ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-04-29

    ئالىم ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38641122.html

     

    مۇقەددىمە

    ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇ  ر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم، تالانتلىقئەدىب، تۆھپىكار مائارىپچى. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28- كۈنا ئاتۇشنىڭ مەشىھەدكە تۇتاش باغئېرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن دىنىي تەربىيىنى قىسقا مۇددەت ئالغاندىن كېيىن،1950 -يىلىغىچە نەزەر-باغدىكى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا 4يىل ئوقۇغان.1950-يىلى غەربى شىمال ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. يىغىندىن كىيىن شىئەن، بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە ئىكىسكۇرسىيىدە بولغان ۋە شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ بىئو- خىميە فاكۇلتپتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1952- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئۆزىگەتەقسىم قىلىنغان، شۇيىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. مەكتەپتە بىرتەرەپتىنئۆسۈملۈكلەرفىزىئولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر پاتالوگىيىسى،ھاشاراتشۇناسلىق قاتارلىق دەرىسلەرگە تەرجىمان ئوقۇتقۇچى بولغان،يەنە بىر تەرەپتىن فىزىكا،ماتېماتىكا،بىئولوگىيە،خىمىيە ۋە ئاگرونومىيە سىنىپلىرىغاماركسىزم ئاساسلىرىپەلسەپە دەرسلىرىنى ئۆتىگەن. 1953- يىلى ئۇ شىئەندىكى غەربىي شىمال ئۇنىۋپرسىتپتىنىڭ ماركسىزمئاسپىرانتورىيىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ بىريىل بىلىم ئاشۇرغان.ئاسپىرانتورىيىنى پۈتتۈرۈپ ئانا مەكتىپىگە قايتىپكەلگەندىن كېيىن ماركسىزم كافىدىراسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بىر نەچچە خىل دەرس ئۆتىگەن ۋەبۇ دەرسلەرنىڭ دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئقتىدارلىق ياش ئوقۇتقۇچى 1955- يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى(ئۇيغۇرچە نەشرى)نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قوشۇمچەئۈستىگە ئالغان.ئۇنىڭ تەتقىقات ھاياتى ئەنە شۇ يىللاردا رەسمىي باشلانغان.ئۇنىڭ ئىككى تىلدا يازغان ئۇيغۇرخەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 1956-يىلى مەزكۇر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ خەنزۇچە ھەم ئۇيغۇرچە سانىدا ئېلان قىلىنغان.بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا قۇتادغۇبىلىك ۋە تۆركىي تىللار دىۋانى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى تۇنجى ئىلمىي تەتقىقات ئىدى. ئۇ مۇشۇ ماقالىسى سەۋەبىدىن20يىل ئوڭچى قالپىقى كىيگەن.1959- يىلى ئۇ پارتىيىدىكى خىزمىتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ،ئەمگەك بىلەنتەربىيىلەش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن.1961- ئۇ ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىدىن قويۇۋېتىلگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن1966- يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغانغا قەدەر تۆت يىل جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا نازارەت ئاستىدا ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ ئىلىمخۇمار ئالىم جۇڭگونىڭمەشھۇر كلاسسىك ئەسەرلىرى بولغان«ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆرنەكلىرىنى،24تارىخنى،ئەنگلىيە دراماتورگى شپكسپىرنىڭ 36سەھنە ئەسىرىنى،ھىندىستاننىڭ رامانايا،ماخاپىراتا داستانلىرىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان 15توملۇق(32كىتاب) دۇنيا تارىخى نى، ئومۇمىي تاڭ نەزمىلىرى نى، بايرۇننىڭ دون جۇئان داستانىنى، ھومېرنىڭ ئىللادا ۋە ئودېسسا داستانلىرىنى، يۇنان ۋە رىمنىڭ ئەپسانە - رىۋايەتلىرىنى، قۇرئان كەرىم، ئىنجىل ۋە تەۋرات نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىلىرى،ئەپلاتۇن،ئارستوتىل ئەسەرلىرىنى، دانتىنىڭ تەڭرى كومىدىيىسى داستانىنى، گومورو ۋە تيەنخەننىڭ تارىخى درامىلىرىنى،ماركىس ئىنگىلىس ئەسەرلىرىنى، نەۋائى، بابۇر، مەشرەپ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئۆگەنگەن. ئۇ بۇجەرياندا 30 نەچچەخاتىرە دەپتەرنى ئۆگىنىش خاتىرىسى بىلەن تولدۇرغان.ئۇ مۇشۇ يىللاردا قارلىق تاغ شەجەرىسى ناملىق داستان ۋە سۇمۇرغلار قوشىقى،قەدىمكى يىپەك يولى،خەن ئوردىسىداباھار،مەلىكە خۇارۇڭ،تەڭرىتاغ ناخشىسى،دات باسماس قىلىچ، پىلە مەلىكىسى قاتارلىق يەتتە پارچە تارىخىي دراما يېزىپ چىققان.جاۋاھىرۇل ھاقايىق دېگەن ماۋزۇدا قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا(بۇ كىتاب1995-يىلىنىڭ بېشىدا 4-قېتىم تۆزىتىلگەندە ئالىم قەدىمكى تۇران تارىخى دەپ ئاتىغان) ناملىق كىتابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان. يەنە بارماق ۋەزىنلىك بىر تۈركۈم مۇھەببەتلىرىكىلىرىنى يېزىپ چىققان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە ئىزدىنىش ۋە ئىجاد قىلىش روھى كۈچلۈك بۇ ئالىم ئاق تېرورلۇق قاپلىغان ئاشۇ ئەنسىز يىللاردا پارچە - پارچە يازغان 500 پارچىدىن ئارتۇق رۇبائىيسىنى رەتلىگەن. سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى (بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى تۇنجى نەسىرلەر توپلىمى)ناملىق لىرىك نەسىرلەر توپلىمىنى تولۇق تاماملىغان.1978- يىلى پارتىيە11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن سىياسىي جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەم خاتا ئوڭچى قىلىنغان دېگەن خۇلاسە بىلەن ئاقلانغان ۋە1980-يىل ئۇ ئەدەبىيات فاكۇلتپتىغا يۆتكىلىپ ئومۇمىي ئىستىتىكا دەرسىنى تەسىس قىلىپ ئۆتۆشكە كىرىشكەن . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ كىتاب، ماقالە، رۇبائىي، شىئر- غەزەللىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1986- يىلى ئۇ ياپۇنىيىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇپ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يىتۆك قامۇسى- (قۇتادغۇبىلىك) دېگەن تېمىدا لپكسىيە سۆزلىگەن 1980-يىللاردا ئۇنىڭ200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى، ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ھەققىدە، شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا- ئۇسۇل سەنئىتى، فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى،ئومۇمىي ئپستپتىكا،چوغلۇق، رۇبائىيات(1)، رۇبائىيات(2)، قارلىق تاغ شەجەرىسى قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە 1980- يىللاردىن كېيىن ئېلان قىلىنغان:- روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۆللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى،ھەسەتخورلۇق ھەققىدەھەسرەتلىك خىياللار،ئارىفنامە، يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت، يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت قاتارلىق بىر قاتار ئىسىل ماقالىلىرى ۋە سىكتاي- ساك- ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم- كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق، ئۇيغۇر ئەجدادلىرى مەي مەدەنىيىتى،ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋەكپيىنكى غەربىي يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخىي ئۇچۇرى، ئەلىشىر نەۋائىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى،ئون ئىككى مۇقام ۋە نەۋائىخانلىق ئەنئەنىسى،نورۇز بايرىمى ۋەئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا،ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقىي تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىجتىمائىي مۇلاھىزە ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى ئىجتىمائىي ھاياتىمىزنى چۈشىنىشتە ۋەمەدەنىيەت تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشتا يېڭى يول ئېچىپ بەردى. ھەقىقەتەنمۇ بۇ مۇنەۋۋەر ئالىمنىڭ ئاشۇ يىللاردا يازغان ۋە تۆزەتكەن ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى، غەربىي يۇرت تاشكىمىر سەنئىتى، قوتادغۇبىلىك خەزىنىسى، ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى،سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى قاتارلىق كاتتا ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بىر- بىرلەپ نەشر قىلىندى. بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە، يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش،سوغدىلار ۋە ئۇنىڭ ئپتنىك ۋارىسلىرى توغرىسىدا،چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىسىمۇ گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇرتارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىغا يىپيىڭى تۈس قوشقان ئىدى. ئەپسۇسكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى،تالانتلىق ئەدەبىي،تۆھپىكار باغۋىنى، مول مېۋىلىك پروفپسورى ئابدۇشۆكۆرمۇھەممەدئىمىن ئۆزنىڭ بىر تالاي يازمىلىرىنى، گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىنى خەلقىگە قالدۇرۇپ، -1995يىلى2-ئاينىڭ 27-كۈنى زىققا كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىشى سەۋەبى بىلەن62يېشىدا بۇئالەم بىلەن خەيىرلەشتى. ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا،شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ مەھمۇد كاشغەرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپنى تەتقىق قىلغان كىشى ،1956-يىلى <<10-ئەسىردىكى ئىككى يىتۈك ئۇيغۇر ئالىمى >>دىگەن ماقالىسى بىلەن ،ئوڭچى،يەرلىك مىللەتچى دىگەن قالپاق كېيدۈرلىپ قارلانغان .1953-يىلى ئاسپىرىنلىققا قوبۇل قىلىغان ،شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇغان كىشى ھېساپلىنىدۇ .يەنە ياپۇنىيەلىك بىر ئالىم (ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ،ئىشقىلىپ ئۈنۋانى دوكتۇرلىقتىن يۇقۇرى)غا مەھمۇد كاشغەرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرۇلۇق دەرىس ئۆتۈپ ،ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان تۇنجى، چەتئەللىك ،ئۆزىدىن يوقۇرى ئۈنۋانى بار ئوقۇغۇچىسى بار بولغان كىشىگە ئايلانغان .ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا تۇنجى بولۇپ مۇستەقىل رۇبائىيلار توپلىمى ئىلان قىلغان كىشى ھېساپلىنىدۇ !


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.