ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  مەدەنىيەت

ئىككى ئەزىمەتنىڭ بېشىغا چىققان قادىر ھاجى كىم؟

ۋاقتى : 2016-05-30  مەنبەسى : يالقۇن روزى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

ئىككى ئەزىمەتنىڭ بېشىغا چىققان قادىر ھاجى كىم؟
يالقۇن روزى

جاللات شېڭ شىسەي زامانىدا «قان ئىچەر ئۈچ ھاجى» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان ئۈچەيلەننىڭ بىرى قادىر ھاجى (1891−1938) نىڭ سۈرىتى بۇ يىل ئەل-جامائەتكە ئاشكارا بولدى. بىراق ئۇنىڭ جىنايەتلىرى تېخى تولۇق ئاشكارىلىنىپ بولغىنى يوق. قادىر ھاجىنىڭ كىملىكىنى بىلىش ئۈچۈن گەپنى قەشقەرنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى 
ئۇنتۇلماس قارا ئەسلىمە − «ئادەم كاۋىپى ۋەقەسى» دىن  باشلاشقا توغرا كېلىدۇ .

قادىر ھاجى (موسكۋا، 1926)
1937-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى كېچىدە ئانا دىيارىمىزدىكى بېشىدىن كۆپ ئىشلار ئۆتكەن مۆتىۋەر شەھەر قەشقەر يەنە بىر دەھشەتلىك كەچۈرمىشنى باشتىن كەچۈرۈشكە يۈزلىنىپ تۇراتتى. بۇ كۈنى ئابدۇنىياز كامال بىلەن ما خۇسەننىڭ شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن بىرلەشمە قوشۇنى پەيزاۋاتتىن قەشقەر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئىستالىن ھۆكۈمىتى بىلەن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان ئاتامانلىرى نېمە قىلارىنى بىلمەي تېپىرلاپ قالغانىدى. ئۇلار شەھەرنى تاشلاپ قېچىش ئالدىدا موسكۋانىڭ تېلېگراف بىلەن يوللىغان جىددىي بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشقا تۇتۇش قىلدى. بۇ ئەزىزانە شەھەرنىڭ يارۋاغ مەھەللىسىدىكى «تېرەكلىك» دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ قورۇدىكى ۋاقىتلىق تۈرمىگە  140 قا يېقىن (ئىلگىرى ماتېرىياللاردا 300 دىن ئارتۇق دەپ تىلغا ئېلىنغان) مۇنەۋۋەر ئوغلان قامالغانىدى. بۇلار بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان قەشقەر شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرت-يۇرتلاردىن تۇتۇپ كېلىنگەن زامانىسىغا نىسبەتەن باشلامچىلىق رول ئويناۋاتقان، ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە، ئاڭ-سەۋىيەسى يېتىلگەن غوللۇق كىشىلەر ئىدى. ئىسيان كۆتۈرگەن قوشۇن شەھەر سېپىلىگە قىستاپ كەلگەن پەيتتە ۋاقىتلىق تۈرمىنىڭ كامىرلىرىغا قىستاپ قامالغان بۇ مۇنەۋۋەر ئوغلانلار موسكۋادىن كەلگەن بۇيرۇقنى جىددىي ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن جاللاتلار تەرىپىدىن تېزلىكتە تۈرمە ھويلىسىغا ئېلىپ چېقىلدى . ئارقىدىنلا ئۇلارغا تۆت تەرەپتىكى پېلىموتلاردىن فاشىستلارچە ئوق ياغدۇرۇلدى، قەشقەرنىڭ سەركە سۈپەت بۇ ئوغلانلىرى ئارقا-ئارقىدىن يەرگە يىقىلدى. قاتىللار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى دۆۋىلەپ ئۈستىگە كىرسىن چېچىپ ئوت قويۇۋەتتى. بۇ قاباھەتلىك كېچىدە ئەنە شۇ بىگۇناھ ئەزىمەتلەر ئىستالىن بىلەن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ «دوزاخ» ئوتىدا كۆيۈپ چۇچىلىغا ئايلاندى. يىپەك يولىدىكى نامى مەشھۇر بۇ شاھانە شەھەرنىڭ تۈن زۇلمىتىگە غەرق بولغان كېچە ئاسمىنىنى كۆيگەن گۆشنىڭ پۇرىقى قاپلىدى. جاللاتلار بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ بولۇپلا غايىب بولدى. 5-ئاينىڭ 30-كۈنى تاڭ يورۇغاندا بۇ دەھشەتلىك پاجىئەدىن خەۋەر تاپقان شەھەر خەلقىنىڭ يۈرىكى ئۆرتىنىپ ھەسرەتلىك ئۇھ تارتىشتى. 1934-يىلى 2-ئايدا ما جۇڭيىڭنىڭ قانخور ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن قارا-قويۇق قىرغىن قىلىنىپ چوڭ-كىچىك كوچىلار جەسەتلەرگە تولۇپ كەتكەن قاباھەتلىك مەنزىرىنى ئۇنتۇيالماي دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان مەزلۇم خەلققە، بۇ قېتىمقى دەھشەتلىك مەنزىرە يەنە بىر ئۇنتۇلماس قارا ئەسلىمە بولۇپ قالدى. قەشقەر خەلقى بۇ ۋەقەنى «ئادەم كاۋىپى ۋەقەسى» دەپ ئاتاشتى. دەل مۇشۇ دەھشەتلىك پاجىئەدە 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مائارىپچى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىمۇ جېنىدىن جۇدا قىلىندى.

مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق)
بۇ قېتىم قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى قادىر ھاجى بىر قوللۇق تەييارلىغان ئىدى. پاجىئەدىن كېيىن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرىنىڭ دېرىكىنى قىلىپ، «دوزاخ» قا كەلگەن كىشىلەر مەمتىلى ئەپەندىنىڭ تۈرمە تاملىرىغا كېسەك بىلەن يېزىۋەتكەن تۆۋەندىكى شېئىرلىرىنى كۆرۈشتى:

بۇلبۇللار تۇتقۇن بولدى، يۇرتنى بۇلغىدى قاغا.
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئېسىلۇر دارغا.

گۇناھى نە ئىكەن بۇندا قامالغان نەۋقىرانلارنىڭ؟
ھەققە ئۇيغۇنى يوقتۇر تېڭىلغان شۇم گۇمانلارنىڭ.

ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدا ئىسيان ئېتەر،
كۈندە مۇشتۇمدەك كېسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر.

قادىر ھاجى كىرىپ كەلدى، يېنىدا گۇندىپاي ئالتە،
ھەقىقەت نە، ئادالەت نە؟ بىلمەيدۇ ئەقلى بەك كالتە.

كىشەن قىستى سېنى تەۋپىق قىلما زەررىچە پەرياد،
پىدا قىل جاننى سەن ئەمدى، بېشىڭغا كەلدى بۇ ئەرسات.

1930-يىللاردىكى يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىدە سەركەردىلىك رول ئويناپ يىراق-يېقىنغا داڭقى پۇر كەتكەن بۇ سۆيۈملۈك ئوغلاننىڭ 36 يېشىدا ياۋۇزلۇق بىلەن يوق قىلىنغانلىقىغا يۈرىكى ئۆرتەنگەن خەلق ئۆزلىرىنىڭ ھەسرەتلىك ۋە غەزەپلىك ھېسسىياتىنى مۇنداق قوشاق بىلەن ئىپادىلىگەن ئىدى:

ئىشىك ئالدىدا تۆت ئورۇس،
تۆتىلىسىدە پاپىرۇس.
ئەپەندىمنى ئۆلتۈرگەن،
قادىر ھاجى جا ئورۇس!

ئۇنداقتا، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىسيانكار مىسرالىرىدا ھەم خەلقنىڭ غەزەپلىك قوشاقلىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان قادىر ھاجى قانداق ئادەم؟ بۇ يازمىنىڭ ماۋزۇسىدا تىلغا ئېلىنغان قادىر ھاجى بېشىغا چىققان ئىككى ئەزىمەتنىڭ بىرى 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ مائارىپچى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى (1901−1937) بولسا، ئۇنداقتا يەنە بىرى كىم؟ بۇ ئۇيغۇرلاردىن چىققان 20-ئەسىردىكى تۇنجى سىياسىيون ئابدۇللا روزىباقىيېف (1897−1938) تۇر. قادىر ھاجى بېشىغا چىققان بۇ ئىككى ئەزىمەت 20-ئەسىر تارىخىمىزدىكى نامى تىللاردا داستان قىلىشقا ئەرزىيدىغان، ئىش-ئىزلىرى مىللىي تارىخىمىزنىڭ نۇرانە سەھىپىلىرىگە ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىلىشقا تېگىشلىك سۆيۈملۈك ئوغلانلاردۇر.

ئابدۇللا روزىباقىيېف
20-ئەسىردىكى تۇنجى سىياسىيون ئابدۇللا روزىباقىيېف 1897-يىلى ھازىرقى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى قورام يېزىسى كېيىكۋاي كەنتىدە تۇغۇلغان. دادىسى جەدىتلىك پىكىر-ئېقىمىغا مايىل خەلپەت بولۇپ «موللا ئەھمەد» دەپ تونۇلغان. ئابدۇللا روزىباقىيېف 3−4 ياشلارغا كىرگەندە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئالمۇتاغا كۆچۈپ كەلگەن. چاررۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۇ چاغلاردا ئالمۇتا تۈركىستان گوبېرناتورلۇقىغا قارايدىغان يەتتەسۇ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ئىدى. ئابدۇللا روزىباقىيېف دەسلەپ دىنىي مەكتەپتە تەلىم ئالغان، كېيىن ئالمۇتادىكى رۇسچە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان. 1914-يىلى 17 يېشىدا بەش يىللىق رۇسچە مەكتەپنى تاماملاپ كارخانىدا ئىشلىگەن. كېيىن ئەينى چاغدا ئەڭ ئەتىۋار بولغان بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇغان.
1917- يىلى «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى» باشلانغان مەزگىلدىلا ئۇزاقتىن بېرى «مىللەتلەر تۈرمىسى» بولۇپ كەلگەن رۇسىيەدە مىللىي مۇستەملىكە مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش رۇسىيە ماركسىزمچىلىرى ئۈچۈن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك تۈپ مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانىدى. لېنىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى «مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى» نى ئېتىراپ قىلىش، مۇستەقىل مىللىي دۆلەتلەرنى قۇرۇش دەپ قارايتتى. شۇڭا، ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، رۇسىيە سوۋېت ھۆكۈمىتى رۇسىيە زېمىنىدىكى ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىدىغانلىقىنى تەكرار بىلدۈرگەن. 1917 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا بىر ھەپتە بولغان رۇسىيە سوۋېت ھۆكۈمىتى دەرھال خەلق كومىتېتىنىڭ رەئىسى لېنىن ۋە مىللىي ئىشلار خەلق كومىسسارى ئىستالىن نامىدىن «رۇسىيەدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھوقۇق خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلغان. خىتابنامىدە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي مەسىلە توغرىسىدىكى ئۈچ تۈرلۈك پىرىنسىپى ئېلان قىلىنغان. لېنىن ھۆكۈمىتى بۇ خىتابنامىنى ئېلان قىلىپ 20 كۈن ئۆتكەندە رۇسىيە زېمىنىدىكى كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىگە بولغان قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى «رۇسلار ۋە شەرقتىكى بارلىق مۇسۇلمان ئەمگەكچى خەلققە مۇراجىئەت» نى ئېلان قىلغان. بۇ «مۇراجىئەتنامە» دە تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «بۇنىڭدىن كېيىن، سىلەرنىڭ ئېتىقاد ۋە ئۆرپ - ئادىتىڭلار، مىللىي ئورگان ۋە مەدەنىيەت ئورگانلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى ئەركىنلىككە ئىگە، ھېچقانداق دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىمايدۇ، سىلەر ئەركىن، چەكلىمىسىز ھالدا ئۆزۈڭلەرنىڭ مىللىي تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرساڭلار بولىدۇ! سىلەر بۇنداق قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بىلىشىڭلار كېرەككى، سىلەرنىڭ ھوقۇقۇڭلار رۇسىيەدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ئوخشاش ئىنقىلاب ۋە ئىنقىلابىي ئورگانلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچى - دېھقان - ئەسكەرلەر سوۋېتىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىشىغا ئېرىشىدۇ.»
مانا مۇشۇنداق ياڭراق خىتاب ۋە ۋەدىلەر ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ تالاي يىللاردىن بېرى بېسىلىپ كەلگەن مىللىي ئارزۇ - ئىستەكلىرىگە تارىخىي سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن. نەتىجىدە، قازاق، ئۆزبېك، تاتار، باشقىرت، تۈركمەن زىيالىيلىرى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە جانلىنىپ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتلەرنى تەسىس قىلىشقان. 1917 - يىلىدىن 1920 - يىلىغىچە جايلاردا يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە - گۇرۇھلار قۇرۇلۇپ، پارچىلىنىپ، يىمىرىلىپ تۇرغان.
سىياسىي سەزگۈرلىكى يۇقىرى ياش كوممۇنىست ئابدۇللا روزىباقىيېف سوۋېت تۈركىستانىدا ياشاۋاتقان، ئىلىدىن كۆچۈپ كەلگەن «تارانچى» ئۇيغۇرلىرى بىلەن پەرغانە ۋادىسى ھەم تاشكەنت قاتارلىق جايلاردا ياشاۋاتقان جەنۇبىي شىنجاڭدىن كۆچۈپ كەلگەن «قەشقەرلىك» ياكى «ئالتە شەھەرلىك» ئۇيغۇرلارنى بىرلەشتۈرۈپ تەشكىلات قۇرۇپ، ئۇلارنى بولشېۋىزملىق ئىدىيە بويىچە تەربىيەلەش ۋە تەشكىللەش خىزمىتىگە كىرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت تۈركىستانىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا باشپاناھلىق ئىزدەپ تولىمۇ تۇراقسىز ھالەتتە ياشاۋاتقان ئالتە شەھەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى، تۇرمۇش ۋە نوپۇس سانىغا ئالاقىدار ئىشلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ بۇ ھەقتە سوۋېت تۈركىستانى پارتكومىغا ئەتراپلىق دوكلات يوللىغان. ئابدۇللا روزىباقىيېف يەنە ئۇلار ھەققىدە نۇتۇقلار سۆزلەپ، سۆھبەتلەر ئۇيۇشتۇرۇپ، ماقالىلەر ئېلان قىلىپ پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدا تەسىر قوزغىغان. تۈركىستان كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۇلار ھەققىدە ئېنىق يوليورۇق بېرىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن «تۈركىستان كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئۆزىنىڭ ئۆلكىلىك، ۋىلايەتلىك، پارتىيە كومىتېتلىرىغا بەرگەن كۆرسەتمىلىرىدە مەنچىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى شىنجاڭدا ياشاۋاتقان قەشقەرىيە-جۇڭغارىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ بەك ئېزىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ تارقىلىپ ياشاۋاتقانلىقى سەۋەبلىك ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئۇيۇشتۇرۇشقا، ئۇلارغا سىياسىي ئاڭ سېزىمنى سىڭدۈرۈشكە ۋە كومپارتىيە ئەتراپىغا توپلاشقا ياردەم قىلىش كېرەك» دەپ يوليورۇق بەرگەن. شۇنىڭغا بىنائەن پارتىيە مەسئۇل خادىملىرىنى ئۆلكىلەرگە، ۋىلايەتلەرگە ئەۋەتكەن. شۇ مەقسەتتە 1921-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئالمۇتادا ئۇيغۇر ئىنقىلابىي ئىتتىپاقىنىڭ يەتتىسۇ ئۆلكىلىك 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان. قۇرۇلتاينى ئابدۇللا ئىسمائىلوف ئاچقان. قۇرۇلتاينى ئابدۇللا روزىباقىيېف يەتتىسۇ ئۆلكىلىك ھەربىي ئىنقىلابىي كومىتېت نامىدىن تەبرىكلىگەن. ئابدۇللا روزىباقىيېف ئۆز سۆزىدە ئىتتىپاقنىڭ تەشكىل قىلىنىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش زۆرۈر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
 قۇرۇلتايدا ئابدۇللا روزىباقىيېف «سوۋېت ھاكىمىيىتى نېمىگە ئىنتىلمەكتە» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىپ، شەرقتىكى ئېزىلگەن خەلقنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ ئىنقىلابىي ئىشلارنى ئاكتىپ ۋە پائال قوزغاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. شۇنداقلا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتكۈل سوۋېت تۈركىستانى بويىچە «قەشقەرىيە-جۇڭغارىيە ئىنقىلابىي ئىتتىپاقى» نىڭ شۇ يىلىدىكى پائالىيەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن.
ئابدۇللا روزىباقىيېف «قەشقەرىيە-جۇڭغارىيە ئىنقىلابىي ئىتتىپاقى» نىڭ پۈتكۈل سوۋېت تۈركىستانى بويىچە ئېچىلىدىغان قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىقلىرىغا جىددىي كىرىشىپ، 1921-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى تاشكەنت شەھىرىدە قۇرۇلتاينى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچقان.
قۇرۇلتاي كۈنتەرتىپىنىڭ بىرىنچى مەزمۇنىغا ئاساسەن قۇرۇلتاي ئەھۋالى شۇ چاغدىكى سوۋېت تۈركىستانى كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ئەكمەل ئىكراموفقا دوكلات قىلىنغان ۋە شۇ دوكلاتقا ئاساسەن كەڭ كۆلەملىك قارار قوبۇل قىلىنغان. دوكلاتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن بۇنىڭدىن كېيىن «قەشقەرىيە-جۇڭغارىيە ئىشچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىنقىلابىي ئىتتىپاقى» دەپ ئاتاش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىنغان.
بۇ «قارار» ئەمەلىيەتتە يېڭىدىن قۇرۇلغان، مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، مائارىپ، دىن ئىشلىرىنى يولغا قويىدىغان بىر تەشكىلاتنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك ئىدى. بۇ تەشكىلات كېيىن قىسقارتىلىپ «ئۇيغۇر ئىنقىلابىي ئىتتىپاقى» دەپ، كۆپ ھاللاردا «ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغان. ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردە ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتىلىپ، شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان، سەلتەنەتلىك خانلىقلارنى قۇرغان ئۇيغۇر خەلقى، كېيىنكى ئەسىرلەردە، بولۇپمۇ 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ مىسلىسىز چۈشكۈنلۈك دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، ھەممە جەھەتتە خارابلىشىپ كەتكەنىدى. جۈملىدىن ئۆزىنىڭ مىللەت نامىنىمۇ بىلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى. 1910-يىللاردا ئاندىن ناھايىتى ئاز ساندىكى جەدىدچى زىيالىيلاردا مىللىي ئاڭ ئويغىنىپ، مىللەت نامىنى ئىستېمال قىلىش باشلانغان. بۇ قېتىمقى تاشكەنت قۇرۇلتىيىدا رۇس تىلشۇناسى ۋە تارىخچىسى مالوفنىڭ تارىخىي ئاساسلارنى تەمىنلىشى نەتىجىسىدە «ئۇيغۇر» دېگەن نام رەسمىي ئەسلىگە كەلگەن.
تاشكەنتتە ئالتە كۈن ئېچىلغان بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدىن كېيىن كۆرۈلگەن بىر غەلىتە ئەھۋال شۇ بولغانكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى «قەشقەرلىك» لەرنىڭ قادىر ھاجى باشلىق بىر قىسىم سەرخىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ «تارانچىلار باشقا مىللەت، قەشقەرلىكلەر باشقا مىللەت، ئۇلارنىڭ تىللىرىمۇ بىر - بىرىگە يېقىن ئەمەس، شۇڭا ئۇلار بىلەن بىللە ئۇيغۇر ئىتتىپاقىدا تۇرالمايمىز» دەپ ئىختىلاپ پەيدا قىلغان. ئۇلار يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارغا ئۆزلىرىنىڭ قەشقەرلىك ئىكەنلىكىنى، تارانچىلار بىلەن بىللە «ئۇيغۇر» دېگەن نام ئاستىدا ئۇيۇشالمايدىغانلىقىنى ئېيتىشىپ ئىلتىماس سۇنۇشقان. بىر قىسىم ئاتالمىش «تارانچىلار» مۇ قەشقەرلىكلەرنى يەكلەيدىغان خاھىشىنى كۈچەپ بازارغا سالغان. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە،  24 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، سىياسىي تەپەككۇرى يېتىلگەن ئابدۇللا روزىباقىيېف ئۇلارنىڭ بىمەنە، ئاساسسىز سەپسەتىلىرىگە ۋە ئورۇنسىز دەۋالىرىغا قارىتا مۇنداق پوزىتسىيە بىلدۈرگەن: «بەزى بۇرادەرلەر قەشقەرلىك ھەم تارانچىلارنىڭ بىر بولۇپ <ئۇيغۇر> تەشكىلاتىغا كىرىشى توغرا ئەمەس، دېگەن پىكىرنى بايان قىلغان. بۇ پىكىرنىڭ خاتالىقى ئوپئوچۇق، چۈنكى تارانچىلار بۇنىڭدىن ئاز زامان ئىلگىرى ئالتە شەھەردىن چىققان ئۇيغۇر بالىلىرىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا قەشقەرلىك ھەم تارانچىلارنىڭ مەدەنىي، تارىخ، تۇرمۇش شارائىتلىرى بىر تۈرلۈك ھەم بىر-بىرىگە باغلانغان.»
ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى كەسكىن پوزىتسىيەسى تامامەن توغرا بولۇش بىلەن بىللە، ئەينى چاغدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي رېئاللىقى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ ئاجايىپ ھوشيارلىق ھېسابلىناتتى. چۈنكى، رۇسىيەگە قاراشلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدە مىللىي جۇمھۇرىيەت ۋە ھەر دەرىجىلىك مىللىي ئاپتونومىيەلەرنى قۇرۇش ئىشى ئۇزاققا قالماي باشلىناتتى. بۇ ئىش باشلانغاندا ئەڭ ئالدى بىلەن ئويلىشىدىغان مەسىلە مىللەت سانىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى ئىدى. «تارانچى - قەشقەرلىك جېدىلى» بۇنداق زور مىللىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئېيتقاندا مۆلچەرلىگۈسىز يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلاتتى. ئابدۇللا روزىباقىيېف بۇ جەھەتتە ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن قەتئىي يول قويمايدىغان ئىرادىسىنى نامايان قىلغان. ئەمما، ئۇنىڭ ھوقۇقى چەكلىك بولغاچقا «تارانچى - قەشقەرلىك جېدىلى» نى جىمىقتۇرالمىغان. بۇ جېدەل بىرنەچچە يىل ئۆتۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدە موسكۋانىڭ مىللەت ئايرىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەندە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان. قادىر ھاجى ئابدۇللا روزىباقىيىف بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ بۇ غەۋغانى ئەۋجىگە كۆتۈرگۈچى بىر تەرەپنىڭ غوللۇق ئاتامانىغا ئايلانغان. موسكۋا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سەزگۈر مۇئامىلىسى ۋە «تارانچى-قەشقەرلىك جىدىلى» نىڭ كاساپىتى تۈپەيلىدىن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان رېسپوبلىكىلىرى قۇرۇلغاندا ئۇيغۇرلارغا رېسپۇبلىكا تۇرماق ئاپتونوم ئوبلاستمۇ نېسىپ بولمىغان.
قىزغىن ئىنقىلابچى ئابدۇللا روزىباقىيېف 1925-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى مىللەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىقىغا نامزات بولۇپ سايلانغان ھەم سىياسىي جەھەتتە تەربىيەلىنىش ئۈچۈن 1925-يىلىدىن 1927-يىلىغىچە موسكۋادىكى سىۋېردىلوف نامىدىكى كوممۇنىستىك ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇشقا چاقىرتىلغان. بۇ ئوقۇشقا قادىر ھاجىمۇ چاقىرتىلغان.

(ئىستالىن)
 
ئوتتۇرا ئاسىيادا «ئىستالىن ئەندىزىسى» بويىچە مىللەتلەرنى بېكىتىش سىياسىتىنىڭ شامىلى كۆتۈرۈلگەندە بۇ ئىككى گۇرۇھتىكى باشلامچىلار گېزىت - ژۇرناللاردا ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ، بىر - بىرىگە قارشى كەسكىن قەلەم كۈرىشى قىلىشقان. بۇ خىل زىددىيەت زىيالىيلاردىن ھالقىپ ئاددىي ئاۋامغىچە يامراپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ ئىككى گۇرۇپپىسى بىر يەردە ئولتۇرۇشمايدىغان، بىر - بىرىگە قىز بېرىشنى خالىمايدىغان، ئۆزئارا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارىشىدىغان بولۇشۇپ كېتىشكەن.
ئابدۇللا روزىباقىيېف موسكۋادىكى كوممۇنىستىك ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ كەلگەندىن كېيىن، قازاقىستان ئۆلكىلىك كومىتېتنىڭ بۆلۈم باشلىقلىقىغا بەلگىلەنگەن. ئۇ «تارانچى - قەشقەرلىك جېدىلى» گە قارىتا كەسكىن قىلىپ: «تارىختا، تۇرمۇشتا <قەشقەرلىك>، <تارانچى>، <غۇلجىلىق> دېگەن ئايرىم مىللەتلەر يوق. قەشقەر بىر شەھەرنىڭ نامى، ئۇيغۇر دىيارىدا قەشقەرگە ئوخشاش شەھەرلەر كۆپ، <تاشكەنتلىك>، <ئەنجانلىق> ئايرىم مىللەتلەرنى تەشكىل ئەتمىگەندەك، <قەشقەرلىك، غۇلجىلىق> دېگەن ھەم بىر مىللەتكە نام بولالمايدۇ...» دېگەن.
دەسلىپىدە مىللىي كىملىك ياكى ئېتنىك تۈركۈم دەۋاسى خاراكتېرىنى ئالغان «تارانچى - قەشقەرلىك جېدىلى» بۇ چاغدا تېخىمۇ كۈچىيىپ يېڭى بىر مەسىلە ئۈستىدە ئىپادىلەنگەن. ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئورتاق ئەدەبىي تىلىنى بېكىتىش مەسىلىسىدۇر. پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار سابىرجان شاكىرجانوف باشچىلىقىدا قەشقەر دىيالېكتىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى قىلىمىز دېسە، يەتتىسۇ تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار لاتىپ ئەنسارى بـاشچىـلىقىدا تـارانچى شېۋىسىـنى ئـەدەبىي تـىـل قىلىمىز دېيىشكەن.
ئابدۇللا روزىباقىيېف بۇ تالاش - تارتىش توغرۇلۇق: «<قەشقەرلىك>، <ئالتە شەھەرلىك>، <تارانچى> دېگەن ئايرىم مىللەتلەر يوق، بەلكى <ئۇيغۇر> دېگەن بىرلا مىللەت بار. يېڭى مىللەت ياساش، يېڭى تىل تۈزۈش ئۈچۈن ئاۋارىگەرچىلىك تارتقان بۇرادەرلەرنىڭ كۈچى شامالغا كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە بۇ كۈچنى ساقلاپ، پايدىلىقراق ئورۇنلارغا سەرپ قىلماق لازىم» دېگەن.
قادىرھاجى ئۆزبېكىستان تەۋەسىدىكى «قەشقەرلىك» ئۇيغۇرلارنىڭ باشلامچىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، تولىمۇ جانلىق ھەرىكەت قىلغان. قادىر ھاجى تەرەپدارلىرىنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن  1927 - يىلى ئۆزبېكىستان مەركىزىي كومىتېتى ئۆزبېكىستان تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر كوممۇنىستلىرىغا بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان ئۇيغۇر كوممۇنىستلار سېكسىيەسىنى قۇرۇپ، بۇ ئورگاننى ئۆزبېكىستان كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارىمىقىدىكى تەشۋىقات - تەرغىبات بۆلۈمىگە تەقسىم قىلغان. بۇ ئورگان 1927-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى يىغىن ئېچىپ «قۇتۇلۇش» دېگەن نامدا گېزىت چىقىرىشنى قارار قىلغان.
«قەشقەرلىكلەر ئايرىم مىللەت» دېگەن تەشەببۇسنى كۈچكە ئىگە قىلىش تەرەپدارلىرىنىڭ باشلامچىسى بولغان قادىر ھاجى 1928-يىلى، «قۇتۇلۇش» گېزىتىنىڭ 47-50-سانلىرىدا، «پارتىيە سېپىگە كىرىپ، پىرولېتارىياتنىڭ يولىنى توسما!» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، ئابدۇللا روزىباقىيېفقا قاتتىق ھۇجۇم قىلغان. بۇنىڭ بىلەن قالماي موسكۋا ھۆكۈمىتىگە ئابدۇللا روزى باقىيىف ئۈستىدىن، كېلىپ چىقىشى موللىنىڭ بالىسى، پانتۈركستلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار، مىللەتچىلەرنى يوشۇرۇن قوللىغان، «سادايى تارانچى» گېزىتىنىڭ مال-مۈلكىنى تىقىۋالغان دېگەندەك توققۇز تۈرلۈك بەتنامنى چاپلاپ ئەرز قىلغان. موسكۋا ھۆكۈمىتى قازاقىستان كومپارتىيەسىگە بۇ ئەھۋالنى تەكشۈرۈشنى بۇيرۇغان . ئۇلار ئەستايىدىل تەكشۈرگەندىن كېيىن ئابدۇللا روزىباقېيىف ھەققىدىكى بۇ يازمىنىڭ تۆھمەت ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان ھەم ئۆزبېكىستان كومپارتىيەسىدىن تۆھمەتخور قادىرھاجىنى تەكشۈرۈش، ھەتتا ئۇنىڭ پارتىيە ئەزاسىلىق مەسىلىسىنى قايتىدىن ئويلىنىشنى تەلەپ قىلغان.
گەرچە قادىر ھاجىنىڭ ئابدۇللا روزىباقىيېفقا چاپلىغان تۆھمەتلىرى ئىنكار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن قازاقىستاننىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا تۆتنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتقان ئابدۇللا روزىباقىيېفنى موسكۋا ھۆكۈمىتى ئەمەلىي ھوقۇقىنىڭ تايىنى يوق ئورۇنلارغا يۆتكىگەن. 1930-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇ تەمىنات خەلق كومىسسارلىقىغا تەيىنلەنگەن. كېيىن موسكۋادا بەش يىل تۇرغۇزۇلغان. بۇ جەرياندا ئۇ خەلقئارا لېنىنچە مەكتەپتە ئاسپىرانتورلۇقتا ئىككى يىل ئوقۇغان. سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى يېنىدىكى مىللەتلەر ئىلمىي تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ماركسىزم كىلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىدىغان مەركىزىي كۇرسنى باشقۇرغان. 1937-يىلى ئالمۇتاغا قايتىپ كەلگەن ھەم قازاقىستان كوممۇنىستىك پارتىيەسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتىدا مەتبۇئات ۋە نەشرىيات بۆلۈمى باشلىقىنىڭ مۇئاۋىنى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىستالىننىڭ ھوقۇقى ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان دەرىجىدە كۈچىيىپ كەتكەن، تەبىئىتى زىيادە مۇستەبىت ئىستالىن خالىغىنىنى قىلىدىغان، خالىغىنىنى ئۆلتۈرىدىغان ۋە سۈرگۈن قىلىدىغان بولغان.
قادىر ھاجىنىڭ بۇ يىللاردا ئىستالىن ھۆكۈمىتىگە قانداق يوللار بىلەن مەخسۇس خادىم بولغانلىقى ۋە قانداق تەلىم - تەربىيە ئورۇنلىرىدا تەربىيەلەنگەنلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ئەمما ئۇنىڭ ئابدۇللا روزىباقىيېفنى ئىستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىبارسىز مۇئامىلە قىلىدىغان يەرلىك رەھبەرلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ قايسى دەرىجىدىكى مەخسۇس خادىم ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا، قادىر ھاجى ئىستالىنغا چوقۇنۇش ئەۋجىگە چىققان، ئىستالىننىڭ قىلىچى قىنىدىن چىقىپ مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان خەلقپەرۋەر، ھەققانىيەتچى ئوغلانلارنىڭ بېشىدا ۋەھىمە ياغدۇرۇپ ئويناۋاتقان يىللاردا ئۇ ئىستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشەنچلىك ئادەملىرى قاتارىدا 1935-يىلى ئەتىيازدا شىنجاڭغا ئالاھىدە ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىلگەن. ئۇ شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن قەشقەر ئامانلىق ساقلاش ئىدارىسىگە مەسلىھەتچى سالاھىيىتى بىلەن ئىشقا چۈشكەن.
قادىر ھاجى قەشقەر ئامانلىق ساقلاش ئىدارىسىگە بارغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تەسىر كۈچى ئىدارە باشلىقى، سوۋېتپەرەس ئوبۇلقاسىمدىن ئېشىپ كەتكەن، ئەل ئارىسىدا قادىر ھاجى چومبۇس دەپ تونۇلغان. چۈنكى ئۇ قەشقەر بەشكېرەم ئەتراپتىكى چۇمبۇس كەنتىدە ھاشىم ھاجى دېگەن سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئىدى. ئۇ قەشقەرگە كېلىپلا ئىشپىيونلۇق تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەھمۇد سىجاڭنىڭ پائالىيىتىنى كۆزىتىپ ۋە يېقىن ئادەملىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرغان. 1937-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى مەھمۇد سىجاڭ ھىندىستانغا قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، ئوبۇلقاسىم بىلەن چاپارمەن جاللات ھۈسەيىن پىچاق قادىر ھاجى قارا تىزىملىككە تىزغان قەشقەر تەۋەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن، غوللۇق، ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قولغا ئېلىپ يارباغ تېرەكلىكتىكى ۋاقىتلىق تۈرمىگە قامىغان. 1937-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى كېچىسى ئابدۇنىياز كامال بىلەن ما خۇسەننىڭ ئىتتىپاقداش قوشۇنى پەيزاۋاتتىن قەشقەرگە ھۇجۇم قىلغان. قەشقەرنى ساقلاۋاتقان ئىسھاق قوشۇنى قەشقەرنى قوغدىغان، ئۇلار ئابدۇنىياز كامالنىڭ قوشۇنىغا تەڭ كېلەلمەي مەغلۇپ بولۇشى مۇقەررەرلىشىپ قالغان، قەشقەر قولدىن كەتسە، «تېرەكلىك» تىكى ۋاقىتلىق مەخپىي تۈرمىگە قامالغان بۇ «مەھبۇس» لار قۇتۇلۇپ كېتىدۇ، دەپ ئەنسىزلىككە چۈشۈپ قالغان قەشقەردىكى سوۋېت كونسۇلخانىسى ۋە ئىسھاق، رازاق مەۋلانوف، قادىر ھاجى ، ئوبۇلقاسىم، ئابدۇرېھىم ئىمىنوف، ھۈسەيىن پىچاق قاتارلىق ھەربىي ۋە ساقچى ئەمەلدارلار نېمە قىلارىنى بىلمەي جىددىيلىشىپ كەتكەن. تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى تۇرسۇن زادە نەبىجاننىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا ئۇلار شۇ كېچىسى موسكۋا بىلەن تېلېگرامما ئارقىلىق تەكرار ئۇچۇرلىشىپ، تاڭ ئاتارغا يېقىن موسكۋانىڭ بۇيرۇقى بويىچە مەشھۇر مائارىپچى مەمتىلى ئەپەندى تەۋپىق، ئېكساق ھۈسەينىيە مەكتىپىنىڭ داڭلىق ئوقۇتقۇچىسى تۇرسۇن ئەپەندى، قەشقەر نوبېشى مەكتەپنىڭ داڭلىق ئوقۇتقۇچىلىرى يۈسۈپ زىيا ئەپەندى، تۇرغۇن بايۋەچچە قاتارلىق 140 قا يېقىن مۇنەۋۋەر ئوغلاننى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈۋەتكەن. پەقەت گۇمانلىق ئىككى ئادەملا قۇتۇلۇپ قالغان.
سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مەزگىلىدە «قەشقەرلىكلەر ئايرىم مىللەت» بولۇشى كېرەك، دەپ گويا قەشقەر خەلقى ئۈچۈنلا ياشايدىغاندەك، قەشقەر خەلقىنىڭلا غېمىنى يەيدىغاندەك قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىققان «ئالاھىدە خادىم» قادىر ھاجى ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بۇ مۆتىۋەر شەھەرنىڭ 140 قا يېقىن مۇنەۋۋەر ئوغلانىنى رەھىمسىزلىك بىلەن جېنىدىن جۇدا قىلىشتەك بۇ دەھشەتلىك تىراگېدىيەدە «قارا تىزىملىك» تۈزۈش ۋەزىپىسىنى بەجانىدىللىق بىلەن ئادا قىلغان. قادىر ھاجىنىڭ تۆھمىتىدىن كېيىن، ھوقۇق-مەرتىۋىسى كۆرۈنەرلىك ھالدا زىيانغا
ئۇچرىغان  ئابدۇللا روزىباقىيېفمۇ «پارتىيە ۋە خەلق دۈشمىنى» ھېسابلىنىپ شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى پارتىيەدىن چىقىرىلغان ھەم قولغا ئېلىنغان. 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئايالى سائادەت دوختۇرمۇ پارتىيەدىن چىقىرىلىپ، خىزمەتتىن بوشىتىلغان.

(ئابدۇللا روزىباقىيېف ئايالى بىلەن بىللە)
مۇنەۋۋەر سىياسىيون ئابدۇللا روزىباقىيېف 1938-يىلى ئۆلتۈرۈلگەن، ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ ئىنىسى ئابدۇغوپۇر روزىباقىيېف ئاكىسىنىڭ ناھەق ئۆلۈمى ھەم ئۆزىگە چۈشۈۋاتقان سىياسىي بېسىمغا چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئىستالىن ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن ئىشلىگەن قان ئىچەر قادىر ھاجى 1938-يىلى قەشقەردىكى ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چاقىرتىلىپ يوق قىلىۋېتىلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىز - دېرىكى بولمىغان.
ئىستالىن پەيدا قىلغان شەخسكە چوقۇنۇش ھەرىكىتى 1956-يىلى 20-قۇرۇلتايدا خرۇششېف تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىد قىلىنىپ، ئۇ ئۇۋال قىلغان ھەم زىيانكەشلىك قىلغان 20 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئەنە شۇ چاغدا ئابدۇللا روزىباقىيېفمۇ ئاقلىنىپ، نامى ئەسلىگە كەلگەن. موسكۋادىكى دۆلەتلىك ئالىي سوت ھەربىي كوللېگىيەسى 1957-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ھەربىي كوللېگىيەنىڭ 1938-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى ھۆكمىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى، ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ ئاقلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1962-يىلى ئالمۇتا شەھەرلىك پارتكوم ئابدۇللا روزىباقىيېف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە ئالمۇتادىكى بىر چوڭ كوچىنى ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ ئىسمى بىلەن «روزىباقىيېف كوچىسى» دەپ ئاتاشنى قارار قىلغان. 1967-يىلى ئۇنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئالمۇتادىكى 153-مەكتەپكە ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپ دەپ نام بەرگەن. 1997-يىلى ئۇنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «خەلقىم ئۈچۈن كۆيىدۇ يۈرەك» ناملىق پۇبلىستىك ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.

(ئاپتور ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى مەكتەپنىڭ مۇدىرى مەكتەپنىڭ مۇدىرى شاۋكەت نىيازوۋىچ بىلەن بىللە، 2016-يىل، ئالمۇتا)
ئۇلۇغ مائارىپچى مەمتىلى ئەپەندى بىلەن مۇنەۋۋەر سىياسىيون ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جاسۇس قادىر ھاجىغا ئۇيغۇر خەلقى «قان ئىچەر ئۈچ ھاجى» نىڭ بىرى دەپ نام بەرگەن.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا