ھاجى مۇھەممەد
تېجەشلىك بولۇش ۋە بىر – بىرىنىڭ ئەجىر – مېھنەت مېۋىلىرىنى قەدىرلەشنى ئەجدادلىرىمىز مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ ‹‹رېستوران مەدەنىيىتى›› ئۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، يېمەك – ئىچمەك ئىسراپچىلىقى ئىجتىمائىي كېسەلگە ئايلىنىپ، ئىلغار مەدەنىيىتىمىزگە خىرىس قىلماقتا. زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشى، خىزمەت ۋە تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشى، ئولتۇراقلىشىشنىڭ زىچلىشىپ، ئۆيلەرنىڭ بىنالىشىشى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بارلىققا كەلگەن رېستورانلار خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى پائالىيەتلىرىگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى يارىتىپ بەردى. لېكىن بىز بۇ يېڭى شەيئىدىن يولىدا پايدىلانغان بولساق، يېڭىچە زامانىۋى مەدەنىيەت ئامىلىنى تېخىمۇ بېيىتقان بولاتتۇق.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇپ، تېجەشلىك جەمئىيەت بەرپا قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رېستورانلاردىكى ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال ئۆلچىمىنى بىكار قىلىش پەرمانى چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئېھتىياجغا قاراپ تاماق بۇيرۇش ئومۇملاشتى ھەم يەپ بولالمىغان يېمەكلىكلەردىن ئېلىپ كەتكىلى بولىدىغانلىرىنى ئېلىپ كېتىدىغانلار كۆپىيىپ، يېمەك – ئىچمەك ئىسراپچىلىقى ھەر ھالدا ئازايدى. ئەپسۇس، توي – تۆكۈنلەردىكى يېمەك – ئىچمەك ئىسراپچىلىقى ۋە باشقا ئىسراپچىلىقلارغا يېڭى تۈرلەر قوشۇلۇپ، بارغانسېرى ئەدەپ كېتىۋاتىدۇ.
ھازىر توي ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىدىكى مەسلىھەت چاينىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، ھەشەمىتى ئاشقىلى تۇردى. مەسىلەن: توي ئىگىسى مەسلىھەت چېيىغا كەلگەن ئاياللارغا نەچچە ئون يۈەنلىكتىن، يۈز نەچچە يۈەنلىككىچە ‹‹سوۋغات›› بېرىدىغان ئىش ئەۋج ئالدى. مۇشۇنداق سوۋغاتلارغا پۇل بۇزغىچە، مەسلىھەت چېيىغا داخىل بولغانلار ئورۇنلۇق مەسلىھەتلىرىمىزنى بەرسەك، مەسلىھەتكە چاقىرغانلار مەسلىھەت چېيىغا قاتنىشىپ تويدا ياردەملەشكەنلەرگە ‹‹ئادەمگەرچىلىك قەرزى›› بولۇپ تۇرۇپ، شۇلارنىڭ ئىشى بولغاندا سەمىمىيلىك بىلەن قارىشىپ بېرىش ئارقىلىق ‹‹قەرز››نى قايتۇرسا بولمىدىمۇ! ئۆزئارا ياردەم، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرچىلىكنىڭ كۆيۈمى بىر پارچە رەخت، بىرەر چۆگۈن ئېلىشقا باغلىنىپ قالسا بولامدۇ؟
ئۇنىڭدىن باشقا توي داستىخانلىرىمىزدىكى ئىسراپچىلىقمۇ كۆڭۈلنى غەش قىلىدۇ، تۆكۈلۈپ كېتىۋاتقان تائاملارغا ئىچىمىزنى ئېچىشتۇرۇپ، خۇرسىنىپلا قويىمىز خالاس. نۇرغۇنلىرىمىز توي داستىخىنىدىكى ئورۇنسىز ئىسراپچىلىقنىڭ ئازىيىشى، ھەتتا تەل – تۆكۈس تۈگىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.
مەن كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان، ھەر بىرىمىزنى ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىدىغان مۇنداق بىر ئەھۋالغا بىر نەچچە قېتىم يولۇقتۇم: ئۈستەلگە قىستاپ، ھەتتا ئۈستىلەپ تىزىلغان تەخسە، لېگەنلەردىكى تاماق ۋە قورۇمىلارنىڭ بەزىلىرى خېلى يېيىلگەن بولسىمۇ، بەزىلىرىگە بىر نەچچە چوكا تەگكەن، بەزىلىرى ئۈستەلگە قويۇلغان پېتى سوۋۇپ قالغانىدى. شۇ ئەسنادا توي شارابى كەلتۈرۈلدى. رومكا ئىككى – ئۈچ قېتىم ئايلانغاندىن كېيىن، ئۈستەلدىكىلەر مېڭىشقا تەرەددۇتلەندى. ئارىدىن بىرەيلەن: ‹‹ھاراق ئاز قاپتۇ، ئىچىۋېتەيلى، ئېشىپ قالمىسۇن›› دېگىنىچە ئىككى – ئۈچەيلەننى تۇتۇپ قالدى. بوتۇلكىمۇ قۇرۇقدالدى. مەن داستىخاندىكى تەخسە – تەخسە ئېشىپ قالغان تاماققا قاراپ: ‹‹تاماق ئاشسا مەيلى، ھاراق ئاشمىسۇن››مۇ؟ دەپ سوئال قويدۇم ئۆزۈمگە.
ئەجدادلىرىمىز يېمەك – ئىچمەك، بولۇپمۇ ئاشلىقنى ناھايىتى قەدىرلەپ كەلگەن. كىچىك چاغلىرىمدا چوڭلار ئادەم ماڭىدىغان يەردە نان پارچىسى ياكى نان ئۇۋاقلىرى، زىرائەتلەرنىڭ دېنىنى كۆرسە، ئېگىزرەك جايغا ئېلىپ قوياتتى ياكى ئادەم دەسسىمەيدىغان يەرگە تاشلاپ قوياتتى. ناننىڭ ئۇۋىقى، چېچىلىپ قالغان تاماق، ئاشلىقنىڭ دېنىنى دەسسەپ سالساق ‹‹يامان بولىدۇ، كۆزۈڭ كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ›› دەپ تەنبىھ بېرەتتى. ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئېيتقانلىرىنىڭ ئىلمىي ئاساسى چوڭقۇر بولمىسىمۇ، دېھقاننىڭ مىننەتسىز ئەجرىنىڭ مېۋىسى بولغان ئاشلىقنى قەدىرلەشنى ئۆگىتىدىغان جانلىق تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ بىرى.
باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ھەر يىلى ئورما مەزگىلىدە مەكتەپ بىزنى باشاق تەرگىلى ئاپىراتتى. ئوقۇغۇچىلار ئېڭىزدا چېچىلىپ قالغان، ئورۇلماي قالغان باشاقلارنى تېرىيتتۇق. بىر مو يەردىن تېرىۋېلىنغان باشاقتىن چىققان نەچچە يۈز گىرام، كۆپ بولسا بىرەر كىلوگىرام دان بىر مو يەردىن چىقىدىغان نەچچە يۈز كىلوگىرام بۇغدايغا سېلىشتۇرغاندا ھېچقانچە بولمىسىمۇ، بۇ، خەلقىمىزنىڭ ھەر قانداق چاغدا ئاشلىقنى قەدىرلەشكە، تېجەشلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ جانلىق ئىپادىسى.
ئىقتىسادچىل ۋە تېجەشلىك بولۇش ئەجدادلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك ئەخلاق – مىزانلىرىنىڭ بىرى. نەزىر – چىراغ، توي – تۆكۈنلەردە ئېشىپ قالغان قەنت – گېزەك، تاتلىق – تۇرۇم، ئاش – تاماقنى مېھمانلار زەللە قىلىپ ئېلىپ كېتىدىغان ئېسىل ئادەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ جايلىرىدا ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ، بەزىلەر ئويلىغاندەك ئاچكۆزلۈك، بېخىللىق، نامراتلىقنىڭ ئىپادىسى بولماستىن، قەدىرلەشكە، ئومۇملاشتۇرۇشقا، ۋارىسلىق قىلىشقا تېگىشلىك ئېسىل خىسلەتلەرنىڭ بىرى. ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇپ، تېجەشلىك، باياشات جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىجتىمائىي چاقىرىققا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، بەزى شەھەر پۇقرالىرىنىڭ توي – تۆكۈنلەردىكى بىھۇدە ئىسراپچىلىق ۋە ئارتۇقچە ھەشەمەتچىلىكنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ھەممىمىزنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.
ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان باشقىلارنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش، تېجەشلىك بولۇش، بايلىقنى بۇزۇپ – چاچماسلىق قاتارلىق ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەلللەشتۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەت تەلىپىگە ماسلاشقان، يۇقىرى ساپالىق كىشىلەردىن بولۇش ئۈچۈن، ھازىرقى توقچىلىقنىڭ قەدرىگە يېتىپ، بەدخەجلىك، دورامچىلىق، ئىسراپچىلىق ئىللەتلىرىنى ئاڭلىق تۈزىتەيلى. ھەممىمىزدە ئىسراپچىلىق قىلغاندا قەھەتچىلىكنىمۇ ئويلاش، بىر بۇردا نانغا زار بولۇپ قېلىش كىرىزىسىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك. ھەممە ئىشنى تېجەشلىك، پىلانلىق قىلىشقا تىرىشساق، دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان سىناق، تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرالايمىز ھەم تېجەشلىك جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈشكە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشالايمىز.