىم ماسىشتابقا ئېلىپ ، مۇنچە توغرا سىزىپ چىققان ؟
    4 . تۈركىيىدىن تېپىلغان 1559 _ يىلىغا تەئەللۇق بىر خەرىتىدە ئالياسكا بىلەن سېبىرىيە تار قۇرۇقلۇق بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان ، بۇ تار قۇرۇقلۇق چۆكۈپ ، ئورنىدا بىرىنگوۋ بوغۇزى شەكىللەنگىنىگە 10 مىڭ يىلدىن ئاشتى . 10 مىڭ يىل بۇرۇنقى يەر شەكلىنى كىم سىزىپ قويغان ؟
    5 . يېقىندا كۇبا ئەتراپىدىكى سۇ ئاستىدىن چۆكۈپ كەتكىنىگە 10 مىڭ يىلدىن ئاشقان 5 گېكتار چوڭلۇقىدىكى تاش شەھەر تېپىلدى ، شەھەردە تاش ياتقۇزۇلغان كوچىلار ، تاش ئىشىك تاش ھەيكەللەر بار . كىشىلەر پېرو دېڭىز ياقىسىدىكى 200 مېتىر سۇ ئاستىدىن غايەت زور تاش قۇرۇلۇشنى بايقىدى . بۇ يەردە رەتلىك كوچىلار ، پىرىستانلار ، سېپىل قالدۇقلىرى ، تاش ئۆڭكۈرلەر بار . سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ < جاسارەت > بەلگىلىك ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتى 1974 _ يىلى گىبرالتار بوغۇزىنىڭ سىرتىدىكى تىنچ ئوكيان تېگىدىن 8 پارچە سۈرەت تارتقان ، بۇ سۈرەتلەر قەدىمكى قەلئە سېپىللىرى ۋە تاش پەلەمپەيلەرنى نامايان قىلىدۇ . يېقىندا فىرانسىيە ۋە ئامېرىكا ئالىملىرى بېرمودا ئۈچبۇرجەك رايونىدىكى دېڭىز تېگىدىن غايەت زور بىر ئەلئىىھرام بايقىغان .
    بۇ ئەلئېھرامنىڭ تەكتىنىڭ ئۇزۇنلىقى 300 مېتىر ، ئېگىزلىكى 200 مېتىر ، چوققىسىدىن سۇ يۈزىگىچە بولغان ئارىلىقى 100 مېتىر كېلىدۇ . بۇنىڭ ياسالغان دەۋرى مىسىردىكى ئەلئېھرامدىن كۆپ بالدۇر . يۇقىرىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ سۇغا چۆكۈپ كەتكىنىگە 10 مىڭ يىلدىن ئاشىدۇ . ئىنسانلار 10 مىڭ يىل بۇرۇن ئەمدىلەتىن يېڭى تاش قورال دەۋرىگە كىرگەن تۇرسا ، ئۇ چاغدا مۇنچە يۇقىرى قۇرۇلۇش ماھارىتىنى قوللىنالىشى مۇمكىنمۇ ؟
    6 . يېقىندا مىسىردىكى پىرئوننىڭ قەبرىسىدىن ئىشلەنگىنىگە 4000 يىل بولغان رەڭلىك تېلىۋېزور تېپىلدى . ئۇنى ھازىرمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن . تۇنجى تېلىۋېزور مەيدانغا كەلگەن 1947 _ يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا ، تېلىۋېزورنىڭ تارىخى ئاران 50 نەچچە يىل تۇرسا ، 4 مىڭ يىل بۇرۇن ھەم پۇختا ، ھەم نەپىس بولغان بۇ تېلىۋېزورنى كىملەر ياسىغاندۇ ؟
    7 . يېقىندا مىسىردىكى ئەلئېھرامدا بايقالغان 10 ياشلار چامىسىدىكى مومىيالانغان بىر ئوغۇل بالىنىڭ كۆكىرىكىدىن ئىنتايىن يۇقىرى تېخنىكا بىلەن ئورنىتىلغان بىر سۈنئىي يۈرەك تېپىلغان . بۇ بالا ئۆلگىنىگە 10 مىڭ يىل بولغان . سۈنئىي يۈرەكنىڭ ياسالغىنىغا ئاران 10 نەچچە يىل بولغان تۇرسا ، 10 نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى بۇ سۈنئىي يۈرەكنى كىم ياسىغاندۇ ؟
    8 . 1972 _ يىلى ئالىملار ئوكلو ئوران كان رايونىدىن بىر قەدىمكى يادىرو رېئاكتورىنى بايقىغان . بۇ كان 2 مىليارد يىل بۇرۇن شەكىللەنگەن بولۇپ ، كان شەكىللىنىپ ئۇزاققا قالماي بۇ رېئاكتور قۇرۇلغان ۋە 500 مىڭ يىل ئىشلىگەن تۇنجى رادىئو رېئاكتورى 20 _ ئەسىرنىڭ 40 _ يىللىرىدا قۇرۇلغان تۇرسا ، مايمۇنلار 2 مىليون يىل بۇرۇن ئادەمگە ئۆزگىرەيمۇ _ ئۆزگەرمەيمۇ دەپ ئىككى خىيال يۈرگەن تۇرسا ، شۇنچە ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇ رادىئۇ رېئاكتورىنى كىم قۇرغاندۇ ؟
    9 . 1930 _ يىلى ئالىملار ئامېرىكىنىڭ كىنتوككى شىتاتىدا 10 يەردە ئادەم ئىزىنىڭ تاشقاتمىسىنى بايقىغان . ئۇنىڭ تارىخى 250 مىليون يىل . 1968 _ يىلى يەنە .امېرىكىنىڭ يۇتا شىتاتىدا ئادەم ئىزىنىڭ ئىككى تاشقاتمىسىنى بايقىغان ، ئۇنىڭ تارىخى 500 مىليون يىل . مايمۇنلار ئادەمگە ئۆزگىرىشتىن نەچچە يۈز مىليون يىل ئىلگىرى ئۇ يەرلەرگە قايسى < ئادەم > لەر ئاياغ باسقاندۇ ؟
    10 . **** _ يىل ئايغا چىققۇچى تۇنجى ئادەم دەپ قارالغان ئامېرىكىلىق ئامىستىرام ئايدا 20 نەچچە ئادەم ئىزىنى بايقىغان . دۇنيادىكى نۇرغۇن رادىئو ھەۋەسكارلىرى ئامىستىرام ئايدا تۇرۇپ يەر يۈزى قوماندانلىق مەركىزى بىلەن ئالاقە قىلغاندا تەئەججۈپلىنىپ : < بۇ نەرسىلەرنىڭ چوڭلۇقى كىشىنى ھەيراق قالدۇرىدۇ . ۋاي خۇدايىمەي ! باشقا ئالەم كېمىلىرى بار ئىكەن ، ئۇلار ۋولقاننىڭ ئۇ تەرىپىگە تىزىپ قويۇلغان ، ئۇلار ئايدا ، ئۇلار بىزنى كۆزەتمەكتە.....> دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان . ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بۇنىڭغا ئىزاھمۇ بەرمىگەن ، ئىنكارمۇ قىلمىغان . بۇ ئاياغ ئىزلىرى ۋە بۇ ئالەم كېمىلىرى كىمنىڭ ؟
    11 . 1968 _ يىلى 21 _ دېكابىر ئامېركىنىڭ < ئاپوللو _ 8 > بەلگىلىك ئالەم كېمىسى ئاينىڭ كەينىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە ، قونۇۋاتقان بىر ئۇچار تەخسىنىڭ رەسىمىنى تارتىۋالغان ، ئۇنىڭ دېئامېتىرى 10 كېلومېتىر كېلىدىكەن . ئالەم كېمىسى ئاينىڭ كەينىگە يەنە بىر كەلگەندە ، ئۇچقۇچى بۇ ئۇچار تەخسىنى يەنە سۈرەتكە تارتىۋالماقچى بولغان ، لېكىن ئۇنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىگەن ، قونغان ئىزىمۇ قالمىغان .
    12 . 1987 _ يىلى مارتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئايدىكى يانار تاغ ئاغزىدا ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىشلەتكەن بىر بومباردىمانچى ئايروپىلانى توختىتىپ قويغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ، بۇ خەۋەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سۈنئىي ھەمىرايى تارتقان سۈرەتتىن ئېلىنغان . 1988 _ يىل 22 _ ئىيۇل بۇ ئايروپىلان يوقالغان . ئامېرىكا بۇ خەېەرنى ئويدۇرما دېگەن . بۇ ئۇچار تەخسە ۋە ئايروپىلان نەدىن كەلگەن ؟
    13 . ئامېرىكىدا ياشىغان مايالار 10 مىڭ يىللار ئىلگىرى يەر شارى يىلىنىڭ 365.242129 كۈن بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان ، ھازىرقى ھېساب بويىچە 365.242198 كۈن . مۇندىن 4 مىڭ يىل بۇرۇن ئىككى دەريا ۋادىسىدا ياشىغان سۇمېرلار ھېسابلاپ چىققان ئاينىڭ ئۆز ئوقىدا پىرقىراش ۋاقتى ھازىرقىسىدىن 0.4 سېكۇنتكلا پەرق قىلىدۇ ، ئۇلار قانداق قىلىپ مۇنچە توغرا ھېسابلاپ چىقالىغان ؟
    14 . ھېلىقى مايالاردىن نۇرغۇن ئەلئېھراملار قالغان ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن نەپىس ئەينەك ، ئاككۇمولياتۇر ، تىرانسىفورماتور ، داتلاشماس پولات ۋە بىرىكمە مېتال بۇيۇملار تېپىلغان . مۇندىن 10 مىڭ يىللار بۇرۇن ئۇلار ۇ نەرسىلەرنى قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن ياسىغان ؟
    15 . مىسىردىكى گىزا ئەلئېھرامى بۇندىن 4 مىڭ يىل بۇرۇن 2 مىليون 600 مىڭ پارچە گېگانىت تاشتىن قوپۇرۇلغان ، ھەر تاش 12 توننا ، مىسىرلىقلار بۇ تاشلارنى قانداق قوزغاتقان ؟ قوزغىتىش چارىسى بار دەپ قارىساق ، كۈنىگە 10 دىن تاش قوپۇرغاندىمۇ ، بۇ ئەلئېھرام ئۈچۈن 260 مىڭ كۈن يەنى 712 يىل كېتىدۇ ، بۇ ئەلئېھرام بىر فېرئەۋىننىڭ قەبرىسى . بۇ پىرئەۋىن ھەرگىزمۇ ئۆزى تۇغۇلۇشتىن 700 يىل ئىلەىرى بۇ قۇرۇلۇشنى باشلىمىغاندۇ ؟
    16 . ھىندىستاننىڭ پەنجاپ ئىشتاتىدىكى ماشاڭزودام شەھرىنى بۇندىن 5 مىڭ يىلدىن كۆپىرەك ۋاقىت بۇرۇن ئاتوم بومبىسى ۋەيران قىلغان . تۇنجى ئاتوم بومبىسى 1945 _ يىل ياسالغان تۇرسا ، بۇ بومبىنى كىملەر ياساپ پارتىلاتقاندۇ ؟
    17 . 20 _ ئەسىرنىڭ 80 _ يىللىرىنىڭ بېشىدا شىنجاڭدىكى قەدىمىي كىرورەن دۆلىتىدىن 4 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە < كىرورەن گۈزىلى > بايقالدى . بۇ جەسەتنىڭ مۇكەممەل ساقلىنىشىنىڭ سىرى _ ئۇنىڭغا 0.5 _ 1 مىللىمېتىر قېلىنلىقتا بىر قەۋەت ئاچ سېرىق رەڭلىك ماددا سۈرتۈلگەنلىكىنى بايقىدى . ئالىملار بۇ ماددىنىڭ ئانئورگانىك ماددا ياكى كىراخمال تۈرىدىكى ماددا ئىكەنلىكىنى چەتكە قاقتى . ھازىر كىشىلەرنىڭ بۇ ماددىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشىگە خىراجەت ، شارائىت ، ئېنىقىراقى ، ئۇلارنىڭ بىلىمى يېتىشمەيۋاتىدۇ ، ئۇ زاماننىڭ < بەدىۋى > لىرى مۇنداق سىرلىق ماددىنى قانداق ياسىغاندۇ ؟
    <ھازىرقى زامان ئەقىللىقلىرى > نىڭ كوزىرى بولمىش < زامانىۋى پەن > چۈشەندۈرەلمەيدىغان مۇنداق ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلار ، ئاستىرونومىيىلىك ھادىسىلەر ۋە سىرلىق ئەھۋاللار ھەددى _ ھېسابسىز ، لېكىن ھېلىقى مۇقەددەس < تەدرىجىي تەرەققىيات مۇنارىنىڭ > يوچۇقلىرىنى ياماشقا توغرا كەلمىىگەنلىكى ئۈچۈن ، ئۇلار بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق .
    ئىككىنچى ، ئىچكى سەۋەب . بۇلا  ئەمەس ، < تەدرىجىي تەرەققىيات مۇنارى > نىڭ ئۆزىدە باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ، گۇمانلانغۇچىلارنىڭ غۇلغۇلا قىلىشىدىن بىلىپ قالغانلارنىڭ سۆز _ چۆچەك قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان ئەجەللىك يېغىرى ئاز ئەمەس . تۆۋەندە بۇلاردىن بىر قانچىسىنى مىسال كەلتۈرىمىز .
