ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-05-03

    تۆگە قۇش ۋە تەكلىماكان روھى - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38869880.html


    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

    يۇرتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ تارىختىكى شۆھرەتلىك مەدەنىيەت گۈلزارىنى سۇغۇرۇپ كەلگەن خەلقارا ئالاقە يولى _ << يىپەك يولى >> قايتا ئېچىلدى ! مىلادىدىن ئىلگىرىكى زامانلاردىن تاكى يېقىنقى زامان دېڭىز - ئوكيان قاتنىشىغىچە داۋام قىلغان يىپەك يولى ئالاقىلىرىنىڭ سىمۋولى بولغان << تۆگە >> يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن << قاناتلىق تۆگە >> ئوبرازىدا قايتا نامايان قىلىندى . بۇنى تەقەززا قىلغان كەلگۈسى بىزنى كۈتۈپ تۇرغان كەلگۈسىگە ئايلانماقتا !
    << تۆگە >> سىمۋول قىلىنغان يىپەك يولى زامانلىرىدا ئەجدادلىرىمىز شەھەر - قەلەلەرنى ھالقا قىلغان ئاۋات بوستان مەدەنىيىتى ياراتقان ، ھۈنەرپەز ۋە خەلقارا سودىگەر سۈپىتىدە دۇنياغا تونۇلغان ، پەلسەپە ۋە تەبىەت پەنلىرىدە قامۇسى ئالىملارنى يېتىلدۈرگەن ، مۇشۇ ئاساستا سەنەتتە داڭق قازانغانىدى . ئۇ چاغدىكى تەكلىماكان چۆللۈكى دىيارى مەدەنىيەت چۆللۈكى ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان بولماستىن ، ئەكسىچە ساياھەتنامە مۇەللىپلىرىگە ئالتۇن ئىلھام بېغىشلىغان مەدەنىيەت دەھلىزى ئىدى .
    << تۆگە >> سىمۋول قىلىنغان ئاۋات ئەسىرلەر خارابىلىرىنى ئوغۇت قىلىپمۇ باياشاتلىققا ئىگە بولالمىدۇق . ئەمدى << قاناتلىق تۆگە >> سىيما قىلىنغان يېڭى ئەسىرلەر تىزمىسى ئالدىدا تۇرىمىز . بۇ غايەت كاتتا ھادىسىنى يېتەرلىك مەنىسى بىلەن ھېس قىلىدىغان كىشىلەر ئاز بولسىمۇ ، ئۇنى كەلگۈسى تارىخچىلىرى ئىپتىخارلىنىپ تىلغا ئالىدۇ .
    ئويلاپ قالدىم ، << تۆگە >> بىلەن << قاناتلىق تۆگە >> نىشانلانغان تارىخىي دەۋرلەر ئارىسىدا ئۆتكەن زۇلمەتلىك ئەسىرلەرگە نېمىنى سىمۋول قىلىش لازىم ؟ بۇ بىر سىمۋولنىڭ ئىخچاملاش ۋە ھېس قىلدۇرۇو تەربىيىلەش كۈچى ناھايىتى چوڭغۇ ! مېنىڭچە << تۆگە قۇشى >>نى سىمۋول قىلىش كېرەك ، ئەلۋەتتە !
    شۇنداق ، بۇ جاھالەتلىك ئەسىرلەردە ئىلىم ۋە ھېكەتتىن ئايرىلىپ ، ئىشانلىق ۋە مەزھەپ مۇرىتۋازلىقى لاتقىسىغا پاتتۇق . << ئاق تاغ >> ، << قارا تاغ >> بولۇۋېلىپ ، قان تۆكتۇق ، ئويغاتقۇچى مەشرەپ ، زەلىلى ، خاراباتى ، ئەزىزى ۋە خالىقلارنى خارلاپ سىرتتىن كەلگەن مەختۇم ئەزەم ، يۈسۈپ چاڭموزالارنى ئەۋلىيا قىلىۋېلىپ ، ياسالما مازارلارنى تاۋاپ قىلىپ ياتتۇق . قولىمىزدىن كەلگىنى داپ تاراڭشىتىپ ئۇسسۇل ئويناش بىلەن مەدداھلىق ۋە ھاپىزلىق بولدى ! ئاخىرى بىر تال قەنت ، بىر تال سەرەڭگىنىمۇ چەتتىن ئالىدىغان كۈنگە قالدۇق !
    يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشى خەلقارا تارىخىي خاراكتېرلىك ھادىسە ئىدى . بىز بۇ تاشقى مۇھىت ئىچىدە بارغانسېرى بېكىنمىچىلىك بىلەن شۇغۇللاندۇق . بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى بىر قانچە ۋىلايەت - ناھىيىلەر بويىچە قاماپ تاشلاپ بىر - بىرىدىن ئۈركۈيدىغان ، بىر - بىرىنى چەتكە قاقىدىغان << يۇرتۋازلىق پسىخولوگىيىسى >> تەييارلىۋالدۇق . بىر زامانلاردا ۋاڭ يەندى ، يېللۇ چۇسەي ، ماركاپولو ۋە بىر توپ ئەرەب ساياھەتچىلىرى قەلىمىدە ئىزچىل << ئۇيغۇر >> دەپ تىلغا ئېلىنغان ئىبارە كېيىنچە رادلوۋ ، مالۇۋ ، روبروۋىسكى ، ۋەلىخانوۋ قاتارلىقلار قەلىمىدە << قۇمۇللۇقلار >> ، << تۇرپانلىقلار >> ، << تارانچىلار >> ، << دولانلىقلار >> ، << قەشقەرلىقلەر >> ، << ماچىنلىقلار >> دەپ يېزىلىدىغان بولدى ، ئۇيغۇر ئىبارىسى پەقەت << سېرىق ئۇيغۇر >>لارنىڭ نامىدىلا قالدى . گەرچە بۇ ئەسىردە ( 20 - ئەسىرنى كۆرسىتىدۇ ) يېڭى مەدەنىيەت مەشەلچىلىرى تەشەببۇسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت - ماارىپىنىڭ ئىلھامىدا << ئۇيغۇر >> ئىبارىسىنى ھەممىمىز ئېغىزدا ، قەغەزدە ، ۋىۋىسكا ۋە تامغىلاردا ئېتىراپ قىلغان بولساقمۇ ، لېكىن روھىيەتتە ، ئاستىنقى ئاڭدا تېخى قوبۇل قىلىپ كېتەلمىدۇق . مۇھەببەت - نەپرەت سىزىقىدا ، ھالاۋەت تەقسىم قىلىش چۆمۈچىدە ، مەسىلە ھەل قىلىش تەستىقىدە ، دوستلىشىش ۋە مۇراسىم داستىخانلىرىدا ، باھا - تەقرىز زۇۋانلىرىدا ، ئۆرلەش - چۆكۈش تاناپلىرىدا ، كىرىم - چىقىم سېتكىلىرىدا تېخى << ئۆز يۇرت بالىسى >> ، << ئۆزگە يۇرت كالىسى >> ئالاڭلىقى ئېغىر ! مىللىي مەدەنىيەت ئارغىماقلىرىنىڭ بەيگىسىگە قويۇلغان توساق شادىلىرى ھەر بىر يۇرت بويىچە بىردەك ئەمەس ! بۇ بولمىغۇر ، ھالاك قىلغۇچ ئاپەتنى جىن - شەيتانلار ئەمەس ، << ئۆز يۇرت >> ئەزىمەتلىرى بىجا كەلتۈرۈپ تۇرۇپتۇ . تاماقخانىلارغا كىرىشتىمۇ << ئۆز يۇرت >> ، ساداقەت بىلدۈرۈشتىمۇ << ئۆز يۇرت >> ، ئۆلۈم - يېتىمدىمۇ << ئۆز يۇرت >> ! پەقەت << توتېم >> يوسۇنىدا بەدەنگە گۈل چېكىش بىلەن << شامان >> قىياپىتىدە گىرىم قىلىشلا قالدى !
    سىرتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش شامىلىدا ھەر بىر ناھىيىلەرگە كۆپلىگەن كىتاب - ژۇرنال يايمىلىرى كەڭ تارقالدى . ئۇنىڭدا جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىدىن ، ھەتتا تەيۋەن ، شياڭگاڭلاردىن كەلتۈرۈلگەن خەنزۇچە كىتاب - ژۇرناللار ئەركىن سېتىلماقتا . مەن پات - پاتلا يىراق ئۆلكە - شەھەرلەردە چىقىدىغان ژۇرناللارنىڭ ئەسەر ئەۋەتىش تەكلىپلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىمەن ، بۇ گۈللەش مۇھىتى بىلەن گۈللەش روھىيىتى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆزدەك بىرلەشكەن مەنزىرىنىڭ ئىپادىسى ، بىزدىچۇ ؟ بىر ۋىلايەتنىڭ ژۇرنىلىنى باشقا ۋىلايەتلەردە ، ھەتتا ئۈرۈمچىدە كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس . بىزدە خېلى كۆپ ژۇرنال نەشىر قىلىنىدۇ . ئەمما ، ئۇ خۇددى مەھبۇس تامىقىدەك ئۆز - ئۆزىنى قامال قىلغان روھىيەت سېپىلى _ ئۆز يۇرت دائىرىسىدىلا ھەزىم قىلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ھەر بىر ۋىلايەت ژۇرناللىرى ئۆز يۇرت كىشىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ ، ئۆز يۇرت كىشىلىرىگىلا ئەۋەتىلىدۇ .
    يېقىندىن بېرى ، يەرلىك شېۋىلەرنى ئالاھىدە مەھسۇلات سۈپىتىدە ماختاپ كېڭەيتىدىغان ، يەنە ئىسىم - فامىلىلەر ئاخىرىغا << ئارتۇشى >> ، << كەلپىنى >> ، << دولانى >> ، << لەمجىنى >> دېگەنلەرنى ، ھەتتا تېخىمۇ كىچىك كەنت ناملىرىنى قوشۇپ ئاتايدىغان باشلامچىلار چىقىپ قالدى ! يىراق ئەللەردە مۇساپىرەتتە قوللىنىلغان بۇ يۇرت ناملىرى ئۆز يۇرتىدا << توتېم >> ئۇرۇقداشلىق تامغىسى قىلىۋېلىش قايسى روھىيەتتىن ئېتىلىپ چىققاندۇر - ھە ؟ ! يېڭى يىپەك يولى ئېچىلدى ! ئەمما مەھەللىۋى مەدەنىيەت بېكىنمىچىلىقىنىڭ پېچىتى بۇزۇلغىنى يوق ! << قاناتلىق تۆگە >> پاالىيەتكە كىرىشتى ! ئەمما << تۆگە قۇشى >> بېشىنى قۇمغا تىقىۋېلىشتىن خالاس بولغىنى يوق ! بۇ ھال داۋاملىشىدىكەن ، قەدىمكى يىپەك يولى ئەزىمەتلىرى بولغان ئۇيغۇرلار خۇددى كۇكۇم - تالقان بولغان بوتۇلكا سۇنۇقلىرىدەك بىر زاماندىكى شېشىلىك ھالىدىن قالغان كىرىستاللىرىنى ئاپتاپ نۇرىدا يالتىرىتىپ ماختىنىشتىن باشقا ، يېڭى شەربەتكە مۇيەسسەر بولالمايدۇ . بۇ يېڭى يىپەك يولى ھېكمەتلىرىدىن داۋاملىق چەتتە قېلىشقا ئېلىپ بارماسلىق مۇمكىن ئەمەس .
    ھەي ، ئەتتەڭ ! لۇشۈن ئەپەندى << ئاكىيو >> روھىنى سىزىپ بەرگەندەك ، << تۆگە قۇشى >> ئەرۋاھىنى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغان ئەقىل ۋە قول قاچان قەلەم تۇتاركى .



    مەنبە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ يېپەك يۇلىدىكى توققۇز ھېكمەت ناملىق كىتاپ


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.