ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-04-28

    ئانا تىلدا سۆزلەش نۇمۇس ئەمەس!! - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38628412.html

    ئانا تىل_ نىمىدىگەن يېقىملىق سۆز ھە!
          
    ھەرقانداق بىر تىل مەيلى ئۇ دۇنيا تىلى بولسۇن ياكى مەلۇم بىر دۆلەت تىلى بولسۇن ۋەياكى ئايرىملا بىر مىللەتنىڭ تىلى بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن '' ئانا تىل '' دىگەن سۆزنى تېپىش مۇمكىن.
          
    بۇگۇنكى كۇندە ئىنگىلىز تىلىنىڭ ھەممە ئادەم ئىتىراپ دۇنيا تىلى بۇلۇپ شەككىللىنىشى مۇققەرەر ھالدا بەزى تىللارنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئىنگىلىز تىلى قاتارلىق بەزى تىللارنى ئىشلىتىدىغان ئادەملەرنىڭ كۇندىن _ كۇنگە كۆپىيىپ بېرىشى ،شۇنىڭ بىلەب بىر ۋاققىتتا يەنە نۇرغۇن تىللارنىڭ دۇنيا تىل غەزىنىسىدىن شاللىنىپ قېلىشى بىز ئۇيغۇرلارغا ئالدىن بىرىلگەن شەپە.
          
    ئۇيغۇر تىلىمىز نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىشلىتىىلىش دائىرسى ئانچە كىچىك بولمىغان تىللارنىڭ بىرسى.دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىن ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغان  ئادەملەرنى تاپقىلى بۇلىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئىسلام دۆلەتلىردە بارلىق پەنلەر (چەتئەل تىلىدىن باشقا) ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلدىغان مەكتەپلەر بار. ھالبوكى، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ توپلىشىپ ئولتىراقلاشقان يۇرتىمىزدا ئۆز ئانا تىلىمىز بىلەن بىلىم ئېلىش بىزلەرگە نىسىپ بولمايۋاتىدۇ!
          
    كىچىكىدىنلا چىچەن،زىرەك ئۇيغۇر ئۆسمۇرلىرىمىز مەكتەپ باغچىسىغا قەدەم ئېلىش بىلەن تەڭ ئۆز ئانا تىلىمىز بىلەن خوشلاشماقتا........  
          
    مەكتەپلەردە ، كۆچىلاردا ، ئاممىۋى سورۇنلاردا بىزنىڭ ئاڭلايدىغىنىمىز ئۆز خاسلىقىنى يوقاتقان ، سوغاق ئەبجەش پاراڭلار بولماقتا.......
          
    خەنزۇچە سۇزلەشنى ئالاھىدە چوڭ بىلىدىغان ، بىراق ھەممە گپلەرنى توللۇق دىيەلمەيدىغانلار ئانا تىلىمىزنىڭ گۈزەلىكىنى ،خاسلىقىنى يوقىتىپ گىراماتىكىلىق قائىدىلىرنى بۇزغاننىڭ ئۈستىگە ئانا تىلىمىزغا قىلىنغان ھاقارەتنى دەۋىر ئېقىمى دەپ ئۆز رازىلىقى بىلەن يىتىملىكنى تاللىماىتا !
          
    مىلىتىمىزنىڭ ئۈمۈدى بولغان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ  ئۆزلىرنىڭ چالا ساۋاتلىقىنى پاش قىلغاندەك  ھەممە تىلنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلىشى ئانا تىلىمىزنىڭ كەلگۈسىنى تېخىمۇ قاراڭغۇلاشتۇرماقتا.......
          
    ئەجەبا ئالي ماكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خاس ئانا تىلىمىز بىلەن پاراڭلاشساق  بۇ بىزنىڭ باشقا تىلنى بىلمەيدىغانلىقىمىزدىن دىرەك بېرەمدۇ؟! ياكى بىز ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەب ئانا تىلىمىزدا سۆزلەشتىن نۇمۇس قىلامدۇق؟!........
          
    ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشى ھەرگىزمۇ نۇمۇس قىلىدىغان ئىش ئەمەس!!  
          
    پەقەت ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىدىغان كىشىلەرلا باشقىلار تەرىپىدىنمۇ قەدىرلىنىدۇ.ھەرقانداق بىر مىللەت شۇ مىللەت كىشىلىرنىڭ ئۆز تىلىنى ئۆز  قەۋىمىنى سۇيۇشى بىلەنلا  باشقا مىللەت ئالدىدا خار بولمايدۇ.  
          
    مىلىتىمىزنىڭ مەڭگۇ مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرىشى، ئانا تىلىمىزنىڭ خارلىنىپ ئۆزىمىزنىڭ يىتىم بۇلۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى ! ئانا تىلىمىز بىلەن سۆزلەشتىن نۇمۇس قىلىپ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز مەسخىرە قىلمايلى!!!


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.