ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  كۆڭۈلدىكى سۆز

ھەق تەلەپ قىلمايدىغان قىممەتلىك نەرسىلەر

ۋاقتى : 2014-02-03  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

 قۇياش نۇرى :   دۇنيادىكى بارلىق جانلىقلار قۇياشسىز ياشىيالمايدۇ ، ھالبۇكى ، كىشىلەر تاكى ھاياتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر قۇياش نۇرىدىن ھەقسىز پايدىلىنىدۇ .

ھاۋا : ئادەمنىڭ تىنىقى بولىدىكەن ، چۇقۇم  ھاۋانى سۈمۈرۈشكە مۇھتاج بولىدۇ .  لىكىن قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ، ھېچكىم بۇ  ھاياتلىقتا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە ئۈچۈن  ھەق تۆلەپ باققان ئەمەس .

ئاتا - ئانا مېھرى :  بالا  تۇغۇلغاندىن تارتىپلا  ئاتا ـ ئانىسىنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ  بېقىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ . بۇ بىر خىل  مىننەتسىز  مۇھەببەت . مەيلى پەرزەنتى قورامىغا يەتكەندە بولسۇن ۋە ياكى ئۆزلىرى كۈچ مادارىدىن كەتكەندە بولسۇن ، ئاتا ـ ئانا مۇھەببىتى سۇسلىشىپ كەتمەيدۇ . پەقەت ئۇلار ھاياتلا بولىدىكەن ، بۇ مۇھەببەت ئىزچىل بىردەكلىكنى ساقلايدۇ .

 دوستلۇق مېھرى :  غېرىپ ۋاقتىڭىزدا  سىزگە ھەمراھ بولالايدىغان ، يىقىلغىنىڭىزدا سىزگە دادىللىق بىلەن  قولىنى سۇنالايدىغان ، ئازاپلانغان چېغىڭىزدا سىزنى مېھىر بىلەن قۇچاقلايدىغان  ئاشۇ دوستىڭىز سىزدىن قاچان ھەق تەلەپ قىلىپ باققان ؟

 سۆيگۈ :  ئىختىيارسىز  ھالدا كۆڭۈل بېرىش  ، بوران ـ چاپقۇندىمۇ بىرگە بولۇش ، ساختىلىق ئارلاشمىغان چىن مۇھەببەتلەرنىڭ  ھەممىسى ھاياتىڭىزدىكى  مەزمۇن يۆلەنچۈكىڭىزدۇر . ئەمما ئۇلار ھەقسىز . سىز ئۇلارنى كۆپ پۇل خەجلەپ سېتىۋالىمەن دېسىڭىزمۇ سېتىۋالالمايسىز .

غايە :  مەيلى شاھزاە  ياكى  سەرگەردان بولسۇن ، ئۆزىنىڭ ھاياتلىق غايىسىنى تىكلەش ھوقۇقىغا  ئىگە .  ئۇ مەيلى ئۇلۇغۋار ياكى  ئاددىي غايە بولسۇن ، پەقەت سىز  خالىسىڭىزلا ئۇ سىزگە  تەئەللۇق بولىدۇ . ئېتىقاد ، ئۈمۈد ، ئىرادە ، ئارزۇ ... قاتارلىقلارمۇ ھەقسىز . سىز بىر پۇڭ خەجلىمەيمۇ ئۇلارغا ئېرىشەلەيسىز .

ئەمدى ئۆز تەغدىرىڭىزدىن ئاغرىنىپ يۈرمەڭ . چۈنكى ئۇ ئاللىبۇرۇن سىزگە ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئاتا قىلىپ بولغان . ئەمدىكى گەپ ، ئۇلارنى قانداق قىلىپ ئۆزىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئۆزىڭىزگە  باغلىق .
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا