خەلق ئارىسىدا «قەشقەرگە كەلمىگەن ساياھەتچى شىنجاڭغا كەلگەن ھېسابلانمايدۇ» دەيدىغان گەپ بار، ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق، قەشقەر شەھىرىنىڭ سىرلىقلىقى، گۈزەل مەنزىرىسى ئادەمنى ھاياجانغا سالماي قويمايدۇ. تۆۋەندە بىز بىرلكتە قەشقەر كونا شەھەر رايونىنىڭ كېچە مەنزىرىسىنى تاماشا قىلايلى.