كورېيە «مەركەز كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 27- يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، جۇڭگودىن ئۇچۇپ كەلگەن ئىس- تۈتەك كورىيەدىكى ئاتموسفرا سۈپىتىنىڭ يەر شارىدىكى ئارقىدىن سانىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كورىيە مۇھىت مىنىستىرلىقى 26- يانۋار ئېلان قىلغان ئۇچۇردا ئېيتىلىشچە، كورىيەنىڭ ئاتموسفرا سۈپىتى يەر شارى بويىچە 166- ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئاخىرقى قاتاردىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ئىكەن. جۇڭگو بولسا 176- ئورۇندا تۇرىدىكەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا يالې ئۇنىۋېرسىتېتى مۇھىت قانۇنى ۋە سىياسەت تەتقىقات مەركىزى بىلەن كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا يەر شارى ئىلمى ئاخبارات مەركىزى 2012- يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ بۇ قېتىمقى باھالاشنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، باھالاش نەتىجىسى شۋېتسارىيەنىڭ داۋوس دېگەن يېرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان. بۇ باھالاش ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، مۇھىت نەتىجە- ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىنىڭ رەت تەرتىپىدە، كورىيە ئىككى يىل ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا 43-ئورۇندا تۇرغان، ئەمما ئاتموسفرا بۇلغىنىشى ۋە ئۇششاق دانىچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش تۈرىدە بولسا 171- ئورۇندا تۇرغان، تۇرالغۇ ئىچىدىكى ھاۋا سۈپىتى تۈرىدە بولسا 100 نومۇرلۇق ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن.
2013- يىلى جۇڭگونىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا دائىم تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، ياپونىيە ۋە كورىيە بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدۇق دەپ ئاغرىنماقتا.