    1 . ئىنسانلار مايمۇندىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دەيدىغانغا ھازىرغىچە ئالىملار تاپقان تاش قاتمىلار تولىمۇ ئاز ، ئارخېئولوگلار تا ھېلىغىچە بىرەر مۇكەممەل باش سۆڭىكى ياكى پۇت _ قول سۆڭىكىنى تاپالىغىنى يوق . ئۇلار بىر نەچچە تال سۇنۇق چىش ، يېرىم _ يارتا سۆڭەكلەرگە قاراپلا بۇ مايمۇنلارنىڭ ئادەمگە ئايلانغان پالانى دەۋرىگە تەئەللۇق دەپ قىياس قىلىشىدۇ .
    مەسىلەن : مەملىكىتىمىزنىڭ مۇندىن  1 مىليون 700 مىڭ يىل بۇرۇن ياشىغان دېيىلگەن < يۈەنمۇ ئادىمى > نىڭ بىردىنبىر دەلىلى يۈئەنمۇنىڭ يۈئەنمۇ رايونىدىن تېپىلغان ئىككى تال چىشىنىڭ تاشقاتمىسىدىن ؛ مۇندىن 800 مىڭ يىل بۇرۇن ياشىدى دېيىلگەن < لەنتىيەن ئادىمى > نىڭ دەلىلى شەنشىنىڭ لەنتىيەن رايونىدىن تېپىلغان بىر پۇچۇق باشنىڭ تاشقاتمىسىدىن ؛ مۇندىن 400 _ 500 مىڭ يىل بۇرۇن ياشىدى دېيىلگەن < بېيجىڭ ئادىمى > نىڭ دەلىلى بولسا جۇكۇدىيەندىن تېپىلغان 40 نەچچە پارچە قالدۇق سۆڭەكلەردىن ئىبارەت . ھەممىسى قىياسى دېگۈدەك مايمۇنسىمان ئادەملەرگە تەئەللۇق بولغان نەچچە يۈز مىڭ يىلدىن بۇرۇنقى نەرسىلەر .
    قەدىمىي ئادەملەر پەيدا بولدى دېيىلگەن 200 مىڭ يىلدن بۇيانقى يېڭى ئادەملەر پەيدا بولدى دېيىلگەن 50 مىڭ يىلدىن بېرقى دەۋىرلەرگە دائىر تاش سۆڭەك _ تاش قاتمىلار بولسا يوق . شۇڭا مايمۇنسىمان ئادەملەرنىڭ قەدىمىي ئادەملەرگە ، قەدىمىي ئادەملەرنىڭ يېڭى ئادەملەرگە ئايلىنىش جەريانى ھازىرغىچە بىر بوشلۇق تۇرماقتا .
    2 . تېپىلغان تاش قاتمىلارنىڭ يىل دەۋرى ئادەتتە كاربون _ 14 ئۇسۇلى بىلەن بەلگىلىنىدۇ . ھالبۇكى ، بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۆزىدىمۇ مەسىلە ئاز ئەمەس ، تاشقاتمىلارنىڭ دەۋرى قانچە ئۇزۇن بولسا ، ئۇنىڭ يىل دەۋرى بېكىتىلىشتىكى خاتالىق پەرقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ . بۇ پەرق 3500 يىلدا 200 يىل ، 5500 يىلدا 700 يىل بولىدۇ ، يىل بۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق بولسا بۇ پەرقنىڭ نەچچە ئون مىڭ يىل ھەتتا نەچچە يۈز مىڭ يىلغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماق تەس ئەمەس . ھازىرغىچە < يېڭى ئادەم > لەرنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتىمۇ ئىنتايىن تۇراقسىز پەرەزلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان . 20 _ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئالىملار ئادىمىزات 4 مىڭ يىل بۇرۇن پەيدا بولغان دەپ قارىغان . كېيىن بۇ ۋاقىت 10 مىڭ يىلغا ئۇزارغان ، ئاندىن 250 مىڭ يىل دېيىلگەن ، ئاخىرىدا 40 مىڭ يىل دەپ بېكىتىلگەن . ھازىر بەزىلەر 50 مىڭ يىل دەپ ھېسابلىماقتا . ھەتتا يۈز مىڭ يىل دەيدىغانلارمۇ بار . دېمەك قىسقىغىنا 100 يىل ئىچىدىكى پەرەزلەرنىڭ باش _ ئاخىرى 10 _ 20 ھەسسە پەرق قىلىدۇ .
    1998 _ يىلى 23 _ ئىيۇن كۈنى ئالىملار جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كېيىپتاۋىننىڭ غەربىي شىمالىغا 80 كېلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز قىرغىقىدىن بىر ئايالنىڭ تاشقا ئايلانغان ئىزىنى بايقىغان ۋە ئۇنى مۇزىيغا مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا يۆتكەپ كەلگەن . ئالىملار ئۇنىڭ يىلىنى 117 مىڭ يىل دەپ بېكىتكەن ۋە نۇرغۇن تەتقىقاتلار ، دەلىللەشلەر ئارقىلىق ، بۇنى<ھەۋۋا ئانىنىڭ ئىزى > دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن .
    ئەھۋالدىن قارىغاندا ، < يېڭى ئادەم > لەرنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتىنى 150 مىڭ يىل ھەتتا 200 مىڭ يىل دەيدىغانلارنىڭ چىقىشىغا ئۇزاق قالمىغان ئوخشايدۇ . ئەمدە يەنە 100 يىلدا قانداق بوپ كېتەر ؟ بۇنى ئاز دەپ بۇ ھەقتىكى تالاش _ تارتىشلار بەكمۇ كەسكىن . مۇنداق تۇراقسىزلىقلار تەدرىجىي تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كىشىنىڭ گۇمانىنى قوزغىماي قالمايدۇ .
    3 . مايمۇنلار تۆت پۇتلاپ ماڭغانلىقى ئۈچۈن ئومۇرتقىسىغا چۈشىدىغان بېسىم تارقاقلىشىدۇ ، مەركەزلىشىپ قالمايدۇ . بېئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا بۇ تولىمۇ ئەقىلغا مۇۋاپىق ھالەت . ئادەملەر ئۆرە ماڭغاچقا ، ئومۇرتقىسى زىيادە بېسىمغا ئۇچرايدۇ ، بۇ ئەھۋال مايمۇنلكاردا بولىدىغان ئەۋزەللىكلەرگە يەتمەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئادەملەردە مەقئەتكە چۈشىدىغان بېسىممۇ ئېشىپ كېتىپ ، ئاسانلا بوۋاسىز پەيدا بولىدۇ ، تۆت پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ ھېچقاندىغىدا ، جۈملىدىن مايمۇنلاردا بۇ مەرەز كېسەل يوق ، ئادەملەردىكى مېڭىە ، يۈرەك ، تومۇر ، كېسەللىكلىرىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئۇلارنىڭ ئۆرە ماڭغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مايمۇنلار تۆت پۇتلاپ مېڭىزنىڭ شۇنچە ئەۋزەللىكىنى تاشلاپ قويۇپ ، نېمىشقا ئۆرە ماڭغۇسى كېلىپ قالىدۇ ؟ بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا مايمۇنلارنىڭ ئادەمگە ئۆزگىرىشى تەدرىجىي تەرەققىي قىلغانلىقمۇ ياكى تەدرىجىي چېكىنگەنلىكمۇ ؟ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ قارىشىچە ، قول ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى ئىكەن ، مايمۇنلار قويۇق ئورمانلىقتا تەييار نېمەتلەرنى يەپ بەھۇزۇر ياشاۋېرىشنى خالىماي ، جاپا تارتقۇسى كېلىپ ، يەرگە چۈشۈپ يىلتىزلارنى قېزىپ يەپ جېنىنى جان ئېتىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن قول شەكىللىنىپتۇ . بۇنىڭغا ئورمانلىقنىڭ قالمىغانلىقى سەۋەب بولۇپتۇدەك .
    ھالبۇكى مايمۇنسىمان ئادەم دېيىلگەن دەۋىرگە تەئەللۇق بولغان مۇندىن 800 مىڭ يىل بۇرۇن ياشىغان < لەنتىيەن ئادەملىرى > مۇ ، يېڭى ئادەم دەۋرىگە تەئەللۇق بوغان مۇندىن 17 _ 18 مىڭ يىل بۇرۇن ياشىغان < ئۆڭكۈر ئادەملىرى > مۇ قويۇق ئورمانلىق ، بولۇق ئوت _ چۆپلۈك ئىچىدە ھايات كەچۈرگەن . مۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا تۆت پۇتلاپ مېڭىش ئىككى پۇتلاپ مېڭىشتىن ۋە يىلتىز كولاپ يېيىشتىن كۆپ ياخشى ئەمەسمۇ ؟ قولمىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بار ؟ تېخى ئوزۇقلۇق ئوۋلىغاندا ياكى رەقىبلىرىدىن قاچقاندا تۆت پۇت بىلەن تېز يۈگۈرگىلى بولىدىغۇ ؟
    4 . مايمۇنلار ئادەمگە ئايلىنىپ ئۆرە ماڭىدىغان بولغاندا ، كۆرۈش دائىرىسى كېڭىيىپ مېڭىسى تەرەققىي قىلغان دېيىشمۇ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ بىر مۇھىم نۇقتىنەزىرى .
    ئۆرە تۇرغان مايمۇن يىراقنى كۆرەلەمدۇ ياكى دەرەخ ئۈستىدىكى مايمۇن يىراقنى كۆرەلەمدۇ ؟ يىراقنى كۆرگەننىڭ مېڭىسى تەرەققىي قىلسا يەردە ياشايدىغانلاردىن زىراپە ئەڭ ئەقىللىق بولماسمىدى ؟ ئۇلار نېمىشقا ھازىرغىچە گۆشخور ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقى بولۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى قىلالمايدۇ ؟
    5 . قان زەرداۋىدىكى ئاقسىل مولېكۇلىلىرىنىڭ پەرقىنى مىقدارلىق تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن قارىغاندا ، ئادەمگە ئورانگۇتان ئەڭ يېقىن كېلىدىكەن . شۇنىسى قىززىقكى ، مۇندىن 40 مىليون يىل ئىلگىرىكە ئورانگۇتانلار ھېلىمۇ ھېچقانچە ئۆزگەرمىگەن ، ئۇلار يەنىلا پىرىماتلار ئائىلىسىگە مەنسۇپ ھايۋان ، ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە تەدرىجىي تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا ، يەنە 40 مىليون يىلدن كېيىنمۇ ئورانگۇتان پېتى قالىدىكەن ، ئۇلانىڭ ھازىرقى زامان ئادەملىرىگە ئايلىنىشى ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئادەمسىمان شەكلىگىمۇ كېلىشى مۇمكىن ئەمەسكەن . ئەمما جەنۇپ مايمۇنلىرى قانداق قىلىپ 2 مىليون يىل ئىچىدىلا بىزنىڭ ھازىرقى شەكلىمىزگە كېلەلىدى ؟
    6 . يېقىندا پارىژ ئۇنۋېرسىتېتىدىكى پىرافېسسورلار ئافرىقىدىكى زايىرنىڭ ئىپتىدائىي ئورمانلىقلىرىدا بىر قەبىلىنى بايقىغان . ئۇلارنىڭ ئومۇرتقىسى دۈمبىسىدىن نەچچە سانتېمىتېردىن 10 نەچچە سانتېمىتىرغىچە چىقىپ تۇرىدىكەن ، بۇ دىنوزاۋىرغا تولىمۇ ئوخشايدۇ . ناۋادا مايمۇن ئادەمگە ئوخشاشراق دەپلا ، ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن دېيىلسە ، بۇ قەبىلىنى دېنازاۋىردىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دېيىش كېرەكقۇ ؟ راستىن شۇنداق بولسا ، ئادەم مايمۇندىن يارالغان دەيدىغان < تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى > نىڭ نوپۇزى نەدە قالىدۇ ؟
    7 . ئېرق مەسىلىسىمۇ بىر مەسىلە . ھازىر دۇنيادا ئاق ، قارا ، سېرىق ، قوڭۇر دەپ 4 چوڭ ئېرق بار . تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بولسا جەنۇب مايمۇنلىرىنىڭ بىر تارمىقىلا ئادەمگە ئايلانغان دەيدۇ . ئەمسە بىر خىل رەڭدىكى مايمۇنلاردىن قانداق قىلىپ ، 4 خىل رەڭدىكى ئېرق كېلىپ چىقتى ؟
    مانا مۇشۇنداق ھازىرقى دۇنيادا سىرى يېشىلمىگەن نەرسىلەرنى تاتىلاۋەرسەك ، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ يېغىرى چوڭىيىپ بارىدۇكى ، كىچىكلىمەيدۇ . بۇ بىر نەرسىلەر بۇندىن كېيىنكى ئىلىم _ پەننىڭ تەتقىقات تېمىسى بولۇپ قالغۇسى .

    مەنبە < شىنجاڭ سەنئىتى >>

     


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.