بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى قىزغىن تەبىرىكلەيدۇ ، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن .!
2009-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى (تاھىر ئىمىن)
تېمىسى:ئورتاق مەدەنىيەت ئورتاق خۇشاللىق ئورتاق تەرەققىيات
بارلىققا كەلگەن ۋاقتى :2009-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئوتتۇرىغا قويغۇچى:تاھىر ئىمىن
ئەھمىيتى:«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى نسپى ھالدا تۆۋەندىكىدەك رىئال ۋە تارىخى» ئەھمىيەتلەرگە ئىگە:
1- پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارالاشقان دائىرىدە تەبىقە ،يۇقىرى-تۆۋەنلىك ئايرىماي بىردەك ئۇيغۇر مىللى كىملىكى ئاستىدا ھەمكارلىششغا تۈرتكە بولۇش ئەھمىيتىگە ئىگە.
2- 5-ئاينىڭ 5-كۈنى دوپپا بايرىمىلا ئەمەس،‹‹ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايرىمى››نىڭ باشلىنىش كۈنى .ئۇ ئۆزلۈكنى كۈچەيتىش ئەھميتىگە ئىگە
3- ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەدەنىيەت بايرىمى-ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بىرى مىللەت سۈپىتىدە‹‹مەدەنىيەت مۇستەقىللىقى››غا ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسىدۇر.
4- ئۇيغۇرلارنى باشقا مىللەت ۋە مەدەنىيەت ئەھلىگە ئاكتىپ ۋە مەدەنى يوسۇندا تونۇشتۇرۇش ئەھمىيتىگە ئىگە.
5- ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ساقلىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
6- دوپپا ئشلەپچىقىرىش ۋە ستېش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ تىجارىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھمىيتىگە ئىگە.
7- شنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىدە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئەھمىيتىگە ئىگە.
8- ياشلارنىڭ مىللى كىملىك ،مىللى مەدەنىيەتنى مەركەز قىلىپ ئېتېپاقلىشش،قوللاش،ھەمكارلىشپ تەرەققى قىلىش روھىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھمىيتىگە ئىگە.
9- مىللى مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا نسبەتەن ئۈمۈتسزلىك ۋە چۈشكۈنلۈككە قارشى جۇشقۇنلۇق ۋە يۈكسلىش روھىنى كۈچەيتىش ئەھمىيتىگە ئىگە.
10- ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە مەۋجۇتلۇقىنىڭ باشقا ساھەلىرى ۋە تارماقلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈرتكە بولۇش ئەھمىيتىگە ئىگە.
11- ھەممە ئنسانلار پەقەت نوقۇل ماددى تەرەققىياتقا بىرىلگەن پەيتلەردە ،ئەزەلدىن روھ ۋە ماددىغا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقىمىزگە مەنىۋىيەت تەرەققىياتىمىزنى ئەسلىتىش ئەھمىيتىگە ئىگە.