ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-04-28

    <<ئۇيغۇر»لار ۋە «بۆرە»نىڭ توققۇز خىل خاراكتىرى - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38627691.html

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىم!
    ھەممىمىزگە مەلۇمكى«بۆرە»ئۇيغۇر تۇتىم مەدەنىيتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ.مىنىڭچە كۆپىنچە ئۇيغۇر   قىرىنداشلىرىمىز بۇنى بىلسىمۇ،لىكىن ئەجداتلىرىمىزنىڭ نىمەئۇچۇن «بۆرە»نى ئۆزىگە تۇتىم قىلغانلىق سەۋەبىنى
    ئىنىق بىلمەسلىكى مۇمكىن،سىز تۆۋەندىكى «بۆرە»نىڭ
    توققۇز خىل خاراكتىرىنى ئوقۇپ، تەپسىلي تەھلىل قىلسىڭىز
    «
    بۆرە»نىڭ خاراكتىرىنىڭ بىزگەسوغۇققان بولۇش،ئىتتىپاق بولۇش، ئەسلىدىن تانماسلىق،ھەرقانداق ئىشتا كاللا ئىشلىتىش، ئۆز قىرىنداشلىرىغا كۆيۈنۈش،ئىھتىياتچان بولۇش،ئۆز ئائىلىسىگە سادىق بولۇش، پەرزەنتنى قانداق تەربىيلەش،ۋىژدان-غورۇر بىلەن ياشاش دىگەندەك نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگۈتىدۇ.ئەسلىدە «بۆرە»دىكى
    بۇ خاراكتىرلار بىز ئۇيغۇرلاردا ئەسلىدىنلا بار ئىدى،لىكىن بىز ئۇيغۇرلاردا مەدەنىيەنت جەھەتتە تىخىمۇ ئالغا ئىلگىرلىمەي بىر ئىزدا توختىۋىلىش،مىللى مائارىپتىكى مەغلۇبىيەتلەر،ئەخلاق جەھەتتىكى بىر قىسىم بۇلغۇنىشلار تۈپەيلىدىن «بۆرە»نىڭ بىز  ئۇيغۇرلاردىكى بەزى خاراكتىرلىرى يوقۇلۇشقاباشلىدى.قىنى تۆۋەندىكى «بۆرە»نىڭ توققۇز خىل خاراكتىرىنى ئۇقۇپ ئۇنى ھازىرقى دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش پەلسەپىسىگە باغلاپ
    تۇرۇپ كۇچار مۇنبىرىمىزدە بىر مۇلاھىزە ئىلىپ باقايلى!

    1.
    پۇرسەت كۈتۈش.«بۆرە» ئۆزى ئاجىز ۋاقىتتا قانداقتۇر ئاتالمىش غورۇر ئۈچۈن ئۆزىدىن كۈچلۈكلەرگە ھۇجۇم قىلمايدۇ .

    2.
    ئۆملۈك . «بۆرە» ئۆزىدىن كۈچلۈك دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولغاندا،چوقۇم كوللىكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ.

    3.
    ئۆزىنى بىلىش.«بۆرە»نىڭمۇ ھايۋاناتلار پادىشاھى بولۇش خىيالى بار ئەلۋەتتە.لېكىن بۆرە ئۆزىنىڭ بەرىبىر شىر ئەمەس بۆرە ئىكەنلىگىنى ئېسىدە ساقلايدۇ .

    4.
    سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش تۇتۇش .«بۆرە» قانداق قىلىپ ئەڭ كىچىك بەدەل بىلەن چوڭ پايدىغا ئېرىشىشنى بىلىدۇ .

    5.
    تەڭ ئىلگىرلەپ تەڭ چېكىنىش.«بۆرە» گەرچە تەنھا يۈرۈشنى ياخشى كۆرسىمۇ لېكىن بىرلەشمە ھۇجۇمدا ئەڭ ئىتتىپاق .بۆرە ئەزەلدىن يارىلانغان سەبدىشىنى تاشلاپ جەڭ مەيدانىدىن چېكىنمەيدۇ .

    6.
    ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى چۈشۈنۈش.«بۆرە» ھەرقانداق رەقىبىنى ھۆرمەت قىلىدۇ.ھەر قېتىملىق ھۈجۇمدىن بۇرۇن رەقىبىنى ياخشى چۈشىنىدۇ،رەقىبىنى سەل چاغلىمايدۇ.شۇڭا بۆرە ئۆز ھەركىتىدە ئاساسەن غەلىبە قىلىدۇ .

    7.
    كۆيۈمچانلىق.ئەركەك «بۆرە» چىشى«بۆرە» ھامىلدار بولغان ۋاقىتتىن تارتىپ «بۆرە»كۈچۈگى تۇغۇلۇپ تاكى مۇستەقىل ھەركەت قىلغۇچە ئانا-بالىنى قوغدايدۇ.

    8.«
    بۆرە» بالىسى مۇستەقىل ھەركەت قىلىش يېشىغا يەتكەن ھامان بالىسىدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ.چۈنكى بۆرىنىڭ پەلسەپەسى بولسا:ياكى بۆرە بول بولمىسا قوي بولۇپ يەم بول !

    9.
    ئەركىنلىكنى سۆيۈش.بۆرە ئەركىن،تەنھا يۈرۈپ ئاچتىن ئۆلۈشكە رازىكى بىر پارچە تەييار لوقما ئۈچۈن باشقىلارغا قۇيرۇق شىپاڭشىتمايدۇ.


    مەنبە :«بۆرە»نىڭ توققۇز خىل خاراكتىرى ھەققىدىكى مەزمۇنلار تەرمىلەر ژۇرنىلىدىن ئىلىندى.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.